پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ، ئۇن تارتامدۇ ئادەممۇ.
_________________________________________________خاتىرەمدىن
ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە قەدەم قويۇپ مۇقەددەم 10 يىلدىن كىيىن پىقىر نەزەرىمۇ بىر بلوگنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم. ئالدى بىلەن مەندەك بالا بلوگگېرنى قوللاپ كىلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا ئالىي ئىھتىرام!
مەن كۆزەتسەم، ئۇيغۇر تورلىرىنى ئونىۋىرساللىشىش ۋە كەسىپلىششتىن ئىبارەت ئىككى خىل خاراكتىرنى تاللىغان توربەتلەر بىلەن توشۇپتۇ. شۇڭا نەزەرىمۇ ئۆزۈمنىڭ قىززىقىشى ۋە كەسپىگە يىقىن بولغان «تور-زامانىۋى ئالاقە-يىڭى تېخنىكا» بىلىملىرىنى يېزىشنى نىشان قىلپ كەسپلىشىش يۆنىلىشنى تاللىدىم. باشقىلارغا بىر ئىستاكان سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈمدە بىر چىلەك سۇ بولىشى كىرەككەن، شۇڭا بۇ جەرياندا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم.
لىكىن يەنە توردىكى بىلىملەرنىڭ تارقاقلىقى ۋە كەسپىمنىڭ ئىھتياجى بولغاچ كومپيۇتېرغا ئائىت تېخنىكىلىق بىلىملەرنى بلوگىمغا يوللمىدىم. شۇ ۋەجىدىن مىنىڭ تولۇق ئوتتۇردىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان پارتىدىشىم، يىقىن دوستۇم،مىنىڭ IT ساھەسىگە كىرىشىمگە تۈرتكەم، مىنىڭ ئەينىكىم Omar14 ئەپەندىم(UKIJ,Intil,Bilik,XjCfan…لەردىكى Omar14 شۇ) بىلەن بىرلىشىپ ئىككى بلوگنى تەڭ قەدەمدە ئىلىپ ماڭىدىغان، ھەر ئىككى بلوگ ئۆز خاسلىقىدا ئورتاق يېزىلىدىغان قىلىپ بىكىتتۇق.
ئادىرسى http://www.uyghurpc.com
ھەمكارلىقىمىز ئاستىدا ئىككى بلوگنىڭ تەڭداش قەدەم بېسىپ، ئورتاق گۈللىنىشىگە ئىشەنچىم كامىل!
نەزەرى
ئاغىنىمىز بۇ ساھادە بار، ئەمما سەل ئالدىراش-يوشۇرۇن يۈرىدۇ
ھەشقاللا-رەھمەتلەر سىزدىن ئاشمىسۇن. مەن كوتing
ياخشى ئىش بوپتۇ ،omar14 يەنە قايتىپ كەپتۇق دە بۇ ساھەگە ???
نەزەرباي، ئالدى بىلەن مۇبارەك بولسۇن! ئەمدى گەپ سىلىنىڭ نورۇزلۇق سوۋغا-سالاملىرى ماياقتا توپا بېسىپ كەتتى، خاپومماي كوت-كوتنى ئاچسىلا يوللاپ بىرەي دىگەن، ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بولسا … دىمەكچى ئىدىم… ئاچچىقىم كەلمەستە ئۆزلىرىنى سورىۋالارلا…
سىزنى ۋە سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنى ئازدۇر كۆپتۈر ئوقۇپ يۈرەتتىم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتىڭىز ئىككى نام قوللانغانمىكىن دەيتتىم بىراق ئۆمەرجان بىلەن … نەزەرجان…… لارنى بۈگۈن ھەقىقى تونىۋاتىمەن
قوللايمىز، قوللايمەن، قوللايلى! تىرشىڭلار يىتەكلەڭلار!
بىز «ئىككى ئاكتىپ » تىققۇ؟ خا خا
ئۇ داڭقىمىز تورغا يېتىپتۇ…….
قانداقسىگە بۇ ئىككىمىزنى ئالماشتۇرۇپ قوياتتىىڭىز ؟
كۆپ رەھمەت سىزگە.
قىززىق مەن ئىككىڭلارنى ئازتولا ئالماشتۇرۇپ قوياتتىم بۈگۈنكى كۈندە پارتىداش ئىكەنلىكىڭلارنى بىلدىم.
قوللايمىز!
كۆككەپتەر بىلەن ئۆزھان ئاكام بىرغۇ. ھەمكارلاشقان بەتلەرمىز، ئۆز يولىمىزدا لەرزان ماڭغىنىمىز ياخشى.
كۆپ رەھمەت.
«بىرلەشكەن ئۇززار، بۆلۈنگەن توزار » دەيتتىم، يولداشلارنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچىراپ كەتتىممۇ ئانا تىلىمنىڭ موللىقىنى ئۇنتۇپ كاللامغا كەلگىنىچە «تۈپتۈزلا» دەپتىمەن. خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزكامنىڭ تەرجىمىسىدەك.
ۋاھ.. بەلەن ئىش بوپتۇ، بىرلەشكەن ئۇززار، بىرلەشمىگەن توزار…
ئاخىرىدا سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
[...] ئورناتتى ،تەپسىلاتىنى مونۇ ئۇلانمىنى چىكىپ كۆرگەيسىز. بىز بىرلەشتۇق! بىز [...]
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئۇستازلار. تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ . سىلەرنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىڭلارغا تىلەكتاشمەن.
سالام كۆپچىلىك. نەزەرىكام كۆپ ماختىۋىتىپتۇ ، ئەينەك بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمەن. ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى بىلگىنىمزدىن تەڭ بەھىرلىنىش ، ھەمكارلىقىمىز ئۇتۇقلۇق بولغاي.
http://www.uyghurpc.comنى خېلىدىن بۇرۇن بىلىپ كەلگەن، ئەمما سىز بىلەن ساۋاقداش ئىكەنلىكىنى بىلمەي كەپتىمەن.
مېنىڭچە، http://www.uyghurpc.com بىلەن كۆككەپتەر بىرلەشسە تېخىمۇ باب كېلەتتى
ياخشى بولۇپتۇ. ئشىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.