ئايلىق ئارخىپلار: 2012-يىل 03

iOS نىڭ 5.1 نەشىر تۈرمىدىن قېچىشى ئالدىمىزدا

ئالدىنقى ھەپتە خالاستان بىلوگىدا iPhone,iPod Touch,iPad,iTV,iPodلارنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى ئاتالغان iOS نىڭ 5.1 نەشرىنىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى بەرگەنتۇق.

بۈگۈن تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلار يىڭى ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

دېيىلىشچە، ھازىرقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش بولسا Apple نىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار ئۈچۈن بېرىلگەن Apple Devoloper ID نىڭ بىر كىچىك يۇچۇقىدىن پايدىلىنىلغان بولۇپ بۇ خىل چارىنى قوللىنىش ئۈچۈن ھەر بىر تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىدا بىردىن Devoloper ID بولۇشى كىرەك. بۇ خىل ھىسابات نومۇرىنىڭ شەخىسلەر ئۈچۈن يىللىقى 99 $، شىركەتلەر ئۈچۈن 199$. دىيارىمىزدا تېخى قارلۇق شىركىتىلا بۇخىل ھىسابات نومۇرى ئىشلىتىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز يەنىلا ئادەتتىكى ئابونتلار ئۈچۈن ئېچىلغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىغا كۈتىمىز. ئ‍گەر بەك زۆرۈرىيەت بولمىسا 5.1 غا كۆتۈرمەي تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەلۋەتتە، نۆۋەتتە CPU سى A5 تىن تۆۋەن بولغان ئۈسكىنىلەر(يەنى iPhone4s,iPad , The New iPadتىن سىرىت)نىڭ 5.1 نەشىردىكى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چىقتى. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندا قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن بەزى ئىقتىدارلار نورمال ئىشلىتمەسلىكى مۇمكىن. كومىيۇتېر ئارقىلىق يىتەكلىگەندىن كىيىن يەنە ئەسلىگە كىلىدۇ. دەرىسلىكنى بۇ يەردىن كۆرگەيسىز.

新浪,腾讯لەرنىڭ مىكروبىلوگلىرى ئېنكاسنى تاقىدى

دىيارىمىزغا مىكروبىلوگ دېگەن نام بىلەن كىرگەن 微博 لارنى بەزىلەر ئەمدى كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق، بەزىلەر تېخى يىڭىچە.

مەملىكىتىمىزدىكى مۇتلىق كۆپ قىسىم تورداش كۈندە دېگۈدەك كىرىۋاتقان 新浪微博ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان 腾讯微薄 بۈگۈندىن باشلاپ كىلەر ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 8 گىچە ئېنكاس ئىقتىدارىنى تاقىدى. بۇ جەرياندا بۇ ئىككى بىلوگ بۇرۇنقى مەزمۇنلاردىكى قانۇن، ئەخلاققا خىلاپ، قۇتراتقۇلۇق خاراكتىرىنى ئالغان مەزمۇنلارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بارىدۇ.

ئاساسلىق سەۋەبىگە قارىتا كەسىپداشلار ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كىنوكەشلەردىن 舒淇,甄子丹,冯小刚لارنىڭ تورداشلار بىلەن ئىغىز جىڭى (مەنبەسى) شۇنداقلا كىيىنكى مىكروبىلوگدا تارقالغان «بېيجىڭغا قىسىم ماشىنىلىرى كىرىشكە باشلىدى، ئىش چىقىدىغان بولدى…» دېگەندەك سەپسەتىلەرمىش. قانداقلا بولمىسۇن نوپۇسى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان مىكروبىلوگلارنىڭ ئېنكاس ئىقتىدارىنى تاقىشى ئىنىقكى تور باشقۇرۇش، نازارەت ئىشلىرىنىڭ يەنە بىر بالداققا كۆتۈرۈلىشىدىن دىرەك بېرىدۇ.

بۇ جەرياندا SINA تورى چىقارغان يىنىك بىلوگ دا ئېنكاس چەكلەنمەيدۇ. ھەم باشقا تور بېكەتلەر نورمال ھالەتتە. مەزمۇنى

ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگلاردىن گۈدۈك، ئەلكۈيى مىكروبىلوگى، مىسرانىم مىكروبىلوگى… لارتېخى بۇ ھەقتە ھىچقانداق ئۇقتۇرۇش چىقارمىدى. بۇ قىتىملىق شامالدىن دىيارىمىزنىڭ ئەمدى ئىشى باشلانغان مىكروبىلوگلىرى شەپىسىز قالغاي.

 

يىڭى iPad نىڭ 5.1نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى

تارىختىكى ئىكرانى ئەڭ سۈزۈك تاختا كومپيۇتېر دەپ ئاتالغان يىڭى iPad–خەنچە 全新iPad–ئېنگىلىزچە The New iPad. تۈنۈگۈنكى كۈندە رەسمىي بازارغا كىردى. بۇ ھەقتىكى يازما

مانا بىر كۈن ئۆتۈپلا داڭلىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى i0n1c  ئۆزىنىڭ Twitter دا يىڭى iPad نىڭ 5.1 نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقانلىق خەۋىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىننى ئېلان قىلدى. مەنبە: http://www.weiphone.com/iPad/2012-03-17/i0n1c_confirmed_perfect_jailbreak_the_iOS_5.1_the_new_iPad__421209.shtml

شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە بارلىق i جەمەتى ئۈسكىنىلىرىنىڭ بارلىق نەشرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ. دەرىسلىكنى ۋاقتىدا يوللاشقا تىرىشىمەن.

يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن

گەرچە خالاستان بىلوگىدا ئالاھىدە تېما يوللانمىغان بولسىمۇ قىرىنداشلىرىمىز باشقا مەنبەلەردىن the new iPad نىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

Retina كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئ‍شلىتىلگەن بۇ iPad نىڭ باشقا سەپلىمىلىرى iPad 2 بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، ئەمما ئ‍چىكى ساقلىغۇچى، كامېراسى 2- ئەۋلادتىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى. ئىكران ئىنىقلىقى iPad 2دىن تۆت ھەسسە يۇقىرى. شۇنداقلا ھازىرقى سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان 4G تېخنىكىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئابونتلار تېىلىگىراف شىركەتلىرى تەمىنلىگەن LTE تورى ئارقىلىق 3G  دىن نەچچە يۈز ھەسسە تېز بولغان تور سۈرىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

the new iPad مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ جوڭگو شىياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا رەسمىي سېتىلىدۇ. شىياڭگاڭدا سېتىلىش باھاسى 3888 شىياڭگاڭ پۇلى. خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3164 يۈەنگە توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە بىر قىسىم رايۇنلاردىكى the new iPad نىڭ سېتىلىش باھاسىنى قالدۇراي.

تۇنجى تۈركۈمدە 3- ئەۋلاد iPad ھىسابلانغان the new iPad سېتىلىدىغان رايۇنلار: ئامېركا، كانادا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ياپونىيە، شىياڭگاڭ، سىنگاپور ۋە ئاۋېستىرالىيە.

3-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنە كىيىنكى تۈركۈمدىكى the new ipad  يەنە 25 دۆلەت، رايۇندا سېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاۋمېن بار. ئەمما تەيۋەن ۋە چپوڭ قۇرۇقلۇققا ھازىرچە ئۇچۇر يوق. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە 4-ئايلاردا كىرىشى مۇمكىنكەن. باھاسى ئەلۋەتتە 3888يۈن خەلق پۇلى بولىدۇ.

I0n1c دىكىلەر iOS 5.1 iPad 2 A5 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى

تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز چۈشىنىمىز. ئاددى تىل بىلەن ئېيىتقاندا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇقىنى مەجبۇرى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يىپىق مەشغۇلات سىستىمىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بىرىلغان بۇنداق بۇزغۇنچىلىق شۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ياراتقان ئىكولوگىيەنى بۇزۇش بەدىلىگە بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتى يارىتىدۇ.

ئالدىنقى قېتىم A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتلگەن iPad2 ۋە iPhone 4s تىن باشقا ھەممە ئۈسكىنىلەرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى چېقىپ، ئارقىدىنلار تارىختىكى ئەڭ ئوبرازلىق تۈرمىدىن قېچىش دېتالى ئېلان قىلىنغان. يەنى ئەڭ مۇكەممەل ھىسابلانغان A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ(SamSung ئىشلەپ چىقارغان) نى تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان.

ئالدىنقى كۈنى بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخىسسلەر گۇرۇپپىسى iPhone Dev team ھازىرقى ئەڭ يىڭى نەشىر 5.1 نى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرغانلىق خەۋىرىنى بەردى. لىكىن بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يەنىلا A5 دىن باشقا CPU ئىشلىتلگەن ئۈسكىنىلەرگىلا كارغا كىلەتتى.

بۈگۈن يەنە تۈرمىدىن قاچۇرۇش پارتىزانى I0n1c نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا A5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلتىلگەن iPhone 4s ۋە iPad 2 لەرنىڭمۇ تۈرمىدىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. iPad 2 گە نىسبەتەن تولا قوزغىتىش ئارتۇقچە بولغاچ بۇ خىل ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشمۇ ھەقىقەتەن خوشاللىنىلارلىق ئىش.

تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىلەرنى كۆرەيلى.

دېمەك، ھازىر Apple نىڭ بازاردىكى بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى چىقتى. تېخىمۇ مۇكەممەل نۇسخىسى ئېلان قىلىنسىلا خالاستان بىلوگى ۋاقتىدا ئاۋامغا ياڭرىتىدۇ.

ۋىدوۋستا epub كىتاب ياساش دېتالى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تورداشلار!

ئالما ئۈسكۈنىلىرىگە ئورگان تەرەپ تەشەببۇس قىلغان ئېلىكترونلۇق كىتاب شەكلى epub بولۇپ، كۆپىنچە خەنزۇچە تورلاردا ئۈگىتىلگەن ئۇسۇللار ۋە دېتاللار بىلەن ئۇيغۇرچە تىللىق epub كىتاب ياساپ چىققىلى بولمايدىكەن. (پەرىزىمچە تونۇشتۇرۇلغان دېتاللار يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولماسلىقى مۇمكىن.)

بۈگۈن تورداشلارغا ئۇيغۇرچە epub شەكىلدىكى ئېلىكترونلۇق كىتاب ياسايدىغان بىر دېتال تونۇشتۇراي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

مەك سېستىمىسىدا بۇ ئاسان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ۋىندوۋستا بۇ دېتالنى ئىشلىتىش بەك ئەپچىل ئىكەن.

sigil
بۇ ھەقسىز تارقىتىلغان دېتال بولۇپ، چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا. (چۈشۈرگەندە ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىغا مۇۋاپىقىنى تاللاپ چۈشۈرۈڭ)

http://code.google.com/p/sigil/downloads/list

سىز txt ياكى htm شەكىلدىكى ھۆججەتنى دېتالغا ئەكىرىپ ۋە epub شەكىلدە ساقلاپ چىقارسىڭىزلا بولىدۇ.

 

دىققەت:
1. سىز ئەكىرگەن ھۆججىتى يۇنىكود شەكىلدە بولىشى كېرەك. 写字板 دە ساقلىغاندە تۆۋەدىكىدەك unicode ئۆلچىمىدە ساقىنىشى كېرەك.

 

 

 

2. htm شەكىلدىكى ھۆججەتمۇ يۇنىكود ئۆلچىمىدە بولىشى ۋە word دا مۇنداق ساقلانغان بولىشى كېرەك.