ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دېتالى بولىشى مۇمكىن…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

iPhone ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ ۋە ئاز-تولا تاتقىق قىلىپ باققانلارنىڭ باشقىلارنىڭ لاھىيەلىگەن دېتاللىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە باھا بەرگەچ ئۆزى خالىغان بىرەر دېتالنىڭ بولىشىنى ياكى ئۆزى دېتال ئىشلەپ باققىسى كەپ قالىدۇ. بىراق دېتالى ئېچىش ئۈچۈن پۇختا بولغان كود يېزىش ئىقتىدارى بولمىسا، دېتال ئېچىش «مۇمكىن ئەمەس».  شۇنداق مۇمكىن ئەمەس چوقۇم قوش تىرناق ئىچىدە بولىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مۇتلەق ئەمەس. چۈنكى بىرقانچە چەتئەلدىكى شىركەت ۋە تور بېكەتلەر مەخسۇس كود يېزىشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇلايلىق مۇلازىمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. قېنى كۆرۈپ باقايلى…مەن پەقەت مەلۇم بىر خەنچە بلوگدا چىقىرىلغان مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپلا قويدۇم.


.1. Sweb Apps

بۇ توربەتنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھېچقانداق كود يېزىش بىلىمى يوقلارمۇ ئايفون دېتالى ياساپ چىقالايدۇ. بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئاساسەن كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرى تەمىنلىگەن نۇرغۇن قېلىپلىرى بار.  ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆت، ئالتە، سەككىز كۇنۇپكىلىق دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھەربىر كۇنۇپكا ئۈچۈن 50دوللار، ھەربىر دېتال ئۈچۈن ئاجراتقان مۇلازىمىتىرنىڭ ئايلىقى 25 دوللار ئىكەن. راستىنلا بەك قىممەت. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بىر نەچچە ئون يۈەننىڭ ئورنىدىكى پۇل.

.2. AppIncubator

بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى بولسا، سىز دېتالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ لاھىيىسىنى چىقىرىسىز، ئۇلارنىڭ پروگراممىرلىرى دېتالنى ياساپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ دېتالىنىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشى ھەقسىز. لېكىن ئايتۇنىز قا چىقىرىپ ئالغان پايدىسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى سىزگە بېرىدىكەن.

 

.3. AppBreeder

بۇمۇ بىرىنچىسىگە ئوخشاش ئۆزىڭىز لاھىيەلەيسىز.دېتالنىڭ قىستۇرمىسى، سۈرەت، ھەركەتلىرىنى ئۆزىڭىزن بەلگىلەيسىز. ھەق ئۆلچىمى بىرنەچچە خىل بولۇپ ئايفون، بلەك بېررى، ئاندروئىد تېلفۇن سۇپىسىنىڭ خالىغىنىغا لاھىيەلىسىڭىز بولىدۇ.ھەر بىرى 40دوللاردىن 50 دوللارغىچە.

 

.4. MyAppBuilder

بۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى دېتاللارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنى كىتاب، مۇزىكا، فىلىم قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئايفۇن دېتالى ئىشلەپ چىقىرالايسىز. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىدە ئايفۇنغا دېتال ياساش خۇددىي بلوگ قا تېما چىقارغاندەكلا ئاددىي ئىكەن. ئايلىق ئىشلىتىش ھەققى 29 دوللار بولۇپ، ئايتيۇنىزغا ئىككى دېتالىڭىزنى ھەقسىز چىقىرىپ بېرەمىىش.

 

.5.BuildAnApp

بۇلارمۇ سىزگە  دېتال ئىشلەش بولىقى تەمىنلەيدۇ. ئۆزىڭىز دېتال لاھىيەلەيسىز.

 

.6. eBookApp

ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇ كىتاب تۈرىدىكى دېتاللارنى ئىشلەپ بېرىدۇ.سىز پەقەت تېكىستىنىلا تەمىنلەيسىز.

 

.7. GameSalad

بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئارقىلىق كود يېزىشنى بىلمىسىڭىزمۇ ئويۇن لاھىلەپ چىقالايدىكەنسىز. ھەقسىز ھالەتتە پەقەت تور يۈزىگىلا يوللىغىلى بولىدىكەن. ھەقلىق ھالەتتە ئاندىن ئايفۇنغا قاچىلىغىلى بولىدىكەن. ھەق ئۆلچىمى ئاددىي نۇسخىسى يىللىقى 99 دوللار ، كەسپىي نۇسخىسى يىللىقى 1999 دوللار. مېنىڭچە ۋەششىي قىممەتكەن.

 

.8. MobileRoadie

مەخسۇس مۇزىكا ئەترىتى ئۈچۈن دېتال ياساپ بېرىدىكەن. مۇزىكا، رەسىم، فىلىم، ئۇچۇر، ناخشا تېكىسىتى، خەۋەرلەر ۋە ر س س قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقىرىپ بېرىدىكەن.

 

.9. MobBase

بۇلارمۇ شۇ مۇزىكا ئەترەتلىرىگە مەخسۇس دېتال ئىشلەيدىكەن. 20دوللار ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن.

 

.10. RedLaser

بۇ بىر ئايفۇن دېتالى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە تاياقچەسىمان كود ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ماللارنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىدىكەن. ئايتۇنىزدا باھاسى 2 دوللار.

 

پايدىلانغان مەنبە

http://blog.it.sohu.com/readwriteweb

«ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دېتالى بولىشى مۇمكىن…»نىڭ 6 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.كومپىيۇتېر بىلىدىغانلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خىزمەت قىلىپ قويمامسىلەر.!!بۇ بەك ياخشى گەپكەن.ئايفۇن ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى«تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلارغا».
    ئايفۇن ئۈچۈن قول بىلەن بىۋاستە يازىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ياساپ چىقساڭلار پايدىسى بەك كۆپ بولاتتى :smile:

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
      تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ئەلۋەتتە ئۆزىمىز قىلالىغان دائىرىدا داۋاملىق تىرىشىمىز… تۈرمىدىن قاچۇرمىغانلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق.ئەمما نەتىجىگە سەل ۋاقىت كېرەكتەك قىلىدۇ.

      ئايفوندا خەنزۇچە قولدا بىۋاستە يېزىش ئىقتىدارى بار. ئېنگىلىزچە قولدا يېزىشنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم.چۈنكى بۇنداق يازغاندا ئاستا بوپ قالىدۇ. ئەمما سۆز قىلسا يېزىپ بېرىدىغان دېتاللىرى بار.ئىنتايىن ئەپلىك. ئۇيغۇرچىغا كەلسەك، بۇ يالغۇز ئايفۇن دېتال ياساشتىن باشقا يەنە باشقا ساھەدىكى تېخنىكىلىق نەتىجىلەرگە مۇھتاج.
      بىز كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىمىگە مۇھتاجلىقىنى پىكىر- تەكلىپلەردىن بىلىمىز.شۇڭا تەكلىپلەرنى ئايىمىغايسىلەر.

  2. ياشاپ كېتىڭ ~~ ھەقىقى كۆڭلۇمدىكى يازما بوپتۇ~ نەچچە ۋاخنىڭ بېرى مۇشۇنداق قىلىش ئارزۇيۇم باتتى،، لېكىن خېلى ئىزدىنىپ باققان،مۇناسىۋەتلىكنەرسىلە يىتەرلىك ئەمەس بىرچەتكە قۇيۇپ قويغان ئىدىم~~ بۇ ئىش ئەمدى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى~~مەن كەشتىلا سىناپ باقاي….قاپا تارتىپسىز….

    1. گۇگېل دىن ئسىملىرىنى ئىزدىسىڭىز ئورگان تور بېكەتلىررىنى تاپالايسىز. ئەڭ ئاۋۋال ھەقسىز مۇلازىمەتلىرىدىن باشلاپ كۆرۈپ بېقىڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: