دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!

مىلادىيە 2011-يىلى 3- ئاينىڭ 10 كۈنى سەھەردە apple تەرەپ بۇ يىلقى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك نەشىر بولىقى iOS 4.3نى ئىلان قىلدى. نۆۋەتتە مەشغۇلات سىستىمىنىڭ بۇ نەشرىگە قارىتا تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتى تېخى ئىلان قىلىنمىدى. بۇرۇنقى نەشىردىكى ياماقلار يامالغان بولغاچ يىڭى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىغا بىر مەزگىلى كېتىپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا بارلىق apple ئۈسكىنە ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ itunesچىتىلغاندا چىقىدىغان نەشىر كۆتۈرۈش ئەسكەرتىشىنى ئىنكار قىلىۋىتىشىنى سەمىگە سالىمىز. ئۇنداق بولمىغاندا خىلى بىر مەزگىلىگىچە ئۈسكىنىگە فونت قاچىلاش، تور قۇلۇبىنى يېشىش، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولمايدۇ.

نۆۋەتتە بۇ يىڭى نەشىر كۆتۈرۈش تەمىنلەنمەيدىغان ئۈسكىنىلەر iPhone 3G ۋە iPhone بىرىنچى ئەۋلاد. ipod2G ۋە ipodبىرىنچى ئەۋلاد(دىمەك، بۇنىڭدىن كىيىن بۇ مەھسۇلاتلارغا قارىتا نەشىر كۆتۈرۈش ئاخىرلاشتى،سېتىۋىلىشقا ئەرزىمەيدۇ.) . ئامىركىدا بازارغا كىرگەن CDMA نۇسخىدىكى iphoneغىمۇ بۇ قىتىملىق نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ پىلانى يوق. بۇ يىل يازدا 4.5 نەشىر بولىقى بىللە چىقىشى مۇمكىن.

 iphone3gs ۋە iphone4 كە قارىتا بۇ نەشىر كۆتۈرۈشنىڭ باشقا ئەھمىيىتى يوق. ئاساسلىق ئۆزگىرىش، Mac OS X نىڭ نىگىزى بولغان Nitro JavaScript نى قوشۇش ئارقىلىق safari نىڭ سۈرىتى تىزلىشىپتۇ ،JavaScript قوللاش ئىقتىدارى بىر ھەسسە تېزلىشىپتۇ.

يەنە بىر ئۆزگىرىشى شۇكى يىڭى نەشىردە itunesىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئائىلە ئىچىدە ئورتاقلىشىش ئىشقا ئاشقان بولۇپ ماسقەدەملەشتۈرۈشتىن مۇستەسنا ھالدا بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھازىرقى ساقلاش سېغىمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولغان باشقا ئۈسكىنىلەرنىڭ ماتىريالىنى بىمالال قويالايدۇ.

 iphone4 كە سىمسىز روتور ئىقتىدارى سەپلىنىپتۇ، 5 ئۈسكىنىگە بىرلا ۋاقىتتا سىگىنال تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇپتۇ. لىكىن iphone3gs  كە بۇ ئىقتىدارنى 3-تەرەپ يۇمشاق دىتالى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.

iPad كە نىسبەتەن يۇقارقى ئۆزگىرىشلەردىن سىرىت يەنە يان تەرەپ يۆتكەلمە كۈنۈپكىنىڭ رولىنى ئاپتوماتىك تەڭشەشكە بولىدۇ. ھازىرقى ھالەتتە يۆتكەلسە تېنىچ ھالەت ۋە ئاۋازلىق ھالەتكە ئالمىشىدۇ، نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن ئىكراننىڭ ئايلانما ئىقتىدارىنى تاقاش كۇنۇپكىسىغىمۇ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

Iphone,ipad,ipodtouch  ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى خالاستان بلوگى ۋە يىقىندا ئېچلماقچى بولغان ”شىنجاڭ مەك ھەۋەسكارلىرى“ تورىدىن كۆرۈڭ.

www.../

«دىققەت! iOS 4.3چىقتى! نەشىر كۆتۈرمەڭ!»نىڭ 12 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    مەن سىزدىن ئالغان ئايتاچ نى تۈرمىدىن قاچۇرماي ئىشلىتىۋاتىمەن.ئەگەر يېڭى نەشىرگە كۆتۈرسەم ھېچنىمە بولماس؟
    ئاندىن بىرنەرسە سورىۋالاي، ئايتاچدا«ڭ ۇ ۆ ۈ »ھەرپلىرىنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن بېسىپ چىقارغىلى بولمايدىكەن،ئەمما كۆچۈرۈپ كەلسە تونىيدېكەنغۇ؟ ياكى مەن بۇ ھەرپلەرنى تاپالمېدىممۇ؟

    1. سىزنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئىھتىياجىڭىز بولمىسا نەشىرنى قانچە ۋاقتىدا كۆتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز شۇنچە ياخشى، نەشىر كۆتۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سۈرەت تىزلىشىدۇ، يىڭى ئىقتىدارلار قوشۇلىدۇ.
      يۇقاردا دىيىلگەن ھەرپلەر كۇنۇپكا تاختىسىدا يۇقىرى يۆنىلىشنى كۆرسەتكەن بىر كۇنۇپكا بار(ئاستىدىن ئىككىنچى قۇر سول تەرەپ بىرىنچى). شۇنى بىر بىسىۋىتىپ ئاندىن ئۈستىدىن ئىككىنچى قۇردىكى كۇنۇپكىلاردىن كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئۇ كۇنۇپكا دەل كومپيۇتېردىكى shift كۇنۇپكىسى .

      1. مەن دېگىنىم ، تۇرمىدىن قاچۇرمىغان ۋە ھېچقاچان كىرگۈزگۈچ سېستىمىسى قاچىلىمىغان ئەھۋالدا ئايتاچ نىڭ ھەرقانداق بىر خەت يازغىلى بولىدىغانكى جايلىرىغا ،ئۆزى تەمىنلىگەن ئەرەبچە كونۇپكا تاختىسى بىلەن «ڭ ۇ ۆ ۈ » دىن باشقا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى كىرگۈزىشكە بولىدىكەن .ئەمما بۇ ھەرپلەرنى كىرگۈزەلمىدىم دېمەكچى.ئەرەبچە كۇنۇپكا تاختىسىدا shift كۇنۇپكىسى يوق ئىكەن…

        1. ھە، مۇنداق دەڭ. تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئەمەس تۈرمىدىن قاچۇرۇلغاندىمۇ ئۇيغۇرچىنى تولۇق كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشمىدى تېخى. بەك زۆرۈر بولسا ipod تا مۇنبەرلەرنىڭ سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكىگە يازسا ئۇيغۇرچە نورمال كىرىدۇ.shiftمۇ چىقىدۇ.

  2. GEVEY解锁卡贴 توغرۇلۇق بىرنەرسە يازسىڭىزبولاتتى. مۇشۇ نەرسە ئارقىلىق4.2 نىڭ قۇلپىسىنى يىشىش مۇمكىنمۇ.ئىشەنچىلىكمۇ ؟

    1. سىز دىگەن ئۇسۇل سەل ئاۋارىچىلىق، مەن سىناپ باقمىغان.
      http://blog...//623.html
      دا كۆرسىتىلگەندەك قىلىپ ھەرقانداق iPhone نىڭ تور قۇلۇبىنى يەشكىلى بولىدۇ. سىزگە ئاساسى بەلباغنى كۆتۈرۈپ تور قۇلۇبىنى يېشىش تەكلىۋىنى بىرىمەن.

  3. نەزەر بەگ سىلىدىن بىر ياردەم ، ئۆزى ئوبدان پۇلى ئەزان بىرىنچى ئەۋلاد ئايفۇن تاپقىلى بولارمۇ ؟

  4. چ چ دىن مىنى ئۆچۈرۋېتىپسىز قايتا قاچىلاپ قويدۇم.4 ئەۋلات 4.2.1 بەلۋاغنى قانداق تۈۋەنلىتىمەن.

    1. كەچۈرۈڭ. مىنىڭ QQ رىمدا 300 دىن ئارتۇق ئادەم پاتمايدىكەن، شۇڭا بەزىلەرنى رەتلىگەن ، ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ.
      بەلباغنى يۇمشاق دىتال ئارقىلىق تۆۋەنلىتىش مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا ئىلاج بار ساقلاپ بىقىڭ، يىشىش ئۇسۇلى چىقىپ قالىدۇ يىقىندا، ياكى 铁卡 سىناپ بىقىڭ. مەن ئېشلەتمىگەن، ئەمما قارىسام بولىدىغاندەك.

  5. ئەسسالسمۇ ئەلەيكۇم
    مەندە بىر 3gs iphone باتى،نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئايتۇنغا چاتسام نەشىرىنى كۆتۇرەمسە دىگەنتى ھەدەپتىمە ،ھازىر بىر پاچە كېسەك بولدى،ئايتۇندا
    restore قىلسام اتالىق كۆرۈندى،خاتالىق نۇمۇرى 1015، :cry: :cry:
    ياردەم قىلسىڭىز

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: