ئايلىق ئارخىپلار: 2011-يىل 08

GoogleيىقىنداMotorola Mobilityنى سېتىۋالماقچى

Google,Apple,Microsoft ئۈچ ئاتاماننىڭ پاتنىت جىڭىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. 6مىڭدىن ئارتۇق پاتنىتنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى Android تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ پاتنىتلار ئاخىرى بېرىپ apple باشچىلىقىدىكى گوروھنىڭ قولىغا چۈشتى.ئەسلى Googleدىكىلەر 900 مىليون دەپ پىلانلىغان پاتنىتلار ئاخىردا 4مىليارد 500مىليۇن باھادا رىقابەتچىسى تەرىپىدىن سېتىۋىلىنىدى. دېمەك، بۇنىڭدىن كىيىن Google ئۈزلۈكسىز android ئېچىش ئۈچۈن كىرەكلىك پاتنىت راسخوتى ھەسسىلەپ ئاشتى. ئۇلارنىڭ پاتنىتلىرىنى تۆۋەندىكى بەتتىن ئاختۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ.http://www.google.com/patents

تۈنۈگۈن ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان Motorola (ئەمىليەتتە نۇرغۇن ئادەم بۇ ماركىنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ) نىڭ كۆچمە تېلىگىراف كەسپى Google تەرىپىدىن 12مىليارد 500مىليۇنلۇق باھادا سېتىۋىلىتىلىدىغانلىقى ئاشكارلاندى.

بۇ سودا Motorolaنىڭ ئۆتكەن يىلى سىمسىز ئالاقە بۆلۈمىنى 诺基亚西门子 سېتىۋالغاندىن كىيىنكى يەنە بىر قىتىملىق چوڭ سودىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.ئەينى چاغدا 诺基亚西门子 مۇشۇ بۆلۈم ئارقىلىق 中国移动,Clearwire、KDDI、Sprint、Verizon قاتارلىق چوڭ شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش سالاھىيتىگە ئىرىشكەن. شۇنداقلاجوڭگونىڭ 华为نى يېڭىپ  阿尔卡特朗讯 دىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنە ياساش شىركىتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

گەپكە قايتساق، Google بۇ سودىسى ئارقىلىق قانچىلىك نەپكە ئىرىشىدۇ بۇنىسىنى كىيىنچە كۆرىمىز. ئىنىقكى بۇ Androidنىڭ كىيىنكى نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسى باركى زىيىنى يوق.

تۆۋەندە بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ بۇ سودىغا بولغان قارىشى:

سىمسىز ئالاقە ساھەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا بىرلىشىش.

Google يەنە بىر قىسىم پاتنىتلارغا ئىرىشتى، بۇ android ئۈچۈن پايدىلىق.

 Google ئەمدى TV ساھەسىگە يۈرۈش قىلىشى مۇمكىن. apple,Microsoftلارنىڭ TV تېخنكىسى خىلى پىشقان، ئەمدى Motorola نىڭ TVتېخنىكىلىرىنى تېخىمۇ ۋاىيىغا يەتكۈزۈشتە Google دىن باشقىسى بىكار.

HTC,Samsungقاتارلىق كۈچلۈك كارخانىلارمۇ قايتا تېنىچلىنىدۇ، Andoroid نى ئۈزلۈكسىز قوللاشقا ئىشەنچى ئاشىدۇ.

Microsoft قا قاتتىق دېتال بۆلۈمى ئىھتىياجى تۇغدۇرۇش.بۇ ئارقىلىق Microsoftنىڭ Nokia غا بىقىنىشىنى كۈچەيتىش.

RIM،Nokia قاتارلىق Windows Phone 7 ئىشتەي ساقلاۋاتقانلارغا سىمسىز ئالاقە ساھەسىدە پەقەت Android ۋە iOSنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش.

4.3.3غىچە بولغان نەشرىنى ئاددى تۈرمىدىن قاچۇرۇش

خالاستان بىلوگىدا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەپ تولا سۆزلەپ كەتتۇق، ھەممەيلەننىڭ ئىڭىدىكى بىر مەسىلە شۇكى : تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەس.شۇڭا بازاردا بەزىلەر 200 سومدىن ھەق ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. تۆۋەندە iOS نىڭ 4.3.3 غىچە بولغان بارلىق نەشىرلىرىنى ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى سۆزلەي. بۇ ئۇسۇلنى كۆپچىلىك بىلىدۇ دەپ ئېلان قىلمىغان، لىكىن قارىسام بىلمەيدىغانلار كۆپكەن، ياردىمى تىگەر.

بۇ ئۇسۇلدا بۇرۇنقىدەك ئايرىم يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش، DFU غا كىرىش… دېگەندەك كەسپىي باسقۇچلار يوق.بىر تور بەتكە كىرىپلا ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ. بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرىنى بۇ ئۇسۇل كارغا كەلمىگەندە ياكى تورغا چىقالمىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا Apple Store دېكى  ئۈسكىنىلەرمۇ apple نىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەنگە تەڭداش قىلىنىپ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ قويۇلغان.مۇناسىۋەتلىك خەۋەر(نەزەربايمۇ ئىككىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئوينىغان شۇ يەردە خا خا ).

Close[SWF] - 北京三里屯apple

بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازمىنى بىلوگىمدىن كۆرۈڭ. ../category/apples/jb

تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iPhone,iPodtouch,ipad نى تورغا ئۇلاپ safari دا بىراقلا  http://www.jailbreakme.com// غا كىرىپ ئۈستىدىكى install دېگەننى باسساقلا ئۈسكىنە cydia نى ئاپتوماتىك قاچىلاپ ، تۈرمىدىن قېچىش يامىقىنى ئۇرۇپ بېرىدۇ. ئىكرانغا cydia نىڭ بەلگىسى پەيدا بولغىنى تۈرمىدىن نورمال قېچىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن كىيىن بىز مۇناسىۋەتلىك ياماقلارنى ئۇرۇۋەتسەكلا ئىش تامام ۋەسسالام!

تۆۋەندىكسى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ jailbreakme بېتىگە قالدۇرغان تەشەببۇسى:

JailbreakMe is the easiest way to free your device. Experience iOS as it could be, fully customizable, themeable, and with every tweak you could possibly imagine.

Safe and completely reversible (just restore in iTunes), jailbreaking gives you control over the device you own. It only takes a minute or two, and as always, it’s completely free.

Please make an iTunes backup before jailbreaking.

خالاستان بىلوگىمۇ بارلىق ئالما ھەۋەسكارلىرىنى تېخنىكىلارنى ئۆگۈنۈپ قويۇش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى كۈچى ياربەرسە چوقۇم يېشىۋىتىلگەن دېتاللاردىن ۋاز كېچىپ ھەقلىق دېتاللارنى appstore دىن سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن چوقۇم تۆۋەندىكى دېتاللارنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

4.3.5 نى 4.3.3 گە چۈشۈرۈش دەرسلىكى

يىقىندا apple دىكىلەر ios نىڭ نەشرىنى ناھايتى تېز يىڭىلاپ قىسقا ئىككى ھەپتىدىلا 4.3.3 دىن 4.3.4 ۋە 4.3.5 غا كۆتۈردى. بۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىمۇ كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرىغا مەلۇمات بىرىپ نەشىر كۆتۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان. چۈنكى بۇ يىڭى نەشىرلەردە ئىشلەتكۈچىلەرگە جىق ئىقتىدار پەرقى يوق. پەقەت ئورگان تەرەپنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرغۇچىلارغا كىچىك سېگىنالى ۋە «ئەسلىدىلا مەلۇم بولغان» يوچۇقلارنى ئېتىش يامىقى ھىسابلىنىدۇ.بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار بۇرۇن يوللانغان.

../2436.html

../2445.html

لىكىن بىر قىسىم تورداشلار نەشىر كۆتۈرگەندىن كىيىن مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچۇرالماي (4.3.3 تىن كىيىنكى نەشىرلىرى مۇكەممەل تۈرمىدىن قاچمايدۇ) نەشىر چۈشۈرۈش ئىھتىياجى تۇغۇلۇپتۇ.شۇڭا تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىمىز.

ئەسكەرتىش: shsh زاپاسلانمىغان ئەھۋالدا يۇقىرى نەشىرنى تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. نەشىر چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن ماس shsh نىڭ بار يوقلۇقىنى cydia نىڭ باش بەت ئەڭ ئۈستىدىن كۆرۈڭ، ياكى زاپاسلاڭ. ../tag/shsh

1. بۇرۇن يوللانغان 4.3.2 دىن 4.1 غا چۈشۈش دەرسلىكى بويىچىمۇ مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى 4.1 نىڭ ئورنىغا 4.3.3 نىڭ بولىقىنى ئىشلەتسەكلا بولىدۇ. تېما ../1272.html

2. يۇقارقى ئۇسۇلدىن باشقا تۆۋەندە رەشىدكام تەۋسىيە قىلغان تېمىنى تونۇشتۇراي.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار iPhone、iPad、iPod Touch گە ماس كىلىدۇ. لىكىن تور قۇلۇبى بار iPhone دىكىلەر سىنىمىغايسىزلەر.

