ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 12

«ئايفونىڭىز بارمۇ» دىن چاتمىلار–iPhone نىمە دەيدۇ

بىلىك كۇلۇبىدا ”ئايفونىڭىز بارمۇ“ ناملىق بىر تېما يوللانغاندىن كىيىن پەيدا بولغان غۇلغولا ئاز ئەمەس. پىقىرنىڭ بىر جۈملە سۆزىمۇ ھەتتا قوشاقلارغا پىلتە بولۇپتۇ. مۇشۇ تېمىنى رەتلەپ كۆچۈرۈپ قويدۇم.مەنبە

تېما ئىگىسى: ماندا قايلاپ باقسام بىلىكتە ئايفونچىلار خېلى كۆپكەن بىر بىلەت تاشلاپ باقىلى. ئايفون سېتىۋىلىشقا يەنە قانداق باھانىڭىز بار?5000سوم خەجلەپ ئايفون سېتىۋىلىشقا راسلا ئەرزىمدۇ.

yasinjanaks: قېرىندىشىم سىزمۇ بۇ يەردە يۇقىرى مەرتىۋىلىك سىناق ئېلىپ باراي دەپسىز دە؟ تۈنۈگۈن ئالما تېلفۇننى يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرلا ئىشلىتىدۇ دېگەن بىر ئىنكاسنى كۆرۈپ ئازراق قايناپ قالغانتىم.. قارىغاندا ھەممە ئادەم شۇنداق كۆز قاراشتا ئوخشايدۇ..   قارىغاندا بىز تۆۋە قاتلامدىكى كىشىلەر ئوخشايمىز…. قىلىقلىرىمىز بارغانسىرى خەنچە بولۋاتىدۇ دېسە، شۇنچە باي خەنلەر كۆپ نېمە ئۈچۈن يېتىم-يېسىرلارنى يۆلەيدىغان بىرمۇ خەن چىقمايدۇ؟ بىزلەر خەنلەرگە قارىغاندا بەك باي بولۇپ كەتمىسەكمۇ ھەر ھالدا خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلۋاتقانلار بار.  خەنلەر نېمىسى بولسا شۇنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق نېمىلەر ئىدى. ئەمدى بىز دورىمىغان شۇ ئىش قالغان ئوخشايدۇ…  كەچۈرۈڭ. ئالمىڭىزنى ئەتىگەندىن-كەچكىچە قولىڭىزدىن چۈشۈرمەي ئويناپ ئولتۇردىغان ئوخشايسز..   بىزنىڭمۇ يامان ئەمەس تېلفۇن ئويلاپ باقسام تېلفۇننى شۇنچە پۇلغا ئېلىپ يەنىلا ئشىلىتىدىغىنىمىز تېلفۇن ئۇرۇش ۋە تېلفۇن قۇبۇل قىلىش ئىكەن. ئۆيدە تەييار كىتاب تۇرسا شۇنى كۆرۈش ئېغىر كېلىدۇ-يۇ تېلفۇنغا كىتاب قاچىلاپ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كېتىدىكەنمىز. ئېلىپ يەنە ئۇنى كۆرمەيدىكەنمىز بەرىبىر..  شۇڭا مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا قولۇمدىكى LG ئاندىرويىد سېستىمىلىق تېلفۇن خېلى بولىدۇ باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس 1100 يۈەن.. بەك پۇلۇڭلار ئېشىپ پاتقۇزالمايۋاتقانلار بولساڭلار 1 سوم پىلانىغا قاتنىشىڭلار. ئوقۇشسىز قالغانلار مەكتپىگە قايتىۋالسۇن.

mush: Android سېستىمىلىق تېلىفۇنلارنى ئۇنى-بۇنى دەيمىز، ھەتتا سامسۇڭنىڭ يېڭى چىققان i9220 تېلىفۇنىمۇ دەھشەتكەنغۇ. بىراق يەنىلا ئىشلىتىشچانلىقى، راھەتلىكى iPhone غا يەتمەيدىكەن. شەخسى قارىشىم.

raxit1973: بۇنىڭ ئىچىدە مەن تەۋە تۈر يوقكەن؛
1. سىز ئىشلەتكەن ئەقىلفونلار ئىچىدە سىزنى ئەڭ رازى قىلغىنى قايسى؟
جاۋاب: iPhone
2. باشقا ئەقىلفونلارغا قىزىقىپ باقتىڭىزمۇ؟
جاۋاب: قىزىقىمەن، مەن بۇرۇندىن ئەقىلفون مەستانىسى. ئەمما يەنىلا بىردىن-بىر تاللاشنىڭ iPhone  ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايمەن.
3. سىزچە ئايفون ھەقىقەتەن 5000 سومغا ئەرزىمدۇ؟
جاۋاب: ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. ئاساسىم: 1. قاتتىق دېتال جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە؛ 2. مۇقىم ئىشلەش جەھەتتە ھېچقانداق ئەقىلفون ئالمىغا يەتمەيدۇ؛ 3. ئىقتىدارىنى چەكسىز كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى بار؛ 4. لايىھەلىنىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن مەپتۇن قىلىدۇ؛ 5. سىزىمچانلىق، سۈرئەت نۇقتىسىدىنمۇ ئادەمنى ئەڭ رازى قىلىدىغىنى يەنىلا iPhone دۇر. بەلكىم ھازىرقى بەزى قوش يادرولۇق ئەقىلفونلارنىڭ تىزلىكى iPhone 4s تىن تېز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھېچقانداق ئەقىلفون ئالمىدەك سىزىمچانلىق تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ؛ 6. بۇ ئەڭ مۇھىم، ھازىرچە iOS دىن باشقا ھېچقانداق بىر ئەقىلفون مەشغولات سىستېمىسى يىلتىزىدىن ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ. ئابدروئىد ۋە Win Mobile 7 دا ئازراق قوللاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا iOS قا يەتمەيدۇ. بىز ئەقىلفونلىرىمىزدا ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ ھۇزۇرىنىمۇ سۈرسەككەن دەيمىز! بۇ نۇقتىدىنمۇ يەبىلا iPhone بىردىن-بىر تاللاشتۇر.

facebook: iphone قىممتى پەقەتلا 1400 يۈەنگە يارايدۇ. بۈگۈن يەنە بىر كۈلۈپتىمەن ،مەن ئۈچۈن ، پۇل كەملەپ قالغان ئوقۇغۇچى ئۈچۈن 5000 يۈەن تەييارلاپ بېرىشكە رازى بولىمەنكى بۇنچىلىك پۇلنى ifon  نى ئېلىپ زايە قىلغۇم يوق ،ھەم كىيىن شارائىت پىشقاندا ھەر يىلى شۇنداق قىلىمەن ،چىرايلىق ئۇيغۇر تىلىمنى ،يېزىقىمنى ئالاھىتە ئايفۇن ئېلىپ ھېس قىلمىساممۇ ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىپ بولغان ،دوسلىرىم ،يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنى مەن باشقۇرۇلمىغاندىكى ئارتۇق نەرسە دىمەي.

iphone: مەنمۇ يۇقارقى تاللاشنىڭ بىرىگىمۇ چۈشمەيدىكەنمەن ، شۇڭا دەيمەنكى : ئايفون 5000يۈەن خەجلەپ سېتىۋىلىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدۇ . بۇ يەردە يەنە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى : بۇ تېما بىرىنچىدىن بەكلا كەم كۈتە (مەزمۇنى تولۇق ئەمەس ، مەۋھۇم ) بولۇپ قاپتۇ ، ئىككىنچى بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ ئايفون توغىرسىدىلا گەپ بولۇۋىتىپتۇ ، شۇڭا بەزىلەر ئۆزەڭلارنىڭ باشقا تەرەپتىكى مەقسىدىڭلارنى ئارلاشتۇرۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . بولمىسا بىلىكتىكى ھېكىمەتچىلەرنىڭ : « قولى يەتمىگەن ئۈزۈم ئاچچىق » دەپ ماقالە كەلتۈرۈشىنى قوزغاپ قويىسىلەر .
مېنىڭچە مەن ئايفوننى خاس يانفون (تېلېفون) دەپ قارىمايمەن ، ئۇنى مەن ئۆتكۈر پەن -تېخنىكا ، كومپىيۇتېر ، يانفون ۋە سەنئەتنىڭ ناھايتى ئەپچىللىك بىلەن بىرىكتۈرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايمەن .

raxit1973: بىلىك قاتارلىق مۇنبەرلەردە يېقىندىن بىرى Android بىلەن iPhone نىڭ قايسىسى ياخشى دېگەن تېمىدا مۇنازىرە قايناپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنازىرە قىلىۋاتقانلار بىزلا ئەمەسكەن. دۇنيادىكى داڭلىقلارمۇ بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشتا ئىكەن. قېنى، دىققتىڭىز تۆۋەندىكى تېمىدا بولسۇن:

ئەگەر پەن-تىخنىكا ئالىملىرى،كارخانىچىلار ۋە كارخانا ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنى بىر سورۇنغا يىغىپ،ئۇلارنى“ Android ياخشىمۇ ياكى iPhone مۇ ”دىگەن تېمىدا بەس-مۇنازىرىگە سالىدىغان بولساق،ئىشىنىمىزكى،سورۇننىڭ كەيپىياتى ھەرقانداق بىر ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي بەس-مۇنازىرە سورۇنلىرىدىن كەم قالمايدۇ.
ئەقلىفۇن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە،ئۇنىڭ مۇھىملىقىغا ئىتىبارسىز قاراشقا بولمايدۇ،ھەمدە ئۇنى ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا ھەرقانداق بىر زىننەت بۇيۇمىغا سىلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ.چۈنكى ئەمەلىيەتتىمۇ شۇ،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،كىشىلەر بارا-بارا ئامراق يانفۇنلىرىنى ئۇخلىغاندىمۇ قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان ھالەتكە يەتتى،كىممۇ مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ ئەڭ“ ئامراق ۋە سادىق ھەمرايى ”نىڭ يامان گېپىنى ئاڭلاشنى خالايدۇ دەيسىز؟
ئەقلىفۇن ئىچىدە،زادى Androidياخشىمۇ ياكى iPhone مۇ؟بۇ توغرىسىدا گەپ سۆز بولۇنغاندا،بىزدەك ئاددىي پۇقرالار بەلكىم باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرمايمىز،بىز پەقەت ئۇنى يانچۇقتىكى پۇل بىلەن ئۆلچەيمىز دېسەكمۇ بولىدۇ.ئۇنداقتا، داڭلىق كىشىلەر، پەن-تىخنىكا ئەربابلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ قېنى تۆۋەندە بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى:
1.مارك كۇبان،HDnet نىڭ باش تېرىنىرى،NBA كىچىك بۇقا كوماندىسىنىڭ خوجايىنى

”Android يانفۇنلىرىنى سېتىۋالغاندا،ئوخشىمىغان ماركا ۋە ھەرخىل تىپتىكى يانفۇنلار ئىچىدىن ئۆزىمىز خالىغاننى سېتىۋالىمىز،ئەمما، iPhone نى بولسا ئۇلار بىزگە نىمىنى سېتىپ بەرسە شۇنى ئالالايمىز.گەرچە،مۇتلەق ھالدا ياخشى يامان دەپ ئايرىغىلى بولمىسىمۇ،ئەمما بەزىدە بۇ ئىككىلىسىلا مىنىڭ ئىھتىياجىمنى قاندۇرالمايدۇ.“
2. Mercury Radio Artsشىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى

”ئالما بەلكى مىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن،ئەمما مەن ئۇنى ياقتۇرىمەن.“
3.Gdgt،Engadgetنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى

”مىنىڭچە بۇ ئىككىلىسىلا ناھايىتى ئېسىل،مەن كۈندە ئۇلارنى ئىشلىتىمەن،ئەمما كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنىم  Galaxy Nexus.“
4.Lever Venturesنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى

”مىنىڭچە بۇ ئىككىسىنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا خاسلىقى بار.ئۆزگىچە خاسلىق بىلەن لاھىيلەنگەن يانفۇن كۆرۈنىشى،كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى ۋە شىركەت نوپوزى جەھەتلەردە iPhone تەڭداشسىز دىيىشكە بولىدۇ،ئەمما Android نىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.“
5. Box.Netنىڭ بىرلىشىپ قۇرغۇچىسى

”مىنىڭچە بۇ ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا بازىرى بار،ئالما بۇ جەھەتتە مول بازار ئىچىش تەجرىبىسىگە ئىگە،گۇگېل بولسا.مەھسۇلاتلىرى مول،سېستىمىلاشقان،بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا مىكروسوفىتنىڭ بازىرىنى ئىنتايىن كىچىك دىسەك بولىدۇ.“
6.BrewPR نىڭ قۇرغۇچىسى

”مەن بۇ ئىككى خىل يانفۇننى تەڭ ئىشلىتىمەن،مىنىڭچە ئايفۇننىڭ كۆڭۈل ئىچىش ئىقتىدارى كۈچلۈك،قارا بۆلجۈرگەن يانفۇنىنىڭ بولسا ئىلخەت ۋە ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى.“
7.كۆچمە ئېلان شىركىتى Pontiflex نىڭ قۇرغۇچىسى

”iPhone خۇددى بىر ئىچىلمىغان سەنئەت كارىدورىغا ئوخشايدۇ،ئالما شىركىتى بارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ لاھىيلىنىشىنى سەنئەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگەن؛Android بولسا بىر ھۆنەر-سەنئەت كوچىسىغا ئوخشايدۇ،نۇرغۇنلىغان ھۆنەرۋەنلەر تېنماستىن ھەرخىل نەرسىلەرنى ياساپ تۇرىدۇ.مەيلى قايسىلا بولسۇن،ئوينايدىغان رولى ئوخشىمايدۇ،شۇنداقلا بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرىدۇ.“
8. Adstruc نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى

”مىنىڭچە iPhone نىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىدارى ماتىرىيال يوللاش،بولۇپمۇ ئورۇن بەلگىلەش ئۇچۇرلىرىنى يوللاش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك.“
9.ياخۇنىڭ مۇئاۋىن باش دىرىكتورى،Associate Contentنىڭ قۇرغۇچىسى

”مەن بىر ئالما مەستانىسى،iPhone نىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىغا مەن ئەڭ ئامراق.گەرچە مىنىڭ بەل قىسمىم يوغىناۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما يانچۇقۇم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تومپايمىدى،شۇڭا ماڭا نىسبەتەن Android نىڭ يانفۇندا ھەق تۆلەش ئىقتىدارىنىڭ ھىچقانداق قىممىتى يوق.“
10. CrowdTwist نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى

”ئالما مەيدانغا كىلىشتىن بۇرۇن،يانفۇن پەقەت يانفۇنلا ئىدى،ئالما پەيدا بولغاندىن تارتىپ،يانفۇن دېسە پەقەت تىلفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ دىگەن قاراشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى،يەنى ئالما پۈتكۈل يانفۇن كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.“
11.CrunchFund نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى

“نەچچە يىلدىن بىرى مەن بىر نەچچە خىل Android يانفۇنىنى ئىشلىتىپ كۆردۈم،ماڭا بەرگەن بىۋاستە تەسىرى شۇ بولدىكى،Android پەقەت ئەرزان باھالىق iPhone دىگەن گەپكەن.”
12.يۇقىرى پەن-تىخنىكا كارخانىچىسى،رىياسەتچى،ئېنتېرنىتتىكى داڭلىق شەخس

“ئىلگىرى مەن iPhone غا ئۆچ بولۇپ يۈرگەن،ئەمما ئۇ نى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندىن تارتىپ،ئۇنىڭدىن باشقا يانفۇننى ئىشلەتكۈم پەقەت كەلمىدى.”
13.The Next Web تورىنىڭ تەھرىرى

“iPhone نى 4يىل ئىشلىتىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئەمدى باشقا بىر يانفۇن ئىشلىتىدىغان ۋاقىت كەلدى،Android بىلەن Windows Phone ئىككىلىسىلا ياخشى تاللاش بولالايدۇ.”
14.كارخانىچى،Dispatch.IOنىڭ قۇرغۇچىسى

“ئىككى يىل بۇرۇن مەن iPhone نى تاشلاپ Android نى ئىشلەتكەن ئىدىم،ئەمما يىقىندا يەنىلا iPhone 4S قايتىدىن ئىشلىتىۋاتىمەن،ئۇ يەنىلا ئىشلتىشكە ئەپلىككەن.Android نۇرغۇنلىغان يىڭى نەرسىلەرنى سىناپ كۆرىۋاتقان بولسىمۇ،مىنىڭچە ھىچقايسىسىنى دىگەندەك ياخشى قىلمايۋاتىدۇ.”
15. Vox Mediaنىڭ مەسلىھەتچىسى

“ئىلخەت يوللاش ئىقتىدارىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،مەن iPhone 4نىڭ ھەممە ئىقتىدارىنى ياقتۇرىمەن.”
16.Techstars NYC نىڭ باش دىرىكتورى

“مىنىڭچە iPhone نىڭ ئەڭ ئەۋزەل تەرىپى ئۇنى تەتقىق قىلىپ چىققان مۇھىت،ھەمدە يۇقىرى سۈپەتتىكى ۋە سەرخىل بولغان قوللىنشچان پىروگراممىلار، مەن ئىزچىل ھالدا Android نى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدىم،چۈنكى،بارلىق Android يانفۇنلىرى ئىچىدە،ئەڭ ياخشى دىگۈدەك بىرسى يوق.”

بۇ ھەقتىكى باھالاش ئانالىز خەۋىرىنى مەنمۇ كۆردۈم. ئەجىبا، ئۇلار iPhone 4s نىڭ قىممىتى (بۇ قىممەت ماتېرىياللىرىنىڭ مۆلچەر بازار قىممىتى خالاس) نى باھالاپتۇ-يۇ، باشقا ئەقىلفونلارنىڭ مەسىلەن ھازىر ئەڭ يېڭى چىققان samsung يانفۇنىنىڭ قىممىتىنى باھالىماپتۇ. بۇنىڭدىن بىرەر ئالاھىدە نەرسىنى ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟ باھا مەسىلىسىمۇ بار. ئەمماiPhone ھەقىقەتەن ئاشۇ باھاغا ئەرزىيدىغان يانفون. ئۇنىمۇ دەيمىز بۇنىمۇ دەيمىز يەنىلا كۆنگىنى ئەڭ ياخشى. مەن ئىشلەتمىگەن ئەقىلفونلار ناھايىتى ئاز. مېنى بىلىدىغانلارغا بۇ سىر ئەمەس. مەن بىر تۇغما يانفون مەستانىسى. لېكىن ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئەقىلفون يەنىلا ئالما!

Software:كىم ئەڭ ئېسىلىگە ئېرىشىشنى خالىمايدۇ دەيسىز. مەنمۇ ئىشلىتىپ باقتىم، ھەقىقەتەن ئېسىل. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنى ئېلىپ بولالىشى ناتايىن، «تۆۋەن قاتلام» ئىشلەتكۈچىلىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن iPhone غا چىقىش قىلالمايدۇ. باشقا گەپلەرنى دېمىسەممۇ چۈشىنىسىز ھەقاچان.

nasin: مەن قارىسامغۇ ماڭا جەزمەن ئايفۇن ئىشلىتىدىغان ھىچقانداق سەۋەپ يوقكەن. كۈندە 10 نەچچە سائەت كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان ئادەمگە تىلفۇن كەلسە قۇبۇل قىلالايدىغان، ئۇچۇر يازالايدىغان ، سىرتقا چىقىپ قالغاندا ئانچە-مۇنچە تورغا چىقالايدىغان بىر يانفۇن بولسىلا يىتەرلىككەن.ماڭا ھازىر ئىشلىتىۋاتقان نوكىئا e63 نىڭ ئىقتىدارلىرى  يىتىپ ئېشىپ قېلىۋاتىدۇ. كىلىنچەككە ئەپ بەرگەن سونى-ئېرىسسىننىڭ ئاندرويد تىلفۇنىنىمۇ خوش ياقسا ئانچە-مۇنچە قولۇمغا ئېلىپ ياتقاچ ئۇيغۇرچە تورلارنى كۆرۈپ قويىمەن. تور ئارىلاپ ئەپ ۋە ئويۇنلارنى چۈشۈرۈش ، نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېقىش دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىنى قىلىش خوش ياقماي يۈرۈيدۇ. باشقىلار توردا تىلفۇنلىرىنى ماختىشىپ كەتسە باشقىلار يانفۇنىنى  زادى قانداق نوچى، قانداق ئەھمىيەتلىك ئىشلىتىۋاتقاندۇ دەپ ھەيرانمۇ قالىمەن.ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ تىلفۇنسىز، ئايفونسىزمۇ كۈنلىرىنى ئاجايىپ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشۈپتىكەنتۇق.شۇنىڭدىن قارىغاندا بىر ماددى نەرسە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ماھىيەتلىك نەرسىلەرنى بەلگىلەپ بولالمايدىكەن. كىيىن ئۇ يەر-بۇ يەرلەرگە چېپىپ يۈرۈيدىغان كۈنلەر كەپ قالسا ئېلىشنى ئويلىشىپ بېقىشىم مومكىن، ئەمما ھازىرچە بولسا بولمىسا بەرىبىر.

Weyrani:رەشىدكا
6. بۇ ئەڭ مۇھىم، ھازىرچە iOS دىن باشقا ھېچقانداق بىر ئەقىلفون مەشغولات سىستېمىسى يىلتىزىدىن ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ. ئابدروئىد ۋە Win Mobile 7 دا ئازراق قوللاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ لېكىن يەنىلا iOS قا يەتمەيدۇ. بىز ئەقىلفونلىرىمىزدا ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ ھۇزۇرىنىمۇ سۈرسەككەن دەيمىز! بۇ نۇقتىدىنمۇ يەبىلا iPhone بىردىن-بىر تاللاشتۇر.
ماۋۇ گىپىڭىز ھازىرچە ئارتۇق.4.0ئالىبۇرۇن تۇنۇپ بولدى.ھەم بازارغا چىقىپ بولدى.خەتلىرى ئايفوندىن چىرايىلىق ئىكەن.

oghlan305: مەن ئىىشلەتكەن تىلفۇنلار ئىىچىدە ماڭا ئەڭ ياخشى تەسىر قىلغىنى يەنە شۇ ئايفۇن ،،يانچۇقتا پۇل بولسا ھەممە كىشى تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشنى ئويلايدۇ ،يانچۇقتا پۇل بار ،لىكىن يىرتىق ئىىشتان ،،يىرتىق چاپان كىيىپ يۈرگەن بىلەن بۇ تۇرمۇشتا ئادەملىىك قەدىر قىممەت بىلەن ياشىغىلى بولمايدۇ ،،ئايفۇن تىىلفۇن ئىىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ .ئايفۇن ھىلىغۇ 5000يۈئەن كەن ،،10000يۈن بولسىمۇ مەن ئېلىپ ئىىشلىتىمەن ،ھەر ئىىش ئۆز يولى بىىلەن بولىدۇ .،،ئايفۇنننىمۇ ئىىشلىتىمىز ،،باشقىلارغا ياردەم قىىلىدىغان ئىىش بولسا ئۇننىمۇ قولىمىزدىن كىلىشىچە قىىلىمىز ،،كىشى مەبلەغ دىگەننى ئەڭ ئاۋال ئۆزىگە سىېلىش لازىم،،ئاندىن باشقا ئىىشلارغا.

facebook:  مەن ئايفۇننى ناچار دىمەكچى ئەمەس ،مەن ھېچقانداق ئەقلىي تېلفۇن ئىشلىتىپ باقمىغان ،لېكىن باشقىلارنىڭكىنى سىناپ ئىشلىتىپ باققان ،ئەمما مەن ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچراپ باقمىغان ،مېنىڭ ئويلايدىغىنىم كۆپ قىسم ئادەم 5000 يۈەن خەجلەپ ئايفۇن ئېلىپ سىلاپ ،مىلاپ ،تېلفۇن ،ئۇچۇر قىلىپ مۇزىكا ئاڭلاپ تورغا چىقىپ دىگەندەكلا ئىشلارنى قىلىدىغاندۇ ،ئەگەر شۇنچىلىك ئېقتىدارلا لازىم بولسا 1400 يۈەن ئەتراپىدىكى پۇلغا پەچەت تېلفۇننى ئالغىلى بولىدۇ ،بۇ ئېھتىياجىمىزدىن ئېشىپ قالىدۇ ،شۇنداق بولغاندا قالغان 3600 كوينى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ ،بىزگە پۇل سانجىمايدىغاندۇ ،5000 كوي ئەمەس 500 كوي 50 كوي ئۈچۈن زار بولىدىغانلار بار ،شۇلارنى ئويلاپ مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيدۇ  ،باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلايدىغان بۇلۇشى  مۇمكىن ،يەنە ئايفۇننى مودا قوغلىشىپ كۆز-كۆز قىلىشقا ئالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس بولغاچ ،ئايفۇن ئىشلەتسەك باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە بولىۋالغاندەك بۇلۇپ كۆرۈنىدىكەن ،بۇمۇ ناھايىتى نازۇك پىسخىك مەسىلىسى .ئالىدىغان ئىش بولسا مەنمۇ ئايدا 2 تالنى ئېلىشپ قۇيىمەن ،لېكىن مەن قىزىقمايدىكەنمەن ،ئالمىسام بولمايدىغان ۋاقىتقا كەلگەندە سامسۇڭنىڭ تېلفۇنىنى ئېلىمەن .
سىز ھەقىقەتەن ئايفۇن ئالتۇن مەستانىسى ،بۇنىڭغا قول قۇيىمىز ،شۇڭا سىزگە قول قۇيىدىغان يەرلىرىمىز كۆپ.

100000 نى پىشانىمىزگە تېڭىۋالساقمۇ قەدىر-قىممەت ئىشىپ قالمايدۇ ،قەدىر-قىممەت خەلققە ،ئائىلەڭگە ،دوستقا قىلغان مېھىردىن كېلىدۇ ،ئايفۇندىن پەقەت پۇلنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئامىرىكىغا ئېلىپ كېتىش كېلىدۇ .

karizqi: مېنىڭچە ئالما بولسا بىر ھازىرغا كەلگۈچە مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمى ،پۇل تاپاي دېسىڭىز ئالمىغا دېتال ياكى ئۇيۇن ياسىسىڭىز قىممەت يارىتىپ بېرىش ئىھتىماللىقى چوڭ،پۇل خەجلەپ ھوزۇر ئالاي دېسىڭىزمۇ خاتىرجىم  ھوزۇرلىنالايسىز،ئەمدى ئەجۈرگە كەلسەك زىددىيەتنى تېخى ھەل قىلىپ بولالمىدى،كىم بىلىدۇ ئاۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۇڭگۇز ئېشىپ كېتەمدۇ.

AR-TIL: 2يىلدىن ئاشاي دىدى،ZTE/中兴 نىڭ 220 كويلۇق تىلفۇنىنى ئىشلىتىۋاتىمەن. كاساپەتىنىڭ ئومۇرى بەك ئاز قالدى. ھەر قىتىم تۇرمۇشىنىڭ غىمىدىن ئازراق بىر نىمە ئېشىنىپ ياخشىراق تىلفۇندىن بىرنى ئالاي دەيمەنيۇ…يەنىلا بولدىلا  مۇشۇ پۇلىنى ساقلاپ قۇياي كىرەك بوپ قالار دەيمەن….مەنغۇ ھەقىقەتەن شۇ ئەقلى يانفۇنلارىنى ئىشلىتىپ بىقىشىنى راست ئارزۇ قىلىمەن.شۇڭا بەزىدە توردىن ئەقلى يانفۇنلارىنىڭ تەپسىلى كۇرۇپ كىتىمەن تىخى….خۇددى ئەتىلا ئالدىغاندەك…
لىكىن ھەي شۇ تۇرمۇشىنىڭ غىمى….ئاللاھىنىڭ مۇشۇ كۇنلىرىگە شۇكرى ئىيتىمەن.

oghlan305:رىشتە 1973ئەپەندى قانداقتۇر بەزىلەر ئىيىتقاندەك  ئايفۇن مەستانىسى ئەمەس بەلكى ئەقلىفون ساھەسىدە  چوڭقۇر بولغان مول ئەمەلى تەجىربىگە  ئىگە  شەخىس ،،خاتالاشمىسام رىشتە ئەپەندى ئايفۇن ئىىشلىتىشتىن بۇرۇن Andorid سىسىتىمىق موتورۇلا نى ئىىشلىتەتتى ،كىيىن ئايفۇنغا كۆچۈپتۇ ،ئۆز ئەمىلىيىتىدىن ئايفۇننىڭ نەقەدەر ئېسىللىكىنى ھىس قىپتۇ ،،مەن مۇ شۇنداق ،،بۇ يەردە ھىچكىم بىىر ئايفۇن ياسىغۇچىلارنىڭ تۇغقىنى ئەمەس ،،ئەمەلى ئىىشلەتكەندىكى ھىسياتىنى سۆزلاۋاتىدۇ ،مەن ھازىرغىچە باشقا تىلفۇن ئىىشلىتىپ كىيىن ئايفۇنغا كۆچكۈچىلەرنىڭ ئايفۇن ناچاركەن دىگەن گىپىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ،،شۇنداق دىگۈچىلار نىڭ كۆپىنچىسىى ئۆزى تىلفۇننىڭ قىپىنىمۇ تۇتۇپ باقماي تۇرۇپ باشقىلارغا  ئەگىشىپ سۆزلەۋاتقۇچىلاردۇر ،ئاۋال سىز يىڭى چىققان ئايفۇننى بىرەر مەزگىل ئىشلىتىپ باقسىڭىز  ئايفۇنغا يىتىدىغان تىلفۇن يوقلىقىنى ھىس قىلىسىز ،،ئۆزىمىز  قىپ باقماي گەپ قىلىۋەرسەك ئاساسسىز گەپ بولۇپ قالىدۇ.

raxit1973: مەنمۇ دەل ئاندروئىد 4.0 نىڭ ئۇيغۇرچىنى ئاساسىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلىمەن (مۇشۇ ھەقتىكى تېمىمۇ كۇلۇبتا بار) لېكىن يەنىلا ئايفونغا ئوخشاش %100 دېگىلى بولمايدۇ. Windows Phone7 مۇ ئۇيغۇرچىنى قىسمەن قوللايدۇ (توردىكى ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ، ھەرپلەر ئۇلانمىغان ھالەتتە. ئەمما ئەمما باشقا يەردە ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىدۇ. ئاندىروئىد4.0 دە بۇ ئىش ئالماشقاندەك قىلىدۇ (تور يۈزىدە نورمال كۆرسىتىپ يانفۇننىڭ باشقا يەرلىرىدە نورمال ئەمەس ئوخشايدۇ. بۇنى مۇشۇ ھەقتىكى تېمىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ). گەرچە بىزنىڭ ئەزىمەتلىرىمىز رومنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە قوللاتقۇزغان بولسىمۇ (بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن سۆيۈنىمەن) لېكىن بۇ روم ھەممىلا ئاندروئىدلىق يانفۇنغا چۈشمەيدۇ ھەم بۇنى خېلى كۆپ ئاندروئىد ئىشلەتكۈچىلىرى يانفۇنىغا مۇستەقىل ئورنىتالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدروئىد 4.0 نىڭ پىشىشىغا ۋە ئومۇملىشىشىغا خېلى بار. مەن دەل مۇشۇنى كۆزدە تۇتقانىدىم.
گەرچە تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش بەك مۇھىم بولمىسىمۇ لېكىن شۇنچە قىممەت پۇلغا ئەقىلفون ئالغانلارنىڭ ئەقىلفونلىرىدا ئۇيغۇرچىنى ئىشلىتىش ھېچبولمىغاندا نورمال كۆرۈش ئارزۇسى بولىدۇ. شۇڭا ئەقىلفوندا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرۈش-نورمال كۆرەلمەسلىكمۇ ئەقىلفون تاللاشتىكى خېلى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى بولالايدۇ دەپ قارىدىم.

IMG_0162.PNG

IMG_0163.PNG
مەن ئاندروئىد 4.0 دىكى ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ كۆردۈم، يامان ئەمەسكەن. بىراق يەنىلا ئايفوننىڭ سىستېما خېتىدەك كۆركەم ۋە ئۆلچەملىك ئەمەسكەن.

korash: ماناiphone 3gs ئالغىلى 5كۈن بوپتۇ ھىسقىلىشىمچە :
ئالما بىلەن ئاندرويىدنىڭ دۇنيا پەرقى يوق.ئەگەرپەرقى بار دىيىلسە بىرسى ئوچۇق سېستىما .بىرسى يېپىق سېستىما .بىرىدە ئۈسكىىنىنى تاللاش ئىمكانىيىتى زور. بىرىدە ئۈسكىنىنىمۇ سېستىمىنىمۇ ئۆزى تەمىنلگەنلىك پەرقى باردەك .
باھامەسىلىسىگە كەلسەك مودا قوغلاشسىڭىز ھەرقانداق يانفون سىز ئۈچۈن تۆتكۈندە ئەخلەت. ئەگەرمۇشۇنىڭدىن يولىدا پايدىلىناي دىسىڭز ھەرقانداق يانفون ئوخشاش ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ  .
iphone4           iphone4s ھەرقانچە بولسىمۇ كومپىيۇتېر ئەمەس يەنىلا يانفون شۇڭا زىيادە قىممەتنى تاللىسىمۇ يەنىلا ئوخشاش. شۇڭا ھەركىم ئۆز ئېھتىياجىنى چىقىش قىلسا ياخشى.
5000~7000 غىچە يانفۇن ئالغان پۇلغا بىردانە لەپتوپ بىلەن قوشۇپ نورمال باھادىكى ئەقلىيفوندىن بىرنى ئېلىش مىنىڭ پىكىرىم.
ئوشۇق تالاشقان بىكار ھەممىمىزنىڭ ئەۋالىمىز ئوخشىمايدۇ ئەمەسمۇ.

facebook: مەسىلە رىشىتكامنىڭ  ئايفۇن مەستانىسى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى ئەمەس (رىشىتكام ئۆزىمۇ مەن  ئەقىلفۇن مەستانىسى دەپتۇ ) ،مەسىلە پۇل ئارقىلىق قەدىر-قىممەتنى ئۆلچەش ،ئابرويغا تاقاش ،سىز بۇرۇن يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ ،سىزنىڭ گەپلىرىڭىز شۇنداق مەنىنى بىلدۈرىدىكەن ،ئەمدى سىزنىڭ گېپىڭىزدىن قانداق مەنە چىقىدىكىن ؟

batush: ھازىرمۇ يەنە نۇرغۇن كىشىلەر نوكىيا تېلفونلىرىنى سېتىۋىلىشىدۇ ھەم ياخشى كۆرىدۇ .
توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ ، ئۆچكە جاڭگال دېگەندەك ،
مەن ئىشقىلىپ بىرەر ئېلىكترون مەھسۇلاتى يېڭى چىقسىلا بىر تۇتۇپ ئىشلىتىپ باققۇم كېلىدىكەن . سېتۋىلىشقا قۇربۇم يەتسە سېتىۋالىمەن ، بولمىسا ساتىدىغان ماگزىنغا بېرىپ تازا ئويناپ پۇخادىن چىقىپ قايتىپ كېلىمەن .
ئايفون، ئايپەدلەرنىمۇ ،سونىينىڭ سىزىمچان ئىكرانلىق كومپىيۇتېرلىرىنىمۇ، سامسۇڭنىڭ يېڭى چىققان note,Galaxyلىرىنىمۇ بىر قاتار ئويناپ بېقىپتىمەن .
يەنىلا يېنىمدىكى تېلفونغا يەتمەيدىكەن….

Omar14: “iPhone نى 1يىل ئىشلىتىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى،ئەمدى باشقا بىر يانفۇن ئىشلىتىدىغان ۋاقىت كەلدى،Android بىلەن Windows Phone ئىككىلىسىلا ياخشى تاللاش بولالايدۇ.”
مونۇ گەپنى قوللايمەن
ھازىر قولۇمدا ئىككى يانفۇن بار …..   iOS بىلەن Android نى تەڭ ئىشلىتىۋاتىمەن …. …
ئالما تېلېفۇنى ئىشلەتكۈچىلەرگە پەقەتلا تاللاش يولى بەرمىگەن

Boghlan: iPhone  ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئاغزىدىن:
iPhone  نىمۇ ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن، ئەمما باتارىيە قەتئىي ئۇزۇن پايلىمايدۇ، ھېلىدىن-ھېلىغا توكى تۈگىگەن. زەرەتلىگۈچ يېنىمدا. بېكار بولسىلا توكقا چاتىمەن، ھاجەتخانىغا ماڭساممۇ ئېلىپ يانچۇققا سالىمەن، قوياي دىسەم قىممەت تېلېفۇن، بىرەرى ئېلىۋالسا 5000 يۈەن يوق، ئۇ يەردىن يېنىپ چىقىپلا يەنە توكقا چاتىدىغان گەپ … ئاخىرى بولماي Android سىتېمىلىق HTC سېتىۋالدىم.

raxit1973: ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن ئىشلىتىۋاتقانلار بىلىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئورتاق كەمچىلىكى، باتارىيەسى ئۇزۇن يەتمەيدۇ، ئادەتتە خاس تېلېفۇنلىشىشقىلا ئىشلەتسەكمۇ باتارىيە 2 كۈندىن ئاشمايدۇ بۇ ھەم ئايفۇنغىمۇ HTC گىمۇ، سامسۇڭغىمۇ ئورتاق. ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتە ئايفون ھېچقانداق بىر ئەقىلفونغا يېڭىلىپ قالمايدۇ. چاتاق يىرى، ئايفوننىڭ ئوتى يامان بولغاچقا ۋاقىت تاپساقلا ئوينايمىز، شۇڭا باتارىيەسى بىر كۈندىن ئارتۇق يەتمەي ئاغرىنىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ تېمىدا خېلى كۆپ سەمىمىي ئىنكاسلار بار، شۇڭا بۇ ئىنكاس  ئادەمگە قەستەن تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.
قايسى ياخشى، كۆنگىنىڭىز ھەم سىزگە ئازادىلىك بېغىشلىغىنى ئەڭ ياخشى! بىرىنى چۆكۈرۈش ئارقىلىق يەنە بىرىنى ماختاشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟!

iphone: مېنىڭ قارىشىمچە ، ئالما بىلەن ئاندىرويدنى بىر يەردە قويۇپ سېلىشتۇرۇش سەل كۈلكىلىكمىكىن ؟ نېمىشقا دەمسىز ؟ ئاندىرويدنى بىر ئالىي دەرىىجىلىك مېھمانخانىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، بۇ مېھمانخانىدا كىم قونسا بولىۋېرىدۇ ، مېھمانخانىنىڭ ھڭزيرىنى كىم سۈرسە بولىدۇ ، دېمەك ئاممىۋى سورۇنغا ئوخشايدۇ  ؛ ئالمىنى بىر كاتتا داچىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، پەقەت شۇ داچىنىڭ ئىگىسى ئۆزىلا كىلىپ قونىدۇ ، ئۆزىلا بۇ ئىسىل داچىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيدۇ ؛
ئاندىرويد ئوچۇق كودلۇق ، يەنە كىلىپ ھەقسىز ، يەر شارىدىكى ئەڭ ئىلغار يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەردىن تارتىپ ، ئەتىراپىمىزدىكى رادىئو ياسايدىغان تاغتۇرافون زاۋۇت – شىركەتلىرىگىچە  ئاندىرويد سېستېمىلىق ئالىي دەرىجىلىك يانفونلاردىن تارتىپ  ، ئادەتتىكى ئاندىرويىد سېستىمىلىق تاغتۇرافونلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ ، دېمەك ھەر كىم ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىۋالسا بولىدۇ ؛
ئالمىنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسى يېپىق كودلۇق  سېستىما ، ئۇنى ئالما شىركىتىدىن باشقا ھېچقانداق شىركەت ئۆزگەرتەلمەيدۇ ، ئۆزگەرتكەن تەقدىردىمۇ ، يانفون مەشغۇلات سېستىمىسىنى ئاكىتىپلىيالمايدۇ  ،  مانا بۇ ئالما ئېمىرىيەسىنىڭ  مونوپوللۇق ئالاھىدىلىكى .
مەن بۇ يەردە قايسىنىڭ ئىلغار ، قايسىنىڭ يەنە بىر قانداق ئىكەنلىكىنى ماخـتاپ ياكى كەمسىتىپ يۈرمەيمەن ، پەقەت ئىككى خىل نەرسىنىڭ پەرقىنى ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىشى بويىچە سۆزلەۋاتىمەن .
ھەممىمىزگە مەلۇم ، پەن -تېخنىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئاخىرىقى ھېسابتا ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ، شۇنداقلا مۇ ئەييەن ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ، مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ، ھەقسىز ، ئوچۇق كودلۇق ئاندىرويدنىڭ كەلگۈسى مەۋھۇم ،  چۈنكى ئاندىرويد ھەقسىز سېستىما بىلەن بازار ۋە ئابونېت ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتىدۇ ، لېكىن شۇنچە ھەقسىز بولغان ئوچۇق كودلۇق سېستىمىغا ئىگە كۆچمە سانسىزلىغان كۆچمە مەھسۇلاتلار يېپىق كودلۇق ، قىممەت بولغان ئالما مەھسۇلاتلىرىدەك بازاردا يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ ، چۈنكى ئاندىرويدتا ئالمىغا ئوخشاش يۈكسەك دەرىجىدىكى بىرلىك يوق ، شۇڭا يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا ،  ئەگەر گوگىل ئاندىرويىدقا بولغان سېتىراتىگېيسىنى تەڭشىمىسە ئالما ئالدىدا ئۇتتۇررۇپ قويۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق .
يەنە باشقا مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، سەپلىمىسى ئايفوندىن يۇقىرى بولغان ئاندىرويىد مەشغۇلات سۇپىسىدىكى يانفونلارنى يۈرۈشۈش  ۋە  ئىنكاس سۈرئىتى ئايفونغا يەتمەيدىكەن .
بەزى مۇنبەررداشلار ئېيتقاندەك ، قانداقلا بولمىسۇن ، ئايفون يەنىلا تېلېفون ، مەن بۇ قاراشقا قارشى تۇرمىساممۇ ، لېكىن قوللاپ كەتمەيمەن ، چۈنكى ، ئايفون خاس يانفون بولۇش ئۇقۇم دائىرسىدىن ھالقىپپ كەتتى ، كاللمىزغا  چوڭقۇر سېڭىپ كەتكەن يانفون دېگەن سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئۈسكۈنە دېگەن يانفون ئۇقۇمىغا ئايفون يېقىن كەلگۈسىدە باشقىچە ئېنىقلىما بىرىدىغاندەك تۇرىدۇ .
يەنە باشقا مەلۇماتلاردىن كۆرە ، ئالما شىركىتىنىڭ ئاندىرويد لاگېرىدىكى چوڭ سەردارلارنىڭ بىرى بولغان HTC ئۈستىدىن قىلغان پاتېنىت داۋاسىغا قارىتا خەلقئارا سودا كومېتىتى 14 -دىكابىر ئاخىرقى كېسىم چىقىرىدىكەن ، ئەگەر ئالما شىركىتى دەۋادا يەڭسە ، HTC نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا زېمىنىدا سېستىش ئومۇمىيۈزلۈك چەكلىنىدىكەن ،بۇ   HTC بىلەن چەكلىنىپلا قالماي ، ئاندىرويىد لاگېرىدىكى سامسۇڭ ، موتورولا قاتارلىق داڭدارلارنىمۇ تالاپەتكە ئۇچرىتىدىكەن .
شۇڭا ، ئنىكاسىمنىڭ ئاخرىرىدا دېمەكچىمەنكى ، كەلگلگۈسى ئەقلىفون ساھەسى ئالما ئېمپىرىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كىتىددىغاندەك تۇرىدۇ .

Weyrani: باشتىكى گەپلىرىڭىزنى قوللايمەن.ياخشى يامان تەرەپلەرنى تەڭ كۆرگۇلۇك مەنچە بولغاندا..
تېلفۇن ھامان تېلفۇن.شاتۇتى ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويغانلىقى ئۇچۇنلا ئادەم بولدى دىسەك بولامدۇ؟
سوت ھۆكۇمنى تېخى ئېلان قىلمىدى.مەنچە بولغاندا ھامان ئالما قانداقلا قىلسا زىيان تارتىدۇ.بازاردىن تەڭ پايدىلىنىش ئەڭ ئاقىلانە قارار.ئەينى زاماندا مىكروسوفىتمۇ مۇنۇپۇلغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇنلا ئالمىغا مەبلەغ سالغان.مانا ھازىر قۇتۇلۇپلا سەكرەپ كەتتى.

facebook: 1.   ئامىرىكا رىقابەتنى چەكلەپ قويىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ (شەخسى كۆز-قاراش).
2.  ئاندرويىد سېستىمىسنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىدى .
3.  بۇنىڭدىن كىيىن قاتتىق دېتال پۇل ئەمەس ،قاتتى دېتالغا ئەگىشىپ كەلگەن مۇلازىمەت پۇل بولىدۇ.
4. كومپيۇتېرغا باغلىنىشلىق كەسپلەردە مونوپۇل قىلىۋېلىشغا قارشى تۇرىلىدۇ ،شۇنداق بۇلۇپ  قالسا تەرەقىياتقا توسقۇن بولىدۇ .
5.ئالمىنىڭ ipad ماركىسى جوڭگودا چەكلىنىش ئېھتىماللىقى بار .سامسۇڭ بەرزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە چەكلىمىگە ئۇچراۋاتىدۇ .
6 .باھا كۆپىنچە ھاللاردا ئىشلەتكۈچىلەر(كومپيۇتېر بىلەن شۇغۇللانمايدىغان) تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ .
7 .مەڭگۈلۈك ئىمپىرىيە يوق .

مەن پەقەت تېخنىكىنىڭ تەرەقىي قىلىشىنى كۆزدە تۇتتۇم .

korash:  دۇرۇس ئايفون دەرىجىدىن ھالقىدى .ئەمما باشقىلىرىنىمۇ ھالقىمىدى دىيىشكە بولماس.
ئاۋۇ داچا بىلەن مىھمانخانىنىڭ سېلىشتۇرمىسنى ئوبدانلا كىلىشتۇرۇپسىز جۇمۇ!
ھەرنەرسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىكى بولىدىكەن.قېنى بۇيېڭى سېستىما بىلەنمۇ بىر ھەپىلىشىپ باقاي .
مەن ئۈچۈن ئېيىتقاندا مىنىڭ ئېھتىياجىم بىرىنجى ئورۇندا .ئېھتىياجىم قامدالسىلا بولدى.سىززە ھوزۇرلىنىشنى بىلىسىزجۇما.
قايىلمەن.
باشقا گەپنى ئايرىم مۇڭدىشارمىز!

پىلىت مانا!!

NEZERI بىرلا جاۋاب : 50 سوملۇق تېلفون ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭ ئويلىيالايدىغىنى 5000 سوملۇق ئەقلىفون ئىشلىتىدىغان ئادەمنىڭكىگە يەتمەيدۇ!
بۇ گەپتە كەمسىتىش يوق. لېكىن بۇ مىنىڭ ھازىرقى خۇلاسەم.

hoopeeloverھەركىم ئۆز ئىھتىياجى بويىچە تاللاش ئېلىپ بارمامدۇ . بۇنىڭ ئەقىل بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ياكى  بۇ گەپنى چۈشىنىشكە مېنىڭ ئەقلىم كاملىق قىلۋاتامدۇ. ئازراق تەپسىلىي توختالسىڭىز بوپتىكەن. قىچىشمىغان يەرنى تاتلىغاندەك قىلىپ قانداق گەپ بۇ ئەمدى.

facebookراس  ،بۇ گېپىڭىزنى راست شەرت قىلىپ تۆۋەندىكى يەكۈننى ئىسپاتلىۋالاي ھە ،

يەكۈن 1:دۇنيادىكى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر( باشقىلار ئويلىيالمىغاننى ئويلىيالايدىغان كىشىلەر )، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايفۇنى(ئەقىلفۇن) بار .
بۇ يەكۈنىمىز توغرا بولسا بۇنىڭ تەتۈر ئىنكار يەكۈنىمۇ توغرا بولىدۇ :
يەكۈن 2: ئايفۇنى يوقلارنىڭ ھەممسى نوبىل مۇكاپىتىغا ئېرىشمىگەن كىشىلەر .

ئەمدى مىسال ئىشلەپ باقايلى ،ئېينىشتىيىن ،نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دەپ ئاڭلىدىم ،بۇ ئەپەندىمنىڭ ئەقىلفۇنى يوقلىقىغا مەن كېپىل بولاي.

مەشىق 1: يەكۈن 1 دىن ،ئېينىشتىيىننىڭ ئەقىلفۇنى بارلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ .
مەشىق 2 يەكۈن 2 دىن ،ئېينىشتىيىننىڭ نوبىل مۇكاپىتىغا ئېرىشىپ باقمىغانلىقىنى بىلىشكە بولىدۇ .

ۋاي … قانداق قىلاي ئەمدى كومپيۇتېرىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە  cpu سى ئىشلىمەي قېتىۋېلىپ بارىدۇ … …

iphone: ماۋۇ گېپىڭىزنىڭ جېنى بار . قەتئي قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن .
بۇ يەردە پەقەت ئايفون توغۇرلۇقلا مۇلاھىزە بولۇۋاتىدۇ ، بەزى بۇرادەرلەر تېما دائىرسىدىن بەكلا ھالقىپ كىتىپتۇ .
ئەلۋەتتە ، ئايفونى بار كىشىلەر يوغان ئادەم ئەمەس ، لېكىن ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق چۈشىنىشى بار ، شۇنداقتىمۇ چۈشىنىش دائىرىمىز مەزكۇر تېمىنىڭ مەزمۇنىدىن ھالقىپ كەتمىسىلا ياخشى ئەھۋال .

oghlan305نەزىرىنىڭ گىپى  تولىمۇ  توغرا  بوپتۇ ،،ئىىشەك ھارۋىسىدا ئولتۇردىغان ئادەم بىلەن  بىنىز ماشىنىدا ئولتۇردىغان ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ئوخشىمايدۇ ،،بۇ ئېنىق ئىىتراپ قىلىش لازىم.

tughluqيۇقارقى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ قاتتىق ئويغا پاتتىم، ئىچىم بەك سىقىلدى، ھەييييييي…. كۇلۇبتىكى ئەزالار بىر بىرىدىن قېلىشمايدىغان ئاقىللار تۇرۇپ نىمىشقا بۇنداق ئەھمىيەتسىز مۇنازىرىلەرنى  قىلىشىدىغاندۇ-ھە. بىرسى يانفۇن ئارقىلىق يۇقىرى تۆۋەن قاتلام دەپ ئايرىۋاتقان، بىرسى ئەقىلگە باھا بېرىۋاتقان…… مەنچە بولغاندا ئاشۇ ئېسىل، بىزنى تالاش تارتىشقا سېلىۋاتقان يانفونلارنى ئىختىرا قىلغانلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق كىشىلەركەن، ئۇلار بىزدەك قۇرۇق مۇنازىرە قىلغاندىن كۆرە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ بىزنىڭ كۆزىمىزنى ئالاچەكمەن قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساۋاتمامدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەلىيۇلئەلا بولغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيەنى زىيارەت قىلغان فىلىمنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئويغا چۆككەن ئىدىم، ھازىر يەنە شۇ ئېسىمگە كەپ قالدى، ئاتا-ئانىسىنىڭ قىزىغا تېلفون ئېلىپ بەرگۈدەك قۇدرىتى بولسىمۇ لېكىن پەخرىيە ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەنىكەن، بۇنىڭدىن نېمە مەنە چىقىدىغاندۇ.

nasinيېڭى ئالغان فارالى ماشىنامنى ھەيدەپ كىتىپ بېرىپ شۇنى ئويلاپ قالدىم. پىيادە يۈرگەن ئادەملەر، ئادەتتىكى ماشىنىلارنى ھەيدەپ يۈرگەن ئادەملەر نىمانداق ئەخمەق، تەپەككۇرى تۆۋەندۇ.

raxit1973: ھا… ھا… ئەجەپ قىزىق ئادەملەر بارجۇما!؟

xjuyghurboy: بىر ماددى بۇيۇم بىلەن تەپەككۇرنىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بولسۇن ؟

artax: تېلىفوننىڭ ئىقتىدارى ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرى بۇنى ھەممىمىز ئېتىراپ قىلىمىز. شەخسەن مەن ئالما شىركىتىنىڭ  مەھسۇلاتلىرىدىن بىلگەنلىرىمنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ باقتىم. ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئۆزگىچە تەپەككۈر  ئىدىيىسى بىلەن روياپقا چىققان ئىقتىدارلىرى كۆپ،ئەپسۇسكى باھاسى ھەقىقەتەن بەك قىممەت. پەقەت مۇشۇ باھا قىممەتلىكى سەۋەپ تېما بەزىلەرگە نىسبەتەن باشقىچە تۇيۇلغان چېغى، كۈلكىلىك كۆزقاراشلار بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ. ناۋادا ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرى باھا جەھەتتىن ئوخشاش مەھسۇلاتلار بىلەن بەك پەرقلىق بولۇپ كەتمىگەن بولسا، تېما مەزمۇنى بۇ خىل يوسۇندا داۋاملاشماستى دەپ ئويلايمەن. مەيلى قانداقلىكىن بولمىسۇن مەنمۇ بىر ئالما مەستانىسى.(بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق ئالما توغرىلىق تېمىلارغا ئىشتىراك قىلاي دەپ ئويلىغان، ئەمما خاتا كۆز قاراشلار بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئىنكاس قايتۇرماي يۈرگەن ئىدىم)

arkuighur: بۈگۈن مىكروبلوگقا قارىسام مۇنۇ شېئىر ئېقىپ يۈرۈپتۇ.

umit2005: ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئاندرويىدنى چۆكۈرمەي، ئايفوننىڭ ئالاھىدىكى سۆزلىسەڭلار، ئاندرويىد ئىشلىتىۋاتقانلار ئايفونىنى چۆكۈرمەي، ئاندرويىدنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سۆزلىسەڭلار بولمامدىغاندۇ؟
ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىقتىدار جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە باھا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بارلىقىغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك.

E-Chewendazئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نەزەرى! مەن سىزنى خىلى بىلىملىك،چوڭ شەھەر كۆرگەن،خىلى ئادىل،ئورونلۇق گەپ قىلىدىغان،مىللەتنى ئويلايدىغان بالا(كىشى) دەپ ئويلايتىم،ئەمما مانا مۇشۇ بىر جۈملە سۆزىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىش ئىھتىماللىقىڭىز بارلىقىنى ئويلاپ يىتەلمەپسىز.نەسىھەت ئاچچىق ئىيتىلىدۇ…..
   گىپىڭىزدىن ئىنىقلا كەمسىتىش چىقىپ تۇرسا،بۇ گەپتە كەمسىتىش يوق دەپسىز….توغرا گەپنى قىلغاندا ئالما مەھسۇلاتلىرى خۇمارى بولۇپ قالغان قىسمەن تورداشلىرىمىز ئاخىرقى ھىساپتا پۇلدىن باشقىنى تونومايدىغان،ھەممە نەرىسىنى قىسقىسى ئۆز-ئارا ھۆرمەت،دوستلۇق،مىھىرى-مۇھاببەت،كىشلىك ئىززەت-ھۆرمەت قاتارلىقلارنى پۇل بىلەن ئۆلچەيدىغان ھالەتكە يىتىپ قاپسىلەر،بەلكىم بۇ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا سىلەرگە بەرگەن سەلبىي تەسىرى بولسا كېرەك.(ئىجابىي تەرىپىنى مەن دىمىسەممۇ سىلەر ئۇنداق تېخنىكا،بۇنداق سەنئەت،دۇنيادا تەڭداشسىز دىگەندەك باھالار بىلەن باھالاپ بولدۇڭلار).سىزنىڭ ئاخىرقى خۇلاسىڭىزمۇ  پۇل ئارقىلىق ئادەمگە،يەنە كىلىپ ئادەمنى ھايۋاندىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم نەرسە ئىنسان تەپەككۈرىگە باھا بىرىش بوپتۇ.ھىلىمۇ ياخشى بۇ بىر يانفۇنغا مۇناسېۋەتلىك تىما بولۇپ قاپتىكەن،ئەگەر ئالغان مۇئاشىمىز،تاپقان تاپاۋىتىمىز،تۇرىۋاتقان ئۆي جايىمىز توغرىسىدىكى تېما بولدىغان بولسا كەمسېتىش پۇرقىنى بىر ئالغان سىېسىق گەپلەر بىلىك كۇلۇبىنى بىر ئالغان بولاتتىكەن.ھەمىمىزگە مەلۇم بىلىك كۇلۇبىدا ئالىم دەرىجىسگە يەتكەن بىلىملىك ئۇستازلىرىمىز خىلى بار،بەلكىم ئۇلار بۇ تىمىنى كۆرگەندۇ ياكى كۆرمىگەندۇ،ئۇلار ھىچقانداق خۇلاسە ۋە باھا بەرمەستىن بىزلەر خۇلاسە،باھالارنى بىرىپ يۈرۈپتىمىز،مانا بۇ بىزدىكى تەنتەكلىك بولماي نىمە؟مەنمۇ تەنتەكلىك قىلىپ ئاخىرقى ئاچچىق بىر ئىغىز گەپنى قىلىپ قوياي:5000يۈەنلىك ئايفۇنى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسنىڭ سېتۋ.جوبىس بولالىشى ناتايىن.(نەزەرى گىپىم قاتتىق كەتكەن بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماسىسىز،كونىلاردا بىرى چوڭنىڭ،بىرى كىچىكنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سال دەپتىكەن،مەن ياش جەھەتتە سىزدىن چوڭ بولساممۇ،كۆرگەن بىلگەنلىرىم سىزدىن ئاز،شۇڭا ئۆزۈمنى ئادەتتىكى ئادەم چاغلاپ ئۇشبۇ ئىنكاسنى يازدىم)
ئاخىرىدا:ھۆرمەتلىك بىلىكداشلار،بىلىك كۇلۇبى خەلقىمىز كىشىلىرى ئارىسىدىكى ئىلىم سۆيەر كىشلىرىمىزنىڭ ئورتاق كۇلۇبى،بۇ قانداقتۇر بىر قانچەيلەنلا كۆتۈر ئىلىۋالغان،ئاغزىغا نىمە كەلسە شۇنى دەپ،بىر-بىرىمىزگە قىر كۆرىستىدىغان تاماششا سورونى ئەمەس،ھەممىمىز ئىلىم ئىگىلىرىدىن بولغانىكەنمىز،ئامال بار ئىلمىي بولايلى،ئىناقلىقىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورونغا قويايلى!ئىناقلىقىمىز ئارقىلىق بىلىك كۇلۇبىنى ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى بىلىم قامۇسىغا ئايلاندۇرايلى!

iphone: بىر ماددى بۇيۇم بىلەن تەپەككۇرنىڭ ئەلۋەتتە مۇناسىۋىتى بار بولىدۇ . مەسىلەن : ئەڭ دەسلەپتە يەر شارىدا يول يوق ئىدى ، ماڭدىغان كىشىلەر كۆپەيگەنسېرى يول پەيدا بولغان ، كېيىن يەنە ئادەتتىكى يول ، چېغىر يول ، تاشيول ، قۇملۇق يولى ، ئورمانلىق يولى ، تاشيول ، تۆمۈر يول ، قۇرۇقلۇق يولى ، دېڭىز يولى ، ھاۋا يولى ، يەر ئاستى يولى ، دېڭىز ئاستى يولى ، قېتئەلەر ئارا يول ، ئالەم يولى …… دېگەندەك يوللار بارلىققا كەلگەن . كەلگۈسىدە يەنە بىز ئىسمىنى ئاتاپ بولالمايدىغان يوللارنىڭ بارلىققا كىلىشى مۇقەررەر . ئەگەر شۇ ۋاقىتتا ئىنسانلار ماددىدىن ئىبارەت ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان نەرسىنىڭ تەسىرىدە تەپەككۇر قىلمىغان بولسا شۇنچە كۆپ يوللار شەكىللەنمىگەن بولاتتى . 
     خوش تېمىغا قايتىپ كەلسەك ، مەزكۇر تېمىدا سۆزلىنىۋاتقان ئايفون بىز ئەڭ دەسلەپتە ئۇچىراتقان سۆزلىشىش ، ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەتتىكى تېلېفونلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولغان ئىقتىدارلارغا ئىگە بولدى ، يەنە بىز بىلىپ بولالمايدىغان ، ئىسمىنىمۇ قانداق ئاتاشنى بىلمەيدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاپ ئوتتۇرغا چىقتى ، ئەلۋۋەتتە شۇ ئىقتىدارلار بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزنى كېڭەيتتى ، تەپەككۇررىمىزنى قوزغىدى ، ئۇنىڭ قانۇنىيتىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدىغانلىقى توغىرسىدا ئويلاندۇردى ، ئىزدەندۈردى ، دېمەك بىزنىڭ تەپەككۇر قىلىشمىزنى قوزغىدى ، شۇڭا بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان  ماددى بۇيۇم —-ئايفون بىلەن بىزنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تەپەككۇرى ئوتتۇرسىدا مۇتلەق ھەم زىچ بولغان باغلىنىش بار (ئەلۋەتتە ئايفون ئىشلىتىپ باققانلار ، ئىزدىنىپ باققانلار ۋە ئىشلىتىش ئىستىكىدە بولۇۋاتقانلار بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ ).

dadaئايفون4، ماك پرو i5 ۋە ئايپەدلەردىن ياقتۇرغىنىم ئايپەد بولدى. ئامما ئەڭ بۇرۇن ئالماشتۇرغىنىممۇ بۇ ئايپەد بولدى . كېيىن ئايفوننى4نى يوقاتتىم . پەقەت ماك سىستىمىسى ئۈچۈن ئالمىنىڭ بۇ ماك پىرو لەپتوپىنى ھازىرغىچە چىداپ ئىشلىتىۋاتىمەن.   بىر چاغلاردا سۆلەت ئۈچۈن (ھەقىقەتەن خىجىلمەن) ھەممە نىمەمنى ئاق ئالما قىلىپ بولغىلى تۇرغان ئىدىم.  ئامما رىئال تۇرمۇشتا بۇ ئالمىنىڭ سەنئەت تىپىدىكى كىشىگە ھەقىقەتەن ھوزۇر بىرەلەيدىغان بۇ مەھسۇلاتلىرى كونكىرىتنى ئىيتقانداق بۇ تىلفونى ماڭا ياقمىدى.  ئالمىنىڭ ماشىنىسى چىقسا ئالسام دەپ ئويلايدىغان ئادەم ئىدىم.
مانا ئەمدى ئاران قۇتۇلدۇم بۇ ئايفوندىن .  
پەقەت تەكلىپىم  تىجارەتچىلەر ئالماڭلار بۇنى ياكى تولا سەپەرگە چىقىدىغان ئادەمنىڭ بۇنىڭغا ئىھتىياجى يوق . كىشىگە ئاۋارىچىلىق ئەكىلىدۇ خالاس. ئەڭ بولمىغاندا كاللىڭىزدا باتارىيەسى دىگەن ئەندىشە سىزگە ھەمراھ.
يەنى تېخى بۇنىڭ كۆكچىشى بىر ئاۋارىچىلىق  ئەسقاتمايدۇ.  ئەقەللىسى ماشىنامنىڭ ئۆزىدە بولغان كۆكچىشقا باغلىيالمەيمەن ،باشقا تىلفونلارنى خاتىرجەم باغلاپ كۆكچىشتىن پايدىلىنىپ تىلفون ئۇرۇش ۋە قوبۇل قىلىشلارنى ئىلىپ بارىمەن .بەكلا <<بىدئەد>> تۇيىلىدۇ مۇشۇ تەرىپى.
ئامما باشقا تىلفونلارغا قارىغاندا بىرىدىغان ھوزۇرى ھەقىقەتەن ياخشى ، بىرخىل سىزنى مۇكەممەللىك تۇيغۇسىغا باشلايدۇ.   ھەقىقى سەنئەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز . 
  لىكىن بۇ رىئال تۇرمۇشتا  سەنئەت يەنىلا سەنئەت ۋاقتى ئۆتىدۇ قالىدىغىنى ھەسرەت.
رىئاللىق يۈزلىنەيلى .  
ئۇنتۇپ قالماڭلار ، ئايفون ، بىلىشىمچە مۇشۇ جوڭگۇدىلا شۇنداق قىممەت.   باشقا يەرلەردە ئۇنچىۋالا ۋاھ دەپكەتكۈدەك قىممەت ئەمەس .
ئەگەر مۇش ئايفون ئارقىلىق نوچىلىق قىلىنىدىغان بولسا تەكلىپ بىرىمەنكى ئالمىنىڭ قول كومپىيوتىرىنى ئىلىپ بەسلىشىڭلار …….ھى ھى ھى ھى  بۇ چاخچاق جۇمۇ مەن ئۆزەمنىڭ ماك پىروسىنى ساتايمىكى دەپ ئېلان بىرىۋاتىمەن.

oghlan305: ماددى  بويۇم بىلەن تەپەككۇرنىڭ  مۇناسىۋىتى بارلىقىنىى ئازراقلا ئوقۇغان ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ ؟ سەل تۇتسا سىپى بار گەپ قىلايلى مۇنداق.

