ئالمانىڭ يىڭى مەھسۇلاتى iPhone4Sنىڭ چىققىنىدىن ھەممىمىز خەۋەر تاپتۇق. بۇ مەھسۇلات ناھايتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككى ئانتىنا ئارقىلىق GSM/CDMA تورلىرىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ نۇرغۇن ئىستىمالچىلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى. iPhone4S ئاق -قارا ئىككى خىل رەڭدە چىقىدۇ. باھاىسى ۋە ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئوخشاش.
شۇڭلاشقا كونا ئەۋلاد مەھسۇلاتلارنىڭ باھاىسى چۈشۈشىمۇ مۇقەررەر.iPhone4S مۇشۇ يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ زاكاس قوبۇل قىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئامېركا، كانادا، ئاۋېسترالىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە ۋە ياپونىيە (ئەپسۇس، مەنمۇ كۆپ ئىزدىدىم. ب د ت نىڭ باشقا قۇرغۇچىلىرى توپلاشقان قاتاردا 中国 دېگەن خەت كۆرۈنمىدى.) قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلىشقا باشلايدۇ.10-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنە باشقا 22 دۆلەت -رايۇندا سېتىلىشقا باشلايدۇ. كىيىنكى 70 دۆلەت يىل ئاخىردا. دۆلىتىمىز، شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەنلەر ھازىر قاتاردا يوق. بەلكىم يىڭى يىلغا ئۈلگۈرۈپ كىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىققانلىرىنى ئەكىرىپ كارتا قىستۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئىلاج بار. لىكىن بەك زۆرۈرىيەت بولمىسا قىممەت iPhone4S تىن iPhone4 ياخشىراق، ئىقتىدار باھا نىسبىتىمۇ يۇقىرى.
iPhone4S نىڭ ئامېركا ئىككى يىللىق توردا تۇرۇش مۇلازىمەت باھاسى: 16GB لىقى 199 دوللار . 32GBلىقى 299 دوللار. 64GB لىقى399 دوللار. يىڭىدىن كىچىك سىغىملىق iPhone4 قوشۇلغان بولۇپ باھاسى 99 دوللار!
appleنىڭ ئورگان بېتى يەنە كونا iPhone4 نى يىغىۋىلىش باھاسىنى ئېلان قىلدى. ئىقتىدارى نورمال ئاق رەڭلىك iPhone4 نى 200 دوللارغا يىغىدىكەن، قارا رەڭلىكىنى 180 دوللارغا يىغىدىكەن.
ئاۋېستىرالىيەدە iPhone 4Sنىڭ باھاسى 799 يەرلىك پۇلى. كانادادا 649 يەرلىك پۇلى. ئەنگىلىيەدە 499 يەرلىك پۇلى. فىرانسىيە، گىرمانىيەلەردە 629 يەرلىك پۇلى.
ئىلىمىزدىكى 8Gلىق iPhone3Gs نىڭ باھاسى 2888يۈەن، iPhone4نىڭ 16Gلىقنىڭ باھاسى 4548 يۈەن، 32G لىقنىڭ باھاسى 4988 يۈەن. ھەقسىز مال يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شىياڭگاڭ نەشىردىكى iPhone4 مۇ ماس نەشىردىكى قۇرۇقلۇق مىلىدىن 600 يۈەن ئەتراپتا ئەرزان. iPhone4 سېتىۋىلىش ئويى بار قىرىنداشلار ھازىرلا ھەركەتلەنسە مۇۋاپىق. ۋاقىت بەك سوزۇلۇپ كەتسە يىڭىغا ئالماشتۇرۇلغان iPhone ئېلىپ قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
http://store.apple.com/us/browse/home/shop_iphone/family/iphone/iphone4?mco=MjU1NTYyNDI
ئايفون 4 نى 99 دوللار دەپتۇيا؟؟؟ شۇنچىلىك ئەرزان بولاما؟؟؟
anzarjan malumat barginingizga kup rahmat ,adettiki iphone4 bilan pariqlindighan yarliri kaysilar,xunimu yizip qoyghaysiz rahmat
ياشاپ كىتىڭ قەدىرلىك ئوقۇرمەنىم!
دەل سىز ئىيېتقاندەك 双模. مۇشۇ يىرى ماڭا بەك ياقتى. ئىشىنىمەنكى پۈتۈن جوڭگو خەلقىگىمۇ مۇشۇ يىرى ئەڭ ياقىدۇ!
‹ئىككى ئانتىنا ئارقىلىق GSM/CDMA تورلىرىنى بىرلەشتۈرگەن › دىگىنىڭىزگە قارىغاندا بۇ 双模 ئوخشىمامدۇ ؟