ئەڭ يىڭى خەۋەرلەدىن مەلۇم بولىشىچە iOS 5.1.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش قورالى Absinthe 2.0 چۈشۈرۈشنى تەمىنلەپتۇ.
بۇ قېتىم ئالاھىدە ھالدا Windows,Mac OS,Linux تىن ئىبارەت 3 چوڭ مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئايرىم- ئايرىم نەشىر بولىقى تەمىنلىنىپتۇ.
شۇنداقلا Absinthe ئارقىلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئۇسۇللار ئىچىدە ئەڭ ئاسان (سىستىمىنى چۈشۈرۈپ بىرلا خەتنى بېسىپ) بولۇپ ھەرقانداق ئەقلى ئېىقتىداردىكى ئادەملەر تولۇق ھۆددىسىدىن چىقىپ كىتىدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگىمۇ بۇ ھەقتە بەك تەپسىلىي دەرىسلىك تەييارلىمايدۇ.
جەريانى مۇنداق:
ئالدىن بىلەن كومپيۇتېرىڭىزدا iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى قاچىلانغان بولسۇن. چۈشۈرۈڭ http://www.iTunes.com
قولىڭىزدىكى (../3585.html) دا كۆرسىتىلگەن ئۈسكىنىلىرىڭىزنىڭ نەشرىنى 5.1.1 گە كۆتۈرۈڭ (SHSH نى زاپاسلاڭ دەرىسلىك ../?s=shsh)
ئاندىن تۆۋەندىكى ئادېرىستىن ماس نەشىردىكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنى چۈشۈرۈڭ. كۆپىنچەيلەن Windows نى چۈشۈرسەكلا تامام.
دېتالنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بولاقنى چۈشۈرۈپ، شۇ پىتىچىلا پىرىسىتىن يېشىپ (باش مۇندەرىجىسى absinthe-win-2.0 بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېچىدە __MACOSX دېگەن ھۆججەت قاپچۇق ۋە absinthe-win-2.0.exe دېگەن ھۆججەت بولىدۇ. absinthe-win-2.0.exe نى ئىجرا قىلغاندىن كىيىن absinthe-win-2.0 دېگەن باش مۇندەرىجىنىڭ ئىچىگە absinthe-win-2.0 دېگەن مۇندەرىجىدىن يەنە بىرى پەيدا بولىدۇ. absinthe-win-2.0 نىڭ ئىچىدىكى absinthe-win-2.0نى) ئىجرا قىلىمىز. بۇ جەرياندا ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئۈسكىنە قايتا قوزغالسىلا ئىچىدە Cydia كۆرۈنىدۇ.
ئاخىردا ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ چۈشۈرگەن دېتالنىڭ كۆرۈنمە بېتىدىكى JailBreak دېگەن خەتنى(ئەمىلىيەتتە بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە بىردىنبىر باسقىلى بولدىغان خەتمۇ شۇ) بېسىپلا كۈتۈپ ئولتۇرسىڭىز بولدى. خوش، ئىشىڭىزنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن.iPad2 WiFi R2 new model ھازىرچە تۈرمىدىن قاچمايدۇ.
ئۇچۇرغان مەسىلىلەر خالاستان بىلوگى مەخسۇس ھەل قىلىش تېخنىكىلىق ياردىمى بېرىدۇ. ../?s=jailbreak
ئەسكەرتىش: تۈرمىدىن قېچىش سۈرىتىنىڭ تېز بولىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئۈسكىنىنى قايتىدىن 5.1.1 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن قاچۇرۇشىنى تەكلىپ قىلىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا Absinthe 2.0 نىڭ زاپاسلايدىغان ئۇچۇرلىرى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ Windows شارائىتىدا ئوڭايلا مەغلۇب بولىشى مۇمكىن.
Absinthe 2.0 چۈشۈرۈش ئادېرسى تۆۋەندىكىچە: ئادېرىسلارنى 迅雷 كۆچۈرۈپلا چۈشۈرۈڭ.
Mac OS ئۈچۈن
https://sites.google.com/site/greenpois0nabsinthe/absinthe-mac-2.0.dmg?attredirects=0&d=1
Linux ئۈچۈن
https://sites.google.com/site/greenpois0nabsinthe/absinthe-linux-2.0.tar.bz2?attredirects=0&d=1
Windows ئۈچۈن
https://sites.google.com/site/greenpois0nabsinthe/absinthe-win-2.0.zip?attredirects=0&d=1
ھەممىنى بىراقلا 迅雷 دىن چۈشۈرۈڭ http://kuai.xunlei.com/d/KWHSMMLEJYPU