ئامېركا يەرلىك ۋاقتى سائەت 10 دا apple شىركىتى ئۆزىنىڭ ”دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى يۆتكىمە مەشغۇلات سىستىمىسى“ دەپ ئاتالغان iOS6 نى ئېلان قىلدى. بۇ سىستىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بۇ قىتىملىق يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى. شۇنداقلا نۆۋەتتىكى كۆچمە ئۈسكىنىلەر جاھان تالىشىۋاتقان رىئاللىقتا تېخىمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ قىتىملىق WWDC دىن مەلۇم بولىشىچە SIRI غا كورىيەچە قاتارلىق بىر نەچچە تىل قوشۇلغان بولۇپ خەنچىمۇ بىللە قوشۇلغان. ھەم يۇمشاق دېتال قوزغىتىش، ئىزدەش ئىقتىدارلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.
يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا شۇكى، SIRI ئاخىرى iPad كە ئىشكىنى كىچىك ئاچتى. يەنى يىڭى iPad يىڭى مەشغۇلات سىستىمىسىدا Siri نى قوللىدى. لىكىن دېتال ئاچقۇچىلار چوقۇم iPad2,iPad1 دە ئىشلەيدىغان Siri نىمۇ ئېلان قىلىدۇ.
ماۋۇ ئالمىچاق سىستېما نەشىرىنى يېڭىلاۋىرىپ ئەجەپ زىرىكتۈردىغۇ ئادەمنى