NEZERIرەھمەت كۆپچىلىك!
مىنىڭ كۆڭلۈمنى توغرا چۈشەنمەپسىلەر دېسەم يەنە باشقىلارغا سەلبىي باھا بەرگەن بولۇپ يىڭى قوشاقلارغا سەۋەب بولىدىكەنمەن. مەن خاتا ئىپادىلەپتىمەن دەي. لېكىن ئاشۇ خاتا گېپىمدىن يانمايمەن! مەنمۇ ئادەتتىكى بىر شەھەر پۇقراسىنىڭ پەرزەنتى، خىزمەتتىن قالغان دادام، خىزمىتى يوق ئانام مەن قاتارلىق بەش بالىنى ئالى مەكتەپتە قانچىلىك جاپا بىلەن ئوقۇتتى بۇنى مەن بىلىمەن. شۇنداق قىيىنچىلىق شارائىتتىن قانچىلىك نەتىجە يارىتىلدى بۇنىمۇ بىلىمەن (مەن ماتېماتىكا، فىزىكا پەنلىرىدە ۋىلايەت بويىچە بىرىنچى، ئومۇمى نەتىجىدە 2- ، ئاپتونۇم رايۇن بويىچە 8- بولۇپ ئىچكىرگە كەلگەندىن بىرى چىنىقىۋاتىمەن ئوقۇۋاتىمەنئوقۇيمەن! ئىنى- سىڭىللىرىممۇ سىنىپىدا ئالدىنقى 5نىڭ ئىچىدە(نەتجىسىنى پەش قىلدى دېيىلىپ قالمىسۇن. يۇقارقى ئېنكاسقا قاراتتىم)).دادامنىڭ شۇ ئازغىنە پۇلىسىدا بىزدەك ياخشى ئوقۇغانلار، تىرىشچانلار چىقتى، چىقىدۇ! شۇ كەمبەغەلنىڭ بالىلىرى ھازىر يەنە ئۈزلۈكسىز ئوقۇش يولىدا، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرشىش يولىدا تىرىشىۋاتىدۇ. لىكىن مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئادەمنىڭ قىممىتى شۇنداق ماددىۋى نەرسىلەر ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، لىكىن شۇنداق ماددى بۇيۇملار بولمىسا قىممەتنى ئۆلچەشكە ئاددى كۆز ئاجىز، مۇرەككەپ كۆز نىسپىي كەپ قالىدۇ.
پۇل قىممەت ئۆلچىمى ئەمەس. ئەمما قىممەت ئاشۇ يۈزى قىلىن پۇل ئارقىلىق ئۆلچىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا بىزدەك «ئۇيغۇر» ناملىق ئۇيۇشقاقلالار ئەمەس بەلكى دۇنيا مىقياسىدا ھەممە ئادەم رازى ئەمەس، ئەمما تەن بەرمەيمۇ ئىلاج يوق. يۇقاردا ئېيتىلغان كەمبەغەل شارائىتتا ياشاپمۇ ئىنسانىيەتكە تۈگىمەس بايلىق ياراتقان ئالىم- كەشپىياتچىلارنىڭ تارىخىنى مەن كۆپ ئوقۇغان(يازغان كىتاب ئوقۇش خاتىرلىرىم گۇۋاھ). ئىقتىساد دۇنياۋى تېمىغا ئايلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە يەنە پۇل تاپقانلارنى، ياخشى يەپ ياخشى ئېچكەنلەرنى، ئېسىل مۇھىتلاردا ئىلىم ھوزۇرى سۈرگەنلەرنى ماددى مەنپەئەتكە ئىنتىلدى، قىممەتنى ئىقتىسادى بۇيۇملار ئارقىلىق ئۆلچىدى دەپ تەنقىت قىلساق ئازراق كۆرەلمەسلىك، ئىتىراپ قىلماسلىق ھىسياتى ئارلاشقانلىق بولماي قالامدۇ؟ ئاۋۇ سەئۇدى پادىشاھى «پادىشاھ ئابدۇللاھ تېخنىكا ئونىۋىرىسىتىتى» ئوقۇغۇچىلىرىغا داچا سېلىپ بېرىپ، ئالاھىدە شارائىت يارىتىپ بېرىپ ئوقۇتىۋاتىدۇ. بىز تولا چوڭ گەپ قىلمايلى، بىزنىڭ بايلىقنى چوڭ بىلمەيدىغان نوچىلىرىمىزدىن نەچچىمىز ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئوقۇشسىز بالىلىرىغا ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ باقتۇق؟ ئەپسۇس، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق! ھالىمىز چاغ! «نۇرتاي بولماق ئوڭايمۇ؟» دەپ خىتاب قىلىدۇ دەۋر!! بۇ ھەقتە جېك نىڭ «ئۇيغۇر 500 دوكتۇر» دېگەن ماقالىسىنى قايتا كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يەنە بىر نوقتىدىن، بىزدە شۇنداق زامانىۋى ئۈسكىنىلەرگە قىزىقىدىغان، شۇنىڭدىن ئەتراپلىق پايدىلىنىپ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلدىغان، ئۆزىنى تونۇپ- ئۆزىنى تونۇتۇپ دۇنياۋى سەھنىدە ئۇيغۇرنىڭ نامىنى خەقكە بىلدۈرىدىغان ئەۋلادلار بارلىققا كەلسە يامانمۇ؟ بىزدە پۇل كۆپ بولسا، ھەممەيلەن شۇنداق ئىلغار ئۈسكىنىلەردىن ھوزۇرلانساق يامانمۇ(ئەسكەرتىش: مەن ئالما چوقۇنغۇچىسى ئەمەس. ئەمما ئالمىغا تايىنىپ پۇل تېپىشنىى ئويلاۋاتقۇچى. android تا پۇل تاپقىلى بولسا مەن يەنە شۇنى قىلىمەن. بىر ھەپتىدىن كىيىنكى 小米 غىمۇ پۇل تاپشۇرۇپ بولدۇم، چاتاق چىقمىسا شۇنى ئىشلىتىمەن)؟ يەھۇدىلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇغانلار بار، ھازىرقى داڭلىق بايلارنىڭ، كەشپىياتچىلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇغانلار بار. دىققەت قىلساق شۇنى بايقايمىز، نۇرغۇن تەتقىقات ئىختىرالىرى دەل شۇ ئىقتىساد نى مەركەز قىلىپ مەيدانغا كەلگەن(ئىقتىسادقا زادى ئىھتىياجلىق ئەمەستىم دېگەن كەشپىياتچى ئىشىپ كەتسە 72 سائەتتىن كىيىن ئۇ دۇنياغا ماڭىدۇ!). قاتتىق ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ شۇنى ئوقۇرمەنگە سىڭدۈرەيكى، پۇل تېپىپ باي بولۇپ كەتكەنلىك، زامانىۋى ياخشى ئۈسكىنىلەرنى سېتىۋىلىپ ياخشى پايدىلانغانلىق بىزنىڭ ئىسلام، ئەخلاق، قانۇن-نىزام لارغا ناھايتى ئۇيغۇنكى خىلاپ ئەمەس(5000 سومغا ئەقلىفۇن سېتىۋىلىپ ئۆچكە چېقىپ يەيدىغانلارغا ئىسلامى نوقتىدىن «ئىسراپخور» دەپ قالپاق بار)! ھەم مەنمۇ بۇنداق قىممەت مال ئارقىلىق قىممىتىمنى تونۇتىمەن دەيدىغانلارنى يوق دەپ قارىمايمەن.  
مىنىڭ ئالدىنقى جۈملەمدە ئاساسەن ئاشۇ ئۈسكىنىدىن تولۇق پايدىلىنالايدىغانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەن ئەزەلدىن «كىچىك لەقۋا»لارغا نەچچە مىڭ سوملۇق ئۈسكىنە تەشەببۇس قىلمىغان، لىكىن ھەممەيلەنگە نەچچە مىڭ سوملۇق ئىلغار ئۈسكىنە سېتىۋىلىپ شۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغانمەن. 50 سوملۇق تېلفۇن ئىشلەتسىڭىز «ۋەي» دېيىشكە كارغا كىلىدۇ. ئەگەر سىز ھازىرقى زامانىۋى جەمىئيەتتىكى نورمال بىر شەخىس بولسىڭىز «ئۇچۇر دەۋرى»،«ئاتوم دەۋرى»… دەپ تولا ماختالغان دەۋرىگە ماس كەلمەي قالدىڭىز. كەچۈرۈڭ، ماۋۇ ئېنكاسنى كۆرگۈچى ئەگەر تۇرمۇشتا تېلفوننى پەقەت «ۋەي» دېيىشكىلا ئىشلىتىدىغان پىرسۇناژ بولۇپ قالسىڭىز سىزنىڭ ماۋۇ ئېنكاسنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن. دېمەك، مۇشۇ دەقىقىدە مەن سىزگە 500 سوملۇق ئەقلىفوندىن بىرنى سوۋغا قىلسام سىز تورغا چىقالايسىز(ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلاردىن ئەڭ تېز خەۋەر تاپىسىز، ئۇچۇر دېمەك پۇرسەت دېمەك)، MSN نى ئېچىپ فىرانسىيەدىكى ھەدىڭىز بىلەن پاراڭلىشالايسىز(تېلفون پۇلى پايدا)، توردىن بېلەت ئالىسىز(ئەرزاننى بىۋاستە تاللايسىز، يەنە پايدا)، ئۆزىڭىزگە ئىھتىياجلىق بىلىملەرنى بىۋاستە تاپالايسىز (ماۋۇ سىزگە ئەس قاتىدۇ)…. يۇقارقىلارنى كومپيۇتېردا قىلغىلى بولىدۇ، بىراق ئۇيغۇرلاردا 24 سائەت كومپيۇتېرتور شارائىتى يوق دېيەرلىك، ئەمما ئاۋۇ ئەقلىفون 24 سائەت بىزگە ھەمراھ. شۇنچىلىك قولايلىقلارنى ياراتقان نەرسە بىزنىڭ ئىتىلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئەگەر ئاشۇ پۇلنى 10 ھەسسىلەپ 5000 سوملۇق ئەقلىفۇن سوۋغا قىلسام سىز ۇ نەرسىنى 500 سوملۇققا قارىغاندا تېخىمۇ ئەتىۋارلايسىز(قەدىرلەشنى ئۆگەندىڭىز)، 400 مىڭغا يىقىن قوللىنىلىشچان ئەپتىن بەھرىمان بولىسىز (تۇرمۇشىڭىزغا رەڭ قوشىدۇ)، كامىدا 5 يىل يۇمشاق دېتال مەنبەسىدىن ئەنسىرمەيسىز (ھازىرمۇ 2007-يىللىق iphone ئىشلىتىۋاتقانلار بار)، ئەقلىفۇننىڭ ئۆزىدىلا پۇل تاپشۇرىسىز، كىملىكىڭىزنى ئىسپاتلايسىز(NFCدېگەندەك بۇ ھەقتە مىسال كۆپ)… شۇنداقلا 500 سوملۇق تېلفۇندا يوق بەزى ئىقتىدارلار. ئەپسۇس نەزەرباي بىر كەمبەغەلنى بالىسى، ئۆزىمۇ سېتۇدېنت . سىزگە سوۋغا قىلالمايدۇ. پىكىرنى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئۆزىڭىزگە لايىق ئەقلىفۇن سېتىۋىلىڭ! ئەمدى نەزەرباينىڭ سەزگۈرەشتىسىنى ئاڭلاڭ:
مەن iPhone بىلەن ئۆتكەن يىلى مۇشۇ چاغدا ئۇچرشقان. بىرلا كۆرۈپ قاتتىق ياقتۇرۇپ ، پۇل يۇغلاپ ipod touch تىن بىرنى سېتىۋالدىم(پۇل يۇغلاشنى ئۆگەندىم). كىيىن ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ساتتىم (پۇل تېپىشنى ئۆگەندىم). ئەرزان ئېلىپ ئازراق پۇل قوشۇپ ساتتىم (تىجارەتنىڭ نىملىكىنى ئۆگەندىم). بىلوگ ئاچتىم (ئىلمنىڭ زاكىتىنى بېرىش دېگەن گەپنى ئۆگەندىم). يىڭى دوستلار، سودىگەرلەر بىلەن تونۇشتۇم (جاھاندارچىلىققا ماس يىڭى يوللارنى بايقىدىم) . بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن تىجارەت قىلىپ، تېخنىكا تەمىنلەپ، پۇل يۇغلاپ، مەبلەغ سېلىپ قولۇمدىكى 4iPhoneنى، macbookproنى، iPad2نى سېتىۋالدىم. ھەم يەنە مۇشۇ ئۈسكىنىلەرگە ئەپ يازىمەن دەپ دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا ئىزدىنىۋاتىمەن. ئەگەر مەن مۇشۇنداق بىر ياخشى مەھسۇلاتقا قىززىقمىغان بولسام بۈگۈنكى كۈندە چوقۇم يۇرتۇمدا ئوقۇتقۇچى ياكى بىرەر ئورگاننىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ يۈرەتتىم(قاتتىق ئەسكەرتىش: مەن بۇنداقلارنى كەمسىتمىدىم، پەقەت ئۇ خىزمەتنى ياقتۇرمىغانلىقمنى ئىپادىلىدىم!!!). 
مانا مەن ھازىر بۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكىنىلەردە تۇرۇپ ناھايتى قولاي ھالدا نۇرغۇن ئىشلارنى بىجىرىۋاتىمەن، بىجىرىمەن. خالىغان ۋاقىتتا خالىغان جايدا ئۆزۈمگە لازىملىق بىلىم ئۇچۇرلاردىن بەھىر ئىلىۋاتىمەن. دېمەك مەن يۇقارقى قىممەت ئۈسكىنىلەردىن قىممەت ياراتتىم، تولۇق پايدىلاندىم. تاپاۋەتتىن پۇتى كۆيگەن كىچىك پەرىشتە، يارىدار ئابلەتجان لارغا كۆڭلۈمنى سۇنالىدىم، رامزاندىمۇ مۇۋاپىق ئۆشرە-زاكات بېرەلىدىم. بىلوگ بوشلۇقىنى ياخشىلاپ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەنگە apple تېخنكىسى تارقىتالىدىم. ئەگەر مەن ئاشۇ نەچچە مىڭ سوملۇق نەرسىگە ھەۋەس قىلمىغان بولسام مۇشۇ كۈنۈمنىڭ بار يوقلۇقىغا بىر نىمە دېيەلمەيمەن. شۇڭا مەن سەھرادىكى 50 سوملۇق تېلفۇن ئىشلىتىدىغان بىرىدىن مەلۇم جەھەتتە بولسىمۇ كۆپرەك نەرسە ئويلىيالايمەن دەپ كېسىپ ئىيتالايمەن. يەنە مەلۇم جەھەتتە ئەلۋەتتە يەتمەيمەن.خۇلاسەمئويۇم، ئاشۇ 50 سوملۇق تېلفۇن ئىشلىتىدىغان ئادەممۇ كۆپرەك ئۇچۇرلارغا ئىرىشىش ھاجىتىنى ھىس قىلسۇن، تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى بىلسۇن، تېخىمۇ كۆپ نەرسە بىلىشكە يەنە ئىنتىلسۇن! 500 سوملۇق ھەتتا تېخىمۇ قىممەت ئۈسكىنىلەرگە ھاجىتى چۈشسۇن، تولۇق پايدىلانسۇن! مانا شۇ چاغدا مىللىتىمىز باي بولدى، قورساق غىمىدىن قۇتۇلۇپ ئىسلامىيەت مەنىۋىيەتكە تېخىمۇ توغرا نەزەردە قارىيالىدى دېيەلەرمىز. بىر ئادەم 5000 سوم تېپىپ ئەقلىفۇن ئالىمەن دەپ تىرىشسا بەلكىم شۇ پۇلنى تاپالىشى مۇمكىن، شۇ جەرياندا بەلكىم بۇ پۇلنى باشقا تېخىمۇ ياخشى يەرگە ئىشلتەلىشى مۇمكىن، تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن، ئەگەر 5000 سوم تاپىمەن دېگەن ئويمۇ بولمىسا ، كەچۈرۈڭ! بۇ ئادەمدىن مەن قاچاي! (مەسىلەن: مەن ئۆتكەن يىلى بىر podtouch قا 3 ئاي پۇل يۇغلاپ ئېلىپ، كىيىن 200 سوم پايدىسىغا سېتىپ 100 سومنى ھىلىقى نارەسىدىگە ئاتاپ خوش بولغان بولسام، ھازىر رەشىدكام تېلفۇن قىلىپ iPhone4s تىن 4 نى بۇيرۇتسا «ھە» دەپلا مال سالالايمەن.) سىزدە 50 سوم بولسا مىللتىڭىزگە 51 سوملۇق ياردەم قىلىمەن دەپ خىيال قىلماڭ، ئەمما 5000 سوم بولسا مىللىتىڭىزگە 4999 سوملۇق پايدا تېگىشى مۇمكىن (بىر سومغا سىز گىردە يەيسىز بەلكىم). يەنە شۇ گەپ 5000 تاپىمەن دېگەن ئوي بولمىسا گىردىمۇ چۈش بولىشى مۇمكىن. ئىسلام دىنى ھورۇنلۇق كۆرەلمەسلىكنى سۆكۈدۇ، ھالال بېيىشىنى قاتتىق قوللايدۇ. بىر يەردە «مەھەللەڭلىدە تۇتامغا چىققۇدەك بىر باي بولمىسا خىجىل بولۇڭلار» دېگەن جۈملىنى كۆرگەنمەن. چۈنكى يۇرتقا ئاپەت كەلسە، بالا قازا كەلسە سىز بىز شۇ باينىڭ سايسىدا (قارلۇقتىن نىمىشقا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ بەرمىدى دەپ رەنجىيمىز. «خالاستان تور تېخنولوگىيە شىركىتى» دىن نىمىشقا رەنجىمەيمىز؟؟ چۈنكى قارلۇق باي! ئۆزىمىزنىڭ! قارلۇق بولمىسا يەنە ئاۋۇ تاجىكقا يالۋۇرۇپ كىرگۈزگۈچ ياسىتاتتۇق.).
يۇقارقىلارنى كۆرۈشكە ۋاقتى چىقمىغانلار مۇنۇ گەپنىلا كۆرگەي: ھەممەيلەن ئۆزىگە خاس، ھاجىتىدىن چىقالايدىغان تېلفۇن ئىشلەتسۇن. بولسا ھەممىسى يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېلفۇنغا ئىھتىياجلىق بولسۇن، باي بولسۇن، پۇل تاپسۇن.
ئاخىردا، ھازىرغىچە بىزدە پۇلبايلىقنى يامان كۆرىدىغان ئەمما شۇنىڭغا تەشنا بولىدىغان، بايلارنى، ئېسىل نەرسە ئىشلەتكەنلەرنى ئاۋىيخور مەنمەنچى دەپلا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىكى قاراش بويىچە مۇئامىلە قىلىدىغان خاھىش باركەن(ھەتتا ئىقتىساد ئوقۇغانلاردىمۇ شۇنداق). مۇمكىن بولسا باشقىچە كۆز قاراش بىلەن قاراپ باقساق ئاندىن ھىلىقى ھىكايە(بىزنىڭ كىتابلاردا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بايلارنىڭ پۇللىرىنى كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بېرشىنى «ھەقىقەت» دەپ تونۇيمىز. ئەمما ئامېركىلىق ئوقۇغۇچىلار بۇنى كۆرۈپ «باي پۇلىنى ئەقلىگە تايىنىپ تاپقان تۇرسا، نەسىردىن نىمىشقا ‹بۇلاپ› كېتىدۇ؟» دەيدۇ. )نىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىمىز.بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، بىزگە بايلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ پۇلىمىزنى بۇلاپ ئاندىن سەمىرگەندەك بىلىنىدۇ.ئەمىليەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئەمما، نىمىشقا بىز كەمبەغەل؟ئۇ تاپقان پۇلنى نىمىشقا بىزمۇ تاپمايمىز؟ دېگەنلەرنى ئويلىمايمىز. (بايلارنى قۇيمىچىكاززاپ ھىيلىگەر دېگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى، شۇنداقلا مۇۋاپىق جازاسىنى بەرگۈچى ئاللاھدۇر!). چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى «ئاجىز»،«ئىقتىدارسىز»،«تىرىشماس»،«ھورۇن» دېگەنگە قارىغاندا يۇقارقىدەك بايلارغا ياخشى ياشىغانلارغا ئېسىل ئۈسكىنىلەرنى ئىشلىتىپ تۇرمۇشىنى گۈلدەك ئۆتكۈزىۋاتقانلارغا باشقىچە قالپاق كەيدۈرۈشنى بەكرەك خالايمىز. 

