مۇڭلۇق كۈي(جۇدا)__ ئاڭلىماي تۇرالمايسىز

بۇ مۇڭنى خىلى بۇرۇن ئاڭلىغان، كىيىن بىلقۇت تورىنىڭ «سەرسان روھ» رومانىغا يانداش مۇزىكا قىلغىنىنى ئاڭلاپ ئاۋازنى ئايرىپ مۇزىكا قوراشتۇرۇپمۇ باققانتىم.

كىيىن ئەلئوغلىنىڭ شاپائىتىدە بۇ مۇڭلۇق مۇزىكىنىڭ يۇقىرى ئىنىقلىق نەشرىگە ئىرىشكەن. مانا مۇشۇ كۈنگىچە تىڭشىغۇچلىرىمدا ئۈزۈلمەيدىغان مۇڭلۇق مۇزىكىلارنىڭ بىرى سۈپىتدە تۇرۇپتۇ.

خاتالاشمىسام «سەرسان روھ» نى ئوقۇغان ھەر بىر ئادەم بۇ مۇزىكىنىڭ تەسىرىدە شۇ جاپالىق سەپەر، سىغىنىش، پىراق…. ئانا يۇرتقا مۇھەببەت قاتارلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى ھىس قىلالايدۇ.

چارچىغان مىڭىمىز ئازراق ئارام ئالسۇن ئەمسە، مۇڭنى ئاڭلاپ ھوزورلىنىڭ

Close[SWF] - Juda,www.../

«مۇڭلۇق كۈي(جۇدا)__ ئاڭلىماي تۇرالمايسىز»نىڭ 23 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرباي، سىزنى ئىزدەپ تاپماق بەك تەسكەن، مەن بىلىككە ئەزا بولاي دەپ تىخى بولالمدىم، ئۆتكەندە سىز بىلىكتە توغۇرلۇق بىر تېما يوللاپ چۈشەنچە ئاڭلاپ باقماقچى بوپتىكەنسىز……. يازاي دىدىميۇ…. لىكىن بىلىككە يا كىرەلمىدىم، يا ئەزا بولالمىدىم، ئەمدى بۈگۈن قارىسام تەكلىماكان ئەپەندىم،pdf قىلىش توغۇرلۇق بىرنىمە دەپتۇ، مۇشۇ توغۇرسىدىمۇ بىرنىمە دەي دىسەم بىلىك ئەزا قوبۇل قىلىشنى توختۇتۇپتىمىش….. مومكىن بولسا چچ نومۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز، ياكى 408980097 نى قوتىۋالسىڭىز…..
    ئىنتىلدا بىرنىمە دەي دىسەم ئۇزۇن بولدى، ئىنتىلغا قارايدىغان كۆزىڭىز يوق،
    خالاستان نامىدا دۇككان ئايرىپلا يوقاپ كەتتىڭز…………….
    500Gلىق قاتتىق دىسكىسى بار كومپىيوتېردا 408980097 دىن ئىبارەت بىر چچ نى قوشۇۋالغۇدەك بوشلۇق بارمىدۇ؟

  2. nezeri apandi man siz ning asar liringiz ni kurup turiman siz din momkin bolsa ayfun bilan andoroid tilfun ni selixturup kaysi tilfun uygurlarga mas kelidu?bu hakta makala yollisingiz boptikan.

  3. ۋاي نەزەرباي، ۋاي نەزەر باي!…مەن سىلگە سالام قىيسام قىنى جاۋابى؟
    سىلى بۇدۇنيا كۆزئاچقان چاغدا تونۇيدىغان ئادەم قانچىلىك ئىدى؟ كىيىن ئاستو-ئاستو تونۇشقانغۇ دەيمەن……
    ئىنتىلدا مەن بىرنەرسە يىزىپ بولغۇچە، ھەققىدە ماڭا تەربىي قىلىپ، شۇ شۇ تەربىينىڭ ئۆزىدە غا خىلاپلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ سىلگە دىققەت قىپ تۇدۇم، شۇنىڭزى ئىنتىلدا بىرنەرسە دىمەس بولىۋاللا………………
    مەن تىخى سىلنى يشش ئاۋارچىلىق بولغان ماتېماتېكىلىق نەرسىلەرگە ئانچە-مۇنچە قىززىقىدۇ دەم ئويلايمەن…………
    بوپتۇ، نەزەر باي، تونۇمايمەن…………… دەپ تۇغاچ تۇرۇڭلا……..
    باشقىلارنى مەنسىتمەيدىغان ھەم تۆۋەن كۆرىدىغان بىلىملدارلار بىرى لار ئىچىدىن، يەنە بىرى لارنىڭ ئارىسىدىن چىقىدكەن….
    بىزمۇ دىخانچىلق، ئىشلەمچىلىك قىلىپ يۈرۈپ بىرىپ قالامىز شۇ بىجىڭغا……….
    خالاستان!
    قارا قۇرۇم تېغنىڭ باغرىغا جايلاشقان…
    ئۇنىڭ قوشنىسى………..
    كەشمىر بىلەن ھېندىستان، ھەمدە پاكىستان…
    نەۋرۇز كەلدى، ياشنىدى، جىمى مەۋجۇدات،
    باش باھاردا خالاستان قىلىپ گۈلىستان!
    تونۇمايسىز نەزەر باي تونۇغىڭىز يوق،
    مەنمۇ سىزدەك ئۇيغۇرمەن، ئاتالغان ئىنسان………..

    1. ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئالدى بىلەن مۇبارەك قەدىمىڭىزگە مۇبارەك.
      مەن ئىككى كۈندىن بىرى ئۈرۈمچىگە بىرىشنىڭ تەييارلىقى بىلەن بولۇپ بەك كۆپ خەت يازالمىغان. قارىسام مىنى خىلى تونۇيدىكەنسىز، شۇڭا ئارتۇق تۈزۈت قېلىشنى راۋا كۆرمەي، گىپڭىزنىڭ ئاساسىم مەزمۇنىنى چۈشىنىپ قالدىسىنى QQ دا دىيىشەرمىز دەپ ئويلىغان. بۇ بىر تېخنىكىلىق بلوگ بولغاچ گەپ سۆزلەردە ئارتۇق چەكلىمە قويماپتىمەن، ھۆرمەتسىزلىك دەپ چۈشەنسىڭىز ئۆزرىلىكمەن.
      گەپكە قايتساق، مەن ئىنتىلدىن قېچىپ چىقىمىدىم. ئابلەتكامنى ھۆرمەتلەپ، چوڭ بىلىپ كىلىۋاتىمەن، ھەم شۇنداق قىلىمەن. بىزگە بىلىم بەرگەن يەر ئۇ. تانمايمىز. كۆرمىدىڭىزمىكى ئىنتىلنىڭ 20 تېمىسىنىڭ خالاستاندا چىقىۋاتقنىنى(ھازىر قايتا تەڭشەپ 5 تېما چىقىدىغاننىڭ ئېشىنى قىلماقچى).
      ماتىماتىكلىق مەسىلە دىسىڭىز ئۆزۈمنى ئۇرىمەن. مىنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرگىنى شۇ ماتىماتىكا بىلىمىم. كاللا قاتۇرىدىغان مەسىلە بولسا تاشلاڭ، بىلىشىمچە تىتىلاپ باقاي :lol:
      ئاۋۇ شېئىرىڭىزنىڭ رېتىمى ياخشى چىقىپتۇ. مۇمكىن بولسا ئۇزۇنراق يېزىپ بەرسىڭىز بلوگىمغا ئايرىم يوللاي.

  4. ئۇنداقتا خۇيمۇ ئوبدان ئىش بوپتۇ، مەن ھازىر ئۈرۈمچىدە كۈن ئېلىۋاتىمەن، ئۆزۈم ماتېماتىكىغا ئۆچ بولغىنىم بىلەن سىلدەك بىلىمدارلارنى ھۆرمەتلەيمەن………. (ئۇنداق دىسەم تەرەت سۇنۇپ كەتمىسۇنن يەنە… :grin: )
    ۋاقىتلىرنى ئوبدانراق ئورۇنلاشتۇرۇپ مومكىن بولسا ۋاقىت چقارسىلا….. ئۈرۈمچىدە خىزمەتلىرىدە بولاي……
    قاچان چۈشىلا؟ مەن يەنئەن يولىدا جان بىقىۋاتقان، ئايدۇرۇم تەرەپكە سەل يىراقراق، مەن 51گە چىقىپ بولغىچە سىلنى بەك ساقلىتىۋېتىمەن…… :mrgreen:
    ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن دۆڭكۆۋرۈكنى ئارلىمىسلا بوممايدۇ……
    ۋاقىت چىقرالىغۇدەك بولسىلا سىم قاقسىلا….. قولفۇن نومۇرۇم:13070405242

    1. ئاپىرىن. كىچىكىپ كۆرۈپتىمەن. ئۈرۈمچىدە ئاساسەن يەنئەن يولىدا تولا چۆرگەلدىم(ئۇيغۇرسوفت، ئالپسوفت،قارلۇق لار بىلەن سۆھبەتتە) . ھەجەپ سىزنى ئۇچراتماپتىمەن.

  5. ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، نەزەر باي، تىخىچە جاۋاپ بەرمىگەنلىرىگە قايىلىغاندا يولدا كىلىۋاتقان ئوخشايلا، سەپەر ھاردۇقى چىقىپ بولغاندىن كىيىن ئىغىر كۆمەي ئىشۇ دىگەن مۇزىكىنىڭ چۈشۈرۈش ئاددىرسىنى قالدۇرغان بولسىلا، مىنىڭ چۈشۈرۋالغۇم بار ئىدى، رۇخسەت بولامۇ؟

    1. مەن ئۈرۈمچىدە ناھايتى ئالدىراشلىق ئىچىدە كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا كىلىشكە پۇرسەت بولمىدى. چۈنكى مەن ئۇزۇنغىچە ئۈرۈمچىگە بارالماسلىقىم مۇمكىن، ھەم كومپيۇتېردىن بىر ھەپتە ئايرىلىپ خاراكتېر-كەيپىياتىممۇ ئوبدان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا سىزنىڭ خېتىڭىزنى كچىكىپ كۆرۈپتىمەن. كۆپ رەھمەت سىزگە.
      http://www.tudou.com/programs/view/BUkZmBOnnik/ ماۋۇ ئادىرىستىن چۈشۈرگەيسىز.

  6. يوللاپ بەرگەن ئاددىرىسڭىزغا مىڭ-مىڭ تەسەننا….
    چۈشۈرۈشنى چۈشۈرۋالدىم، لىكىن بۇنىڭ فورماتىنى ئۆزگەرتىش سەل باش قاتۇرىدىكەن
    ________________________ ئىبرەت

    1. شۇنداقراق . مىنىڭ بوشلۇقۇم ھازىر شىياڭگاڭدا، شۇڭا چۈشۈرۈش تەمىنلەشكە بولمايدىكەن. بوشلۇق ئوڭشالسا بۇنداق ناخشىلارنىڭ ئەڭ سۈزۈكىنى ئۆز بوشلۇقىمدا چۈشۈرۈشنى تەمىنلەيمەن.

  7. پاھ… بولدى سۆزلىمەي.. كۆزۈمگە ئىسىسىق ياش كېلىۋاتىدۇ.. ھازىر گوگلدىن غىجەك سېتىلىدۇ دېگەن ئۇچۇرنى ئىزدەۋاتىمەن،
    غىجەك ئالدىغان يەرگە يەتتىم زادى.. مۇڭ مۇزىكىغا ئامراق بولغانكىن غىجەك ياخشى ھەمراھىم بوپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

    1. ھەقىقەتەن بىر قالتىس مۇڭ بۇ .ھەم بۇنداق مۇڭلاردىن ھوزۇرلىنالايدىغانلار بەكلا ئاز.
      ھەممەيلەن قارىسا تۇتامى يوق، لاكا-لوزا بىر نەرسىلەرنى ناخشا دەپ ئاڭلاپ، ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى ناخشا قىلىپ توقۇپ مەنىسى يوق بىر گەپلەرنى ھەرخىل كىچىك بالىنىڭ يىغسىدەك غىڭىلداشلارغا ئوخشىتىپ قىلىپ يۈرىدىكەن.

    1. مەنمۇ مۇزىكىنى دەپلا «سەرسان روھ» رومانىنى ئاڭلاپ چىققان.ئاخىردا ئۆزۈم رومان ئىچىگە كىرىپ كىتىپ …..مانا مۇشۇ دەقىقىدىمۇ شۇ رومان پوۋسىتلىرىنىڭ جاپالىق سەزگۈرەشتىلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ ، شۇ قەھرىمانلاردەك ئۆمۈرلۈك ھىجرەتلەرگە بەل باغلاۋاتىمەن.

  8. بۇ مۇزىكا ھاقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپتۇ ، <>رومانىنىدىكى ۋەقەلىكنى قايتا ئەسلەپ چىقتىم ، ئاتا- بالا ئىككىسىنىڭ ھەج سەپىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات پائالىيەتلىرى ،يۇرت ئىشقىدا تىنماي سوققان يۈرەكلەرنىڭ نىدالىرىنى بۇ مۇزىكىدىن قايتا كۆرگەندەك بولدۇم ، يوللىغۇچىغا رەھمەت !

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: