[مۇڭ] كىلاسسىك مۇزىكا 琵琶语

قوشۇمچە:琵琶语(پىيىنىچە يېزىلىشى pipayu) دېگەنلىك 琵琶دا ئورۇندالغان ئەڭ ياخشى كۈي دېمەكچى. خەنلەردىكى ئورنى بىزدىكى تامبۇردا ئورۇندالغان دىل كۈيى نىڭ ئورنىدەك يۇقىرى. 琵琶 دېيىلگىنى خەنلەرنىڭ بىزنىڭ تامبۇرغا ئوخشاپ كىتىدىغان سازى(غەرپكە ساياھەتتە ساھىبجامال ئالۋاستى بىر چالسىلا 孙悟空دىن تارتىپ 唐玄奘 غىچە ھەممىسىنىڭ بېشى قىيىپ يېتىپ قالىدىغان ساز شۇ).تولۇقسىز مەلۇماتتا 琵琶نى غەربىي دىياردىن ئۆزلەشتۈرگەن دېيىلىدۇ. بەلكىم بىزنىڭ تامبۇردىن ئايرىلىپ چىققان سازدۇ. قىنى تامبۇرنىڭ دورالمىسىدا ئورۇندالغان مۇزىكىغا دىققەت قىلىلى.

Close[SWF] - 琵琶语

琵琶语 نامىدىكى بۇ مۇزىكىنى مەن بېيجىڭغا كېلىپ تەييارلىق ئوقۇش مەزگىلىمدە ئاڭلاش مەشىقى قىلىمەن دەپ كەچلىك پىروگرامما ئاڭلاپ يۈرۈپ يولۇقتۇرغان. ئەينى چاغدا يات مۇھىت،يات ئىددىيە بىلەن تىركىشىۋاتقان كۆڭلۈمگە بۇ مۇزىكىمۇ شۇنداق يات تۇيۇلغان. لىكىن مەن مۇزىكىغا ماسلاشتۇرۇلغان نەي ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا بۇ مۇزىكىنى ئاڭلايتتىم. كىيىن 经济之声نىڭ 《财富星空》پىروگراممىسىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ كەتتىم(بۇ پىروگرامما مەن ئاڭلىغان بىردىنبىر 1سائەتلىك ئاڭلىتىشقا ئېلان قوشمايدىغان پىروگرامما،تەۋسىيە قىلىمەن). شۇ پىروگراممىدىمۇ بۇ مۇزىكىنى تولا قوياتتى. مەن ئاڭلاپ يېتىپلا ئۇيقۇغا كىتەتتىم. كىيىن 安然(يۇقارقى پىروگرامما دىكتورى، ئاۋازى ھەقىقەتەن ياخشى)گە خەت يېزىپ بۇ مۇزىكىنىڭ نامىنى ساقلىۋالدىم.

مانا ھازىرغىچە ئاڭلاپ قويىمەن. خەنچە پۇراقتا ئورۇندالغان مۇزىكا، لىكىن يىقىملىق كۈيلەر تىنىچ كىچە ئاسمىنىدا ئادەمگە يىراق….يىراق…يىراقلارنى ئەسلىتىپ ئۈلگۈرىدۇ.

«[مۇڭ] كىلاسسىك مۇزىكا 琵琶语»نىڭ 11 ئويلىغانلىرى بار

  1. مۇشۇ 琵琶 بىلەن ئورۇندىغان 我爱你塞北的雪 دەيدىغان بىر مۇزىكا بار. 广交会 دە يەرمەنكىنى تاقىغاندا مۇشۇ مۇزىكىنى قويۇپ قوياتتى. شۇنداق مۇڭ…. ئەپسۇس ھەرقانچە قىلىپمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئورۇندىغان نۇسقىسىنى تاپالمىدىم.

  2. بۇ ساز ئەسلى قۇجۇدىن ئىچكىرىگە تارقالغان، تارىخى رومانلاردا مەھمۇد قەشقىرىمۇ مۇشۇ سازنى چېلىپ ئۆزى بىر ئۆمۈر قارلىقىنى تۇتقان سۆيۈملۈك نىگارى بىلەن بىللە ناخشا ئىيتقان ئىكەنتۇق( سىلە «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» نى ئوقۇشتىن بۇرۇن مەن «مەھمۇد قەشقىرى» ناملىق روماننى ئىككىنجى قېتىم ئوقۇپ تۈگەتتىم)…بۇ ساز كىيىن ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى مودىدىن قالغان بولسا كېرەك، مەن ھامىنى چېلىشنى ئۈگىنىمەن دەپ بەل باغلاپ بولدۇم!

    1. 维吾尔族琵琶手دەپ بىر شەخىس دۇنياغا تونۇلۇش ئالدىدىكەندە؟
      شۇنداق مالىماتاڭ خەۋەر چىقىپلا قالسا سەھرالىقكەن دەيمە ئەمسە.

  3. ئانچە-مۇنچە تارىخ ئۆگىنىپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق، بۇ بەرباب دېيىلىدىغان ساز، ھەرگىزمۇ تەمبۇردىن ئۆزگەرمىگەن. بەرباب قەدىمقى كۈسەن خاندانلىقىدىن ئىچكىرىگە تارقالغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: