ئالما(Apple Inc.) شىركىتىنىڭ ھەر بىر مەھسۇلاتى ھازىر تەھلىلچىلەرنىڭ «جۆيلۈپ ئويناش»ىغا ئەڭ خوش ياقىدىغان ئەرمەك بولۇپ قالدى. دېمىسىمۇ ھەممە ئادەم Apple دەپلا يۈرگەن ئىكەن، ئادەتتىكى بىر تېلفونمۇ مۇشۇنداق ھەممە دىققەت قىلىدىغان نوقتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
نۆۋەتتە تور دۇنياسىدا Appleنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد iPhone ھەققىدىكى قاراشلار ساماندەك. ئەلۋەتتە خالاستان بىلوگىمۇ ئۆز يولىدا تورداشلارغا پەرەزى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ تۇرغان. تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىر قەدەر پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان قاراشلارنى رەتلەپ ۋە مەن نەزەرىنىڭ پەرەزلىرىنى قوشۇپ يازما تەييارلاپ چىقتىم. Apple مەھسۇلاتلرىغا كۆز تىكىۋاتقانلارغا ئاز تولا پايدىسى بولار. ئەمىليەتتە بۇ پەرەزلەرنى ۋاقتى كەلگەندە Stave Jobs ئېلان قىلسىلا راست-يالغىنى ئايرىلىدۇ.
1. كىيىنكى ئەۋلاد iPhone نىڭ نامى iPhone 4Sبولىدۇ. خۇددى 2-ۋە3- ئەۋلادقا ئوخشاش پەقەت نەشىر كۆتۈرشكە ئوخشايدۇ. ئىقتىدارى ئاشىدۇ، ئەمما چوڭ ئۆزگىرىش كۆرۈلمەيدۇ. بۇ يەردىكى S دېيىلگىنى speed يەنى سۈرەتنى كۆرسىتىدۇ.
2. iPhone نىڭ ئىكرانىدا ئارتۇقچە ئىقتىدار كۇنۇپكىلىرى قوشۇلمايدۇ، ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ ئاۋاز كونتىرول ۋىكلىيۇچاتىلىغا ئىغىرلىق سەزگۈچ ۋىكلىيۇچاتىلىنى بىرلەشتۈرىدۇ.
3. قاتتىق دېتالى ياخىشلىنىدۇ. A5 تىپلىق CPU سەپلىنىدۇ، 8مىليۇن پېكسوللىق ئىنىقلىتىكى سۈرەت سەزگۈچ كۆزى ئىشلىتىلىدۇ.
4. ئىكراننىڭ پۈتۈن قىسمىغا سەزگۈچ نوقتا ئورنىتىلىدۇ. ئىكران چوڭىيىدۇ.
5. يىقىن ئارىلىق سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسى (NFC) ئورنىتلىدۇ. بۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىدىن بايان.
6. apple شىركىرى بەلكىم ئىككى خىل iPhone ئېلان قىلىشى مۇمكىن. سەپلىمىسى ئوخشاش ئەمما چوڭ-كىچىكلىكى ئازراق پەرقلىق.
7. مۇشۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. 10-ئايلاردا جوڭگوغا كىرىشى مۇمكىن.
8. CDMA2000 نۇسخىدىكى iPhone5 كىيىنرەك ئېلان قىلىنىدۇ، ھەمدە جوڭگوغا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا كىرىدۇ. تېلېگىراف خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىغا خوش خەۋەر كىيىنرەك…
9. جوڭگونىڭ ئۆزى ئاچقان،TD-SCDMA ئۆلچىمىدىكى 3G تورىغا ماس iPhone بۇ يىل بازارغا كىرمەيدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ TD-SCDMA نىڭ دەرىجىسىنى بىراقلا TD-LTE غا كۆتۈرۈپ iPhone4G دېگەن نامدا كىلەر يىلنىڭ ئوتتۇردا ئېلان قىلىشى مۇمكىن.
10. كىلەر يىلى Apple تۆۋەن سەپلىمىلىك iPhone ئېلان قىلىپ ئوتتۇرا قاتلام ئىستىمالچىلارغا يۈزلىنىشى مۇمكىن (مۇمكىنچىلىكى كىچىكرەك).
بۇگۈن نۇۋەت بىزگىمۇ كەپ قالغان چېغى
مۇشۇ ئايغۇن قاچانمۇ تېلگىرافنى قوللايدىغان بولا!