ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 11

iPadكە Windowsشارائىتىدا توك قاچىلاش

كومپيۇتېردا ipod,iphone,ipadكە توك قاچىلاش ئۈچۈن iTunes نىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى كىرەك بولىدۇ.

ئەڭ يىڭى iTunes نى بۇ تېمىدىكى ئورۇندىن چۈشۈرگەيسىز.../897.html

 

مانا Apple نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئىشلىتىپ بولۇپتىمەن. ئۆزۈمگە تەۋە2 iPad مۇ قولۇمدا. ئىشلەتكەندىكى بىرىنچى تۇيغۇ شۇ بولدىكى، پۇلىغا يۈز كىلەلەيدىكەن.! بۇ توغۇرلۇق گەپنى ئايرىم يازمىدا تەپسىلىي دەي.

بىر ئاخشام باتارىيە بىلەن تورنى سىنايمەن دەپ كىنو كۆرۈپ مەن ئۆزۈم توكنى تۈگىتەلمەي ئۇخلاپ قالدىم. ئەتىگەن قارىسام 33% توك قاپتۇ. ئاپىرىپلا كومپيۇتېرغا چېتىپ قارىسام توك قاچىلانمىدى دىگەن ئەسكەرتىش تۇرىدۇ. بېشىمدىن تۈتۈن چىقتى، يەنە چىقتىمۇ بۇمەسىلە؟؟؟

دەررۇ ساتقۇچى قىزغا تېلفون قىلسام، «سەھەردە شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزدىڭىز يىگىت، مىنىڭكىدە نورمالتى سىز قايتا سىستىما قاچىلاڭ» دەيدۇ. ipad نى قانداق ئۆچۈرۈشنىمۇ بىلمەيدىغان بايقۇشتىن باشقا جاۋاب چىقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ تورغا ئىلتىجا قىلدىم.

ئەسلى apple دىكىلەر تۆۋەن بىسىمدا باتارىيەگە توك قاچىلاپ ۋاقىت ئىسراپ بولۇشتىن قورقتىمۇ قانداق windows شارائىتىدا ئەسكەرتىش چىقىرىۋالىدىكەن. لىكىن ئىچكى قىسىمدا توك قاچىلاۋىرىدىكەن. پەقەت سۈرەت ئاستا بولۇپ، تولۇق تولدۇرۇشقا 7-8 سائەت كىتىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. imac ئارقىلىق توك قاچىلىسا 3-4 سائەتتىلا توشارمىش. ئۆزىنىڭ توك مەنبەسىدىمۇ شۇنداق تېز قاچىلىنىدىكەن.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن بىر قوزغىتىش پروگراممىسى چۈشۈرۈپلا ئىشنىڭ تېگىنى بىلدىم. ئەسلى windows شارائىتتىمۇ توك قاچىلىنىدىكەن، لىكىن سۈرەت ئاستىكەن. بۇ قوزغىتىش پىروگراممىسى ئىكراندا چىقىدىغان «توك قاچىلانمىدى» دىگەن ئەسكەرتىشنى يوقىتىشقىلا كارغا كىلىدىكەن.

ئىھتىياجلىق دوستلار تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن بۇ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى چۈشۈرگەي. كونا تېما قايتا يىڭىلاندى.

گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان

يىقىندىن بىرى تورلاردا (گۈرۈچچاق ئەقلىفونى، قىسقارتىپ گۈرۈچفون دەپ تۇردۇق)小米手机دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتۇق. تۆۋەندە خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا تەپسىلىيراق مەلۇمات بېرىدۇ.

قوشۇمچە خەۋەر: ئورگان تەرەپ مەھسۇلات سۈپىتىگە ۋە بازار باھاسىغا قارىتا چەكلىك سېتىش سىتىراتىگىيىسى قوللانغان بولۇپ 9-ئايدىن باشلاپ ئورگان بېتىدە مۇنبەر ئەزالىرىغا چەكلىك سېتۋىلىش نومۇرى تارقاتقان. ھازىر سېتىۋىلىش نومۇرى 300 سوم ئەتراپتا. ھەم نومۇرنى سېتىش- سېتىۋىلىش چەكلەنگەن. بۈگۈنكى خەۋەردىن بىلىشىمىزچە ھازىر ئەڭ بۇرۇنقى ئەزالارغا مال تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ باشقا تىزىملاتمىغان (ئەركىن بازار) دىكىلەرگەن كىلەر ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مال تەمىنلىنىدۇ. مال پەقەت بىۋاستە سېتىش ئۇسۇلىدا تەمىنلىدىغان بولۇپ ھەرقانداق 3-تەرەپتىن مال سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.

