مەن ئىچكىردە ئوقۇۋاتقىلى 6 يىل بولدى. ھەر يىللىق ئىككى ھېيىت ئاساسەن بېيجىڭدا ئۆتۈۋاتىدۇ. كىچىكىمدىن ۋاقىت ئىڭىم كۈچلۈك بولغانلىقتىنمۇ قانداق ھېيت كۈنىمۇ ئەتىگەندە نامازغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن بۇرۇنقى پىلانىم بويىچە بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپلا كىتىمەن. باشقا دوستلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ئاستا سەپكە قوشۇلۇپ ”ھېيتلاپ“ قويىدىكەنمەن. ئىڭىمدا ئۇ ئىككى ھېيتمۇ ئۇلۇغ، لىكىن ئاللاھنىڭ ھىكمىتى سىڭگەن كۆزىمىز ئوچۇق ھەر بىر كۈن بىزنىڭ خۇشال بولىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلاپ ئالاھىدە ھەشەم قىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا 6 يىل جەريانىدا غىرىپسىنىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.
ئەمدى گەپنى ئابدۇۋەلىكامدىن ئاڭلايلى:
ھېيت كەلدى، ھەر قېتىم ھېيت كەلسە ئايالىم ھاياجانلىنىدۇ. بالام كىچىك بولغاچقىمۇ يا ئەتراپىدا ھېيت كەيپىياتى بولمىغاچقىمۇ قورچاق كۆرۈش بىلەن بەنت. مەن نېمە ئۈچۈن خوشال بولالماس بولۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالمىسىلا ئايالىمغا ئۈنسىز ئەگىشىمەن. ئۇنىڭغا خوش بولۇشۇپ بەرسەم كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ. ئۆيدىكىلەر ھېيتلىق تېلېفون ساقلايدۇ، ھېيتقا مۇناسىپ بولالمىغان كەيپىياتىم بىلەن ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق ئىزگۈ سالاملىرىغا جۆر بولۇپ بولالماي قىينىلىمەن. ماڭا ئەسلىمەمدىكى دىكى ھېيتتىن قالغىنى دادام بىلەن ئوقۇغان ھېيت نامىزى ۋە جامائەتنىڭ سۈرلۈك ۋە مۇڭلۇق تەكبىرىدىن ھېس قىلغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى. ماڭا بۇ تۇيغۇدا بولغىلى ئەسىرلەر بولغاندەك تۇيۇلىدۇ، ھەر ھېيتتا شۇنداق. جىيەنلىرىمنىڭ بۇ كۆرۈنمەس قۇدرەتنى ھېس قىلىشقا قادىر بولالماي ئۆسۈۋاتقىنى يۈرەكنى تېخىمۇ ئېزىدۇ. شۇنداق ئويلايمەن، مەنغۇ ھىچ بولمىغاندا غېرىپ قەلبىمدە كۆرۈنمەس بىر ئۇلۇغلۇقنى ھېس قىلالايدىكەنمەن، جىيەنلىرىمچۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېيتتىن شۇنداق بىر غايىپ پاسىبانلىقنى، مېھرىبانلىقىنى، مۇقەددەسلىكنى ھېس قىلالماي چوڭ بولسا، پەقەت يىغقان ھېيتلىق بىلەن يانچۇق، يېگەن گۆش بىلەن قورساق تومپايسا كۆڭۈل ئالىمى بوش قالماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ جەنۇپ سەھرالىرىنى قاپلىغان يالتىراق خالتىلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ بۇلغىنىۋاتقان جىسمى، چوڭلارنىڭ تەشۋىش، ۋەھىمە، مىسكىن تۇرۇقىدىن نۇسخا ئېلىپ ئەگرىلىككە يۈزلەنگەن سەبى كۆڭلى نېمە بىلەن قەد كۆتۈرەر؟
ئۈچ يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن. ئايالىمنىڭ بىر جىيەن قىزى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرىنىڭ قوش تىل سىنىپىغا تاللاندى. تەنتەنىلىك جاكارلانغان بۇ خەۋەر بىزنى خېلى تەمتىرەتتى. چۈنكى بىر ھەمراھ بولغۇچىلار، ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئۆمىكى كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. مەركىزىي شەھەردىكى قوش تىل سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى دېگەنلىك بىزنىڭ ئۇ يۇرتتا مەرتىۋىدىن، غەلىبىدىن، ئىناۋەتتىن دېرەك بېرەتتى. كىممۇ ھاياجانلانمىسۇن، قوش تىل، دېگەن قوش تىلدە! بولۇپمۇ قوش تىلنىڭ ئوردىسى، قوش تىلچىلارنىڭ ساماۋى پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدىكى قوش تىل تۇرسا!
قىز ئەقىللىق ئىدى. كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز بىلەن چىقىشىپلا كەتتى. دەسلەپتە مېنى ئىنگىلىزچە بىلىدۇ، دەپ ئانچە مۇنچە ئىنگىلىزچە تاپشۇرۇقلىرىنى سوراپ يۈردى. كېيىن نېمە ئۈچۈنكى مەندىن ئىنگىلىزچە سورىماسلا بولدى. سەۋەبىدىن ۋاسىتىلىك خەۋەر تاپتىم، خەنزۇچە ئۆلچەمسىز بولغاچقا ئىنگىلىزچەمنىڭمۇ ئۆلچەمسىزلىگىنى تەخمىن قىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ تەلەپپۇزۇم جاڭ مۇئەللىمنىڭكىگە ئوخشىماسمىش، ساۋاقداشلار ئىنگلىزچىسى سەھرالىقچە دەيدىكەنسەن دەپ زاڭلىق قىلغانمىش. شۇندىن كېيىن بۇ قىزنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا دىققەت قىلدىم، دائىم ئوقۇيدىغىنى مۇقاۋىغا چېچىنىڭ يېرىمىنى قىزىل يېرىمىنى يېشىل بويىۋالغان ”سۇمباتلىق يىگىت““ساھىپجامال قىز“ لارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كىتابلار ئىدى.
دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، ئايالىم جىيەن قىزىنى تېلېفون قىلىپ ئۆيگە چاقىردى. بارالماسمىش، سەۋەبى ”ئەمنىلىك كېچىسى“ ياتاقداشلىرى بىلەن قۇتلايمىش. ئاڭلاپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى، ”كەلسۇن، بىز قىلىپ بېرەيلى شۇ كېچىسىنى، نېمە ئالغىسى بولسا ئېلىپ بېرەيلى“ دېدىم ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ. ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ مەھەللە تەرەپتە روژدىستىۋالىق كەيپىيات يوقمىش، ئەمىنلىك كېچىسىدە مودا بولىدىغان كىيىم كېچەك تېپىلماسمىش، پائالىيەتلەرمۇ يوقمىش شۇڭا كەلمەسمىش. شۇنداق قىلىپ قىزچاق كەلمىدى. بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزىۋېتىپ تېلېفون قىلدىم. ”ئەمىنلىك كېچىسى“ نىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ خرىستىيان دىنىغا مەنسۇپ پائالىيەت ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەركەن. پەقەت بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ شۇ بۆلىكىگە مودا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە ماگىزىن، كوچا كويلار شۇنداق بايرام كەيپىياتى بىلەن بېزەلگەچكىلا ”دەھشەت“ ئۆتكۈزگىسى كەپتۇ. ساۋاقداشلار بىلەن ياتاقنى يېرىم سۆرۈن بېزەپ ئۆتكۈزگەن كېچە شۇنداق“پەيزى بوپتۇ“. ياتاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تۇرسا، نەدىن بىلگەندۇ، قانداق ئۆتكۈزەلىگەندۇ دەپ ھەيران قالدىم. ئۇ قىز مېنىڭ شۇنچە يىل ئىنگلىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەمىنلىك كېچىسى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىغا ھەيران قالدى.
ئىككىنچى مەۋسۈم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قۇربان ھېيت كەلدى. ئۆزەمنىڭ خوش بولالايدىغانلىقىم ئېنىق بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق تۇغقان ۋە يۇرتداشلارنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بىر ھېيت قىلىپ بەرمەكچى بولدۇم. شۇلارنىڭ خۇشال چۇۋۇرلاشلىرىدىن ھېيت بولغۇدەك كەيپىياتقا كېلىپ قالسام ئەجەب ئەمەس دەپمۇ ئويلىدىم. ئالدى بىلەن ئايالىمنىڭ جىيەن قىزىغا تېلېفون قىلدۇق. توۋا، كەلمەسمىش ”سىلەر ئۇ تەرەپتە ھېيت دېگەن بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق مودا يوق، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن، شۇڭا بايراملىق كىيىشمۇ ئالالمىدىم، خەقنىڭ ئالدىغا سەھرالىقچە بارامتىم، سىلەردە قۇربان ھېيت تازا مودا بولغاندۇ ھە! “ دەپتىمىش .
بۈگۈن مەنمۇ تورلارغا قاراپ ھېيت كەپتۇ دەپ ئويلىدىم، ھېلىقى جىيەن قىزىمنىڭ سوئالى خىيالىمدىن كەچتى. ھەممىڭلارنى سېغىندىم، مېنىڭ چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ ”سىلەردە قۇربان ھېيت مودا بولدىمۇ“ دەپ سوراشقا تىلىم بارمىدى. چۈنكى بىزدە ھەق يولىدىكى پىداكارلىقنىڭ ئىككى دۇنيالىق مودا ئىكەنلىكى ئەقلىمگە ئايدىڭ ئىدى.