ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 11

iOS 5.0.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى

خۇش خەۋەر: 5.0 دىكىلەر سىمسىز نەشىر كۆتۈرسە 5 مىنۇتتىلا تاماملىنىدىكەن.

ھەممەيلەن كۆزىنى تىككەن iOS 5  بەزى ئىستىمالچىلارنى رازى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن apple بۈگۈن رەسمىي ھالدا 5.0.1 نى ئېلان قىلدى. بۇ بەلكىم ھازىرغا قەدەر يىڭىلىنىش ۋاقتى ئەڭ تىز بولغان بىر نەشىرى بولۇشى مۇمكىن. 5.0 نەشرى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تارقىتىلغان ئىدى.

بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى باتارىيە خوراش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت iPAD1 گە كۆپ قول ئىشراتى قوشىلىپتۇ. بۇلۇت ھىسابلاش تىكى خاتالىق تۈزىتىلىپتۇ. ئاۋېستىرالىيە ئابونىتلرىنىڭ ئاۋاز پەرق ئىتەلمەسلىك مەسىلىسى تۈزىتىلىپتۇ.

بۇ قىتىملىق نەشىر يىڭىلاش تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلارغا ماس كىلىدۇ:

• iPhone 4S
• iPhone 4
• iPhone 3GS
• iPad 2
• iPad
• iPod touch 4G
• iPod touch3G

بولاق چۈشۈرۈپ يىڭىلاش ئۈچۈن بۇ يەردىن ئورگان تەرەپ بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.ئەگەر ئۈسكىنە 5.0 نەشىر دە بولسا ئۈسكىنە نىڭ ئۆزىدە تۇرۇپلا نەشىر كۆتۈرسىڭىز تېخىمۇ تىزكەن. مەن iPhone4 نىڭ 5.0 دە تۇرۇپ سىمسىز نەشىر كۆتۈرۈش بۇيرۇقى بەرسەم چۈشۈرىدىغان ھۆججەت ئاران 41MB  ئىكەن. WiFi غا ئۇلاقلىق بولسىلا ئاپتوماتىك يىڭىلايدىكەن. تەرتىپى : 设置–通用——软件更新ئەسكەرتىش: بۇ نەشىرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى تېخى ئېلان قىلىنمىدى، شۇنداقلا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىمۇ يىقىندا چىقماقچى. قۇلۇپلۇق نەشىردىكى (美版)  ئۈسكىنىلەر نەشىر كۆتۈرمەڭ!

iPad نى كومپيۇتېرىڭىزدىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

ئەگەر سىزدە Apple نىڭ كوزۇرى بولغان iPadنى ئىشلىتىپ بېقىش  ئويى بولسا مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يەنى ھازىرلا سىناپ  كۆرۈڭ.

قېنى مەرھەمەت

«چۈشۈرۈش» Steve Jobs نىڭ تەرجىمىھالى

Steve Jobs نىڭ كىملىكىنى ھەممەيلەن بىلىپ كەتتۇق. لىكىن بۇ شەخىسنىڭ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان كەچمىشىنى ۋە 56 يىلىق قىسقىغىنا ئۆمرىدە ئىرىشكەن نەتىجە – ئۇتۇقلىرىنى بىر بىرلەپ سۆزلەش ھاجەتسىز. بۇ يىل ئەڭ كۆپ تىلغا چىققان شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرجىمىھالىمۇ يىقىدىن بىرى ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب بولۇپ قالدى.

مەن بۇرۇن Steve Jobs ھەققىدە يېزىلغان 活着就为改变世界 دېگەن كىتابنى يىقىن دوستۇم Uyson  نىڭ قولىدا كۆرگەن. مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى. Steve Jobs نىڭ ھاياتىدىن كىيىن تۇنجى ئۆزى ھوقۇق بېرىپ يازدۇرغان تەرجىمىھالى ”Steve Jobs“ مۇشۇ يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 10:05 تە دۇنيا بويىچە 10 نەچچە خىل تىلدا تەڭلا تارقىتىلدى. بۇ قەھرىمان 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغانىدى.

ھازىر قولۇمدا يۇقارقى ئىككى تەرجىمىھال بار. شۇڭا قىزىقىدىغان زىيارەتچىلەرنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن بوشلۇققا چىقىرىپ قويدۇم. چۈشۈرۈپ كۆرگەيسىزلەر. شۇندىلا بىر ئوقۇرمەننىڭ :“Steve Jobs نىڭ خاتالىقى ناھايتى كۆپ، ئەمما بىرلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يىرى شۇكى— ئادەمنى توغرا ئىشلىتىدۇ.“ دېگەن باھايىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز.

1.ئالدى بىلەن تەشەببۇس قىلىدىغنىم خەنزۇچە يىزىقتىكى 活着就为改变世界 نىڭ خەنچە PDF نۇسخىسى.

چۈشۈرۈش

2.تۆۋەندىكىسى ھازىر جوڭگودا ئەڭ كۆپ بازار تاپقان كىتاب  史蒂夫·乔布斯传نىڭ خەنچە PDF نۇسخىسى.

 

作  者:[美] 沃尔特艾萨克森Walter Isaacson) 著,管延圻等

出 版 社:中信出版社

出版时间:2011-10-1

  • 版  次:1页  数:541字  数:560000
  • 印刷时间:2011-10-1开  本:16开纸  张:胶版纸
  • 印  次:1I S B N:9787508630069包  装:平装
3. يۇقارقى كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە ئەسلى نەشرى . چۈشەندۈرىشى 2- تۈر بىلەن ئوخشاش. سىلىشتۇرۇپ ئوقۇش ئىھتىياجى بارلار ئۈچۈن.

«جىددى» ئەرزان iPhone4 سېتىلىدۇ

سالام بىلوگداشلار!

مەن كەڭ زىيارەتچىلەرنىڭ ئىھتىياجىغا يەنە بىر ئەرزان، ئىشەنچلىك iPhone4 تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ ئۈسكىنىنى مەن بەك ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇستاز سۈپەت دوستۇم ئىشلەتكەن. ئۆتكەن يىلى 5888 يۈەنگە 联通 مەخسۇس سېتىش دۇكىندىن سېتىۋالغان بولۇپ (正品行货).

 

iPhone4, 16G  نۆۋەتتە تىجارەتكە ئىقتىساد ئىھتىياجى بىلەن ساتماقچى بولغانىكەن مەن بىلوگىمغا يوللاپ قويۇشۇم. ئىشەنچلىك مال ئىزدەۋەتقانلار پايدىلانغاي.

ئۆتكەن يىلىنىڭ 44- ھەپتىسى زاۋۇتتىن چىققان. دوستۇم ئىشلەتكەن ۋاقىت تەخمىنەن 10 ئاي ئەتراپىدا. پۈتۈنلەي ئاسراش پەردىسى، ئاسراش غىلاپى بىلەن ئىشلەتكەن بولغاچ ھىچقانداق سۈرۈلۈش ئۇپراش يوق. بارلىق بولاق، ئورالما، قوشۇمچە ئۈسكىنىلىرىمۇ تېخى يىپيىڭىلا. باتارىيەسىدىمۇ ھىچقانداق سىغىم كىچىكلەش يوق. 95% يىڭى دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. پەقەت يىڭى بىر ئاسراش پەردىسى چاپلىتىپ يىڭى دەپ باشقىلارغا سوۋغا قىلسمۇ چانمىغىدەك دەرىجىدە.

قىسقىغىنە بىر يىلدىن بۇيان بىلوگدا نۇرغۇن مەھسۇلات ئۇچۇرلىرىنى قالدۇردۇم، مەندىن مال سېتىۋالغانلارنىڭ تېخى بىرەرسىمۇ سۈپەتتىن رازى بولماي قايتۇرغىنى يوق. ئىشەنچسىز نەرسىنى مەنمۇ تونۇشتۇرۇپ يۈرمىدىم. ماۋۇسى مەن ئۆزۈم نەچچە ئىشلەتكەن، سىنىغان، رازى بولغان iPhone. سۈپىتىگە يەنىلا خالاستان بىلوگى نامىدىن 6 ئايلىق كاپالەت بىرىمەن. باھاسىنى ئەسلى ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە يۇقىرى قويۇشنى ئويلىغان، ئەمما پۇلغا ئىھتىياج سەل جىددى بولغاچ 4000 سوم قىلىپ بىكىتتۇق. خىرىدارنىڭ ئىھتىياجى بويىچە ئازراق كىلىشسەك بولىدۇ. كىرانى بىز كۆتۈرىمىز.

ئىھتىياجلىقلار ۋاقتىدا مەن بىلەن ئالاقە قىلساڭلار، رەھمەت. Email,QQ ئوخشاشلا admin@../  تېلفون: بىر يۈز ئەللىك سەككىز،بىر مىڭ ئەللىك تۆت، بىر مىڭ سەكسان سەككىز.ھەركۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 0:00 دىن كىيىن تېلفون تاقىلىدۇ.

Mac mini توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار.

قايسى كۈنى توردىن  Mac mini توغرىسدا ئازتولا خەۋەر كۆرگەنتىم. apple شىرىكىتىنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتى بارلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمە ئىقتىدارلىرىنىڭ بارلىقىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن. شۇڭلاشقا توردىن ئازتولا ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم. ھەم توردا كۆرگەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يازما قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم.

Mac mini بولسا apple شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ mac كومپيۇتېرى  كاتېگورىيەسىنىڭ بىر ئەزاسى. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى تۇنجى نۆۋەت ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىخچاملىقى، كۆرىنىشىنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە قولىنىشچانلىقى بىلەن خېلى كۆپ بىر بۆلۈك ئىستىمالچىلارنى جەلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن. باشقا ئۈستەل كومپيۇتېرلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېغىمى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. apple تەرەپ خۇددىي ئۆزىنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىنى قەرەللىك يېڭىلاپ ئارتۇقچىلىق قوشۇپ تۇرغىنىدەك بۇ مەھسۇلاتىنىمۇ ئىزچىل يېڭىلاپ كەلگەنكەن.

ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ  سەپلىمىلىرى خېلىلا ئىلغار ئىكەن.مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ خۇددىي بىر كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ئاپراتىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئۈسكۈنە بولۇپ، پەقەت ئېكران، مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بولسىلا بىر كومپيۇتېر بولالايدۇ. يېڭى نۇسخىسىنى بەزى بىر تېلىۋوزۇرغا چېتىپ ئىشلەتكىلى بولامىش.

apple كومپيۇتېرلىرىنىڭ باھاسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولىشى، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى مۇنۇپۇللىقىغا چەك قويۇپ قويغانلىقتىن، بىرقەدەر ئەرزان بولغان بۇ مەھسۇلات ئوتتىرغا چىقىرىلغانكەن.مەن بۇ مەھسۇلاتنى كۆرۈپ ئىشلىتىپ باقمىغانلىقتىن مۇشىنچىلىك مەلۇماتقا ئېرىشەلىدىم. تورداشلاردىن ئىشلىتىپ باققانلار بولسا ياكى نەزەرى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولسا ئورتاقلاشساق.

Nezeri: خۇددى يۇقىردا ئېيتىلغاندەك apple شىركىتى بۇ مەھسۇلاتنى مەخسۇس ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش سىستىمىسى ئۈچۈن ئاچقان. بىر ئۆيگە بىرنى ئورنىتىپلا ئائىلە تورى ئارقىلىق پىرويىكسيىە ئاپپاراتى، باشقا ئىكران، كىنو قويغۇ، سىن قويغۇ… لارغا بىمالال ئۇلىنالايدۇ.

شۇنداقلا يىڭى apple غا يۈرۈش قىلغانلار ئۈچۈن ئاساسى ماشىنا، ياكى مۇلازىمتېر ئورنىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سەپلىمىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى. مەنمۇ دەسلەپتە مۇشۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالىمەن دەپ يۈرۈپ پەقەت ئىكرانى بولمىغاچ كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپسىز دەپ ھازىرقى  macbookpro نى سېتىۋالغان.

iPhone4 نىڭ باھاسى iPhone4 S تىن يۇقىرى

نۇر تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا مال كەمچىل بولغانلىقتىن، Apple  شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone4 نىڭ ئورگان تەرەپ بېكىتكەن باھاسى بىر پارچە قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالغان.تۈنۆگۈن(7-نويابىر) مۇخبىر بازار ئارىلىغاندىن كېيىن شۇنى بايقىدىكى، مال مەنبەسى جىددىيچىلىكى iPhone4نىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بەزى سېتىش نۇقتىلىرى ئېلان قىلغان باھا ھەتتا iPhone4S نىڭكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.

Apple شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى iPhone4S قا يۆتكەلگەنلىكى ئۈچۈن، مال مەنبەسىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈپ، iPhone4نىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتكەن. كۆپلىگەن تور سودىگەرلىرى ۋە دۇكان سارايلاردا مال تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، جۇڭفۇ ئېلىكتىر ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى سارىيىدا گەرچە ئاز مىقداردا بولسىمۇ، لېكىن قارا رەڭلىك 16G نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5780يۈەنگە، ئاق رەڭلىك نۇسخىسىنىڭ بولسا 6000 يۈەنگە يەتكەن.

مۇخبىر نىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتىكى بازاردا، iPhone4S نىڭ ئېلان قىلغان باھاسى 5500يۈەن ئەتراپىغا چۈشتى، ھەتتا بەزى سودىگەرلەر iPhone4 نىڭكىدىنمۇ تۆۋەن باھادا ساتماقتا.

Apple شىركىتى يىڭى مەھسۇلاتقا بازار مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن iPhone4 نى ئىشلەشتىن توختاتقان. شۇڭا بازاردا يىڭى مەھسۇلات چىقىشتىن بۇرۇن iPhone4 نىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن سىرىت ئىستىمالچىلارنىڭ قارىشىچە iPhone4 بىلەن كىيىنكى ئەۋلاد ئەقلىفون iPhone4 S نىڭ پەرقى ئۇنچە چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە iphone4نىڭ باتارىيەسى iphone4 S نىڭكىدىن 20 سائەت ئارتۇق يىتىدۇ. ھازىرقى شارائىتتا iPhone4 مۇ نۇرغۇن ئىستىمالچىلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ. شۇڭا قىممەت باھادا iPhone4 S سېتىۋىلشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

يىڭى ئەرمەك SIRI ھەققىدە ئاددى بايان

ئالدىنقى يازمىلىرىمىزدا iOS 5 نىڭ يىڭى ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولغان SIRI ئىقتىدارىنى دەپ ئۆتكەن. بۇ ئىقتىدار گەرچە بىزگە بىر نەچچە يىللىق يىراقتا بولسىمۇ ئازراق چۈشەنچە بىرەي.

بىچارە steve Jobs قۇرۇپ چىققان apple ئىكولوگىيسىگە ”ۋاكسىنا ئەملەپ“ تۇرىدىغان خاككېرلار ئالدىنقى ھەپتە siri نى iphone4كە قاچىلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كىيىن ھەممىنىڭ كۆزى بۇ نەرسىگە تىكىلدى. پاسىبان كىلۇبىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي چۈشەنچە بىرىپ ئۆتكەن. شۇ ئارلىقتا apple نىڭ مۇلازمتېرىمۇ بىر مەزگىل توختاپ كەتتى. تۈنۈگۈن يەنە بىر گوروھ siriنى بارلىق ios5 كە قاچىلىغلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتقان. بۈگۈنكى خەۋەردە تىڭشىغۇچنىڭ يىنىدىكى ئارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر سەزگۈرىنىڭ iphone4s تە داۋاملىق ئىجرا ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. باشقا ئۈسكىنىلەردە ئارلىق ئىنفىرا قىزىل نۇر سەزگۈرى ئادەم يۈزىگە يىقىنلاشقاندا ئاندىن قوزغىلىپ ئىكراننى ئۆچۈرىدۇ. ھازىر تەھلىلچىلەر بۇنىڭ SIRI بىلەن باغلىنىشى بولىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە. چۈنكى apple تەرەپمۇ ئىنىقلا قىلىپ siri نى iphone4s تىن باشقا ئۈسكىنىلەرگە قوشۇش پىلانىمىز يوق دېدى.لېكىن كىيىنچە قوشۇلۇش ئىھتىماللىقى يوق ئەمەس.

Close[SWF] - siri

SIRI ئەمىليەتتە ئابونت نوقتىسى (i فامىلىلىك ئۈسكنىلەر)، ئالما مۇلازىمتېرى (apple siri servers) شۇنداقلا ئۇچۇر مۇلازىمتىرى(Information Servers)دىن  تۈزۈلگەن.جەريانى: ئابونت نوقتىسى خالىغان مەزمۇندا ئاۋازلىق بىر بۇيرۇق بېرىدۇ. apple siri servers بۇ ئاۋازنى پەرقلەندۈرۈپ ئايرىيدۇ، شۇنداقلا ماس (Information Servers) غا ياكى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ(مەسىلەن تېلفون ئۇرۇش). (Information Servers) بۇ بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ماس ھالدىكى جاۋابنى ماشىنا ئادەم ئاۋازى ئارقىلىق قايتۇرىدۇ.

مەسىلەن: بىر ئەپەندىم siri نى ئېچىپ :“خالاستان بىلوگى قاچان قۇرۇلغان؟“ دەپ سورىسا ، apple siri servers ئالدى بىلەن بۇ ئەپەندىمنىڭ گېپىنى بىر تەھلىل قىلىپ ئاندىن (Information Servers) ئارقىلىق www.../ نىڭ تېزىملانغان ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئوخشاشلا بىزمۇ :“ئامېركىغا جوڭگودىن 2 كىلو پالەك يۆتكىسەك قانچە پۇل؟ يەنە ئازراق نەشەمۇ ئېلىۋالساق بولارمۇ؟“ دېسەك يەنىلا يۇقارقى جەريان ئارقىلىق جاۋاب قايتىدۇ.

يۇقارقىسى بىر مىسال، ئەمىليەتتە ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلۋاتقان ئىقتىدارى wikipedia دىن ئۇچۇر ئاقتۇرۇش، ھاۋارايى ، پايچەك سۈرۈشتۈرۈش، قاتناش- بىلەت زاكاس قىلىش، خىزمەت ۋاقتى تەكشۈرۈش… قاتارلىق. siri نىڭ مۇلازىمتېرى  (apple siri servers)  بولسا ئۆگىنەلەيدىغان بولغاچقا بۇرۇن سورالغان، جاۋاب بېرەلمىگەن سۇئاللار ئاپتوماتىك خاتىرلىنىدۇ ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇچۇر مىقدارى كۈنىسىرى قوشۇلىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم تۇرمۇش ئادەت سۆزلىرىمۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك  (apple siri servers)  غا قوشۇلۇپ تۇرالايدۇ.  (apple siri servers) بولسا siri نىڭ نېگىزى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا siri نىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى apple شىركىتى ئابونت نوقتىسىغا ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەيلا يىڭى ئۇچۇرلارنى تاغدەك قوشالايدۇ.

يۇقاردا ئېيتىلغان (Information Servers) دەك مۇلازىمتېرلار جوڭگودا ئاز ھەتتا يوق دىيەرلىك بولغاچقا ئۇزۇنغىچە بۇ ئەرمەكنىڭ بىزگە مۇلازىمەت قىلىشى تەس. بىز ھازىرچە چۈشۈنۈپ تۇرساق، ياكى بۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ يەرلىك مۇلازىىمتېر قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ “سىرى(سىر-مەخپىيەتنى بىلگۈچى)” نى ياراتساقمۇ بولىدۇ.بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازمىنى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ.

iPhoneدا يۈتۈپ كەتكەن 个人热点نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

ئالما ھەۋەسكارلىرىنى ئەڭ رازى قىلىدىغان مەھسۇلات iPhone. شۇنداقلا iPhone نى تېخىمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئېسىل» دېگەن نامغا  ئىگە قىلىدىغىنى دەل ئۇنىڭ باشقۇرۇش قولاي، ئىشلىتىش ئوڭاي بولغان قۇيما ئىقتىدارلىرىدىن بىر بولغان个人热点 ئىقتىدارى.

لىكىن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچى iOS5 كە كۆچكەندىن كىيىن ئەسلى 通用  تېزىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تېزىلىپ تۇرىدىغان شەخىس نوقتىسى (个人热点) نىڭ غايىپ بولغانلىقىنى بايقىغان.

个人热点 بولسا Appleدېكىلەر ئابونتلارنىڭ iPhone ئارقىلىق 3G سېگىنالىنى ئادەتتىكى wifi سېگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ ھەمبەھىرلىنىشى ئۈچۈن قوشقان بولۇپ، ئەسلى Android تىكى ئالقىشقا ئىرىشكەن ئەپ. Apple تەدرىجىي Android نىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ ئۈسكىنىسىگە بۇ ئىقتىدارنى قوشقان.

مەنمۇ نەشىر كۆتۈرگەندىن بىرى بۇ نوقتىغا دىققەت قىلمىغانكەنمەن. بۇ نەچچە كۈن ئۆينىڭ ADSL توختاپ كېتىپ قولۇمدىكى iOS5 كە ئەمدى كۆتۈرۈپ، تۈرمىدىن تولا قاچۇرۇپ ، ئاخىردا يەنە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇشقىچە قاچۇرماي ئىشلىتىش نىيىتىگە كەلگەن iPhone4كە ھاجەت چۈشتى.

بۇرۇن ناھايتى ئوڭايلا تاپقان 个人热点 نى ئىزدەپ تاپالماي قىلمىغان ئىش قالمىدى. ئاخىر ئىزدىنىپ يۈرۈپ بۇنىڭمۇ چارىسىنى تاپتىم. بىلوگداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي:

ئاۋۋال 设置->通用->还原 دېگەن تەرتىپ بويىچە 还原网络设置 دېگەننى تاللايمىز. ئاندىن ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئۇلاپلا 设置->通用->网络نى ئېچىپ 个人热点 نى قوزغىتىمىز . تامام.

يۇقارقى ئىقتىدار نورمال ئ‍شلىشى ئۈچۈن iPhone غا 3G تورىنى قوللايدىغان SIM كارتا سېلىنغان بولىشى كىرەك. جوڭگودا iPhoneقوللايدىغان 3G بولسا WCDMAبولۇپ، ھازىرقى بىرلەشمە خەۋەرلشىىشنىڭ 186 بىلەن باشلانغان نومۇر بۆلىكى.

iTunesدىكى نەشىر كۆتۈرەلمەسلىك خاتالىقىنى تۈزەش

يىقىندىن بىرى Mac OS بىلەن ئېتىشىپ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتتۈم. بۇ جەرياندا بەزى مەسىلىلەر باشقىلارغىمۇ، Windowsشارائىتتىمۇ يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغاچ تېما قىلىپ يوللاۋاتىمەن. ئوخشاش مەسىلگە يولۇققانلارغا ياردىمى تەگكەي.

ئۈسكىنىنى iTunes غا چېتىپ windows شارائىتتا Shift نى بېسىپ (Mac شارائىتتاOptionنى) نەشىر كۆتۈرۈش (ياكى ئوخشاش نەشىرنى قايتا يىڭىلاش) بۇيرۇقى بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك خاتالىق كۆرۈلسە

无法恢复iphone the device isnt eligible for the requested build

بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى تۆۋەندىكىدەك:

ئەگەر بۇرۇن 小雨伞 (ئېنگىلىزچە TinyUmbrella) دېگەن دېتال قاچىلانغان بولسا بۇ دېتالنى قايتا قوزغىتىپ advanced دېگەن تۈردىكى set hosts to cydia on exit  دېگەن تاللاشنىڭ ئالدىكدىكى تاللاشنى (بار بولسا) ئېلىۋەتسەك تامام.

ئەگەر يۇقارقى باسقۇچتىمۇ ئوڭشالمىسا تۆۋەندىكىچە مەشغۇلات قىلىمىز:

Windows  دىكىلەر: c%System32DriversEtc دېگەن مۇندەرىجىدىن Hosts دېگەن ھۆججەتنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ  74.208.105.171 gs.apple.comياكى 74.208.10.249 gs.apple.com دېگەن ئىككى قۇرنى ئۆچۈرۋەتكەي.

Mac OS X تىكىلەر بولسا : 实用工具-终端 دېگەن تەرتىپ بويىچە ئىجرا كۆزنىكىنى قوزغىتىپ sudo vi /etc/hosts نى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسا سىستىما پارولىنى سورايدۇ، كىرگۈزگەناىن كىيىن Host ھۆججەت ئېچىلىدۇ. ئاندىن i نى باسقاندىن كىيىن تەھرىرلەش ھالىتىدە تۇرۇپ 74.208.105.171 gs.apple.comياكى 74.208.10.249 gs.apple.com دېگەن ئ‍ككى قۇرنى تولۇق ئۆچۈرۋەتكەندىن كىيىن Escنى بېسىپ چېكىنسە(يەنە كىرگۈزۈش ھالىتىدە بولسا wqنى كىرگۈزىمىز) تامام.