ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 06

iCloud ھەققىدە چۈشەنچە

Cloud دىگەن سۆزنىڭ خەلقئارالىق تىرانسىپىكىرىيىسى [klaud] بولۇپ ئۇيغۇرچىدا «كلاۇد» قا يىقىنراق تەلەپپپۇز قىلىنىدۇ.apple نىڭ ئىېىسم قويۇش ئادىتى بويىچە ئالدىغا «i» قوشۇلۇپ ئاتىلىدۇ. ئاتاقتا «ئايكلاۇد» دەپ تۇرساق كۇپايە. بۇ مەھسۇلات apple نىڭ يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىلان قىلىنغان.

مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. . بۇ مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقى ئىشلەش جەريانىنى ۋە ئۈسكىنىدىكى ئورنىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

بۇلۇت ئۇقۇمىنى ئەڭ باشتا google ئوتتۇرغا قويۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلرىدىكى ئىزدەش، ئۆمۈچۈك مۇلازېمتېرلىرىغا ئىشلەتكەن، ھەمدە نامى CloudComputing  دەپ ئاتالغان ، «بۇلۇت ھىسابلاش» دېگەندەك مەنىدە. شۇنداقلا googleنىڭ chrome مەشغۇلات سىيستېمىسى ۋە شۇ ناملىق كومپيۇتېرلىرىمۇ بۇلۇت ھىسابلاش مۇلازىمىتىگە بىقىندۇرۇلغان مەھسۇلاتلار. بۇنىڭدا توپلاشتۇرۇلغان بىر مۇلازىمتېرخانىدىكى بىر نەچچە ھەتتا بىر نەچچە مىڭ كومپيۇتېر مەلۇم بىر ئابونتنىڭ بەلگىلىك ساندىكى ھىسابلاش مۇلازېمىتىنى ئەڭ تېز سۈرەتت، بايلىقنى ئەڭ تىجىگەن ئۆلچەم ئاستىدا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنى ئابونت ئۆزى سىزەلمەيدۇ، شۇڭا ئىنىقسىز بۇلۇت دىگەن نامدا ئاتالغان. ھەم بىز ئۆيدە ئىشلەتكەن توكتەك ئىشلەتكەن بايلىقى (مۇلازېمتېرنىڭ cpu ئىشلەش ۋاقتى) غا ئاساسەن ھەق تاپشۇرىدۇ.

amazon نىڭ بۇلۇت سۇپىسى ئاساسلىقى ساقلاش مۇلازىمتېرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ ئىشلەتكەن بوشلۇقنىڭ ئىقىمغا ئاساسەن ھەق تاپشۇرۇلىدۇ. چېقىمى كىلاسسىك مۇلازىمتېر قۇرغاندىن 10 ھەتتا 100 ھەسسە ئەرزان. جېك بىلوگى ھازىر شۇ بۇلۇت مۇلازىمتېرىدا. بۇ خىل مۇلازىمتېر شەكلى ئىلىمىزدىمۇ خىلى ئوموملاشتى، بىراق بۇ نەرسە ئىسمى جىسمىغا لايىق ئىنىقسىز-بۇلۇت بولۇپ تىگىگە يېتىش خىلىلا تەس، نورمال-بىخەتەر ئىشلىتىشمۇ قىيىن مەسىلە. شۇڭا نۇرغۇن پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى كۆپ مەبلەغ سىلىپ بۇلۇت سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. جوڭگوچە مائارىپنىڭ مەھسۇلى بولغان مەنمۇ ئەينى چاغدىكى «كومپيۇتېر تۈزۈلمىسى» دەرسىدە «بۇلۇت ھىسابلاش ھەققىدە» دەپ ماقالە تاپشۇرغان، ئەمما غايەت زور بۇلۇت ئالدىدا يەنىلا ئىنىقسىزلىق يوق ئەمەس.

apple نىڭ يىڭى ئەرمىكى بولغان iCloud بولسا يۇقارقى مەھسۇلاتلارنى ئەۋزەللكىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولۇپ بىخەتەرلىك جەھەتتە ھەقىقەتەن يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى دېسەك خاتا كەتمەيمىز.

iCloud مۇلازىمتېرى دەسلەپتە ئېلان قىلىغان مەزگىللەردە ئىشلەتكۈچىلەرگە ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، كىيىنچە يىلىغا 24.99دوللار ھەق ئىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكچە:

ئاپتوماتىك زاپاسلاش: ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۈسكىنىسىدىكى مۇزىكا، رەسىم، قوللىنىشچان دېتاللار (ئاتالمىش يۇمشاق دېتال) ۋە كىتاب قاتارلىقلار ئاپتوماتىك ھالدا apple نىڭ iCloud مۇلازىمتىرىغا زاپاسلىنىدۇ.ئەسكەرتىش: پەقەت iTunes دىن سېتىۋالغان نەرسىلەرلا ساقلىنىدۇ. ئەمىليەتتە ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن ئارتۇق بوشلۇق ئاجراتماي بۇرۇنقى iTunes ئامبرىغا ئۇلاپلا مۇلازىمەت تەمىنلەۋىرىدۇ، مانا بۇ بۇلۇت، ئېنىقسىز.

بۇلۇت نوقتىسى ھۆججىتى:  بۇ مۇلازىمەت ئىشلەتكۈچى iWork (مەك كومپىيۇتېردىكى wordيۇمشاق دېتالى) تا قورغان ھۆججەت ۋە تاراتقۇلارنى تورغا زاپاسلاش.

بۇلۇت نوقتىسى رەسىمى: ھەرقانداق بۇلۇت نوقتا قوللايدىغان i فامىلىسىدىكى ئۈسكنىلەردە تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا ساقلىنىدۇ. يىقىنقى 30 كۈنلۈك رەسىم iCloud تا ساقلىنىدۇ. ios تە بولسا 1000 تال رەسىم ساقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى ئۆزئارا ماسقەدەملەشتۈرگىلى بولىدۇ.

بۇلۇت iTunes: سېتىۋىلىنغان ناخشىلار بۇلۇتتا ساقلىنىدۇ، لازىملىق ئۈسكىنىگە خالىغانچە چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.

5GB بوشلۇق: ئىشلەتكۈچىنىڭ بارلىق ماتىرياللىرى، ھۆججەتلەر، سىستىما دېتاللىرى بۇ بوشلۇقتا ساقلىنىدۇ. سېتۋىلىنغان ناخشىلار بۇ بوشلۇقنى ئىگەللىمەيدۇ.

Mobile Me ناملىق ئېلخەت: XXXX@me.com نامىدىكى ئېلخەت ئادىرسى تەمىنلىدۇ. ئۇچۇر ئېتتىرىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئېلان قويۇلمايدۇ.

One More Thing: بۇ بۇرۇنمۇ ئېچىلغان مۇلازىمەت. iTunes Match نامىدىكى ناخشا ئىزدەش مۇلازىمىتى. چېقىرىلغان مۇزىكىلار ئادەتتە 256kbps كەڭلىكتە بولۇپ ئاۋاز سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە.

يۇقارقلار apple نىڭ بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىرىشكەن ئۇچۇرلار. Stave Jobs ئېيتىدۇكى :«كىيىنكى pc دەۋرىگە نىسبەتەن بۇرۇن iOS يوق ئىدى، كىيىن osx بولمايدۇ.» يەنى يۆتكەلمە ئۈسكىنىلەرگە بەكراق دىققەت قىلىپ، ئىشلەتكۈچىنى تەدرىجىي ھەركاتچان يىڭى مۇلازىمەتلەرگە يىتەكلەپ، ئۇچۇر ئامبىرىنى يۆتكىلىشچانلىققا يۈزلەندۈرۈش.

iCloud مۇلازىمەت كىرىش نوقتىلىرى كىيىنكى قىتىم ئېلان قىلىنىدىغان ios5 ۋە Lion غا سىڭدۈرۈلدى، ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكىنە نەشرىنى يۇقارقى نەشىرگە كۆتۈرگەندىن كىيىن بۇ مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ.

WWDC 2011 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە

2011-يىلى 6- ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە Apple شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئاچقۇچىلار يىغىنى(يىڭى تېخنىكا ۋە يىڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىنىدۇ)- WWDC (Worldwide Developers Conference)ئامىركىدا ئېچىلدى. بۇ يىغىن 14 يىلدىن بىرى ھەر يىلى بىر قىتىمدىن ئېچىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىننى appleنىڭ ئەڭ يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ئەڭ كاتتا مۇراسىمى دەپ ئاتاشقا ھەقلىقمىز. بۇ يىغىن ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى wikipedia دىن كۆرۈش مۇمكىن. بۇ يىغىنغا قارلۇق شىركىتىدىكىلەر 2007-يىلى تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۇيغۇر يىزىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ۋە تېخنىكىلىق مەسلىھەتلەرنى بىرىپ كەلگەن. پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنىڭ ئامىركىدىكى يىغىن ئەھۋالى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوكيان قامۇسىدىن كۆرگەيسىزلەر.

WWDC 2011 ھەقتە تور دۇنياسىدىكى خەۋەرلەرمۇ بەكلا كۆپ. كۆپ قىسىم تورداشلار مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلاردىن ئازتولا خەۋەر تاپقانمۇ بولدى. مەن نەزەرىمۇ مۇشۇ ھەقتىكى ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ يىغىنغا ھازىرچە قاتنىشىش نىسىپ بولمىغان(چوقۇم مۇمكىن بولىدۇ) بولسىمۇ ، نەخ مەيدان ئۇلاپ تارقاتمىسىنى كۆرۈپ چىقتىم، قاتتىق ھاياجان ئىچىدە appleنىڭ مەھسۇلاتلرىغا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئېشىپ، كۆز ئالدىم بىلەكچىلا يورۇغاندەك بولدۇم.

يىغىنغا يەنە بۇرۇنقىدەكلا staveJobs بوۋاي باشتىلا قىزغىن چاۋاكلار بىلەن كىرىپ كەلدى. بۇرۇنقىدەك پادىچىلار ئىشىتىنى، كىلاسسىك كۆزەينىكى…..بوۋاي قىرىپتۇ، ھالسىزلىنىپتۇ، كىسىلى تېخىمۇ ئىغىرلىشىپۇ…. خوش، يىغىن تەسۋىرى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن، تۆۋەندە ئوقۇرمەنگە نان بېرىدىغان مەزمۇنلارنى يازىلى.

WWDC 2011 ئاساسلىق مەزمۇنى شۇكى :

1.ئالما شىركىتى amazonۋە google دىن كىيىنلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇلۇت سۇپىسى iCloud نى ئېلان قىلدى.

بۇمۇ بىر خىل غايەت زور ھىسابلاش ماشىنىسى ئامبىرىنى ئىشلەتكۈچىگە تەمىنلەش مۇلازىمىتى بولۇپ ھازىرقى پىلاندا ھەقسىز ۋە ھەقلىق ئىككى خىل مۇلازىمەت ئېچىلغان. ھەقسىز سۇپىدىمۇ  itunes دىن چۈشۈرگەن بارلىق ناخشا-مۇزىكا، يۇمشاق دېتال ۋە بەلگىلەشلەرنى بۇلۇتقا ماسقەدەملەش تەمىنلىگەن بولۇپ سىسيتېما نەشىر كۆۈرۈلسە ياكى ئىشلەتكۈچى ئۈسكىنە ئالماشتۇرسا بىر ھىساب نومۇرى بىلەنلا ھەممە ماتىريالنى قايتا چۈشۈرەلەيدۇ. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ تەپسىلىي بايان ئايرىم تېمىدا.

2.apple يۆتكەلمە ئۈسكىنىلىرى ئۈچۈن يىڭى مەشغۇلات سىيستېمىسى iOS5 نى ئېلان قىلدى.

بۇ نەشىردە يىڭىلىقلار ھەقىقەتەن كۆپ. بۇلۇت ئىغىزى تەمىنلەنگەندىن سېرىت ئىشلىتىش قولايلىقى ۋە تورسىز كومپيۇتېر بىلەن ماس قەدەملەشتۈرۈش قاتارلىق يىڭىلىقلار قوشۇلغان.ئەسلى نۇرغۇن تەھىلىلچىلەر بۇ يىغىندا iPhone نىڭ 5-ئەۋلاد ئۈسكىنىسى iPhone4Sنى ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىغان، لىكىن مەزمۇت قەدەم بېسىشنى شەرت قىلغان apple يىغىندا بۇ مەھسۇلات توغۇرلۇق توختالمىدى، ئىنىقكى يۇقارقى يىڭىلىقلار ھەممىسى 9-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان iPhone4S ۋە يىل ئاخىردا ئېلان قىلىنىدىغان ipad3 دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ios5 تىكى يىڭىلىقلار ھەققىدە خالاستان بىلوگىدا ئايرىم تېما يوللاندى. مەنزىل

3. leopard دىن ھالقىغان LIon مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېلان قىلدى.

ھەممەيلەن بىلىمىز apple ئاچقان Linux نىڭ darwin نېگىزىدىن ئايرىلىپ چىققان MAC OS X بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشكەن مەشغۇلات سىيىستىمىسى. بۇ ھەقتە باياننى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. مەشغۇلات سىيستېمىسى پەقەت Macintosh قىلا قاچىلىنىدۇ. ھەم ھەقسىز ياكى ھەقلىق نەشىر كۆتۈرۈش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.

بۇ سيسستىما ئادەتتكى PC لارغا تەمىنلەنمىگەن، شۇڭا جوڭگودا بۇ سيىستىمىنى ئىشلىتىش شەرىپىگە ئىرىشكەن ئادەم بەكلا ئاز. ئۇيغۇرلار ئېچىدىمۇ پەقەتلا قارلۇق شىركىتى مۇنتىزىم ھالدا Macintosh مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق تەربىيلەش-سېتىش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىدۇ. چەتئەلدىكى تېخنىكلار pc غا قاچىلايدىغان يېشىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى تارقاتقاچ بەزى ھەۋەسكارلار ئۆزلىرى قاچىلاپمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ.تېخنىكا تەلىپى يۇقىرىراق، لىكىن قاچىلىمىسا iphone غا يۇمشاق دېتال يازىدىغان xCode نى ئىشلىتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا نەزەرى قاتارلىق ئالمىچىلار pcدا mac os x ئىشلىتىدۇ.

بۇ قىتىم ئېلان قىلىنغان نۇسخسىنىڭ نامى Lion — شىر. سېتىلىش باھاسى بۇرۇنقى نەشىرلەردىن تۆۋەنرەك، ئىقتىدارى جەھەتتە كۆپ بارماق ئورنى سېزىش، Mission Control(ئىجرا ۋەزىپە باشقۇرۇش)،Mac App Store، نەشىر كونتىرولى، ئۇچۇر ئەسلىگە كەلتۈرۈش… قاتارلىقلار ئىقتىدارلاردا ياخشىلىنىش بولغان. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي بايانلارنى خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس بولغان «شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى تور بىتى»(يىقىندا ئېچىلىدۇ)دىن كۆرگەيسىزلەر.

【Gulan】مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر

گۈلەن ئەپەندى ئىمزاسىدىكى بۇ ماقالە تورغا خىلى بۇرۇن يوللانغان بۈگۈن يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچىسىە قايتا تەھرىلىنىپ يوللاندى. ۇ ماقالە «ئامىركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» سەرلەۋھىسىدە يوللانغان، ئەھمىيىتى بار دەپ قارىلىپ ئايرىم تېما شەكىلدە يوللاندى.

كىرىش سۆز : مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە مەسلەك (ئىندولوگىيە) قىزغىنلىقى مىللەتنىڭ ”نۇقسان“ لىرىنى سازايى قىلىش ئەۋج ئالغان زامانلاردا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ قىزغىنلىقى ئۆيگە ئوغرى كىرسە ئوغرىنى تۇتماي ھەممەيلەننىڭ ”ئوغرى كەلدى!“ دەپ تۇشمۇتۇشتىن ۋارقىراشلىرىغا ئوخشاتقان ئىكەن. مەنچۇ 90-يىللاردا ئەۋج ئېلىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىدا مەسىلىنىڭ بايقالغانلىقى قىممەتلىك. ھازىرقى ئىزدىنىشلەر مەسىلىلەر بايقالغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك دېگەن تۇيغۇغا باغلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ.

مەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىدا مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنمىغان، بۈگۈنكى قارىغۇلارچە مەسلەك)  ئىندولوگىيە) قىزغىنلىقىغا يول ئاچتى دەپ قارايمەن. دېمەكچى بولغىنىم، مەسىلە كونكرېت تەھلىل قىلىنغان بولسا ھەل قىلىش چاقىلىرىمۇ كونكرېت بولغان بولاتتى- دە، كىشىلىرىنىڭ ھەممە مەسىلىگە بىر مەسلەكنى تەدبىقلايمىز دەپ تارتىشمىغا چۈشمىگەن بولاتتى. مەنچۇ ھازىر بىلگىنلەر قىلالايدىغان ئىش مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ئەندىزىلەرنى تونۇشتۇرۇش بولۇشى كېرەك. ۋاھالەنكى ھازىر ماڭا مەسىلىنى تەھلىل قىلىش ئەمەس مەسلىنى ھەل قىلىدۇ دەپ قارالغان مەسلەكلەرنى، بۇ مەسلەكلەنى ياقىلىغۇچىلارنى تەھلىل قىلىش ۋە مەسلەكلەرنىڭ كەلگۈسى رولى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. تۆۋەندىكى ھىكايەتلەر مەسلەك مۇنازىرىسى ۋە ئەۋلىيالىق، مەسلەك سۆيگۈسى ۋە ئەقلى تەپەككۇر، مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە روھى كەمتۈكلۈك قاتارلىقلارنى چۈشەندۈرۈشتە مىسال بولالايدۇ.

1. ئۈمىد غەنىنىڭ ھىكايىسىئۈمىت بىر پاراڭ ئارىلىقىدا دېدىمۇ يا شۇنداق بىر ھىكايە ئېلان قىلدىمۇ ئېنىق ئېسىمدە يوق. يادىمدا قېلىشىچە ھىكايە شەپكە سېتىۋالماقچى بولغان بىرسىنىڭ شەپكىنى قايەردە ساتىدىغانلىقىنى ۋە قانداق شەپكە ئالسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە دوستلىرىدىن مەسلەھەت سورىشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئېغىز ئاچقان بىرى شەپكە زادى ئۇيغۇرنىڭمۇ ئەمەسمۇ؟ شەپكە دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇيغۇرلار قاچاندىن باشلاپ شەپكە كېيىشكە باشلىغان دېگەن تېمىدا سۆز باشلاپ مۇنداق تەلىماتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. شەپكە دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئەمەس، بەلكى پرانسوزچە، شۇڭا شەپكە ئۇيغۇرنىڭ ئەمەس. شەپكىنىڭ ئۇيغۇرغا كېلىشى ئىككى تەرەپتىن بىرى روسسىيەدىن قېچىپ كەلگەن رۇسلار ئارقىلىق غۇلجىدىن تارقالغان، يەنە بىرى تۈركىيەدىن قەشقەرگە كەلگەن زىيالىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن قەشقەرگە تارقالغان. مۇستاپا كامال ئىستانبول قاتارلىق مەركىزى شەھەردىكىلەرگە قالپاق كېيىشىنى باشقا يەردىكىلەرگە شەپكە كېيىشنى بۇيرىغان شۇڭا ئۇيغۇرلار شەپكە كېيىشكە باشلىغان. يەنە بىر دوستى، بىز دېگەن مۇسۇلمان ناسارالارنى دوراپ شەپكە كەيسەك قانداق بولىدۇ. پەيغەمبىرىمزىمۇ شەپكە كەيمىگەن، شۇڭا شەپكە دېگەن مۇسۇلمان كېيىدىغان نەرسە ئەمەس دەپ پەتىۋا بېرىدۇ. يەنە بىر دوستى، قويۇڭلار مۇشۇ شەپكە دېگەن نەرسىنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابقىدا تۆت كونىنى يوقۇتىمىز دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايلىق دوپپىلىرىنىڭ ئورنىغا ماشرەڭ ئەسكەر شەپكىسى ياكى خەنسۇلارنىڭ قارا كۆك ئىشچى شەپكىسى ئومۇملاشتۇرۇلغان. نېمىشقا شۇنچە جىق دوپپا، تۇماق، تەلپەكلىرىمىز تۇرسا يەنە شەپكە كەيگىدەكمىز! ھەي مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىزە مەدەنىيەت ئىنقىلابى تۈگىگەنگە 30 يىلدىن ئاشتى، يەنە شۇ خەق كەيدۈرۈپ قويغان شەپكىنىڭ خىيالىدا يۈرگەن…بۇ مۇنازىرە بەك قىززىپ كېتىپ ”مەن“ نىڭ شەپكە ھەققىدە سورۇغان سۇئالى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. بېشى بەك توڭۇپ كەتكەن ”مەن“ ئامالسىز مۇنازىرىنىڭ ئاياقلىشىشىنى ساقلىمايلا كېتىپ قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

2. نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە بېيجىڭدىكى ھىكايەبىر ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مىسىرغا ئىلمىي زىيارەت ئۈچۈن بېرىپتۇ. شۇ چاغدا مىسىردىكى مەلۇم ئۇنۋېرىستىتتا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. مەزكۇر كىشى سىردىشىش جەريانىدا كۆپىنچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلدىن يېزىقچىلىق ساۋادى يوقلىقىنى بىلىپ ئېچىنىپتۇ. مەسلەھەت ئارقىلىق بىر يېزىقچىلىق سىنىپى ئېچىلىش قارار قىلىنىپتۇ. دەرس باشلىنىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن بالىلار ئازلاپتۇ. بىر كۈنى پەقەت بىر قانچىلا ئوقۇغۇچى كەپتۇ. سەۋەبى سورالغاندا ”مۇئەللىم سىزنى ناماز ئوقۇمايدىكەن، بۇنداق كىشىدىن دەرس ئېلىش جايىز ئەمەس دەپ بالىلار كەلمىدى“ دېگەن جاۋاپ چىقىپتۇ.بېيجىڭدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار ئىنگىلىزچە ئۆگەنمەكچى بولۇشۇپ بىر غەرپلىك ئوقۇتقۇچىنى تېپىپتۇ. ئوقۇتۇقۇچى تولىمۇ ئوبدان ئوگەتكەنمىش. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ خىرىستىيان دىن تارقىتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىنىپتۇ. شۇنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشنى توختۇتۇپتۇ.

3. كىم مۇسۇلمان؟مەن توردا ئۇنى بۇنى يېزىشقا باششلىغاندىن كېيىن بەزىلەرنىڭ دىنسىز دېيىشلىرىگە دۇچ كەلدىم. مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسجىدتىمۇ كىشىلەرنىڭ بىر بىرىنى دىنسىز دېيىشىكىنى ئاڭلىغان بولغاچ غەزىۋىم كەلسىمۇ سەۋرى قىلدىم. بىر ئۇيغۇر كەنتىدىكى مەسجىدتە كىمنىڭ ئىمام بولۇشى ھەققىدە تارتىشما بولۇپتۇ. ئىمام بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بىرى جامائەتكە رىقابەتچىسىنى ”بىز بىلەن بىر يولدىن ئەمەس، سالىھ مۇسۇلمان ئەمەس، چۈنكى…مەزھەپتىن“ دەپ گەپ تارقىتىپتۇ. دائىرىلەرگىمۇ بۇ ھەقتە دوكىلات سۇنۇپ مەسجىدنى تاقىتىپ قويۇپتۇ. ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى دېيىلگەن مۇنبەرگە تېما يوللۇسام دەسلەپ ئۆچۈرۈشتى، كېيىن قارىسام تور ئىسمىمنى كىرەلمەس قىلىپ تاقاپ قويۇپتۇ. ئۇ مۇنبەردە ”ئايالىمنى ئاپامغا ئوخشاپ قاپسەن دېسەم بولامدۇ؟“، ”جىننىڭ ئايالى، بالىسى بارمۇ؟“، ”خەنزۇ قىزنى ئالسام بولامدۇ“ دېگەن تېمىلار ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ”موھىم“ تېمىلارنى يوللىغان تورداشلار قارشى ئېلىنىپتۇ. مېنى تەئەجۈپلەندۈرگىنى توردا پەرقلىق پىكىردىكىلەرنى چەكلىۋەتكەن باشلىق بىلەن ئىماملىق تالىشىپ مەسچىتنى تاقىتىۋەتكەن ”باشلىق“ نىڭ قىلىقىدىكى ئوخشاشلىق. بەزىلەر مېنى خىرىستىيانغا چاپان ياپقان ناسارا چوماقچىسىغا چىقارغان بولدى. قىزىق يېرى مەن ئىشلىگەن ھېلىقى ئالى مەكتەپنىڭ دېڭ پامىلىلىك شۇجىسىمۇ مېنى پاكۇلتىتنىڭ يىغىنىدا ”خىرىستىيان دىنى ئورگىنىنىڭ يارىدىمى بىلەن ئامېرىكىغا كەتتى“ دەپ گەپ تارقىتىپتىكەن. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بىر مېنى دېڭ بىلەن شامال ئىسىملىك ئىككى مىللەتكە مەنسۇپ ئىككى كىشىنىڭ ئوخشاش شەكىلدە باھالىشى.

يۇقارقى ھىكايىلەرنېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

1. مەسلەك قىزغىنلىقى ئەمەس ئەۋلىيالىق داۋاسىبېشى توڭۇپ شەپكە ئېلىشنى ئويلاشقان كىشىنى مەسىلىنى بايقىغان كىشى دېسەك. دوستلىرىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى شەپكىنىڭ قەيەردە سېتىلىدىغانلىقى، قانداق شەپكە ئالسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەكلىپ بولۇشى كېرەك. ئەكسىچە گەپ شەپكىدىن يەنى كونكرېت مەسىلىدىن ھالقىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۆك تارىخى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نېمە كىيىپ كەيمەسلىكى، نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى سىياسى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرغا تەسىرى…قاتارلىقلارغا بۇرىلىپ كەتكەن. ئۈمىد غېنىنىڭ يازغىنى بىر ھىكايە لېكىن بۇنى تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ مەسىلە زادى نېمە، نېمە سەۋەپتىن كېلىپ چىققان، دائىرىسى، تەسىرى نەدىن نەگىچە، قانداق ھەل قىلىمىز دېگەندەكلەر ئويلۇشۇلماي تۇرۇپ مەسلەكلەر ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ. بىرسى ئاتا بوۋىمىز قانداق قىلغان دېگەندىن باشلىسا يەنە بىرى دىنىمىز قانداق ھۆكۈم قىلىدۇ دېگەنگە كىرىشىدۇ، بىرى قوشنىلار قانداق قىلغان بولغىيدى دەپ بولغىچە يەنە بىرى ھۆكۈمەت يول قويارمۇ دېگەن ساراسىمىگە چۈشىدۇ. نەتىجىدە مەسىلىنىڭ نېمىلىكى بىر چەتتە قېلىپ مەسلەكچىلەر ئۆز مەسلەكلىرىنىڭ دېپىنى داراڭلىتىپ چالىدۇ. بۇنداق شاۋقۇن سۈرەنلەر نەتىجىسىدە كۆرگىلى بولىدىغان مەسىلىنى كۆرۈنمەس مەسلەكلەر ئىچىگە غەرق قىلىشىۋېتىدۇ. بۇ يەردە شۇ نەرسە دىققەتكە سازاۋەركى ھىچقايسى مەسلەكچى مەسلىكىنىڭ توغرىلىقىنى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق ئىسپاتلاشنى، مەسلىكى ئۈچۈن يەككە يىگانە ئۈن تىنسىز ئىشلەشنى خالىمايدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر خۇپسەنلىك يوشۇرۇنغان. بۇ مەسلەك سەۋدالىرىنىڭ دېمەكچى بولغىنى بۇيرۇق مەندىن بولىدۇ، ھەرىكەت باشقىلاردىن بولسۇن دېگەندىن ئىبارەت. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئۇلار يا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان مەسلەك ئۈچۈن يەڭ تۈرمەيدۇ، يا ئۆزى خاتا دەپ قارىغانغا قارشى مەيدانغا سەكرىمەيدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىدى توغرا يولنى مېڭىپ كۆرستىش ئەمەس داڭلاپ تەسۋىرلەش. ئۇلارنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن قوغلۇشىۋاتقىنى  ئەتراپىغا بىر تۈركۈم قۇلاق موللىلىرىنى يىغىپ پىر ئەۋلىيالىق قىلىش ئارقىلىق قىممەتسىز ھاياتىنى ”خوش، خوش، ھەقراس“لار ئارقىلىق  قىممەتكە ئىگە قىلىش. بۇ يەردە مەسلەكچى ئىنساننىڭ قىلىۋاتقىنى ئۆزىنى خەلق مايىل بىر ئىدولوگىيەگە باغلاپ يۈز تېپىش. ئوقۇغان بىلگەنلىرىنى نامايان قىلىپ ئەۋلىيا بولۇۋېلىش. بۇ يەردىكى داۋا مەسلەك داۋاسى ئەمەس ئالىملىق، پىشىۋالىق، ئەۋلىيالىق داۋاسىدۇر.

2. مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە ئەقىلى تەپەككۇردىكى خاملىقئىككىنچى ھىكايىدە تىلغا ئېلىغان ئىشلار بەكمۇ قىزىقارلىق. بىرسىدە ئۇيغۇر تالىپلار بىر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىدىن ”ناماز ئوقۇمايدىكەن“ دەپ بىلىم ئېلىشتىن ۋاز كەچكەن بولسا يەنە بىرىدە ئۇيغۇر سىتۇدېنتلار“دىن تارقتىدىكەن“ دەپ ئۆگىنىشنى تەرك ئەتكەن. مەن ناماز ئوقۇمايدىغان ئۇيغۇردىن دەرس ئېلىشنى خالىمىغان كىشىلەرنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن يەھۇدىلار ئىچىدىكى خەت تونۇيدىغانلىرىنى مۇسۇلمانلارغا خەت ئۆگىتىش ھىسابىغا ئازات قىلىۋەتكەنلىكىنى ئويلۇشۇپ بېقىشقا ئۈندەيمەن. بۇ يەردىكى مەسىلە مۇئەللىمنىڭ ناماز ئوقۇماسلىقى بولسا، تەدبىر يىراقلىشىش، تاشلىۋېتىش ئەمەس ھەل قىلىش بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئۇيغۇر مىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئۇيغۇرئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە يېتىلگەن، ئۆسكەن بولىدۇ. ئەگەر شۇ داڭلىق دىنى ئۇنۋېرىستىتتا ئوقۇيدىغان تالىپلارنىڭ بىر ئۇيغۇرنى ئىبادەتكە دەۋەت قىلغۇدەك بىلىمى ۋە تىرىشچانلىقى بولمىسا ئۇلارنى ئۇ يەردە ئۆشرە-زاكات يەپ جان بېقىۋاتامدۇ-نېمە دېگەن گۇمانغا دۇچ كېلىمىز. بۆشۈكتىن تۆشۈككىچە بىلىم ئېلىش پەرز قىلىنغان مۇسۇلماننىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ”ناماز ئوقۇمايدىكەن“ دەپ ئىلىم ئېلىشتىن ۋاز كېچىشى ئادەمنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەي قالمايدۇ. مۇشۇ قائىدە بويىچە تەھلىل قىلغاندا ”خىرىستىيان دىنى تارقىتىدىغان“ لىقى گۇمان قىلىنغان ئوقۇتقۇچىدىن ئېنگىلىزچە ئۆگىنىشنى رەت قىلىشمۇ مەسىلىدىن قېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەزكۇر ئوقۇتقۇچى راستىنلا دىن تارقاتقۇچى بولغان تەقدىردىمۇ تەدبىر قېچىش، يىراقلاش بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھازىر دۇنيا بىر كەنت ھالىتىگە كەلدى. تۈرلۈك ئىددىيەلەر، مەسلەكلەرگە دوقارىشىپ تۇرۇشىتىن ھىچ كىم ساقلىنالمايدۇ. بۇرۇنقىدەك باشقا قاراشتىكى كىشىلەردىن يىراقلىشىش، ئۇچراشماسلىق ئارقىلىقلا ئىتىقادنى قوغۇداپ قالغىلى بولمايدۇ. سىز يۈزلىنىشتىن قورققان خىرىس ئەگەر بايقىمىسىڭىز كىنو، تىياتىر، زىننەت بويۇملىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ھاياتىڭىزنى ئۈنسىز تىزگىنلەپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ھىچ بولمىغاندا سىز قېچىۋاتقان نەرسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە باشلانغۇچ بىلىمدىن بولسىمۇ خەۋەردار بولۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئىككى ھىكايەتتىكى ئورتاق نوقتا ئۆزى توغرا دەپ قارىغان مەسلەكتە بولمىغانلاردىن قېچىش، ئۆز مەسلىكىگە رىقابەتچى چىقىپ قېلىشتىن قورقۇش، قىسقىسى ھەرقانداق ساھەدىكى بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرنى سىنايدىغان لوگىكىلىق تەپەككۇردىكى خاملىق بولۇشى مۇمكىن. مەنچۇ مەسلەككە بولغان سۆيگۈ ئەقىلىي قايىللىق بىلەن كۈچلەنمىسە رىقابەتكە، مۇنازىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەسلەككە خىرىس قىلىدىغان مەۋجۇد زىددىيەتتىن قېچىش مەسلەكنى خەققە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئەقلى تەپەككۇردىن يىراقلاشقانلىقنىڭ ئىسپاتى. مەسىلىلەرگە يۈزلىنىش، ئەتراپلىق ئىزدىنىش، قانداق ئىنكارغا قانداق رەددىيە بېرىش، قايسى باھانى قانداق تەنقىد قىلىش قاتارلىقلار لوگىكا تەلەپ قىلىدىغان جەريان. مەسلەكنى چۈمبەل قىلىپ مەسىلىنى كۆرمىگەنگە سېلىش، ياكى ئۆزىنى قاچۇرۇش مەسىلىنىڭ يوقلۇقىغا ياكى يوقالغانلىقىغا باراۋەر ئەمەس. شۇڭا مەسىلىگە يۈزلىنىش مەسلەك ھەققىدىكى چۈشەنچىنى ئارتتۇرىدۇ، تەپەككۇرنى بىلەيدۇ، سۆيگۈنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئەگەر يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان تالىپ ۋە سىتۇدېنتلاردا مەسلەك مۇنازىرىسىدە يېڭىپ چىققۇدەك بىلىم، شۇ بىلىملىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگىدەك تەپەككۇر قابىلىيىتى بولغان بولسا ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىگەن بولاتتى.

3. مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە پىسخىك كەمتۈكلۈكبەزىلەرنىڭ مۇنازىرىدە يېڭەلمىسىلا باشقىلارنى دىنسىزغا چىقىرىشى ھەسەتخورلۇقتىن. ئۇلارچە مەسلەكمۇ خۇددى يانچۇقىدىكى پۇلغا ئوخشايدۇ. ئۇلار مەسلەك ھەققىدىكى مۇنازىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشتىن خۇددى يانچۇقىدىكى پۇلىدىن ئەنسىرىگەندەكلا ئەنسىرەيدۇ. ئۇلارغا مۇنازىرىدە كىم ئۈستۈنلۈك قازانسا شۇنىڭ پۇلى ئۆزىدىن جىقتەك ھىس قىلىپ ھەسەتخورلۇق  قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خەقنى دىنسىز دېگىنى پۇلسىز دېگنى، ئۇلارچە پۇلسىزلار پۇل توغرىسىدا پۇلدارلار بىلەن مۇنازىرە قىلسا بولمايدۇ. مەسجىدنى تاقىتىۋەتكەن ۋە مېنى مۇنبەردىن قوغلىغان قىلىققا كەلسەك بۇنىڭدا ئەكىس ئەتكىنى مۇستەبىتلىك. بۇنداق كىشىلەر ئۆزى توغرا دەپ قارىغان يولنى مەسلەكتىكى يىگانە توغرا يول دەپ قارايدۇ. باشقىچە قاراش ۋە تونۇشلارنى قەتئى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە بۇ ھەقتە بىرەر ئېغىز گەپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىمۇ خالىمايدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن ئىستىبىداتلىق ئورنۇمغا ۋەھىمە كېلىدۇ-دەپ قورقىدۇ. ئۇلارغا مەسلەك نېمە بولسا، باشقا ئەگەشكۈچىلەر نېمە بولسا بەرىبىر پەقەت ئۆزى تەۋە بولغان يولغا دەخلى يەتمىسىلا بولدى. ئۇنداقلار ئۆزى تۇتقان يولنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق ھوقۇققا باش ئۇرۇشقا رازى. ناۋادا ئۇلارنىڭ قولىغا ھوقۇق تېگىپ قالسا قامچىسى قېرىنداشلارنىڭ بېشىدا ئوينايدۇ، خۇددى مېنى چەكلىۋەتكەندەك. ئاخىرقى مىسالدا ئەكىس ئەتكىنى مەنچىللىك. بۇنداقلارنىڭ مەسلەكچىلىك قىلىشىدىكى مەقسەد، شەخسىي خاھىشىنى ئادەم توپلاش ئارقىلىق كۈچكە ئىگە قىلىش، قانۇنىيلاشتۇرۇش. مەن بۇنداقلاردىكى مىكىرنى  شەخسى خاھىشىنى ۋە ئىززىتىنى مىللەتلەشتۈرۈش، دىنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشىش دەپ قارايمەن. مەسلەكچىلەرنىڭ يوللىرىنى ئەقلى تەپەككۇرغا سېلىپ قايىل قىلاررلىق بايان قىلىشنىڭ ئورنىغا ئادەم توپلاپ، ئۆزىگە پايدىلىق ئۇچۇرلانى يىغىپ، داڭلىقلارنى شىپى كەلتۈرۈپ ۋە ھەتتا ھوقۇقلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىپ كۈچ پەيدا قىلىشلىرىدىنلا ئۇلار قوغۇدۇلۇۋاتقان نەرسىنىڭ مەسلەك ئەمەس شەخسى ئىززەت ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مەنچۇ ئاقىللارغا شامال ئىسىملىك بىر تورداشنىڭ مېنى خىرىستىيانغا چىقارغىنى بىلەن دېڭ شۇجىنىڭ خىرىستىيانلارغا باغلىشى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىقنى يازمىساممۇ پەملىيەلەيدۇ.

مەسلەك قىزغىنلىقىنىڭ ئاقىۋىتى

دىننى سۈيئىستىمال قىلىشئۇيغۇر كەنتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق ئىش بولۇپتۇ. كەنتتىكى بىرسىنىڭ قورۇقىغا دېھقانلارنىڭ قويى كىرىپ كېتىپتۇ. قورۇق خوجايىنى قويلارنى قەستەن قوغىلىغان بولۇپ ئارا سانجىۋېتىپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان دېھقان بىر ئىككى مۇش سالغان چېغىۋا، دېھقانمۇ ئارا يەپ ئۆيىگە قېچىپ كەپتۇيۇ، ئارا رەئىس ئەزالارنى زەخمىلەندۈرگەچكە دوختۇرغا بارغىچە قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. مەھەللىدىكىلەر بۇ ئىشتىن غەزەپلىنىپ ھېساپلاشقىلى قورۇققا ماڭغاندا داموللام ئارىغا چۈشۈپ دېھقانلاردىن سوراپتۇ.-سىلەر مۇسۇلمانمۇ؟-ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمىز.-جاننى كىم بەرگەن، كىم ئالىدۇ؟ -ئاللاھ بەرگەن ئاللاھ ئالىدۇ.ئۇيغۇراخۇننىڭ جېنىنى ئاللاھ ئالدى، تەقدىرىگە شۇنداق پۈتۈگلۈككەن،  سىلەر ئاللاھ ئالغان جان ئۈچۈن بەندىدىن ھىساپ ئالماقچىمۇ؟ ۋەز، تەبلىق شۇنداق تەسىرلىك داۋام قىلىنپتۇكى بىچارە دېھقانلار خاتا قىلغانلىقىلىرىغا تۆۋبەلەر ئوقۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. مەن بۇنى بېيجىڭدا چىقىدىغان ئېنگىلىزچە ژورنالدىن ئوقۇغان. كېيىن مۇنداق ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ”مىيىت قونسا بولمايدۇ“ دەپ دېلو تۈزۈك تەكشۈرۈلمەي تۇرۇپلا جەسەت يەرلىككە قويىۋېتىلىدۇ. بۇ جاۋاپكارلارنى كارامەت خوش قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ”ئۆلدى كەتتى، ئەلھۆكمىلۇللاھ“ دېيىش توغرا، ھۆكۈم ئاللاھتىن. ئەمما ئىلاھى ھۆكۈم ئىتىراپ قىلىنمايدىغان، ئەپۇچانلىق ئاجىزلىق سانىلىدىغان ئاچچىق ئەمەلىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتقانلار ئاقىۋەتتە قاتىللىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. قاتىللىق مۇشۇنداق ئەمەلىيەتنى تونۇمايدىغان مەسلەكچىلىكنى سۈيئىستىمال قىلىدۇ. بۇندىن باشقا ”ياخشى ئۇيغۇر دىيانەتلىك ئۇيغۇردۇر“ دېگەن ئەنئەنىگە بەكرەك مايىل بولۇۋىدۇق توي خېتىنى ھارام دەيدىغان موللىلار، قىزلىرىمىزنى ئىككىنچى خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېلىشەلمىسە ”ئاللاھ بۇيرۇماپتىكەن“ دەپ تاشلىۋېتىدىغان ھاجىملار، يالغۇز يۈرسە گۇناھ دەپ سىتۇدېنت قىزلىرىمىزغا مەھرەم بولىدىغان قارىملار پەيدا بولدى. بۇ ئىشتا شەرىئەت مەجبۇرلاش كۈچىگە، قانۇنى سالاھىيەتكە ئېگە بولمىغان زېمىندا كالامىمىزدا دېيىلگەن مەزمۇنلارغا لايىق ياشاپ بولالمايدىغانلىقىمزنى سۈيئىستىمالچىلار بىلىپ تۇرۇپ خۇپسەنلىك قىلىشتى. ئىپادە ھۆرلۈكى بولمىغان ئىقلىمدا ياخشى نىيەتتە تەرغىپ قىلىنغان مەسلەك قىزغىنلىقى دائىم سۈيئىستىمال قىلىنىشتىن خالى بولالمايدۇ. بىز ئەگەر تۆمۈر خەلىپىنىڭ لىشىڭفۇنىڭ قولىدىكى قۇرئانغا قانداق ئالدانغانلىقىنى خاتىرلىسەك، ھېلىقى داموللامنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىنىمۇ چۈشىنەلەيمىز. ھەمدە مەسلەكنىڭ بىر قورال ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئۈنىمى قوللانغۇچىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمىز. مەسلەكنى ئاشكارە چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى كىملەرنىڭ قولىغا مەركەزلەشسە شۇنىڭ ئارزۇسىغا لايىق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى سىر بولماسلىقى كېرەك.

پىرىنسىپسىز ئاق كۆڭۈللۈك  ۋە ساختىپەزلىكئۇيغۇر تارىخىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان روزا موللا، مەمتىلى تەۋپىق ۋە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنى كۆيدۈرگەن قادىر ھاجى، ئابدۇقادىر داموللىنى قەتلى قىلغان ئەمەت مەزىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە بىردىن بىر جازاسىنى يىگىنى قادىر ھاجى. بۇ كىشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوقۇغان مەزگىلدە ۋە كېيىن جەنۇپ ئۇيغۇرلىرىنى قەشقەرلىك مىللىتى قىلىمەن دەپ شىڭشىسەي ۋە رۇس ئىمپىرىيالىستلىرىغا جىق خىزمەت قىلغان. غۇلجىدا ھەسەن تارانوپ ”تارانچى مىللىتى“ مەپكۇرىسىنى تەرغىپ قىلسا قەشقەردە قادىر ھاجى ”قەشقەرلىك مىللىتى“ سەپسەتىسىنى بازارغا سالغان. بۇ ئىككى كىشى پەقەت بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا جازالانماي خاتىرجەم ياشىغان. قادىر ھاجى شىڭشىسەينىڭ قولىدا ئۆلمىگەن بولسا بەلكىم روزى موللا، ئەمەت مەزىنلەرگە ئوخشاش ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۈنىمىزدە قاتىل قادىر ھاجى ۋە سۈلۈك داۋاخورى ئاپپاق خوجا قاتارلىقلار خائىنلارنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئۈچۈن ئاقلايدىغان تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇنداق ئۇيغۇرنىڭ زىيىنىغا ئىشلەيدىغانلار تارىختا جازاسىنى تارتمىغاچقا 2009-يىلى شىۋىتسىيەدىن، 2011-يىلى گېرمانىيىدىن  يەنە چىقتى. مەن بىر قىسىم كىشىلەرگە ھەيران قالىمەن. ئۇلار بىر قىسىملارنى ئۇنداقچىمىدۇ، بۇنداقپەرەسمىدۇ دېيىشىدۇ. خېلى پىرىنسىپلىق ئادەملەر ئىكەن دەپ قارىسىڭىز مۆرىتى كەلسە يەنە شۇلار بىلەن ئاپپاق چاپاق بولۇپ يۈرۈۋېرىدۇ. سورىسىڭىز ”ئۇيغۇرچۇلۇق، قانداق قىلىمىز“ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق ھاققانىيەتنى پىرىنسىپ قىلمىغان ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇرچۇلۇق سەۋبىدىن تارىختا خائىنلار جازالانمىغان ئىكەن. بۈگۈنمۇ يالاقچىلار يېتىم قالغان يوق. شۇڭا بۇنداقلار تارىختىن بېرى كۆپەيسە كۆپەيدىكى ئازىيىپ باقمىدى. تارىخنى قويۇپ كۆز ئالدىمىزغا نەزەر سالساق، كىشىلەر مىللىي كىملىكى سەۋەپتىن پىشكەلىككە، تەھدىتكە، ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ئۇيغۇرلۇققا يېپىشىۋېدى، ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن شەھەر بازارلارنى ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ئەخلەت مەھسۇلاتلار قاپلاپ كەتتى، قېرىنداشلىرى ئىشلىگەن ماددىي ۋە مەنىۋىي مەھسۇلاتنىڭ ساختىسىنى ياساپ ”بىزنىڭ پۇستانى“ دەپ داۋاراڭ بېرىپ بۇل تاپىدىغان شىركەتلەر پەيدا بولدى. رېمنۇتچىنى كەشپىياتچى، پەرەزچىنى ئالىم، سېھىرىگەرنى ئەۋلىيا دەپ ئۇيغۇرلا بولسا ساختىپەزلەرچە مەدھىيەلەيدىغانلار مەيدانغا چىقتى. خۇلاسەمەسلەك قىزغىنلىقى مىللەت ھەققىدىكى مەسىلىلەر يىگىرمە يىلدىن بېرى رەھىمسىز ئوپراتسىيە ۋە كەسكىن تەنقىد شەكلى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ”ئەمدى قانداق قىلىمىز؟“ دېگەن سۇئالغا جاۋابەن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسلەك قىزغىنلىقىنىڭ كەينىدە بىرقىسىملارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بىلىنىۋاتقان ئەۋلىيالىق داۋاسى ، تەپەككۇردىكى خاملىق ۋە پىسخىك كەمتۈكلۈكلەر ياتىدۇ. مەسلەك قىزغىنلىقى  تارىختا قانداق  پاجىيەلىك قىسمەتلەرگە سەۋەپ بولغان بولسا بۈگۈنمۇ يەنە يېڭى يېڭى پاجىيەلەرنى باشقىچە شەكىلدە  كۆزلەرگە كۆرسەتمەكتە. مەسلەكلەر ئىچىدىكى مۇسۇلمانلىق ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ھەر بىر قاتلىمىغا سىڭگەن، شۇڭا بۇنى تۈر قىلىپ ئايرىپ چىقىشنىمۇ قوللاپ كەتمەيمەن. ھالبۇكى، مېنىڭ مەسلەك دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشۇم بىر قىسىملارنىڭ بۇنى ئۇيغۇرلۇقتىن  ئايرىپ يېڭىچە مەنىلەندۈرىۋاتقانلىقىغا ۋە سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتىلغان. بۇنداق قاراشتىكى بەزى ئاق كۆڭۈل دوستلار ئۆزىنى پەيغەمبىرىمىز زامانىدىكى ساھابىلەردەك باشقىلارنى شۇ چاغلاردىكى مۇشرىكلاردەك تەسەۋۋۇر قىلىپ ھەممىنى قايتىدىن ئىمانغا كىرگۈزمەكچىدەك ئەلپازدا مىللەت مەدەنىيىتىنى تەكشۈرمەكتە.  بۇنداقلارنىڭ تالىشىشلىرىدا گېپى دىندىن باشلانسا داۋامى مەزھەپكە تەرەققىي قىلىپ ئوخشىمىغان مەزھەپتىكى شەيخلەرنىڭ قاراشلىرى باز بازغا سېلىنماقتا. بۇنىڭغا قارشى  يەنە بىر ئېقىم مۇسۇلمانلىقنى ئەرەبكە، كونىلىققا، قالاقلىققا تارتىپ ساپ مەسلەك تىپىدىكى ئۇيغۇرپەرۋەرلىكنى تەرغىپ قىلماقتا. بۇلارنىڭ مۇنازىرىلىمۇ ئىدولوگىيەلىك رىياللىق ۋە تارىخنىڭ تۇمانلىرىدا ئېزىقىپ نەتىجىسىسىز ئاياقلاشماقتا. ئىككىلا تەرەپ ئۆز مەسلىكىنى سۈنئى بىر بىرىگە قارشى قويۇپ تۈگىمەس تالاش- تارتىشلارنى ھەممە يەدە سۆرەپ يۈرۈشمەكتە.

بۇلاردىن شۇنى ئەپسۇسلۇقتا بايقايمىزكى، ئۇلار تىرەنلەۋاتقان كىرزىسىنى ئەمەس كىرسىزكە تۇتقان بىر بىرىنىڭ پوزىستىيەسى ۋە باھاسىنى تەھلىل قىلىش بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىشماقتا. مېنىڭ قوللايدىغىنىم مەسلەكلەرنى زىددىيەتكە سالماي تۇرۇپ مەسىلىگە يۈزلىنىش. مەسىلىگە مەنچۇ ئەقىل ۋە پەن بىلەن يۈزلىنىپ كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت تەھلىل قىلىش، قولدىن كەلسە ئەندىزىلەرنى تونۇشتۇرۇش تۈگىمەس گەپ ئۇرۇشى قىلىشتىن ئەھمىيەتلىك. تەھلىل قىلىش يوللىرىدىكى مىللەتلىك ھوقۇققا خاس تەرەپلەرنى مىللىي تىرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە ئويلاشسا، ئىنسانلىق ھوقۇققا مەنسۇپ تەرەپلەرنى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلار بويىچە ئويلاشسا مۇۋاپىق. مەسلەك مۇنازىرىسى ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋاقىتنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ ئوندەن بىرىنى مۇشۇ تەييار قانۇنلاردا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئىجراسىنى قانداق تەلەپ قىلىشقا قاراتسا ئەمىلىيەتكە ماس كېلەمدىكىن دەيمەن. بولمىسا قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار مەسجىدكە كىرىپ خەققە ناماز ئوقۇشنى ئۆگەتكەندەك، تورغا كىرىپ ساۋات چىقىرىش كۇرسى ئاچقاندەك ئىش بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىلىلەرنى ئاشقۇن مىللەتچىلىك ۋە قارىغۇلارچە دىنچىلىق بىلەن ئويلاشقاندا رىيال نەتىجە كۆپىنچە مەنپى بولارمىكىن دەيمەن. چۈنكى بۇ ئىككى مەسلەك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققانلارنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى فاشىستلىقتۇر. ھەرقانداق مەسلەك بىر قورالدۇر، يولدۇر. مەسلەكنىڭ غېىمىنى ئەمەس شۇ مەسلەككە ئەگىشىۋاتقانلارنىڭ مەسلەكنى تاللاش ئەركى ۋە ئىمكانىيىتىنى ئاۋال ئويلاشقاندا ئاسانراق بىر يەرگە كەلگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇردا ”جان بولسا جاھان ئاش بولسا قازان دەيدۇ“، مەسلەكۋازلار ئاشقا كۈچىسە مەسىلەچىلەر قازان غېمىدە.

ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دېتالى بولىشى مۇمكىن…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

iPhone ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ ۋە ئاز-تولا تاتقىق قىلىپ باققانلارنىڭ باشقىلارنىڭ لاھىيەلىگەن دېتاللىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە باھا بەرگەچ ئۆزى خالىغان بىرەر دېتالنىڭ بولىشىنى ياكى ئۆزى دېتال ئىشلەپ باققىسى كەپ قالىدۇ. بىراق دېتالى ئېچىش ئۈچۈن پۇختا بولغان كود يېزىش ئىقتىدارى بولمىسا، دېتال ئېچىش «مۇمكىن ئەمەس».  شۇنداق مۇمكىن ئەمەس چوقۇم قوش تىرناق ئىچىدە بولىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مۇتلەق ئەمەس. چۈنكى بىرقانچە چەتئەلدىكى شىركەت ۋە تور بېكەتلەر مەخسۇس كود يېزىشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇلايلىق مۇلازىمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. قېنى كۆرۈپ باقايلى…مەن پەقەت مەلۇم بىر خەنچە بلوگدا چىقىرىلغان مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپلا قويدۇم.


.1. Sweb Apps

بۇ توربەتنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھېچقانداق كود يېزىش بىلىمى يوقلارمۇ ئايفون دېتالى ياساپ چىقالايدۇ. بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئاساسەن كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرى تەمىنلىگەن نۇرغۇن قېلىپلىرى بار.  ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆت، ئالتە، سەككىز كۇنۇپكىلىق دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھەربىر كۇنۇپكا ئۈچۈن 50دوللار، ھەربىر دېتال ئۈچۈن ئاجراتقان مۇلازىمىتىرنىڭ ئايلىقى 25 دوللار ئىكەن. راستىنلا بەك قىممەت. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بىر نەچچە ئون يۈەننىڭ ئورنىدىكى پۇل.

.2. AppIncubator

بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى بولسا، سىز دېتالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ لاھىيىسىنى چىقىرىسىز، ئۇلارنىڭ پروگراممىرلىرى دېتالنى ياساپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ دېتالىنىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشى ھەقسىز. لېكىن ئايتۇنىز قا چىقىرىپ ئالغان پايدىسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى سىزگە بېرىدىكەن.

 

.3. AppBreeder

بۇمۇ بىرىنچىسىگە ئوخشاش ئۆزىڭىز لاھىيەلەيسىز.دېتالنىڭ قىستۇرمىسى، سۈرەت، ھەركەتلىرىنى ئۆزىڭىزن بەلگىلەيسىز. ھەق ئۆلچىمى بىرنەچچە خىل بولۇپ ئايفون، بلەك بېررى، ئاندروئىد تېلفۇن سۇپىسىنىڭ خالىغىنىغا لاھىيەلىسىڭىز بولىدۇ.ھەر بىرى 40دوللاردىن 50 دوللارغىچە.

 

.4. MyAppBuilder

بۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى دېتاللارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنى كىتاب، مۇزىكا، فىلىم قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئايفۇن دېتالى ئىشلەپ چىقىرالايسىز. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىدە ئايفۇنغا دېتال ياساش خۇددىي بلوگ قا تېما چىقارغاندەكلا ئاددىي ئىكەن. ئايلىق ئىشلىتىش ھەققى 29 دوللار بولۇپ، ئايتيۇنىزغا ئىككى دېتالىڭىزنى ھەقسىز چىقىرىپ بېرەمىىش.

 

.5.BuildAnApp

بۇلارمۇ سىزگە  دېتال ئىشلەش بولىقى تەمىنلەيدۇ. ئۆزىڭىز دېتال لاھىيەلەيسىز.

 

.6. eBookApp

ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇ كىتاب تۈرىدىكى دېتاللارنى ئىشلەپ بېرىدۇ.سىز پەقەت تېكىستىنىلا تەمىنلەيسىز.

 

.7. GameSalad

بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئارقىلىق كود يېزىشنى بىلمىسىڭىزمۇ ئويۇن لاھىلەپ چىقالايدىكەنسىز. ھەقسىز ھالەتتە پەقەت تور يۈزىگىلا يوللىغىلى بولىدىكەن. ھەقلىق ھالەتتە ئاندىن ئايفۇنغا قاچىلىغىلى بولىدىكەن. ھەق ئۆلچىمى ئاددىي نۇسخىسى يىللىقى 99 دوللار ، كەسپىي نۇسخىسى يىللىقى 1999 دوللار. مېنىڭچە ۋەششىي قىممەتكەن.

 

.8. MobileRoadie

مەخسۇس مۇزىكا ئەترىتى ئۈچۈن دېتال ياساپ بېرىدىكەن. مۇزىكا، رەسىم، فىلىم، ئۇچۇر، ناخشا تېكىسىتى، خەۋەرلەر ۋە ر س س قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقىرىپ بېرىدىكەن.

 

.9. MobBase

بۇلارمۇ شۇ مۇزىكا ئەترەتلىرىگە مەخسۇس دېتال ئىشلەيدىكەن. 20دوللار ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن.

 

.10. RedLaser

بۇ بىر ئايفۇن دېتالى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە تاياقچەسىمان كود ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ماللارنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىدىكەن. ئايتۇنىزدا باھاسى 2 دوللار.

 

پايدىلانغان مەنبە

http://blog.it.sohu.com/readwriteweb