手机飞信(ئۇچار خەت)نىڭ wifi نۇسخىسى چىقتى

手机飞信(ئۇچار خەت)نى جوڭگو كۆچمە تېلىگىرافى (中国移动) ئابونتلىرى ئاساسەن بىلىدۇ. كىشىنى رازى قىلىدىغان يېرى بۇ دېتال ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى قوللايدۇ. ئادەتتە 电脑,iPhone,Android,قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بېرىدە ئۇيغۇرچە بىمالال يىزىقلىق پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.

بۇ بىر ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر يوللاش، دوستلىشىش، پاراڭلىشىش، ئاۋازلىق ئالاقە دېتالى بولۇپ شىنجاڭ رايۇنىدا يەنە ھەقسىز تېلفون قىلىشقىمۇ بولىدۇ(ھەر ئىككى تەرەپ 飞信 مۇلازىمىتى ئاچتۇرغان بولسىلا). مۇلازىمەت ھەققى يوق، ئېقىم تىجەيدىغان بۇ دېتال نۇرغۇن دوستلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن بولۇپ نۆۋەتتە جوڭگو بازىرىدا 腾讯نىڭ QQسىدىن قالسىلا ئابونت مىقدارى جەھەتتىن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تېزىملىتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە تېلفون نومۇرىڭىزنىلا تولدۇرۇڭ https://feixin.10086.cn/account/register/

ئالدىنقى قېتىم 飞信 سۈرەتلىك پاراڭلىشىش ئىقتىدارى ئاچقان.كىيىن android ۋە iPhone ئۈچۈن wifi شارائىتىدا ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى چىقىرىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشكەن ئىدى. لىكىن GPRS تور سۈرىتىنىڭ ئاستا بولىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن Symbian ئەقىلفون ئابونتلىرى تاكى ھازىرغىچە wifi شارائىتىدا 飞信 ئىشلىتىشكە مۇۋەپپقق بولالمىغان.

يىقىندا 中国移动飞信开发部 ئۇچۇر چىقىرىپ Symbian ئابونتلىرى ئۈچۈنمۇ wifi مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان 飞信تارقاتتى. چۈشۈرۈش ئادېرسى:http://space3.feixin.10086.cn/frame/863?utm_source=huodong&utm_medium=qw1&utm_campaign=xtxx

«手机飞信(ئۇچار خەت)نىڭ wifi نۇسخىسى چىقتى»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

  1. مۇشۇ ئۇچقۇر خەتنىڭ ئايفۇن نۇسخىسىنڭ چۇشۇرۇش ئادرىسى بىلەن تەمىنلىسىڭىز بوپتىكەن ،مەن چۇشۇرۇپ ئشلىتەلمىدىم .مۇلازىمىتىرغا ئۇلانمىدى.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: