iPhone ئىشلىتىپ باققانلارغامەلۇملۇقكى، iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن سىستىما ھۆججىتى تۈگۈل ئابونتلار قاچىلىغان قولىنىلىشچان دېتاللارنىڭ بىرەر ھۆججەتلىرىگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. Android قاتارلىق سىستىمىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھىچقانداق ئادەم apple نىڭ روخسىتىسىز يۇمشاق دېتال ئىجرا قىلالمايدۇ، يەنى apple ئۈسكىنىلىردە ئىجرا بولغان ھەر بىر قۇر كود apple نىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن بولىدۇ، ھىچقانداق تەرەپنىڭ (ھەتتا يۇمشاق دېتالنى ئاچقۇچىنىڭ) تارقىتىلغان يۇمشاق دېتالنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشگە روخسەت قىلىنمايدۇ.
شۇڭا apple ئۈسكىنلىرى ئۈچۈن ئېچىلىپ appstore غا قويۇلغان 600مىڭغا يىقىن يۇمشاق دېتالدا قېتىپ قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش نىسبىتى 1% گە يەتمەيدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى appleنى apple قىلغان، ئىستىمالچىلارنى مەھسۇلاتقا شۇنچىۋالا تەشنا قىلغان سىر! ئىنىقكى، apple مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگەن قاتتىق دېتالنى نۇرغۇن شىركەتلەر ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمما غايەت كۆپ يۇمشاق دېتالنى ھازىرچە پەقەت apple لا شۇنداق سۈپەتلىك باشقۇرالايدۇ.
خوش، ئەمسە بىز تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنە ئۈچۈن ھۆججەت باشقۇرۇش (يېزىش، ئوقۇش، ئۆچۈرۈش) مەشغۇلاتى قىلىدىغان بىر نەچچە دېتالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. ئىھتياجغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەك كۇپايە.
1. i-funbox. بۇ يۇمشاق دېتالنى مەن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن. دۇنيادا مۇشۇ تۈردىكى دېتاللار ئېچىدە ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، باھامۇ ئەڭ ياخشى.ھۆججەت باشقۇرۇشرىن سېرىت يەنە ئۈسكىنىنى بارماق دېسكا قىلىپ ئىشلىتىش،IPA فورماتىدىكى دېتاللارنى قاچىلاش\ئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان. چۈشۈرۈش ئادىرسى http://i-funbox.com/
2. iTools . جوڭگولۇقلار ياسىغان يۇمشاق دېتال. ئىشلىتىش يۈزى ئاددى، ئىقتىدارى كۆپ، ئەمما تولا نەشىر يىڭىلاپ باش ئاغرىتىدىغان دېتال. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرسى
3. «91 چوماقچىسى» 91手机助手نى كۆپىنچى يىڭىلار ئىشلىتپ باققان.بۇ دېتالنىڭ «لۈكچەك» خاراكتىرى بولغاچ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. لىكىن يىڭى ئۇچراشقانلار ئۈچۈن يەنىلا يامان ئەمەس تاللاش.
4.MobileFinder. يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغان دېتاللارغا يانداش بولۇپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما ئاددى. http://www.onegreen.org/iPhone/HTML/5114.html
5. Mobile Squid بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ھۆججەتلەرنىڭ خاراكتىرى\ھوقۇقىنى تەڭشەش.
6. iFile . بۇ دېتال iPhone غا قاچىلىنىدىغان بولۇپ تۆۋەندىكى تېمىدا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بار. 2150.html
7. iDos بولسا iPhone غا قاچىلىنىدىغان Disk Operating System بولۇپ خۇددى كومپيۇتېردا ئىشلەتكەندەك، ئۈسكىنىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.2000-يىللاردىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئۆگەنگەنلەرگە بۇ خىل قارا ئىكرانلىق دىسكا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بۇيرۇقلىرى يادا. بۇ دېتالنى Cydia دىن قاچىلاشقا بولىدۇ.
[...] [...]
ئىلھام : 2011-يىل 12-ئىيۇل15:18
ئۈمد
ئۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ قالدۇرۇڭچۇ، مەسىلەن كالىدىكى ك ، لاتىدىكى ل … دىگەندەك ، بىز چۈشىنەلىگىدەك قىلىپ ئۇيغۇرچە يېزىپ قالدۇرىۋەرمەمسىز.
بولسا بىزمۇ قاچىلىۋېلىپ ، ئايكۇنلارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالايلى،
iconrenamer سىيدىئا دىن ئىزدەپ قاچىلاڭ
[...] رولى: ئەڭ ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى . مۇناسىۋەتلىك چۈشەند… [...]
ئۈمد
ئۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يېزىپ قالدۇرۇڭچۇ، مەسىلەن كالىدىكى ك ، لاتىدىكى ل … دىگەندەك ، بىز چۈشىنەلىگىدەك قىلىپ ئۇيغۇرچە يېزىپ قالدۇرىۋەرمەمسىز.
بولسا بىزمۇ قاچىلىۋېلىپ ، ئايكۇنلارنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قىلىۋالايلى،
سىزنى سىغىندىم. اكا
ېلان چېكىۋەتتىم
مەنمۇ ھازىر ايپودتھ
سىن بەلگىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا سىيدىئادىن سىن بەلگە ئىسمىنى ئۆزگەرتىش يامىقىنى قاچىلىسىڭىزلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يازالايسىز ئىسمىنى قالدۇرۇپ قوياي دىسەم ئايپودتا يىزىق ئالماشتۇرالمىدىم (ئىنكاس ئايپودتا يوللاندى)
ئۇ رامكىغا چىقارغىلى بولمىدى.شۇڭا مەن ئىزدەش رامكىسىدىن خەت كۆچۈرۈپ يۈرۈۋاتىمەن.
ئەسلى بەتتە قويۇلغاندا ئاپتوماتىك ھالدا iPhone ئىچكى قويغۇچىسىغا يوللاپ بىرىدۇ، شۇڭا نورمال چېقىدۇ.
بىزلەر كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغاندىن كىيىن ئۇ رايون پەقەت Flash شەكىلدە بولغاچ قويالمايمىز. چۈنكى iPhone نىڭ safari بولسا flash قوللىمايدۇ.
[...] [تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق تۇلۇق تېكىستى [...]
ئۇيغۇرچە نورمالغۇ؟
بۇ مەسىلىنى مەنمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىغۇچىغا ئىنكاس قىلغان. جاۋاب يوق.
مەنمۇ ھەل قىلالماي، سىزدەك ئىزدەش رامكىسىغا ئۇيغۇرچە يېزىۋىلىپ كۆچۈرۈپ\چاپلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
مەن 6-دە ئېيتىلغان ھۆججەت باشقۇرۇش يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق سېستىمىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىنى ئېچىپ ، بەزى يۇمشاق دىتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنى تەھرىرلەپ باقماقچى بولدۇم ، توغرىسىنى ئېيتقاندا خەنچە تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلىپلا ئۇيغۇرچە ساقلىۋالاي دەپ ئويلىغان ، ئەمما تەھرىرلەش رامكىسىنى ئاچقاندا يانفوندىكى كىرگۈزگۈچ پەقەت ئىنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى كۆرسەتتى ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ، ھەتتا خەنچە كىرگۈزۈش ھالىتىنىمۇ كۆرسەتمىدى . بۇنىڭغا قانداق ئامال باردۇ ؟ يەنى شۇ تىل ھۆججىتىنى تەھرىرلەش رامكىسىدا كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتىنى چىقارغىلى بولار ؟ مەن بىر يۇمشاق دىتالنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلماقچى بولغان سۆزنى ئۇچۇر يوللاش كۆزنىكىدە يېزىپ ، ئۇنى كۆپەيتىۋىلىپ ، خەنچىنىڭ ئورنىغا چاپلاپ ، يانفوننى قايتا قوزغاتسامغۇ ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىپتۇ …….
ئەلۋەتتە ، مەن كومپىيۇتېر ئارقىلىق تىل ھۆججىتىنى قىلىپ باققان ، مېنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويغىنىم يانفوننىڭ ئۆزىدىلا تۇرۇپ تەھرىرلەشنى كۆرسىتىدۇ .
ipod 4 دە يوكۇ تورىدىكى سىنلارنى نورمال كۆرگىلى بولىدىكەن لىكىن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە قىستۇرغان يوكۇ سىن ھۆججەتلىرىنى كۆرگىلى بولمايدىكەن بۇنىڭغا بىرەر ئامال قىلغىلى بولارمۇ