ھازىر گۈرۈچفون (小米手机) نىڭ قۇرغۇچىسى 新浪微博 دا CDMA 2000 فورماتتىكى گۈرۈچفون (小米手机)  ئىشلەشكە پىكىر توپلاۋاتىدۇ. بەلكىم قوللىغۇچىلىرى كۆپ بولۇپ قالسا بازارغا كىرىشى مۇمكىن. بۇ يەردىن كىرىپ پىكىر بېرىڭ.

小米手机بولسا ئالتۇنتاغ (金山) يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ CEO سى 雷军 نىڭ مەبلەغ چېقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان گۈرۈچچاق تېخنولوگىيسى(،北京小米科技有限责任公司小米科技) نىڭ بىردىنبىر مەھسۇلاتى.小米手机 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان قوش نېگىزلىك ئەقلىفون دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. 雷军 بولسا دىيارىمىزدىكى ھەربىر IT خادىمى تونۇيدىغان مەبلەغ سالغۇچى .  دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق پىروگراممېرلىقتىن چوڭ ئۇتۇق قازانغان ئادەم. ئېلگىرى كىيىن بولۇپ 金山公司 نىڭ ئېچىش بۆلۈم باشلىقى، لىدىرى، 卓越网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، 逍遥网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، بېيجىڭ شەھرىنىڭ ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى، 北京UC优视 نىڭ لىدىرى شۇنداقلا ھازىرقى 小米科技 (گۈرۈچچاق تېخنىلوگىيىسى)نىڭ قۇرغۇچىسى. تولۇق تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. كەسىپداشلارنىڭ مۇنداق بىر باھاسى بار : 美国有乔布斯,中国有雷军!

iPhone نى ئامېركىنىڭ ئىستىمال مۇھىتىغا، ئادىتىگە ماسلاشقان مەھسۇلات دېسەك گۈرۈچفوننى جوڭگولۇقلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى ۋە بازىرىغا ماسلاشقان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ مەھسۇلات ئەرزان بولغاچ جوڭگولۇقلارغىلا خاس، سۈپىتى ناچار دېگەنلىك ئەمەس. بىر نوقتا ئىسىمىزدە بولسۇن، ھەممەيلەن ناھايتى چوڭ بىلىپ كىلىۋاتقان iPhone4s نىڭ بارلىق تەننەرخى ئاران 1200 يۈەن خەلق پۇلى. ئەمما ھازىر 6200 يۈەندىمۇ مال يوق!!! iPhone ۋە گۈرۈچفون (小米手机) ئوخشاشلا جوڭگودا ئىشلەنگەن ، بىرى جوڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى دورامچىلىق سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلسا يەنە بىرى ئامېركىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات ئېچىش سەۋىيىسىگە ۋەكىلىك قىلىدۇ خالاس.

小米手机نىڭ سەپلىمىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ دۆلىتىمىزدە تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن ئەقلىفونلار ئېچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىستمىسىغا ئالقشىقا ئىرىشىۋاتقان Android ۋە 小米 ئۆزلىرى ئاچقان، Android ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسى MIUI ئىشلىتىلگەن. ئىككى سىستىمىنى تاللاپلا ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.  شۇڭا ھازىرقى بازاردا ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئەقلىفون دەل گۈرۈچفون (小米手机) دۇر. مەن ئۆزۈممۇ پۇرسەت بولسا سېتىۋىلىش ئويىدىمەن. ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سېتىۋالالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.

يۇقاردا يانداشما گەپنى كۆپ يېزىپ كەتتىم، گۈرۈچفون (小米手机)نىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە :

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى 高通MSM8260 1.5GHz قوش نېگىزلىك. ئىچكى ساقلىغۇچ 1GB RAMۋە 4GB ROM. ئىكرانى 4 سۇڭ، FWVGA ئۆلچىمىدە، يەنى 854×480 سىزىمچانلىقتا. سىنكۆز 8 مىليون پېكسول.1930mAh سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن.

مۇشۇنداق يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىفون ئاران 1999 يۈەن. شۇنداقلا ”جوڭگودىكى تۇنجى قوش نىگىزلىك ئەقلىفون“ دېگەن نامغا ئىگە. iPhone سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمىگەن، مۇرەككەپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش، دېتال قاچىلاش … قاتارلىقلارغا كۆنەلمىگەنلەر مۇشۇ ئەقلىفوننىلا سېتىۋالساڭلار غىمىڭلار ئازىيدۇ.

تۆۋەن بۇ ھەقتە ئەڭ يىڭى فىلىمدىن ھوزۇرلىنايلى

Close[SWF] - 小米手机

«لىرىك مۇزىكا» رومانتىك 2

ئالدىنقى كۈنى مەن «رومانتىك» دېگەن مۇزىكا نى يوللىغاندىن كىيىن تورداشلارنىڭ ئېنكاسى ياخشى بولۇپتۇ. كۆرۈلۈش سېتاتسىتىكىسىدن مەلۇم بولىشىچە كۆپچىلىكنىڭ يىقىملىق مۇزىكىلارغا ئىشتىھاسى خىلى باركەن.

شۇڭا مەن يەنە بىر مۇزىكا يوللاي. يەنىلا يىنىك، لىرىك  كۈي. بولسا ئۇخلاش ئالدىدا ئاڭلاپ ياتسا ئادەمنى بىغۇبار تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ.

Close[SWF] - مۇڭ2

تورداشلارنىڭمۇ مۇشۇنداق يىقىملىق كۈيلەر مەنبەسى بولسا ئېلان قىلىش پۇرسىتىنى مەن يارىتىپ بىرەي. بىلوگمۇ ئاممىۋى تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن جامامەتكە يۈزلەنگەن بىر سۇپا. ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانساق، باشقۇرساق تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى. مەن بىلەن Email دە ئالاقە قىلغۇچىلار ئۈچۈن admin@../

ئىزدەش ماتورىدىن com نى ئىزدىسە نىمە چىقىدۇ؟

تورداشلار بەلكىم بىر نەرسىگە دىققەت قىلغاندۇ، com تور نامى بولسا دۇنيا بويىچە ئىشلىتىش سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ نوپۇزلۇق. ئەلۋەتتە دىيارىمىزدىمۇ خىلى بېكەتلەر com نامىغا ئۈلگۈرۈپ بولالماي biz,net,org,name… دېگەندەك تور ناملىرىغا مۇراجەت قىلىۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە شىركەت تۈسىنى ئالغانلار ئۈچۈن cn تور نامىمۇ ياخشى تاللاش. لىكىن خەلقئارادا cn تور نامىنىڭ كۇرسى ئەڭ تۆۋەن، سەۋەبىنى دېمىسەممۇ كۆپچىلىكنىڭ بىلگۈچىلىكى بار.

تېمىغا قايتساق، مەن ھەرقايسى ئىزدەش ماتورلىرىدىن com دېگەن سۆزنى ئىزدىتىپ غەلىتە بىر نەتىجىگە ئىرىشتىم. سەۋەبىنى بىلىدىغانلار ئاز تولا چۈشەنچە بەرگەي.

wikipedia دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: [组件对象模型] بىرىنچى  http://zh.wikipedia.org/wiki/COM

bing دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: 51 تورى بىرىنچى  http://cn.bing.com/search?q=com

soso دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: 淘宝 تورى بىرىنچى  http://www.soso.com/q?w=com

gougou دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: 江湖 دېگەن كىنو بىرىنچى http://www.gougou.com/search?search=com&restype=-1&id=NaN&ty=0&pattern=&xmp=0

sogou دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە:百度 تورى بىرىنچى  http://www.sogou.com/web?query=com&sogou_submit=%CB%D1%B9%B7%CB%D1%CB%F7

youdao دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: ulinix.com بىرىنچىhttp://www.youdao.com/search?q=com

baidu دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: ulinix.com بىرىنچى http://www.baidu.com/s?tn=sitesowang&word=com

google دا comدېگەن سۆزنى ئىزدەتسە: 百度 تورى بىرىنچى  http://www.google.com.hk/search?hl=zh-CN&newwindow=1&safe=strict&q=com&oq=com&aq=f&aqi=&aql=&gs_sm=e&gs_upl=809404l810000l0l810232l4l4l0l0l0l0l0l0ll0l0

يۇقارقىلارنى كۆرۈپ چىقتۇق.ئەپسۇس، بىزنىڭ زىيارەت مىقدارى ئەڭ كۆپ ھىسابلىنىدىغان ئۇلىنىش تورىمىزدا ئىزدەش كىرىشكە بار چىقىشقا يوق ئىكەن. بۇ يەردە ھەق بېرىپ ئالدىغا تىزىش ھادىسىسىنى ئىنكار قىلىمىساقمۇ باشقىچە سەۋەبلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايمىز. سىزنىڭچىچۇ؟

ئۆزۈمنىڭ 32Gلىق iPhone4 نى ساتىمەن

تامام

ئالدىنقى ھەپتە بىر دوستۇمنىڭ مەھسۇلات ئۇچۇرىنى قالدۇرسام نۇرغۇن دوستلار ئالاقە قىلغان، كىيىن ئازراق ئىتىۋار باھادا يوپۇرغىدىكى بىر قىرىندىشىمىزغا سېتىلدى.../3131.html

تورداشلارغا مەلۇملۇق، مەن ئالدىنقى ئايدا تۇنجى ئۆزۈمگە تەۋە iPhone4 سېتىۋالغان ۋە شۇنىڭدىن ئىتىۋارەن iPod Touch, iPhone3Gs دەۋرىمدىن خوشلاشقانتىم.

مانا ئالدىمىزدا iPhone4 S (نامى ئەسلى iPhone for Steven ”ستېۋېن جوبسقا ئاتالغان iPhone4 “ دېگەن مەنىدە) بازارغا كىرىپتۇ. كەسپىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەڭ يىڭى مەھسۇلاتقا ئىھتىياجىم چۈشتى. شۇڭا iPhone4  نى سېتىپ ئاندىن iPad 2,3G,32G سېتىۋالاي دېگەن ئويدا بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن.

مەن قولۇمدىكى iPhone4 نى 10-ئاينىڭ 10- كۈنى سېتىۋالغان. شىياڭگاڭ مېلى(قۇلۇپسىز، ھەرقانداق كارتا سالسا ئىشلەيدۇ. خالىغانچە نەشىر كۆتۈرۈشچۈشۈرۈشكە بولىدۇ)، قارا رەڭلىك ،سىغىمى 32G بولۇپ نۆۋەتتىكى سەپلىمىسى ئەڭ يۇقىرى iPhone4 ھىسابلىنىدۇ. بارلىق ئورالما قاپلىرى، تىڭشىغۇچ، توك قاچىلىغۇچ، ئۇچۇر سىم، قوللانما لار ئېچىلغان ئىشلىتىلمىگەن. ئۇنىڭدىن سىرىت يەنە ئۈستىگە چاپلانغىنىدىن سىرىت 2 يۈرۈش ئاسراش پەردىسى، ئاسراش غىلاپى، SIM كارتا قايچىسى (ئادەتتىكى SIM كارتىنى كېسىپ Mini SIM غا ئايلاندۇرىدىغان (كىسىلگەندىن كىيىنمۇ باشقا ھەرقانداق تېلفونغا سالغىلى بولىدۇ)) قوشۇپ بېرىمەن. ھازىرمۇ ھىچقانداق ئۇرۇلۇش- سوقۇلۇش يوق، ھەممە ئىقتىدار نورمال. باتارىيەدىمۇ خوراش بايقالمىدى. تۆۋەن ئۆلچەمدە 98% يىڭى دېيىشكە بولىدۇ. باھانى 4100 دەپ بېكىتتىم. كىرانى مەن كۆتۈرىمەن. سۈپىتىگە مەن كاپالەت بېرىمەن. مەسىلا بايقالسا مال قايتۇرىلىدۇ.

ئىھتىياجىق قىرىنداشلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلغاي. 淘宝 دا سودىلىشىش ئويى بارلار http://halastan.tabao.com/ دىن 4100 سوملۇق نەرسە سېتىۋالسىلا بولىدۇ. ئالاقە email: admin@../

ئەڭ سۈپەتسىز، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان 25 پارول

21- ئەسىر، ئ‍ۇچۇر دەۋرى، بىلىم دەۋرى،  پۇل دەۋرى،  پەن -تېخنىكا دەۋرى دەپ ئاتالغان ۋاقىتلاردا بىز تېخى كىچىكتۇق. مانا بىزمۇ «قاتارغا قوشۇلۇپ» سەپكە تىزىلىپتۇق.

ئەمدى بۇ دەۋىرنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن سۈرەتلەيدىغان بولساق ئىسمى – جىسمىغا لايىق «پارول دەۋرى». ھەممەيلەن توردا تۈمەن مىڭ خىل بېكەتكە كىرىمىز، ھەممىسى دېگۈدەك نەچچە يۈز خىل ئۇسلۇبتا بىزدىن ئابونت نومۇرى، پارول… قاتارلىقلارنى سوراپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇنى دېمەيلا قويىلى ، ئۆيدىكى بىخەتەرلىك ساندۇقى، بىخەتەر ئىشىك، ماشىنا ئۈسكىنىلەرنىڭ قوزغاتقۇچىسى، تېلفون- تىڭشىغۇچ … ھەممىسى دېگۈدەك «پاروللىنىپ» ئۈلگۈردى.

ارول بىزگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن تاماششا (ئۆلۈمدىن باشقىسى ھەممىسى تاماششا) سوۋغا قىلىدۇ. ئۆزىگە لايىق غەم- ئەندىشە ھەم ئاتا قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ھازىر بۇ پاروللار بىر بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ بىرىنى ئۇنتۇپ قالساق يەنە بىرى ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ. گەپ شۇ يەردىكى ئەڭ باشتىكى ، ئەڭ ھالقىلىق پارولنى قانداق بىكىتىش كىرەك؟؟

خوش، تەتقىقاتچىلار ھازىر نۇرغۇن سىتاتسىتىكا ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىشكە ئەڭ ئامراق « ئەڭ سۈپەتسىز، ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان 25 پارول» نى ئېلان قىپتۇ. قىنى كۆز يۈگۈرتىپ باقايلى:

1. password 2. 123456 3.12345678 4. qwerty 5. abc123 6. monkey 7. 1234567 8. letmein 9. trustno1 10. dragon 11. baseball 12. 111111 13. iloveyou 14. master 15. sunshine 16. ashley 17. bailey 18. passw0rd 19. shadow 20. 123123 21. 654321 22. superman 23. qazwsx 24. michael 25. football

يۇقارقى پاروللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاقلىقى (قانۇنىيىتى) بار. يۇقارقىدەك پارول سالغانلار تىزدىن ئۆزگەرتكەيسىزلەر. ماشىنىدا بىر تەكرارلاپ سىنىسا بىردەمدە چىقىپ قالىدىغان پاروللاردىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەمراھىنىڭ ئىسمى، يېشى، تۇغۇلغان كۈنى، تېلفون نومۇرى … قاتارلىقلار بار.

مىنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، پاروللىرى پۈتۈنلەي قىزلارنىڭ ئىسىملىرى. يەنە بىر بۇرادەرنىڭ پارولى تېخى دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ باش ھەرىپىگە بىردىن ناخشچىنىڭ ئ‍سمىنى قوشۇپ پارول ئىشلىتىدىغان. قارىغاندا بۇلارمۇ بولۇپ قويغۇدەك.

iOS 5 تە تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى ئېچىش

مەن تولۇق سۈرەت «全景拍照» ئىقتىدارىنى بۇرۇن Symbian نىڭ بۈيۈك ئىزباسارى Nokia E5 دا بەك ئىشلەتكەن.بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىشلىتىپ سۈرەت كۆزى ئارقىلىق ئەتراپىمىزىدىكى 360گىرادۇسلۇق مەنزىرىنى بىرلا رەسىمگە سىغدۇرغىلى بولىدۇ. يەنى، رەسىم تارتىش ئىقتىدارىنى ئېچىپ ئورنىمىزدا 360 گىرادۇس ئايلاندۇرساق ، ئىكرانغا كۆرۈنگەن بارلىق مەنزىرە بىرلا سۈرەتكە ساقلىنىدۇ(ئۇزۇنچاق بىر رەسىم چىقىدۇ). Googleنىڭ كوچا رەسىمى تارتىدىغان ماشىنا — GoogleCar لارغىمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدار ئورنىتىلغان ھازىر توردىنلا ئامېركانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلىرىنى نەخ مەيداندا تۇرغاندەك كۆرەلەيمىز.تېمىدىن چەتنىمەيلى.

 ئالدىنقى كۈنلەردىن تارتىپ نۇرغۇن بىلوگلاردا iPhone نىڭمۇ بۇ ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. چاتاق يېرى، تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولمىغان. سىناشقا ئۈلگۈرمەيلا بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرمىغان iPhone لارغىمۇ بۇ ئىقتىدارنى قوشقىلى بولىدىغانلىقدىن خەۋەر تېپىپ سىناپ مۇۋەپقىيەت قازاندىم.باسقۇچىنى ئورتاقلىشاي:

ئالدى بىلەن iBackupBot نى چۈشۈرىمىز.

ئاندىنiTunesئارقىلىقiPhone نى زاپاسلايمىز. جەريانى: iTunes دىكى iPhoneنامى ئۈستىدە مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىنى چەكسەك 备份 كۆرۈنىدۇ.

- كىيىنكى قەدەمدە iBackupBotنى قوزغىتىمىز. file نىڭ ئېچىدىن open nh تاللاپ  Library/Preferences/com.apple.mobileslideshow.plistدېگەن مۇندەرىجىدىن رەسىمدىكى زاپاس ھۆججەتنى ئاچىمىز.

- رەسىمدىكى ئورۇنغا EnableFirebreakYES   دېگەن كودنى قوشىمىز.

يۇقارقى باسقۇچ تامام. ئاندىن “Export”(输出) نى باسىمىز، كىيىنكى تاللاشتىن “Restore”(还原)نى بېسىپ بۇرۇن تاللىغان ھۆججەتنى قاپلىۋىتىمىز.

بىر ئاز ساقلايمىز. ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلكىگە ئاساسەن ۋاقىت كىتىدۇ.

مەشغۇلات تاماملىنىپ iPhone قايتا قوزغالغاندىن كىيىن سىنئ‍ىلىش تاللانمىسىدا 全景 دېگەن تۈرنى كۆرۈشكە بولىدۇ.


«مۇڭ» رومانتىك

خالاستان بىلوگى قۇرۇلغان دەسلەپكى بىر نەچچە ئايدا مەن ھەر ھەپتىسى بىردىن موڭلۇق مۇزىكا يوللاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا بىردىن موڭلۇق مۇزىكا مۇشۇ شەخسى تاراتقۇ ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشەتتى. ھازىر ئوقۇش پۈتۈپ ، ۋاقىت بىر قەدەر ئەركىن، شۇنداقلا ناھايتى ئالدىراش، تەرتىپسىز تۇرمۇش باشلىنىپ كەتكەچكە بۇرۇنقىدەك ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرالمىدىم.

بۈگۈن يەنە بارلىق ماتىرياللارنى رەتلەۋىتىپ قاتتىق دېسكىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە تۇرۇپ قالغان بىر نەچچە يىنىك مۇزىكا نى ئۇچراتتىم. مۇشۇ دەقىقىدە بىر تەرەپتىن ھوزۇرلانغاچ بىر تەرەپتىن تېما يېزىۋاتىمەن.

نامى «رومانتىك» دەپ ئاتالغان بۇ مۇڭنى نەۋرە ئىنىم بىر چاغدا كۆچۈرۈپ قويۇپتىكەن. ھەقىقەتەن يىقىمىلىق كۈي بولۇپ ، يۈرەك تارىمىزنى ۋىچچىكىشتىپ ئ‍وينىتىۋەتمىسىمۇ ھەرھالدا قۇلاققا ئوبدان ياقىدىكەن. قىنى دىققەت music دا بولسۇن!

Close[SWF] - رومانتىك

App Store جوڭگو بانكىلىرىنى قوللىدى

ئالدى بىلەن بارلىق apple پىروگراممېرلىرىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ iTunes ھىساباتىغا جوڭگونىڭ بىر نەچچە چوڭ بانكىسىنىڭ پۇل قاچىلاش ئېغزى ئ‍ېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.

جوڭگولۇق پىروگراممېرلار ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئىشقا كۆپ ئېنكاس يازغان ئاخشامدىن تارتىپ جوڭگولۇقلارمۇ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىلىرىنى خالىغانچە باغلاپ، ھەقلىق دېتاللارنى بىمالال سېتىۋاللايدىغان بولدى. جوڭگولۇق پىروگراممېرلارمۇ ھەقىقى يوسۇندا تېخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىغا مۇلازىمەت قىلالايدىغان بولدى.

بۇرۇندىن بىزگە ئوموملاشقان apple ID دا پەقەتلا ئىناۋەتلەك كارتا قوللايتتى. لىكىن نۇرغۇن جوڭگولۇقنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئۇقۇمى تېخى مۈجمەل، نۇرغۇن زىيالىيلارمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرەلمەيدۇ. شۇىڭ بىلەن جوڭگولۇقلارنىڭ  apple نىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى بولغان app store دىن بىر نەرسە سېتىۋىلىشتا كۆپ قىينالغان.

ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە قوللايدىغان بانىكلار : 招商银行、工商银行、建设银行、农业银行、浦发银行、光大银行、渤海银行、深圳发展银行、邮政储蓄、交通银行、中信银行(储蓄卡)、华夏银行、东亚银行、贵阳银行、锦州银行、稠州银行 .

بۇرۇنقى يۇمشاق دېتاللارنىڭ $ باھاسى بىلەن ¥ باھاسى ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش قائىدىسى

نۆۋەتتە بىر قىتىمدا قاچىلىنىدىغان پۇل سوممىسى پەقەت 50/100/300/500  سوممىلىق بولۇپ ئاشقىنى ھىسابتا ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ بانىكىلارنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۆۋەندە ئىشلىتىلىش ئ‍ۇسۇلىنى تونۇشتۇراي:

Windows ياكى Mac OS X دە iTunes App Store نى ئېچىپ ئوڭ تەەپتىن پۇل قاچىلاش دېگەن تۈرگە كىرىمىز.iPhone App Store نىڭ ئەڭ تۆۋەندىكى 精品聚焦 نىڭ ئاستىدىلا “充值” دېگەن تاللاش بار.

قاچىلىماقچى بولغان پۇل سوممىسىنى ۋە بانكىنى تاللىغاندىن كىيىن پۇل تاپشۇرۇش تاللاش كۆرسەتمىسى چىقىدۇ. ئادەتتە قىسقا ئ‍ۇچۇر ئارقىلىق جەزىملەشنى تاللىساقلار قولاي.

بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن iTunes ھىساباتىمىزغا پۇل قاچىلانغانلىق ئۇچۇى كىلىدۇ.

MAC OS LION گۈزەللەشتۈرگۈچى Lion Designer

ھازىر ئارىمىزدا MAC OS ئىشلىتىۋاتقانلار خىلى سالماقنى ئىگىلەپ قالدى. MAC OS نىڭ بىللە چىققان ئۇسلۇبى سەل يەككە رەڭلىك بولغاچ بەزىلەرگە يىقىمسىز تۇيۇلۇپ قالىدۇ. يىڭى چىققان lion سېسىتىمىدا گەرچە كۆپ يىڭىلىقلار بولسىمۇ ئاساسلىق ئۆزگىرىش كۆپ ئەمەس. بەزى گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن لازىملىق دېتال دەل—- Lion Designer 

مەن تونۇشتۇرغان بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سىستىمدىكى Dashboard/Mission Control قاتارلىق رايۇنلارنى گۈزەللەشتۈرگىلى، LaunchPad ھۆججەت قاپچۇقىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. لازىملار ئۈچۈن كىرىش بېتىنىڭ ئۇسلۇبىنىمۇ ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ.

ئورگان بېتى     بىۋاستە چۈشۈرۈش   تېخمۇ كۆپ يازمىلار