Google,Apple,Microsoft ئۈچ ئاتاماننىڭ پاتنىت جىڭىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. 6مىڭدىن ئارتۇق پاتنىتنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى Android تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ پاتنىتلار ئاخىرى بېرىپ apple باشچىلىقىدىكى گوروھنىڭ قولىغا چۈشتى.ئەسلى Googleدىكىلەر 900 مىليون دەپ پىلانلىغان پاتنىتلار ئاخىردا 4مىليارد 500مىليۇن باھادا رىقابەتچىسى تەرىپىدىن سېتىۋىلىنىدى. دېمەك، بۇنىڭدىن كىيىن Google ئۈزلۈكسىز android ئېچىش ئۈچۈن كىرەكلىك پاتنىت راسخوتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارنىڭ پاتنىتلىرىنى تۆۋەندىكى بەتتىن ئاختۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ.http://www.google.com/patents
تۈنۈگۈن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان Motorola (ئەمىليەتتە نۇرغۇن ئادەم بۇ ماركىنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ) نىڭ كۆچمە تېلىگىراف كەسپى Google تەرىپىدىن 12مىليارد 500مىليۇنلۇق باھادا سېتىۋىلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارلاندى.
بۇ سودا Motorolaنىڭ ئۆتكەن يىلى سىمسىز ئالاقە بۆلۈمىنى 诺基亚西门子 سېتىۋالغاندىن كىيىنكى يەنە بىر قىتىملىق چوڭ سودىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەينى چاغدا 诺基亚西门子 مۇشۇ بۆلۈم ئارقىلىق 中国移动,Clearwire、KDDI、Sprint、Verizon قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن. شۇنداقلاجوڭگونىڭ 华为نى يېڭىپ 阿尔卡特朗讯 دىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنە ياساش شىركىتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.
گەپكە قايتساق، Google بۇ سودىسى ئارقىلىق قانچىلىك نەپكە ئىرىشىدۇ بۇنىسىنى كىيىنچە كۆرىمىز. ئىنىقكى بۇ Androidنىڭ كىيىنكى نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسى باركى زىيىنى يوق.
تۆۋەندە بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ بۇ سودىغا بولغان قارىشى:
سىمسىز ئالاقە ساھەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا بىرلىشىش.
Google يەنە بىر قىسىم پاتنىتلارغا ئىرىشتى، بۇ android ئۈچۈن پايدىلىق.
Google ئەمدى TV ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشى مۇمكىن. apple,Microsoftلارنىڭ TV تېخنكىسى خىلى پىشقان، ئەمدى Motorola نىڭ TVتېخنىكىلىرىنى تېخىمۇ ۋاىيىغا يەتكۈزۈشتە Google دىن باشقىسى بىكار.
HTC,Samsungقاتارلىق كۈچلۈك كارخانىلارمۇ قايتا تېنىچلىنىدۇ، Andoroid نى ئۈزلۈكسىز قوللاشقا ئىشەنچى ئاشىدۇ.
Microsoft قا قاتتىق دېتال بۆلۈمى ئىھتىياجى تۇغدۇرۇش.بۇ ئارقىلىق Microsoftنىڭ Nokia غا بىقىنىشىنى كۈچەيتىش.
RIM،Nokia قاتارلىق Windows Phone 7 ئىشتەي ساقلاۋاتقانلارغا سىمسىز ئالاقە ساھەسىدە پەقەت Android ۋە iOSنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش.