ئالما سىستىمىلىرىنى نەشىر قايتۇرۇش ھەققىدە ئاددى ساۋات

بىلىك كۇلۇبىدىكى ئوخشاش ناملىق يازمامدىن ئۆزگەرتىلدى. ئالمىغا تېخى يىڭى تورداشلار تۆۋەندىكى بايانلاردىن ئالمىنىڭ نەشىر كۆتۈرۈش مىخانىزىمنى بىلىۋالسا ھەجەپ ئەمەس.

ipod,iphone,ipadغا بىز ئادەتتە سىستىمىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا قايتا قاچىلىيالايمىز. بىرى تۇنېس تا نەشىر كۆتۈرۈپ,更新دا پەقەت تۆۋەن نەشىردىن يۇقىرى نەشىرگە كۆتۈرىدۇ. بارلىق مەشغۇلات تۇنېس تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلىدۇ. بۇ جەريانغا بىز ساقال تارىيالمايمىز. ھەم قاراپ تۇرساقلا ھەممە ئىش تاماملىنىپ ئالما شۇنداق پەچەت ھالەتكە كىلىدۇكى، ناخشا ئاڭلىغىلى، بىر نەرسە كۆرگىلى، پۇلنى راۋرۇس خەجلەپ دىتال سىتىۋالغىلى بولىدۇ. مانا بۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالەت. شۇنداقلا ئەڭ بىخەتەر، ئۆلچەملىك ھالەت. ئەمما كەمبەغەللەرگە تازا ماس كەلمەيدىغان ھالەت. چۈنكى 2000 سوم خەجلەپ سىتىۋالغان نەرسىڭىزگە سىز خالىغان نەرسىنى ساقلىيالمايسىز. ئادەتتىكى يانفونلاردەك بىرىدىن بىرىگە ھۆججەت ماتىريال يوللاشقۇ تەس گەپ.  يۇقارقى جەريان نەشىر يىڭىلاش جەريانى ھىسابلىنىدۇ.

يەنە بىرى بولسا ئالما باش بىتىدىن ئالما غا ماس نەشىردىكى يىڭىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئاندىن تۇنېس تىكى 恢复دىگەن بۇيرۇق ئارقىلىق  بىز تۇنېس  تىن ئالما نى ئەسلىگە قايتۇرۇش بۇيرۇقى بىرىمىز. بۇنىڭدا يۇقىرى نەشىرگە، بولمىسا ئەسلى نەشىرگە قايتا قاچىلاش ئىلىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا بىزدىن قايتۇرىدىغان بولاق(بايام بىز چۈشۈرگەن) نى كۆرسىتىپ بىرىمىز. ئاندىن ئەگەر ئالما نىڭ نەشىر تەكشۈرۈش مۇلازىمتېرى تۇنېس نىڭ نەشىر تەكشۈرۈش تەلىپىنى كۆرۈپ ئالما نىڭ سىستىما ھالىتى، ۋە تىپىغا ئاساسەن نۆۋەتتە تەمىنلەنگەن (يەنى ھازىر 4.2 تەمىنلەنگەن ھالەتتە ) سىستىما نەشىر بىلەن بولاق نەشرىنى سىلىشتۇرىدۇ. ئەگەر بولاق نۆۋەتتىكى ئەڭ يىڭى نەشىر بولسا (ئالما نىڭ سىستىما نەشرى بىلەن كارى يوق) «ماقۇل» دىگەن بۇيرۇقنى ئالما نىڭ نەشىر تەكشۈرۈش مۇلازىمتېرى تۇنېس قا يوللاپ بىرىدۇ.كىيىنكى ئىشلارنى تۇنېس قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قايتا قاچىلاش پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئىلىپ بىرىلىدۇ.

بىز ئادەتتە تۆۋەن نەشىرنىڭ SHSHدىگەن خاسلىق ھۆججىتىنى زاپاسلاش ئىلىپ بارىمىز. مىسالەن: بىز 4.1 دىكى ھالەتتىلا ئالما نىڭ بىردىنبىر ئىچكى كودى قوشۇلغان(بۇ كودنى ئالما دىن باشقا ئادەم بىلمەيدۇ. ھۆججەت SHSHدىگەن نامدا بولىدۇ) ھۆججەتنى Cydiaدىگەن دىتال ئارقىلىق SHSHدىگەن كىڭەيتىلگەن نامدا ھاسىل قىلىپ ئالمادا تورغا چىقىپ Cydiaنىڭ مۇلازىمتېرىغا يوللاپ بىرىمىز. ھۆججەت ناھايتى كىچىك بولغاچ ئۇلار مۇشۇ ھەقسىز مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەن.
ئادەتتە نەشىر چۈشۈرگەندە SHSH ھۆججەت لازىم بولىدۇ.

خوش، SHSHدىگەن دەل مۇشۇ ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا ئىشلىتىمىز.  يەنى بىر ماس قاچىلاش  بولاقنى (بىز ئۆز ۋاقتىدا Cydiaغا تەمىنلىگەن نەشىر قايسى بولسا شۇ نەشىردىكى بولاقنى چۈشۈرىمىز. ئالما ئەڭ يىڭى نەشىرنى تەمىنلەيدۇ، شۇڭا بۇرۇنقى نەشىرنى 3 – تەرەپتىن چۈشۈرۈش كىرەك. توردا ساماندەك) چۈشۈرۈپ بولۇپ كومپيۇتېرنىڭ DNSدىكى ( نام يەشمە مۇلازىمتىرى بولۇپ. 223.45.64.23 دىگەندەك IP لارنى ماس ئادىرىسقا ئايلاندۇرۇپ مۇلازىمتېرغا يوللايدىغان مىخانىزىم) غا ئالما نىڭ نەشىر تەكشۈرۈش مۇلازىمتېرى ئۇلىنىدىغان ئادىرىسنى sydia غا ئۇلىندىغان قىلىۋىتىمىز.بىز 恢复بۇيرۇقىنى بەرگەندە تۇنېس ئاشۇ ئادىرس بويىچە نەشىر تەكشۈرۈش ئىلتىماسى يوللايدۇ. بۇ ئىلتىماس ئالما غا ئەمەس بەلكى Cydiaغا بارىدۇ.  Cydiaدىكىلەر تەكشۈرۈپ سىزنىڭ بۇرۇنقى SHSH ماتىريالىڭىز بولسا مۇۋاپقىيەتلىك بولدى دەپ  تۇنېس قا «ئالما نىڭ نەشىر تەكشۈرۈش مۇلازىمتېرى» نىڭ قىياپىتىدە تۇرۇپ «ماقۇل» دىگەن بۇيرۇقنى قايتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇنېس يەنە سىستىمىنى قايتا قاچىلاۋىرىدۇ. قاچىلاپ بولۇپ نەشىر تەكشۈرگەندە ئاندىن سىزدىن نەشىر كونىكەن يىڭىلامسەن دەپ سورايدۇ. بۇ سىزنىڭ نەشىر قايتۇرىشىڭىزنىڭ مۇۋاپقىيەتلىك بولغىغىنى بىلىدۈرىدۇ. ئاندىن سىز كونا ئۇسۇللار بويىچە ئالما نى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئىشلىتىۋىرىسىز.
ئەگەر SHSHدىگەن زاپاس ھۆججەت بولمىسا Cydiaمۇ ئالما باش مۇلازىمتېرنىڭ كود ئامبىرىدىن سىزنىڭ ماتىريالىڭىزنى ئىنىقلىيالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن  «ماقۇل» دىگەن بۇيرۇقنى بىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىستىما كەينىگە يانالمايدۇ

خوش، ئەگەر shshنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكى تېمىدىكى تەرتىپ بويىچە  shshنى زاپاسلىۋىلىڭ. مەنزىل:../852.html

«ئالما سىستىمىلىرىنى نەشىر قايتۇرۇش ھەققىدە ئاددى ساۋات»نىڭ 8 ئويلىغانلىرى بار

  1. 4.2.1 4 awlat . تېلفۇننىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىنى ئۆچۈرۈپ سېستىمىنى يىڭى قاچىلىغان ھالەتكە ئەكەلمەكچى. قانداق ئۇسۇل بىلەن قىلىمىز؟يول كۆرسەت سىڭىز…..

    1. ئەگەر تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئالما بولسا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە زاۋۇتتىن چققان ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ.
      设置-》通用-《恢复-《恢复全部设置和资料
      ئەگەر تۈرمىدىن قاچقان بولسا يۇقارقى ئۇسۇلنى قىلىشقا بولمايدۇ.يۇقارقى باسقۇچ تۈرمىدىن قاچقان ئالما نى قوزغالماس قىلىپ قويىدۇ.

        1. سىز مۇناسىۋەتلىك بولاقنى چۈشۈرىسىز.
          ئاندىن iTunesدا Shiftنى بىسىپ تۇرۇپ 恢复 قىلىسىز.
          مۇشۇ باسقۇچ ئارقىلىق بارلىق نەسىلەرنى ئۆچۈرۈپ سيىستېمنى قايتا يازغىلى بولىدۇ.

  2. تىخىمۇ تەپسىلى توختالسىڭىز بوپتىكەن. بولۇپمۇ نەشىرنى قايتۇرۇشنى ip ئادىرىسىنى قەيەرگە يازىمىز دىگەندەك بولسا رەسىملىك چۈشەندۇرۇش بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى. بىزدەك يىڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسپەتەن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: