Halastan Blog نەزەرى يېزىشىدىكى شەخسى بلوگ بولۇپ زامانىۋى ئالاقە، IT، ئۇچۇر-تېخنىكا، سىملىق-سىمسىز تور قۇرۇلۇشى(نەزەرىنىڭ كەسپى)، تور بەت تەشۋىق-ئېلان قاتالىق جەھەتلەردىن تېخنىكىلىق ياردەم تەمىنلەيدىغان، ۋە يۇقارقى ساھەلەردە ھەقلىق-ھەقسىز مۇلازىمەت تەمىنلەشنى ئاساس قىلغان بلوگ.
بۈگۈن Halastan Blog رەسمىي ئىچىۋىتىلگىلى بىر ئاي بولۇپتۇ. بۇرۇن سىناق مەزگىلدە ھەم ICP چىقمىغان بولغاچ مۇقىم تور نامى ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغان، تەشۋىقاتقا ھەم بەك ۋاقىت ئاجراتمىغان.
يىقىندا بوشلۇقنى يۇقىرى سۈرەتلىك ئالاھىدە مۇلازىمتېرغا كۆتۈردۈم، شۇنداقلا Halastan Blog نىڭ نەشرىنىمۇ يىڭىلاپ wordpress نىڭ ئەڭ يۇقىرى نەشرىگە كۆتۈرۈپ پۈتتۈردۈم.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىقىندىن بىرى مەندەك بىر يىڭى بلوگگېرنى قوللاپ كىلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. رەھمەت سىزلەرگە!
Halastan Blog نەشىر كۆتۈرۈش سەۋەبلىك بۇرۇنقى دوستانە ئۇلىنىش خاتىرسى قايتا يىزىلدى، شۇڭا بۇرۇن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان بلوگگېر دوستلار ماڭا قايتا ئەسكەرتسە مەن تېزلىكتە قوشۇپ قويىمەن.
ھازىر تور بەت رەسمىي مۇقىملىشىپ بولدى، شۇڭا كەڭ تور بەت باشلىقلىرىغا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنىمەن. گەرچە يىڭى قۇرۇلغان كىچىك بىر بلوگ بولسىمۇ، زىيارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسى ئويلىغىنىمدىن ياخشى. مەنمۇ داۋاملىق يىزىپ خاسلىقنى ساقلاپ قالغان ھالدا تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى كەڭ ئىلىمسۆيەر تورداشلاردىن ئايرىمايمەن.
بۇ تېما بۇ يەرگە يوللانغان پەيتتە مەزكۇر تور بەت ئاللىبۇرۇن Halastan Blog نىڭ ئۇلىنىش بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. شۇڭا بىكەت باشلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك دوستلارنىڭ قاراپ چىقىپ شەرتكە توشقۇدەك بولسا ئۇلىنىش بېتىگە قوشۇپ قويۇشىنى بلوگگېر نەزەرى ئېلتىماس قىلىدۇ.
ئۇلىنىش ئادىرسى ../
LOGO ئادىرسى ../logo.gif
Halastan Blog نىڭ قۇرغۇچىسى نەزەرى.