تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ دەرسلىكى كامىدا 4 قېتىم يوللاندى، نۇرغۇن بۇرادەرلەر دەسلەپكى DFU غا كىرىشتىن تارتىپ تىنەپ تەمىتىرەپ مەشغۇلات قىلىپ ھازىر مۇستەقىل تۈرمىدىن قاچۇرغىدەك بولۇپ يىتىشىپ چىقتى. كەسپىي بىلوگگېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەمىنە نەزەرىمۇ ئىنتايىن خۇرسەن.
ئەمدى تېمىغا قايتساق.مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئالما ھەۋەسكارلىرىغا shsh نى زاپاسلاشنى تەكىتلەۋاتىمەن. چۈنكى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم نەشىر نۆۋەتتىكى تېخنىكلار يىشەلەيدىغان دائىردە بولىشى كىرەك. بۈگۈنگە قەدەر ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان نەشرى 4.3.3 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن، نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان نەشرى 4.3.4 ۋە 4.3.5 . تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم SHSHبولىشى كىرەك.
توختىماي چالۋاقىغان shsh ھەققىدىكى بايانلىرىمنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز.
4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى ../2495.html
نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچتى دېگەنلىك مەلۇم ياماقنىڭ كەمچىللكى تۈپەيلىدىن ئۈسكىنە ئۆچكەندىن كىيىن قايتا قوزغىلالمايدىغان ھالەت. ئۆچۈرۈپ قايتا قوزغاتسا ئىكراندا بىر ئاق ئالما پەيدا بولۇپلا تۇرىدۇ.ھىچقانداق ئىنكاس كۆرۈلمەيدۇ. بۇنىڭ چارسى پەقەتلا Jailbreak مۇتەخىسسىلىرىنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى كۈتۈش، ئۇلار مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن ئۈستىدىن بىر قېتىم تۈرمىدىن قاچۇرۋەتسەكلا ئۈسكىنە نورماللىشىدۇ. بۇ جەرياندا ئۈسكىنىگە بۇرۇن قاچىلانغان ھىچقانداق ماتىريال يوقىمايدۇ.تۈرمدىن قاچۇرۇش مۇتەخىسىسىلىرى پەقەت پارتىزانلار بولۇپ ، بىرى ھەق بەرمەيدۇ،شۇڭا ئۇلارنىڭ قاچان تەتقىق قىلغۇسى كەلسە شۇ چاغدا تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلىدۇ. ئەسكەرتىش:4.3.5 ۋە 4.3.4 نىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىقتىدارى ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن.شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر 4.3.5 نى ياكى 4.3.3نى تاللىسا مۇۋاپىق.
تۆۋەندىكى يازمىلاردىن بەدىئىي زوق ئالاي دېسىڭىز ئاۋۋال ئۈسكىنە نەشىرنى 4.3.5 غا كۆتۈرۈپ ئاندىن تۆۋەندىكى دەرسلىككە ئوخشاش تەرتىپ بويىچە تۈرمىدىن قاچۇرۇڭ.../1509.html
دىققەت1: يۇقارقى دەرسلىكىتىگە ئوخشاش بارلىق دېتاللارنىڭ يىڭى بولىشىغا دىققەت قىلىڭ.
دىققەت2: redsnow نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .http://u.115.com/file/e6dk5w3c
دىققەت3: 4.3.4 ۋە 4.3.5 دىكى ئابونىتلار iTunes دا نەشىر كۆتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى چۈشۈرۈڭ (دىققەت نەشرى قانچە بولىشىدىن قەتئينەزەر redsnowدا تاللاپ بەرگەندە چوقۇم 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى كۆرسىتىپ بىرىڭ). چۈشۈرۈش ئادېرسى :http://www.app111.com/iOS.html#touch4
***********************************************************************************
ئەمدى سىزنى نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بولدى دەپ قاراپ نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىنكى قايتا قوزغىتىش ،كومپيۇتېردا يىتەكلەش جەريانىنى سۆزلەيمەن.
1)نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان 4.3.5 ۋە 4.3.4 دىكى ئابونتلار تۆۋەندىكى يۇمشاق دېتاللارنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ
1.iTunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى http://ad-apac.doubleclick.net/clk;232010527;55922606;w?http://www.apple.com.cn/itunes
2.ئۈسكىنىگە ماس 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى . نەشرىڭىز 4.3.5 ياكى 4.3.4 بولسا ئوخشاشلا 4.3.4 نىڭ نەشىر بولىقىنى چۈشۈرىسىز. http://www.app111.com/iOS.html#touch4
3. redsnow نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ .http://u.115.com/file/e6dk5w3c
4. بۇ باسقۇچ ئەمەس، ئەسكەرتىش: يۇقارقى دېتاللارنى كىيىن ھەر بىر قىتىم كومپيۇتېردىن يىتەكلىگەندە ئىشلىتىسز ، ساقلاپ قويۇڭ.تۆۋەندىكى باسقۇچ تېخنىكا!
5.redsnow نى قوش چېكىپ قوزغىتىڭ. Browse دېگەن تاللاشقا 4.3.4 نىڭ بولىقىنى كۆرسىتىپ بىرىڭ (دىققەت! ئۈسكىنە نەشرى 4.3.5 ياكى 4.3.4 بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا 4.3.4 نى تاللاپ بېرىسىز).
6. كىيىنكى قەدەمدە Just boot ththered right now نى تاللايسىز.
7. تۆۋەندىكى رەسىم كۆرۈنگەندىن
كىيىن ئۈسكىنىنى DFU ھالەتكە كىرگۈزىمىز.بۇ جەرياننى تۆۋەندىكى دەرسلىكتىن تەپسىلىي كۆرۈڭ ../32.html
8. يۇقارقى تېمىنى كۆرۈپ بولغان بولسىڭىز . iPhone نى ئۆچۈرۈڭ.
9. كومپيۇتېردىكى كۆزنەكتە Next نى بېسىش بىلەن تەڭلا ئۈسكىنىنى DFU ھالەتكە كىرگۈزۈشنى باشلاڭ. ئىكراندا ساناق ساناپ سىزگە كۆرسىتىپ قويىدۇ.جەمئىي 28 سىكونتلىق جەريان.
ئەمىليەتتە 8-،9- باسقۇچلار دەل DFUغا كىرىش جەريانى .مەن پەقەت ئايرىپ تەپسىلىي يوللاپ قويدۇم.بۇ باسقۇچنى بىر نەچچە قىتىم قىلسىڭىزلا پىشىپ كىتىسىز.
10. ئۈسكىنە DFU غا كىرگەندىن كىيىنلا ئىكراندا ئۆزگىرىش بولۇپ نورمال قوزغىلىدۇ.
قايتا نورمال قوزغالغان كىيىن ئاڭ ئاۋۋال Cydiaنى قوزغىتىپ ، تورغا ئۇلاپ يىڭلاڭ، ۋە Cydia ئشلىتىش دەرسىلىكى بويىچە مەنبە قوشۇپ قاچىلاش تەۋسىيە قىلىنغان تۆۋەندىكى دېتاللارنى قاچىلاپ چېقىڭ. نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا ئىمكان بار ئۈسكىنىنى ئۆچۈرمەسلىك كىرەك.