بۈگۈنمۇ يەنە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتتى.ھىلى پروگرامما يېزىپ،ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ بىر كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھىلى ئاندرويد بىلەن ئېتىشىپ دىگەندەك. ئۇخلاش ئالدىدا كىچىككىنە چاقىت چىقىرىپ مۇڭلۇق مۇزىكىدىن بىرنى يوللاشنى ئويلاپ قالدىم. ۋاقىت بەك قىس، كۆپ يېزىپ بولالمايمەن، قىنى دىققەت ئاۋۋال مۇزىكا دا بولغاي.
理查德 克莱德曼-Richard Clayderman ھەققىدە ئارتۇق توختالمىساممۇ بولىدۇ. بۇ داڭلىق پىئانسىت فىرانسىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، رومانتىك شەخىس. 6 يېشىدىلا داڭىق قازانغان.16 يېشىدىن تارتىپلا ئۆز ئالدىغا مۇزىكا ئىجاد قىلغان .1990-يىلى فىرانسىيەنىڭ “90之星” تاللىشىغا قاتنىشىپ دۇنيادىكى بىردىنبىر «金钢琴奖» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
رىچارد 1977-يىلى بىر كىنوغا ئىشلىگەن يانداش مۇزىكىسى 《水边的阿狄丽娜》 ناھايتى چوڭ داغدۇغا قوزغىغان بولۇپ مانا ھازىرمۇ نۇرغۇن پىئانىنو دەرسلىكلىرىنىڭ ياخشى تاللىشى. مەنمۇ بۇ مۇزىكىنى چېلىشىنى ئۆگىنىمەن دەپ پىئانىنوغا ئاشىق بولغان.
نۆۋەتتە قويۇلغىنى-水边的阿狄丽娜–Ballade Pour Adeline ناملىق مۇزىكا بولۇپ مەن تولۇقسىزدىن تارتىپ ئامراق مۇزىكا ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان كەچتىمۇ مۇشۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ ئۇخلاپ قالغىنىم ئىسىمدە….
Close[SWF] - ballade
مەنمۇ شۇنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. يىقىندا چارىسى چىقىدۇ.
ما ئايفوندا مۇشۇنداق ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنالمايمەن دېسە!…
[...] 尼古拉·德·安吉利斯(Nicolas·De·Angelas) بولسا فىرانسىيەلىك داڭلىق …Nicolasنىڭ مۇزىكىلىرى رىتىمىنىڭ يىنىك، لەرزانلىقى بىلەن ئاممىۋى سورۇنلاردا ئەڭ كۆپ ئورۇندالغان گىتتار مۇزىكىلىرى ھىسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر گىتتار ئۆگۈنۈش قوللانمىسىدا Nicolas نىڭ بىرەر مۇزىكىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ. [...]
مەن ئادەتتە ئاشۇ نەرسىنىڭ ئاۋازىغا بەك مەپتۇن. ھەتتا قالايمىقان بىسىلىپ قالغان تىللاردىن چىققان ئاۋازمۇ مىنى رام قىلالايدۇ.
مەنمۇ «شادلىق قەسىدىسى»،«يۇلتۇزلۇق»،«ئەيلىسقا ئاتاپ»،«رومىئو-جۇلىتتا»،«چۈشتىكى توي مۇراسىمى»…. ھەممىنى ئاڭلايمەن.
بولۇپمۇ «رومىئو-جۇلىتتا» نى بەك ياقتۇرىمەن.
مەن ئازراق ئۆگەنگەن ، لىكىن سورۇنغا چىقارغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس.
نەزەرجانمۇ پىئانىنو چالىدىكەن ھە…؟ مانداق رومانتىك جايلىرىمىزمۇ با دەپ قويۇڭ… كومپيۇتېر بىلەن ئالما غاجاپلا ئوتۇرىدىغان ئاداشمىكىن دىسەم بۇنى تېخى…..[qq]05[/qq][qq]03[/qq] (چاقچاق)
مەنمۇ بەك ياقتۇرىمەن رىچارد نىڭ مۇزىكىلىرىنى…
ھەممە مۇزىكىسى دىگۈدەك يادا بوپ كەتتى ماڭا… كۈندە نەچچە قېتىم دىگۈدەك ئاڭلاۋىرىپ…
ئادەمنىڭ نىرۋىسى بەكلا ئارام ئالىدۇ جۇمۇ بۇ مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا….
بەزى تېخى ئايتاچ تا دوراپ چېلىپمۇ قويىمەن، [qq]05[/qq] ئىككى- ئۈچ مۇزىكىسىنى ئايتاچتا چېلىپ يۈرۈپ خېلى ئۆگىنىپ قالدىم blue love, love story , يەنە ھېلىقى چۈشتىكى توي مۇراسىمى، ئەيلىسقا تەقدىم دىگەندەك مۇزىكىلىرىنى….. ھې ھې ھې
پىئانىنو مۇ چالالايمەن دەڭ… ۋاقت چىقىرىپ ئۆزىڭىز چالغانلىرىدىن يوللىسىڭىز ياخشى بولاكەن….