تېمىدىن ناھايتى، بەك، قاتتىق، يامان … چەتنەپ كەتتىم. ئىشىپ كەتكەن يەرلەرنى «تېخى ئۆگەنگۈچى ئەمەسمۇ» دەپلا ئەپۇ قىلغايسىلەر. يىقىندىن بىرى 7-8 قىتىم بازاردا ئۇيغۇرلارغا نەرسە كىرەك ئېلىشىپ بېرىپ خەنزۇلارغا ئۆزىنى «تۈرك»،«ئەرەب»،«گېرمان»… دەپ تونۇشتۇرۇشلارنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ ماقالە يېزىۋاتقان. شۇڭا كۆپ سۆزلىۋەتتىم بۈگۈن.

يىپيىڭى iPhone4,16G (ئاق) ئەرزان سېتىلىدۇ

سالام!

ساتارمەن نەزەرى يەنە يىڭى ئۇچۇر يوللايدۇ. يۇقاردا دېيىلگەندەك 香港 دىن كىرگۈزگەن ئاق رەڭلىك، 16G لىق (ئەلۋەتتە قۇلۇپسىز) iPhone4 تىن بىرى ئەرزان سېتىلىدۇ.

ئەسلى بىر دوستۇمغا سېتىۋالغان، ئەمما ئۇ بۇرادەر بۇنىڭغا ساقلاپ بولغۇچە ئاكىسى بىرنى سوۋغا قىلغان بولغاچ ماۋۇسىنى ئەرزانراق باھادا سېتىۋىتىدىغان بولدۇق. ھازىرقى باھا 4000 سوم. كىرانى سېتىۋالغۇچى كۆتۈرىدۇ. بارلىق ئورالما قاپلىرى، ئىشلىتىش قوللانمىسى، تىڭشىغۇچ، ئۇچۇر سىم، ئىكران ئاسراش پەردىسى، ئاسراش غىلاپى، SIM كارتا قايچىسى (MiNi SIM كارتا قاپچۇقى) دېگەندەك سەپلىمىلىرى تېخى ئىشلىتىلمىگەن ھالەتتە. iPhone نىمۇ ئېچىپ سىناپ باقتۇق، مەسىلە بايقالمىدى. سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى 1 يىل.

سېتىۋىلىش ئويى بارلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلغاي QQ,Email ————- admin@../

ئالمىغا يۇمشاق دېتال قاچىلاش ئۆلچەملىك دەرسلىكى

خالاستان بىلوگى شۇنى سەمڭىزگە سالىدۇ:«ھاياتلىقنى قەدىرلەپ 91 دىن يىراق تۇرۇڭ»

Apple مەھسۇلاتلىرىغا يىڭى ھەۋەسكارلار داۋاملىق ھالدا «91 ياردەمچىسى(ماس نامى «91 چوماقچىسى»)» نى ئىشلىتىپ يۇمشاق دىتال قاچىلايدۇ.

يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئازراق قولاي بولغىنى بىلەن 91 نىڭ بىللە قاچىلىنىدىغان لۈكچەك قىستۇرمىلىرى ساماندەك، شۇڭا ھازىر ھەممە مۇنبەرلەردە 91 ئىشلەتمەسلىك تەشەببۇسى قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمىليەتتە 91 ئىشلەتمەيمۇ بارلىق ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا خالاستان بىلوگى رەسمىي يوسۇندا 91 ئارقىلىق ئىشقا ئاشقان ئىقتىدارلارنى باشقا يۇمشاق دىتاللار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ، ھەم شۇنداق ھەل قىلىش چارىسى تەمىنلەيدۇ.

ئالدىنقى قېتىم، ناخشا مۇزىكا يوللاشنىمۇ 91 سىز مۇھىتتا ئىشقا ئاشۇرغان.../1007.html

91نىڭ لۈكچەك فورماتى PXL نى Apple نىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر فورماتى IPA گە ئايلاندۇرۇشنىمۇ سۆزلەپ ئۆتتۇق.../1047.html

خوش، تۆۋەندە 91 سىز مۇھىتتا,iTunes ئارقىلىق يۇمشاق دىتال قاچىلاشنى سۆزلەپ ئۆتەي.

1. ئالدى بىلەن يۇقارقى دەرسلىك بويىچە IPA فورماتىدىكى دىتاللارنى يۇغلايسىز.../1047.html . توردىن چۈشۈرۈشكە ياكى ئۆزىمىز 91نىڭ لۈكچەك فورماتى PXL نى Apple نىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر فورماتى IPAغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. قىلىپ بولغانلار ئاتلاپ كېتىڭ.

2.../928.html ماۋۇ دەرسلىك بويىچە  cydia غا app.weiphone.com/cydia دىگەن ئادىرىسنى قوشۇڭ، ھەم يىڭىلاڭ. شۇنداقلا ئىزدەش كۆزنىكىدىن IPA  دىگەننى ئىزدەڭ.  ئۇسۇلى  ../995.html غا ئوخشايدۇ.

سىز بۇ يەردىن IPA补丁  دىگەن تاللاشلارنى تاپالايسىز، بۇنىڭدىن 4.X ياكى 3.x دىگەنى تاللاڭ (سىزنىڭ سىستىمىڭىزغا قايسىسى ماس كەلسە شۇنى تاللاڭ). بۇ يېشىۋىتىلگەن IPAھۆججەتلىرىنى ئۈسكىنىگە قاچىلاش ئۈچۈن زۆرۈر ياماق بولۇپ قاچلىماسلىققا بولمايدۇ. قىلىپ بولغانلار ئاتلاپ كېتىڭ.

3. iTunes نى قوزغىتىڭ . ئاندىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى جايلارنى تولدۇرۇڭ.

ئېچىلغان كۆزنەككە ھىساب نومۇرى تولدۇرىمىز.يۇقارقى ھىساب نومۇرى بولسا appleنىڭ بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرگە بىرىلىدىغان كىملىكى. بۇ ھىساب نومۇرىنى 淘宝 دا 10 سومدىن ساتىدۇ. خالاستان بىلوگى بۇ تېخنىكىنى ھەقسىز تەمىنلىگەن. مەنزىل: ../757.html

4.تاللاپ قويغان يۇمشاق دىتاللارنى تاللاپ يۇقارقى بىرىنچى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 应用程序 دىگەننىڭ ئۈستىگىلا تاشلاڭ.

5. ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ  ئۈسكىنىنىڭ نامىنى چېكىمىز. ئوڭ تەرەپتە كۆرۈنگەن  بەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قۇردا 应用程序  دىگەن تاللاش بولىدۇ.

6. 应用程序 دىگەن تاللاشنىڭ ئاستىدا 同步 دىگەن ئىقتىدار كۇنۇپكىسىنى چەكسەك يۇقىردا بىز itunes غا قوشقان يۇمشاق دىتالىمىز ئەمدى ئۈسكىنىنىڭ ئىچىگە قاچىلىنىدۇ.

دىققەت بۇنداق قىلغاندا ئۈسكىنە ئىچىدىكى itunes دا يوق  يۇمشاق دىتاللارنى يۇيىلىپ كىتىدۇ. بۇنىڭغا ئىلاج يوق.

قارلۇق iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز تارقاتتى

يىقىندىن بىرى دىيارىمىزدا قارلۇق شىركىتى ھەققىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. مۇشۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىمۇ خەۋەر بەرگەن.

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرنى ”شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى“دىن كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوش بولدۇم. قارلۇق شىركىتى تۇنجى ئاشكارلانغان ئەمگەك مىۋىسى— iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئېلان قىلدى.

 6-دېكابىر app store  (ئالما قوللىنىشچان ئەپ ماگزىنى) غا ئالما شىركىتىنىڭ سەرخىل كوزۇرى بولغان ipad ئۈچۈن باشقا مەلۇم سۇپىلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئەپ —-« خاتىرەم» نى ھەقسز چىقىرىپتۇ ، بۇ  app store   تاكى ھازىرغىچە دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ  app store   غا چىقارغان تۇنجى مىۋىسى بولۇپ ، ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ ، يەنى كىلىپ ھەقسىز ئەپ ئىكەن . ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ مەيدانغا كەلەەندىن كېيىن ، iphone ئۈچۈن مۇشۇ شەكلىدىكى ئەپنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئانچە ئۇزۇن قالمىدى دېگەن گەپ ، كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، ئاخىرىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يادروسىدىنلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

يۇقارقىسى مايور يازمىسى بۇ دېتالنى apple نىڭ appstore دىن ھەقسىز چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى

قارلۇق تەرەپ ئېنكاسى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى.
☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى

Declan Galbraith نىڭ ئىجراسىدا ئىككى مۇڭ

ئەسلى يىنىك مۇزىكا يوللايدىغان سەھىپىگە ناخشا يوللنىپ كەتتى، مىنىڭ نەزىرىمدە بۇ ناخشىلار خۇددى مۇزىكىدەك يىنىك، رىتىملىق ئاڭلىنىدۇ.

شۇڭا دوستلارنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم. مەرھەمەت!

تۆۋەندىكىسى كىچىك ۋاقتىداDeclan Galbrait نى دۇنياغا تونۇتقان ناخشىسى Tell Me Why

تۆۋەندىكىسى Declan Galbraithنىڭ يەنە بىر مۇڭلۇق ناخشىسىAn Angel

Close[SWF] - http://player.youku.com/player.php/sid/XMTg1MDk3ODA=/v.swf

Declan Galbraith نىڭ ناخشىلىرىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.