ئالدىنقى قىتىم Steve Jobsنىڭ ئالما CEO ئورنىدىن سالامەتلىك سەۋەبىدىن چىكىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانتۇق. ئالاھەزەل ئۇزۇن ئۆتمەي زامان تەرىپىدىن ئۆزگىرىپ كەتمەي زاماننى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلىغان بۇ قەھرىمان بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.
شۇ سەۋەبتىن ئالما پېيى AAPL ۋاقىتلىق سېتىلىشتىن توختىدى. سەۋەبى: بۇرۇنقى CEO شۇنداقلا appleنىڭ تۈۋرۈكى ھىسابلانغان Steve Jobs نىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى شىركەت پېيىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشىشىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىشى مۇمكىن.قاچان قايتا ئەسلىگە كىلىشى ئىنىق ئەمەس. ئەلۋەتتە، iPhone4 تىن كىيىن كىشىلەرنىڭ يىڭىچە تەسەۋۇردىكى iPhone5 غا تەشانلىقىمۇ بۇ قىتىم تازا ياخشى قاندۇرۇلمىدى، پەقەت iPhone4 نىڭ بىر كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى بولمىش iPhone4s ئېلان قىلىندى.
بىز پەقەت يىراقتىن تۇرۇپ بۇ بىر دەۋر ياراتقان پىرسۇناژغا ھۆرمەت بىلدۈرەلەيمىز. كەتكەنلەر كىتىۋەردى، بىزمۇ ئۈزلۈكسىز ئالغا قارىمىساق بولمايدۇ.
Steven Paul ”Steve“ Jobs ھازىرقى زامان ئەركىسى Bill Gates بىلەن بىر يىل تۇغۇلغان(1955 – يىلى)، ئىككەيلەن نۇرغۇن قېتىم رىقابەتلەشكەن، كىيىن نۇرغۇن قىتىم دوستلىشىپ، نۇرغۇن قىتىم بىرلىكتە بىزگە مەنىلىك ياشاشنىڭ پەزىلەتلىرىنى بىلدۈرگەن. تۈنۈگۈنكى كۈندە مانا Bill Gates نىڭ Steve Jobs ئۈچۈن يازغان تەزىيە نوتۇقىنى كۆرۈپ ئاز قايغۇرمىدىم. كىشىلىك ئىززەت پىرىنسىپى بويىچە ھەممە ئادەمنى ئۆز خىلى بىلەن سىلىشتۇرىدىكەنمىز. مەنمۇ ئاتاماننى ئاتامان بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئاندىن Steve Jobs نىڭ ياشىمىقىنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى، ئۇ ياراتقان ئىستىمال قارىشىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدىم. نۆۋەتتە پەقەت مۇشۇ «apple» دەرىخىگە يامىشىپ جان بىقىۋاتقانلار دۇنيا نوپوسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان دۆلىتىمىزدىمۇ قەدەمدە بىر…
مەن بىلىكتە Steve Jobs توغۇرلۇق مۇنداق بىر ئىنكاسنى يازغىنىم ئىسىمدە:
مەن كىچىكىمدە ئۆيلەنمىگەن نىيوتۇننى، خوتۇن ئالالمىغان نوبىلنى، سوتسىيالىزىم تەرىپىدىن بۈيۈكلەشتۈرۈلگەن ئېينىشتىيىننى بەكراق تونۇيتتۇم.2005-يىللىرى سېتېفىن خاۋكىڭ نى ھەتتا ھايات ئېينىشتىيىن دەپ تونۇپ 6-7 سائەت قاتار تۇرۇپ خەلق سارىيىدا ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان لىكىسيەسىنى ئاڭلىغىنىممۇ مۇشۇ ئالىملارغا بولغان ھۆرمەتتىن دېيىشكە تامامەن بولاتتى. ھەم شۇلارنى مەلۇم ساھەنىڭ داھىيسى دەپ بىلگەن.
ھالبۇكى، مەن ئالما بىلەن تونۇشقان قىسقىغىنە 2 يىل ئېچىدە مۇشۇ شەخىسكە ھەقىقەتەن ھۆرمىتىم قوزغالدى. تەرجىماھالىنىمۇ ئوقۇپ كۆپ ئىلھام ئالدىم.بىر نىكاھسىز تۇغۇلغان،دادىسى تۈگۈل ئانىسىنىڭمۇ چىرايىنى بىلمەيدىغان، كۆپ ئالقىشقا ئىرىشەلمىگەن، دوستلىرى ئارسىدا دائىملا كەمسىتىلگەن، ماشىنا ساقلاش ئۆيلىرىنى تەجىربىخانا قىلىپ يۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، كىيىن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئاتالغان ئونىۋىرىستىتنىمۇ تاشلاپ ئىنقىلاپ خاراكتېرلىك ئىستمال بازىرنى ئاچقان، كىيىن يەنە ئۆزىنىڭ شىركىتىدىن قوغلىنىپ باشقا يول تۇتقان، يەنە كىيىن ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن قۇرۇق قاسقانغا ئايلىنىپ قالغان ئالماغا قايتىپ كەلگەن، بېل گەيتىسقا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ 150مىليون ياردەم ھەل قىلىپ شىركەتنى قايتا رەتكە سالغان…. مانا بۈگۈن «دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى»،«ئامىركا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىدىنمۇ پۇلى كۆپ»… دەپ ماختاپ ئۇچۇرلىۋاتقان «ئالما ئىمپىرىيىسى» نىڭ سەركىسى_____ سېتۋېن جوبسز.بەزىلەر ئۇنى دىننىي خاراكتىر كۈچلۈك، بۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر شۇنىڭ بىلەن بىر تائىپىدىن دەپمۇ قويىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ مىغىزىنى ئېغزىمىزغا سىلىۋىتىپ شاكىلىنى تاشلىۋەتسەك تامام. مەن ھەم ئۇنى ئالما داھىيسى دەپ تونۇدۇم.
شۇ نەتىجىدە دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن ياراتقان قىممىتى بەزى كىچىك دۆلەتلەرنىڭ GDP سىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى. ئالما مەھسۇلاتلىرىمۇ ئوخشاش ئىقتىدارلىق مەھسۇلاتتىن ئەرزانكى قىممەت ئەمەس! ئىشەنمىگەنلەر خالىغان بىر مەھسۇلاتنى چېقىرىپ باشقا ئوخشاش ئىقتىدارلىق مەھسۇلات بىلەن سىلىشتۇرۇپ باققاي.
ئەڭ مۇھىمى بوۋاينىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگىنى بىر خىل گۈزەللىك قارىشى، ئىستىمال قارىشى____ جان بېقىشنىڭ يەنە بىر يولى!
داھىي دەپ ئاتاشقا ئەرزىمدىكەن؟
ھازىر ئۇنىڭغا قايغۇرساقمۇ بەرىبىر، بىز ئۈچۈن كەشىپ قىلىپ بەرگەن ئېسىل سەنئەت ئىجادىيەتلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ ، ئىلھام ئېلىپ غەمسىز ھاياتنىڭ قەدرىگە يېتىپ ياشىماغلىقىمىز مۇقەررەر.
ئوكيان تورى بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بەردى:
نۆۋەتتە ئالما شىركىتى ئورگان تورىنىڭ باش بېتىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئورنىنى جوبىسنىڭ يوغان رەڭسىز رەسىمى ۋە ‹1955-2011› دېگەن يىلنامە ئىگەللىدى. تور بېكەتتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ بىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹ئالما شىركىتى ئالدىن كۆرەر، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، پۈتكۈل ئىنسانىيەت كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىساسلىق كىشىدىن ئايرىلىپ قالدى.›
مۇدىرىيەت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ جوبىسنىڭ تالانتى، ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قايناق ھېسياتى شۇنداقلا ئۇنىڭ كەسىپكە بولغان زېھىن-ئىشتىياقى يېڭىلىقنىڭ مەنبەسى ئىدى. شۇ يېڭىلىقلار بەدىلىگە ئىنسانىيەت مىسلىسىز گۈزەللىككە، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بولسا يېڭى بىر قەدەم ياخشىلىنىشقا ئىگە بولغانىدى.›
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجرائىيە ھەيئىتى كوك ئۆزىنىڭ ‹ئالدىن كۆرەر›،‹يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي› ئۇستازىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈردى.
سىتوۋ جوبىس 1955-يىلى 24-فېۋرال تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەرگە ئوخشاش تۇغۇلىشىدىنلا يىتىم ئىدى. ئەرەب قان سېستىمىسىدىن بولغان ئۆز ئاتا-ئانىسى ستېۋ جوبېسنى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا ھىسابلاپ باشقىلارغا بېرىۋەتكەن، تەربىيە ئاتىسى جوبېس ستېۋېننى 18 ياشقا كىرگۈزۈپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. ستېۋ جوبېس لاما دىنىدىكىلەرنىڭ بۇتخانىسىدا تاماق يەپ يىللارنى ئۆتكۈزگەن.
ستېۋېن جوبېس 1972-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئورىگن شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھىرىدىكى رىد ئىنىستىتۇتىدا بىر مەۋسۇملا ئوقۇغانىدى. 1974-يىلى ئۇ بىر شىركەتتە كومپىيۇتېر ئويۇنىنى لاھىيلەيدىغان خىزمەتكە ئىگە بولدى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن جوبىس 26 ياشلىق ۋودنىئاك بىلەن بىللە بىر ماشىنا ئىسكىلاتىدا ئۆزلىرىنىڭ ئالما شىركىتىنى قۇرۇشتەك ناھايىتى مۈشكۈل لېكىن ئۇلۇغۋار قەدىمىنى باستى. 1985-يىلىغا كەلگەندە ئۇ زۇڭتۇڭ رىگان تەرىپىدىن بېرىلگەن دۆلەت دەرىجىلىك تېخنىكا ئوردېنىغا ئېرىشتى. 1996-يىلى، ئالما شىركىتى ئۇنى قوشۇمچە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلدى. 1997-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە جوبىس يەنە قايتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە مۇدىرى بولدى. 1997-يىلى ‹دەۋر ژۇرنىلى› نىڭ مۇقاۋىسىغا جوبىسنىڭ كېلىشكەن قامىتى بېسىلدى. 2009-يىلى بايلىق ژۇرنىلىنىڭ ئامېرىكىدىكى يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان ئىزچىل نوپوزىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەڭ تالانتلىق CEOبولۇپ باھالاندى، شۇ يىلى يەنە دەۋر ژۇرنىلىنىڭ يىللىق داڭدار ئەربابى بولۇپ سايلاندى. 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى جوبىس باش ئىجرائىيە ھەيئەتلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىدى. جوبېس لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. 4 پەرزەنتى بولسىمۇ ئىدىيەدە كېلىشەلمىگەنلىكتىن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى قۇيۇق ئەمەس ئىدى. ستېۋ جوبېسنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ مال مۈلكى ئالما شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جوبىس كومپىيۇتېر ۋە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئاتاقلىق زات شۇنداقلا ئالما كومپىيۇتېرى، ipad 、iPod、iTunes Store、iPhoneقاتارلىق سېفىرلىق مەھسۇلاتلارنىڭ مەيدانغا كەلتۈرگۈچىىسى!
تۆۋەندە مەن Steve Jobs ھاياتى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي:
史蒂芬·保罗·乔布ئېنگىلىزچە:(Steve Jobs ) ئەپەندى 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى راك كىسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.
Apple Inc.نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، Pixar Animation Studiosنىڭ قۇرغۇچىسى.The Walt Disney Company نىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى.iPod、iTunes Store、iPhone、iPad قاتارلىق جاھانغا تونۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ باش لاھىيەلىگۈچىسى. شۇنداقلا ھازىرقى ئەڭ ئىلغان كومپىيۇتېر Macintosh نىڭ ئىجادكارى!
قىسقىغنا 56 يىللىق ھاياتىدا ئۇچۇرغان قىيىنچىلىقلىرى سانسىز، يولۇققان زەربىلەرمۇ ئاز ئەمەس. ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىدىنمۇ ۋاپا كۆرمىگەن بىر شەخىس، بىرەر يىقىن دوستىمۇ بولمىغان، مۇھەببەت تەمىنى تولۇق تېتىمىغان، ھايات لەززىتىنىمۇ كۆپ كۆرمىگەن، ئۆزى قۇرغان شىركەتتىن ئۆزى ھەيدەلگەن، يەنە كونا قاسقانغا ئايلىنىپ قالغان شىركەتكە 15 يىلىدىن كىيىن قايتىپ كېلىپ ئۇنى بىر ئېمپىرىيەگە ئايلاندۇرغان…. بۈگۈنكى كۈندە بىزگە يۇقىرى تېخنىكا ئىستىمالىنىڭ بىر ئابىدىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
خوش، ئالدىمىزغا قارايلى! Steve Jobs دەيدۇلەركى: «ھاياتىمىز دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن!»