يىقىندىن بىرى iPhone غا نەشىر كۆتۈرۈش جەريانىدا مەن بۇ خاتالىققا كۆپ ئۇچراپ كەتتىم.
توردىن ئاختۇرسام بۇ ھەقتە چارە تولىكەن، بىراق ھەل قېلىش ئۇسۇلى دەل ئەكسىچە سۆزلىنىپتۇ.مەن تولا ئېتىشىپ يۈرۈپ سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ، باشقا كومپيۇتېرغا ئالماشتۇرۇپ، ھەتتا پۈتۈن ئۈسكىنىنى قايتىدىن فورماتلاپ سىنىدىم، يەنىلا كارغا كەلمىدى.
3194 خاتالىقى بولسا iTunes نەشىر كۆتۈرۈش باسقۇچىدا apple نىڭ مۇلازىمتېردىن نەشىر كۆتۈرۈش تەستىق ئۇچۇرى تەلەپ قېلىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ مۇلازىمېر نەشىر كۆتۈرۈشكە بەرگەن تەستىق كودى GFW تەرىپىدىن توسۇۋىلىنغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. GFW تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىشى بېيجىڭ پوچتا-تېلىگىراف ئونىۋىرىسىتىتىنىڭ مۇدىرى باشچىلىقىدا كەشىپ قىلىغان ”ئوتتىن ساقلىنىش تېمى“ تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنى ھۆكۈمەت قانۇنسىز دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى توسۇۋېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : http://zh.wikipedia.org/zh-sg/GFW
ئىشلەتكۈچىلەر tinyUmbreall دېتالى ئارقىلىق shsh نى زاپاسلاش جەريانىدا كومپيۇتېردىكى hosts ھۆججەت(كومپيۇتېردا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ DNS رولىنى ئۆتەيدىغان ھۆججەت)كە بىر قۇر كود قوشۇپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن GFW تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ.
ئەگەر ئىشلەتكۈچى قەستەن نەشىر تۆۋەنلىتىش ياكى تور قۇلۇپ يېشىش قاتارلىق ئىھتىياجى بولمىسا بۇ قۇر كود ئارتۇقچە. شۇڭا بۇ قۇر كودنى ئېلىۋەتكەندە مەسىلە ئوڭشىلىدۇ. tinyUmbrella دا tts Server نى قوزغاتقاندا بۇ قۇر كود يەنە ئاپتوماتىك قوشۇلىدۇ.
خوش، نەزەرىيە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. 3194 ياكى 3195 خاتالىقنى ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى hosts ھۆججەتتىن قوشۇلۇپ قالغان بىر قۇر كودنى ئۆچۈرۋىتىش. تەپسىلىي قەدەم باسقۇچى:
C:\Windows\System32\drivers\etc\ دىگەن مۇندەرىجىدىن hosts نامىدىكى ھۆججەتنى 记事本 دا ئېچىپ ئۇنىڭ ئېچىدىكى
gs.apple.com 74.208.10.249
دىگەن كودنى تېپىپ ئۆچۈرۋېتىش. ئاۋۇ IP ۋە ئادېرىسىنڭ ئورنى ئالماشقان بولىشىمۇ مۇمكىن، يەنىلا ئۆچۈرۋېتىمىز ۋە ساقلاپ چېكىنىمىز. ئەگەر ئۆزگەرتىشتە خاتالىق كۆرۈلسە 管理员身份 دا كىرىپ ئۆچۈرۈپ ئاندىن iTunes نى قايتا قوزغاتساقلا كۇپايە.
[...] 3194 خاتالىققا يولۇققان بولسىڭىز بۇ تېمادىن كۆرگەيسىز.../1954.html [...]
ياكى itunesنى قايتا قاچىلاڭ، ياكى بولمىسا apple device driverدېگەننى قايتا قاچىلاڭ.
DFU غا قايتا كىرسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.
apple mobile device usb driverماۋۇنى زادىلام تۇنىتالمىدىم،1604 خاتالىقى كۈرۈلۈپ تۇرۋالدى.
21 خاتالىق كۈرۈلدى،زادىلام ئوڭشىيالمىدىم،قانداق قىلسام ئوڭشىلا
../1272.html
ماۋۇ دەرىسلىك بويىچە مەشغۇلات قىلىسىز.ئالدىنقى شەرىت، چوقۇم shsh زاپاسلانغان بولىشى كىرەك.
yahximusiz ,,kaqurug man hatni oygurqa kilalmidim..man iphone4 tilfonumni 4.3.4 kilip yigiligan idim ..likin turmidin kaquralmay naxirni 4.3.3 ga quxuray dap huifu kilsam 3194 digan hat qikilwadi.andin siz digan boyqa ni aqsam u adris wa ip lar yok ikan ..kandak kilip huifu kilarman ..maga yardam kilsaglar
ئەگەردە shsh نى زااپاسلىمىغان بولسىڭىز مۇشۇنداق چاتاق چىقىشى ئىنىقلا.
سىز بىلوگدىكى ماس تېمىدىن كۆرۈپ باققايسىز. ئەگەر سىز shsh نى زاپاسلىمىغان بولسىڭىز نەشىر چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. تۈزۈت قىلماڭ، بىلىم دىگەن باشقىلارغا جاۋاب بىرىش ۋە ئۆزىگە جاۋاب بىرەلمەسلىك جەريانىدا توپلىنىدۇ.
سىزنى سۇئال سوراپ زىرىكتۈرۋېتىدىغان بولدۇم….كەچۈرۈڭ. كومپىيوتىرىمدا tyny umbrella قاچىلانمايدۇ… مىنىڭ تېلفۇنۇم بىرلەشمە تىلگىرافىدىن سېتىۋالغان ، شۇڭا ھەرقېتىم سېستىما كۆتۈرۈش بولسۇن چۈشۈرۈش بولسۇن iTunes دا زاپاسلىۋېلىپلا بىمالال قىلىۋېرەتتىم ، سېستىمىنى 4.3.2 غا يۆتكىگەندىن بېرى سېستىما چۈشۈرەي دىسەم شۇنداق 3194 چىقىۋالىدىغان بوپ قالدى…
../1272.html بويىچە نەشىر چۈشۈرۈش تەرتىپىنى تاماملاڭ.
cydia دىن چۈشۈرگەن دېتاللارنى installed دىگەن يەردىن تاپقىلى بولىدۇ. شۇ يەردىن ئۆچۈرۈپ سىناپ بېقىڭ، چۈشەنمەيدىغان دېتاللارنى قاچىلىماڭ. cydia دىكى دېتاللار ئىجرا بولۇشقا يۇقىرى ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا سىستىمىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ.
ئىكراننىڭ ئۆرۈلمەسلىكى تەڭشەك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. سىز home كۇنۇپكىسىنى تېز ئىككى باسسىڭىز بارلىق ئىجرا بولۇۋاتقان پىروگراممىلار كۆرۈنىدۇ، قولىڭىزنى ئۈستىدە ئوڭ تەرەپكە سۈرىۋەرسىڭىز ناخشا قويغۇچنىڭ يىنىدا بىر باسما بار. شۇنى بېسىۋەتسىڭىز سائەتنىڭ يىنىغا بەلگە چىقىدۇ(بەت ئايلانمايدۇ)، ياكى شۇ بەلگە ئۆچىدۇ(بەت نورمال ئايلىنىدۇ)
ئەسسالامۇئەلەيكۇم… تېلفۇنۇم نى تۈرمىسىن قاچۇرۇپ Cydia دىن ئازتولا بىرنەرسا چۈشۈرگەنتىم ، كىيىن تېلفۇنۇم خۇي چىقىرىشقا باشلىدى ، تۇرۇپ تۇرۇپ قايتا قوزغۇلۇدۇ! بەزىدە تور كۆرگۈنى ئىشلىتىۋېتىپ تېلفۇننى يانتۇ قىلساممۇ بۇرۇنقىدەك ئېكرانمۇ يانتۇ ھالەتكە ئۆتمەيدۇ، 4.3.2 نى قايتا قاچىلاي دىسەم 3194 چىقىدۇ، سىز كۆرسەتكەن ئادرىس بويىچە ئىزدىدىم ، يوق….بېشىم قاتتى ، ئاخىرى سىزدىن تېخنىكىلىق ياردەم سوراي دىگەن نىيەتكە كىلىشىم،،، يول كۆرسەتكەنبولسىڭىز.
تەكلىپ: ئەتىگىنى تور سۈرىتى ياخشى چاغد اسىناڭ. يىڭى سيستمىدا ھەممە دېتالنىڭ يىڭى ۋاقتىدا سىناڭ. سىسيتىما چوقۇم 32 بىتلىق بولسۇن.
قىممىغان قىلغىم قالماي ئاخىرى hosts ئىچىلمايدىغان قىپ قويدۇم مىنىڭ ئايپاد 4 تى ،2ھەپتە بۇلدى 3194 چۈشەۋاتىمەن ،قارغاندا باشقا دۆلەت تەۋەلىگىگە ئۆتۈپ 4.3.3ياز مىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ!ھاھا!
ئوتتىن نىمدىگەن ياخشى ساقلىغان تام ئىسىل تام ،تامچى ئۇستامنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن .
قەدىمىڭىزگە مۇبارەك. خاتالاشمىسام سىز ئىنتىلدىكى yulhun ئەپەندى شۇغۇ دەيمەن. بىز پاراڭلاشقان، ئىسىمدە.
پايدىلىق مەسلىھەتلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
yana bolmesatinyumbrella-4.32.01.rar ni quxurup uning tss ni eqep turup anden itunes ta keleg
yana bolmesa http://u.115.com/file/bh1vmxwt ni quxurup tss ni eqep turup keleg
ئۇكىجان!
ئۇنداق بولسا يۇقارقى ئۇچۇرنى قوشۇپ يەنە سىناڭ.
aka jan bumu kar qilmidi jumu,manda uchuray desammu yoqqkan ,likin yanila 3194jumu,