بەلگە ئارخىپى: ipad 3

Pod 2g يىقىندا iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدۇ

بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا ئالدىنقى قېتىم ipad1/2 لەرنىڭ iOS نىڭ 5.0.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى تارقاتقان پارتىزان تېخنىك Pod 2g يىقىنقى بىر نەچچە كۈن ئېچىدە iPad 1/2/3 ۋە iPhone 4/4S لەرنىڭ 5.1.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە بارلىق ئۈسكىنىلەر 5.0.1 دە مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. iPad 2 ۋە The New iPad شۇنداقلا 5- ئەۋلاد iPhone ئاتالغان iPhone 4s لەر 5.1 دا تۈرمىدىن قاچمايدۇ، باشقا ئۈسكىنىلەر ئالما يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى مەشغۇلات سىستمىسى iOS نىڭ 5.1 ۋە 5.1.1 دا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ.

5.1.1 نىڭ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىنى سىناپ باققۇچىلار مەرھەمەت 

شۇنداقلا 5.1 نەشىردىكى ئۈسكىنىلەرنى shsh بار شارائىتتا RedSn0w0.9.11b4 ئارقىلىق 5.0.1 غا چۈشۈرۈپ تۈرمىدىن مۇكەممەل قاچۇرغىلى بولىدۇ. نەشىر تۆۋەنلىتىش دەرىسلىكى

5.0.1 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرىسلىكى 

يۇقارقى ئۈسكىنىلەرنىڭ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپلا تېخنىكلىرىمىز 5.1.1 غا ئۆتۈپ كەتتى. شۇڭا بىز ئۈچۈن 5.1 نىڭ كۆپ ئەھمىيىتى قالمىدى. نەشىر كۆتۈرۈش ئويىدىكىلەر ئويلىنىپ ئىش كۆرگەي. iPhone 3Gs  نىڭمۇ 5.1 دىكى مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىشى يوق. 5.1.1 دە يەنە قالدۇرلۇپتۇ. بۇنىڭغا يەنە بىر ئاز كۈتۈش كىرەك بولدى. مۇناسىۋەتلىك تورداشلار خەۋەردار بولغاي.

يىڭى iPad نىڭ 5.1نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى

تارىختىكى ئىكرانى ئەڭ سۈزۈك تاختا كومپيۇتېر دەپ ئاتالغان يىڭى iPad–خەنچە 全新iPad–ئېنگىلىزچە The New iPad. تۈنۈگۈنكى كۈندە رەسمىي بازارغا كىردى. بۇ ھەقتىكى يازما

مانا بىر كۈن ئۆتۈپلا داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى i0n1c  ئۆزىنىڭ Twitter دا يىڭى iPad نىڭ 5.1 نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىننى ئېلان قىلدى. مەنبە: http://www.weiphone.com/iPad/2012-03-17/i0n1c_confirmed_perfect_jailbreak_the_iOS_5.1_the_new_iPad__421209.shtml

شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە بارلىق i جەمەتى ئۈسكىنىلىرىنىڭ بارلىق نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. دەرىسلىكنى ۋاقتىدا يوللاشقا تىرىشىمەن.