SHSHزاپاسلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى

بىز ئالدىنقى قېتىم ھەربىر ئالما ئىشلەتكۈچىسى ئۈچۈن چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بىرىنچى ئىش سۈپىتىدە shshنى زاپاسلاشنى ئۈگەتكەن.

تۆۋەندە ئۇنىڭدىمۇ قولاي بىر ئۇسۇل تونۇشتۇراي. بۇ خىل ئۇسۇلدا ناھايتى ئاددىيلا، ئۈسكىنىنىڭ ئۆزىدىلا تۇرۇپ SHSH نى زاپاسلىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا لازىم بولغاندا مۇناسىۋەتلىك SHSH بار نەشىرگە قايتۇرغىلى بولىدۇ.

ئالدى بىلەن Cydia غا http://apt.weiphone.com/ دىگەن ئادىرىسنى قوشۇڭ. cydia ئىشلتىش دەرسلىكى

ئاندىن Cydia دىن iSHSHit دەپ ئىزدەڭ. iSHSHit-固件证书备份 دىگەن دېتال كۆرۈنگەندىن كىيىن ئوڭ تەرەپ يۇقارقى بەلگىنى ئارقىمۇ-ئارقا بېسىپ قاچىلاڭ.ئىكرانغا iSHSHit-固件证书备份 نىڭ سىنبەلگىسى چىقىدۇ.

ئاندىن كۆرۈنگەن يۈزدىن

Firmware دىگەننى تاللاڭ.

كىيىنكى كۆزنەكتىن ALL Versions دىگەننى تاللاڭ.

ئۇنىڭدىن كىيىن چىققان كۆزنەكنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرسىدىن SAVE دىگەننى باسسىڭىزلا SHSH نى زاپاسلاشنى باشلايدۇ.

بۇ باسقۇچتا بىز ئاز ساقلىغاندىن كىيىن زاپاسلانغانلىق خەۋىرى ۋە تەپسىلىي ئۇچۇرى چىقىدۇ.

كۆزنەكنى ۋە دېتالنى ئۆچۈىۋىتىشكە بولىدۇ. زاپاسلانغان SHSH ھۆججەتنى ئاللىبۇرۇن Cydia نىڭ مۇلازىمتېىرىغا يوللاپ بولدى، بىزنىڭ قايتىدىن ساقلىشىمىز ھاجەتسىز.

«SHSHزاپاسلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى»نىڭ 7 ئويلىغانلىرى بار

  1. ماۋۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلكەن. SHSH نىغۇ Cydia مۇلازىمېتىرىغا زاپاسلاپتۇق، ئەمدىكى گەپ سېستېما نەشرىنى قايتۇرىدىغان چاغدا ئاشۇ زاپاستىن قانداق پايدىلىنىشتا قاپتۇ. ئەمىسە ئېغىر كۆرمەي ئاشۇنىمۇ … :oops:

  2. زاپاسلاشنىغۇ زاپاسلىدۇق؟ ئەمدى شۇ يۇقۇرى نەشىرگە كۆتۈرۈپ، تۈۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈشنى ئقنىقراق قىلىپ دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن نەزەرىجان؟

  3. مەن مەزكۇر تېمىدا كۆرسىتىلگەن دېتالدىن پايدىلىنىپ SHSH نى زاپاسلىدىم. بۇنىڭغا قانماي TinyUmbrella دىن پايدىلىنىپمۇ كومپيۇتېردا زاپاسلاپ چىقتىم. مېنىڭ زاپاسلىغىنىم iOS 4.3.2 نەشرى. زاپاسلاش نەتىجىسىگە قارىسام 4.1، 4.3.1، 4.3.2 ھەممىسى تۇرىدۇ. بىلمەكچى بولغىنىم. مەن 4.3.2 نى زاپاسلىسام ئالدىنقى نەشرلىرىمۇ زاپاسلىنامدۇ؟ مەسىلەن مەن 4.1 گىمۇ قايتالايمەنمۇ؟
    ئاخشام سىناپ باقاي دەپ مەغلۇپ بولدۇم.
    مەشغۇلات جەريانىم: ئالدى بىلەن ئايفوننىڭ نۆۋەتتىكى سىستېما نەشرى (4.3.2) SHSH زاپاسلىدىم. tinyumbrella-4.30.03 دىن ئۈستى تەرەپتىكى Enter Recovery نى بېسىپ يانفۇننى DFU ھالىتگە ئۆتكۈزدۈم. ئارقىدىن Start TSS Server نى باستىم. ئاخىرىدا ئايتۇنېسنى قوزغىتىپ Shift بىلەن زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشنى بېسىپ كومپيۇتېرىمدىكى ماس بولاقنى كۆرسەتتىم… ماس بولاق ئىچكى ساقلىغۇچقا ئۇزىتىلىپ بولۇپ 6014 (باشلىقىلىرى ئېسىمدە قالماپتۇ) خاتالىقى چىقتى. قاراپ باقسام مۇلازىمتېرغا ئۇلىنالمىدى دېگەندەك ئۇچۇركەن. مېنىڭ قەدەم باسقۇچۇم خاتا بولغانمۇ ياكى…

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: