ئايلىق ئارخىپلار: 2012-يىل 04

5.1 تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن تەكرارلىنىدىغان激活خاتالىقىنى ئوڭشاش

يىقىندا بىر بۇرادەرنىڭ iPhone4 نى 5.1 گە كۆتۈرۈپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ بەرگەنتىم. دەسلەپتە نورمال ئىشلىگەن. ئىككى سائەتتىن كىيىنلا باشقا كارتا ئالماشتۇرسا 激活 دېگەن بىرلا خەت ئېكرانغا پەيدا بولۇپ قاپتۇ.

مەنمۇ ئۇچراپ باقمىغان مەسىلە بولغاچ تولا ئېتىشىپ يۈرۈپ تەستىرەك ئۈنۈملۈك چارىسىنى تاپتىم. تۆۋەندە ئورتاقلاشماقچىمەن.

ئەگەر ئۈسكىنە 5.1 دە نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقاندىن كىيىن نورمال، SIMكارتا ئالماشتۇرغاندىن كىيىن تۇيۇقسىز يەنە 激活 كۆزنىكى چىقىۋالسا بۇ مەشغۇلاتنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ قايتا تېزىملاتقاندا كومپيۇتېر ئارقىلىق ئەمەس بەلكى ئۈسكىنىنى Wi-Fi تورىدا تۇرغۇزۇپلا iTunes غا تېزىملاتقانلىقتىن بولىدىكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپلا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش جەريانىدا بىرتال ھۆججەت توغرا يېزىلمايدىكەن.

ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۈسكىنىنى 5.1 گە كۆتۈرۈپ، كومپيۇتېرغا قايتا ئۇلاپ تېزىملىتىمىز، ئاندىن SIM كارتا سېلىپ سىنايمىز، نورمال تېزىلانغاندىن كىيىن  نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرۇپ (Redsn0w نىڭ 0.9.10b6 نەشرىدە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى A5 بولمىغان بارلىق ئۈسكىنىلەر نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچىدۇ) ئۈسكىنىنى قايتا قوغىتىمىز، ھەم redsn0w ئارقىلىق يىتەكلەپ قوزغىتىمىز.

كارتا ئالماشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بولسا ئۈسكىنىگە ئۇلانغان Wi-Fi نى ئۈزىۋىتىپ ئاندىن iTunes غا چېتىلغان ھالەتتە ئالماشتۇرىمىز. مەسىلە ھەل بولىدۇ.