Steve Jobs نىڭ كىملىكىنى ھەممەيلەن بىلىپ كەتتۇق. لىكىن بۇ شەخىسنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كەچمىشىنى ۋە 56 يىلىق قىسقىغىنا ئۆمرىدە ئىرىشكەن نەتىجە – ئۇتۇقلىرىنى بىر بىرلەپ سۆزلەش ھاجەتسىز. بۇ يىل ئەڭ كۆپ تىلغا چىققان شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرجىمىھالىمۇ يىقىدىن بىرى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب بولۇپ قالدى.
مەن بۇرۇن Steve Jobs ھەققىدە يېزىلغان 活着就为改变世界 دېگەن كىتابنى يىقىن دوستۇم Uyson نىڭ قولىدا كۆرگەن. مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. Steve Jobs نىڭ ھاياتىدىن كىيىن تۇنجى ئۆزى ھوقۇق بېرىپ يازدۇرغان تەرجىمىھالى ”Steve Jobs“ مۇشۇ يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10:05 تە دۇنيا بويىچە 10 نەچچە خىل تىلدا تەڭلا تارقىتىلدى. بۇ قەھرىمان 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغانىدى.
ھازىر قولۇمدا يۇقارقى ئىككى تەرجىمىھال بار. شۇڭا قىزىقىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن بوشلۇققا چىقىرىپ قويدۇم. چۈشۈرۈپ كۆرگەيسىزلەر. شۇندىلا بىر ئوقۇرمەننىڭ :“Steve Jobs نىڭ خاتالىقى ناھايتى كۆپ، ئەمما بىرلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يىرى شۇكى— ئادەمنى توغرا ئىشلىتىدۇ.“ دېگەن باھايىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز.
1.ئالدى بىلەن تەشەببۇس قىلىدىغنىم خەنزۇچە يىزىقتىكى 活着就为改变世界 نىڭ خەنچە PDF نۇسخىسى.
作 者:[美] 沃尔特•艾萨克森(Walter Isaacson) 著,管延圻等译
出 版 社:中信出版社
出版时间:2011-10-1