«iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى

ئارىمىزدا ئالما مەھسۇلاتلىرىنى يىڭىدىن تونۇغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى ۋە مۇركەبىر بىرلىكتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بۇ «قىممەت» ئۈسكىنىدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىشى ئۈچۈن «iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» تۈزۈپ تارقاتتۇق.

كىرىش سۆزى:

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!

قەدىرلىك ئاكا-ئىنى، ھەدە سىڭىل! مەن خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى. خالاستان بىلوگى بولسا «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى»(XJMac.com) نىڭ تارمىقىدىكى كىچىك بېكەت. مەن «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى» تە ئۇستازلاردىن ئۆگەنگەن بىلىملەرنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئاددى يوسۇندا بىلوگ ئارقىلىق تارقىتىۋاتىمەن خالاس.

ئىلمنىڭ زاكىتىنى بېرىش تەشۋىقى بىلەن بىلوگ قۇرۇلغاندىن بىرى نۇرغۇن ئىلىمسۆيەر قىرىنداشلارنىڭ مەدىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە بىلوگلار ئارسىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ زامانىمىزنىڭ ئەڭ ئەركە مەھسۇلاتى بولغان iPhone,iPod,iPad قاتارلىق ئۈسكىنىلەرگە كەسپىي تېخنىكىلىق مەسلىھەت تەمىنلەش شۇئارى بويىچە يول تۇتۇپ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىنىمىز مۇركەبىر يىقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئالما ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن تەييارلىغان iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسنىڭ ئورگىنالىنى ماڭا تاپشۇرغان.مەن بىخلان ئەپەندىنىڭ كۆرۈپ بەرگەن پىكىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مەزمۇنلارغا يىڭىلاش ئېلىپ باردىم. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن كود ئالماشتۇرۇش(ئەسلى مەزمۇن پۈتۈنلەي كىڭەيتىلگەن رايۇندا يېزىلغان)، تەھرىرلەش، بەت ياساش ئىشلىرىنى سەل كىچىكتۈرۋەتتىم.

ئاددىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي :بۇ كىتابتا سۆزلەنگەندە مەزمۇنلار گەرچە iPhoneھەققىدە بولسىمۇ بارلىق مەزمۇنلار دېگۈدەك ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بولغان iPhone,iPod,iPadغا ماس كىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ 3 مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلات سىيستېمىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش. iPhoneئەسلى ipod touch ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ipod touchقا تېلفون ئۇرۇش، يول باشلاش ئىقتىدارى قوشۇلسا  iPhoneغا تەڭداش كىلىدۇ. iPad بولسا ئىكرانى چوڭايتىلغان ipod touchقا باراۋەر دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئاددىيلا كىتابچە، ئاددىيلا لايىھە، ئاددىيلا مەزمۇن… خالاستان بىلوگىنىڭ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى، يىڭىدىن ئالما مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۇچراشقانلار ۋە ئۇچراشماقچى بولغانلارغا بەرگەن ئاددىي سوۋغىسى.

كىتابچىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى يېزىپ، رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ سىزىپ چىققان مۇركەبىرگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بىلىك كۇلۇبىدىكى ئالىمجاننىڭ قىممەتلىك پىكىر بەرگىنىگىمۇ كۆپ رەھمەت. خوش، ئوقۇرمەننىڭ دىققىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولغاي…

كىتابچىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى : ../load/iPhone.pdf

««iPhone ئىشلىتىش قوللانمىسى» پۈتتى»نىڭ 29 ئويلىغانلىرى بار

  1. تورداشلارنى ئاۋارە قىپتىمەن، ئەپۇ قىلىڭلار.سەھەردە ئۆزۈمنىڭ بوشلۇقۇمغا يوللاپلا سىنىسام نورمالتى، ھازىر قارىسام چۈشمىدى. قارىغاندا قاراقچىلار چۈشۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنە چەكلەپتۇ. ھازىر باشقا بوشلۇققا ئۇلاپ قويدۇم، قايتا ئەسلىگە كەلدى.

  2. بەك بەلەن ئىش بوپتۇ…بۇ جانۋارنى تۇززك ئىشلىتەلمەي يۇرەتتىم، لىكىن كىتابىنى چۈشۈرۈش ئادرىسىغا بىر قاراپ باقامسىز..

  3. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بەك ياخشى چىقىپتۇ.سافارى داۋنلود بىلەن ئايفونۇمغىلا چۈشۈرۈپ ئايبۇكستا ئاچتىم.

  4. مەن PDF كىتابنى iBooks قا قاتقىلى بولىدۇ دېگەن قۇرلارغا قىزىقىپ ئۆزۈمدىكى PDF كىتابلارنى iTools ئارقىلىق iBooks نىڭ Documents مۇندەرىجىسىگە تاشلىساممۇ iBooks جازىسىدا مەن قاچىلىغان كىتابلار كۆرۈنمىدى.

    1. بولىدۇ.مەن ئادەتتە pdfنى پۈتۈنلەي iBooksتا كۆرىمەنغۇ. iBooks نىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى تاللاش بار. شۇ يەردىن تاللىساقلا كۇپايە.

  5. مەن چۈشۈرۈپ مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ باقتىم (ئۆزۈمنىڭ ئالمىسى بولمىغاچقا تەپسىلىي كۆرمىدىم) ياخشى چىقىپتۇ. بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. تېخىمۇ تىرىشقايسىلەر…..

  6. كىتاپ بەكلا كۆركەم چىقىپتۇ، رەسىملەرمۇ شۇنداق سۈزۈك، بولسا تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشلىتىش قوللانمىسى تۈزۈپ بەرسىڭىز ، كۆپ ئادەم مەنپەئەتلەنگىدەك،

    1. شۇنداقمۇ ؟ ھەزرەتلىرى. سىلىنىڭ تېمىلىرى بولسىمۇ يوللىسىلا مەۋە گە بولىدۇ جۇمۇ . يەكىلىمەيمىز. ئەمدى سىلىگە تايىنىدىغان دەۋرگە كەلدۇق….

  7. ئايفۇن بىلەن دەسلەپكى تونۇشقۇچىلار ئۈچۈن ھەقىيقەتەن ياخشى كىتاپ بوپتۇ.
    نەزەرى،مۇركەبىر،ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى تەپرىكلەيمەن.
    دوسلار غا يەنە بىر كىتاپ كۆرگۈچنى تەۋسىيە قىلاي،بۇ كىتاپ كۆرگۈچنىڭ گەرچە iboksتەك كۆركەم كىتاپ جازىسى بولمىسىمۇ كىتاپ ۋاراقلىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قويىدۇ :smile: كىتاپ كۆرگۈچنىڭ ئىسمىSTANZA ‘ ئايتۇنىستىن شۇنداق دەپ ئىزدىسەڭلار چىقىدىكەن. PDFنى قوللايدىكەن ياقتۇردىغان دوسلار چۇقۇم چىقىدىغۇ دەيمەن 

  8. نەزەرى قىرىندىشىمىز بىلەن مۇر كەبىر قىرىندىشىمىزنىڭ بۇ مىھنەتسىز ئەجرىگە كۆپ رەخمەت. بۇ كىتاب ھەقىقىقەتەن ئخچام، مىغىزلىق ،چۇشنىشلىك ئەتراپلىق چىقىپتۇ .ئايفۇنغا چۇشۇرۇپ كۆرۇۋىدىم خەتلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق ھەم ئىنىق كۆرۇندى.بۇ قوللانمىدىن خىلى كۆپ بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم.بۇندىن كىيىنمۇ بۇنداق نادىر ئەسەرلىرىڭلارنىڭ ئۇزۇلۇپ قالماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۇمىد قىلىمەن.رەخمەت سىلەرگە.

     

  9. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    مېنىڭ بىر نەچچە دوستلۇرۇم ھەربىر بەتكە قوشۇلغان تامغىلار ئارتۇقچە بوپ قاپتۇ. دەيدۇ.مېنىڭچىمۇ ئۇ تامغىلار بولمىسىمۇ ھەر بىر بەتتە خالاستان سۆزى بار ئىدى.ئېلىۋېتسەك بولامدۇ نېمە.  

  10. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! نەزەرى قېرىندىشىم ،بۇ بىئولوگگا كىرىپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئېرشتىم، ئاللا قولىڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن! 3جى ئەس تېلفونۇمنى 5.0 نەشىرىگە كۆتۈرگەن ئىدىم،خېلى ياخشى بولغان .بىراق ئازراق ئۆتكەندىن كىيىن يىڭلامسىز ؟ دىگەن ئۇچۇر چىقتى ،يېڭلاپتىمەن. ئاخېرىدا ئاق ئالما چىقىپ تۇرۋالدى،سىز كۆرسەتكەن تەرتىپ بويىنچە كۆپ سىناق قىلساممۇ يەنىلا ئوڭشالمىدى،3194،3195،20،21 دىگەندەك ئۇچۇرلار چىقۋالدى،(ئەپسۇسلارنىقى زاپاسلاش مەشغۇلاتىنى قىلماپتىكەنمەن).ساق ئىككى كۈن بولدى ،ھەپىلشىۋاتىمەن يەنىلا شۇ ئەھۋال. سىزنىڭ تۈرلۈك بىلىملىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك كۆرۈپ بولدۇم،يەنىمۇ چوڭقۇر بىلىملرىڭىزنى كۈتىۋاتىمەن. رەخمەت

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: