گەرچە خالاستان بىلوگىدا ئالاھىدە تېما يوللانمىغان بولسىمۇ قىرىنداشلىرىمىز باشقا مەنبەلەردىن the new iPad نىڭ ئېلان قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
Retina كۆرسىتىش تېخنىكىسى ئشلىتىلگەن بۇ iPad نىڭ باشقا سەپلىمىلىرى iPad 2 بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ، ئەمما ئچىكى ساقلىغۇچى، كامېراسى 2- ئەۋلادتىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى. ئىكران ئىنىقلىقى iPad 2دىن تۆت ھەسسە يۇقىرى. شۇنداقلا ھازىرقى سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ ئالدى بولغان 4G تېخنىكىسى قوشۇلغان بولۇپ، ئابونتلار تېىلىگىراف شىركەتلىرى تەمىنلىگەن LTE تورى ئارقىلىق 3G دىن نەچچە يۈز ھەسسە تېز بولغان تور سۈرىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
the new iPad مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ جوڭگو شىياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردا رەسمىي سېتىلىدۇ. شىياڭگاڭدا سېتىلىش باھاسى 3888 شىياڭگاڭ پۇلى. خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3164 يۈەنگە توغرا كىلىدۇ. تۆۋەندە بىر قىسىم رايۇنلاردىكى the new iPad نىڭ سېتىلىش باھاسىنى قالدۇراي.
تۇنجى تۈركۈمدە 3- ئەۋلاد iPad ھىسابلانغان the new iPad سېتىلىدىغان رايۇنلار: ئامېركا، كانادا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە، شىۋىتسارىيە، ياپونىيە، شىياڭگاڭ، سىنگاپور ۋە ئاۋېستىرالىيە.
3-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنە كىيىنكى تۈركۈمدىكى the new ipad يەنە 25 دۆلەت، رايۇندا سېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدە ئاۋمېن بار. ئەمما تەيۋەن ۋە چپوڭ قۇرۇقلۇققا ھازىرچە ئۇچۇر يوق. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە 4-ئايلاردا كىرىشى مۇمكىنكەن. باھاسى ئەلۋەتتە 3888يۈن خەلق پۇلى بولىدۇ.
«يىڭى iPad نىڭ باھاسى 3164 يۈەن»نىڭ ئويلىغانلىرى بار