نەشىر چۈشۈرۈشنى رەسمى باشلىدۇق

1. http://www.app111.com/iOS.html#touch4 دىن ماس نەشىر بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.

2.iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈڭ http://www.apple.com.cn/itunes/

3. ئۈسكىنىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ DFU ھالەتكە كىرىڭ. ../32.html

4.كومپيۇتېرنىڭ WindowsSystem32driversetc  مۇندەرىجىسىدىن host ناملىق ھۆججەتنى خاتىرە دەپتەر ئارقىلىق ئېچىپ ئۈستۈنكى قۇرغا تۆۋەندىكى كودنى قوشىسىز.

74.208.10.249  gs.apple.com

قوشقاندىن كىيىنكى كۆرۈنۈشى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ.

5.كىيىنكى قەدەمدە iTunes نى قوزغىتىمىز. چىققان كۆزنەكنى مۇقىملاپ Shift نى بېسىپ تۇرۇپ چۈشۈرگەن بولاق (4.3.3) نى تاللاپ بېرىمىز

كىيىنكى جەرياندا ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ھىچقانداق مەشغۇلات قىلماي ساقلاپ تۇرىمىز. تور سۈرىتىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئوتتىن ساقلىنىش تېمىنىڭ تەسىرىدىن بۇ جەريانغا 5مىنۇتتىن 2 سائەتكىچە ۋاقىت كىتىدۇ. iTunes دا قايتۇرۇش مەشغۇلاتى تاماملىنىپ بىرەر  ئىنكاس كۆرۈنگەندىن كىيىن (خاتالىق ئۇچۇرى دېگەندەك )ئۈسكىنىنى كومپىيۇتېردىن چېقىرۋىلىشقا بولىدۇ.

ئەگەر 1013 خاتالىقى كۆرۈلسە:خاتالىق ئۇچۇرىغا تەگمەيلا تۆۋەندىكى دېتالنى چۈشۈرۈپ ئېچىدكى zlib1.dll دېگەن ھۆججەتنى WINDOWS/system32/نىڭ ئېچىگە كۆچۈرىمىز. چۈشۈرۈش ئادىرسى 

 

 

ئاندىن Ctrl + Shift + Esc كۇنۇپكا ئارقىلىق windows任务管理器 نى ئېچىپ iTunes.exe ۋە iTunes Helper.exe دېگەن ئىككى ھالەتنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز. بولمىسا iTunes قاچىلاش مۇندەرىجىسىدىن قايتا قوزغىتىمىز. قوزغىتىپ بولۇپ يەنە 任务管理器 دىن يۇقارقى ئىككى ھالەتنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىمىز. بار بولغانغا قەدەرتەكرارلىنىدۇ.

ئاندىن ئۈسكىنىنى قايتا چېتىپ Fix recovery نى قوزغىتىمىز. ئاندىن يۇقارقى باسقۇچتەك DFU غا كىرىمىز. كىرىپ بولغاندىن كىيىن Fix recovery ئۈسكىنىنى ئاپتوماتىك قوزغىتىدۇ.

مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كىيىن Host ھۆججىتى ئېچىدىكى بىز قوشقان بۇيرۇقنى # 74.208.10.249 gs.apple.com قىلىپ ئۆزگەرتىمىز (يەنى 74 دېگەن رەقەمنىڭ ئالدىغا # بەلگىسى قويىۋىتىمىز(ئۆچۈرگەنگە باراۋەر)).

ئەگەر 1394 خاتالىقى چىقىۋالسا تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا Host ھۆججەتكە نورمال قوشۇلغانلىقىنى جەزىملىگەندىن كىيىن تور سۈرىتى ياخشىراق پەيىتلەرنى تاللاپ سىنايمىز.

4.3.3 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش.دەرسلىك

يىقىندا googleadsenseئېلانى ئالغانلار دىققەت!

مەن ئالدىنقى ھەپتە يۇرتقا قىسقا تەتىلگە مېڭىشتىن بۇرۇن ئېلتىماس قىلىنغان ئېلانلارنى سىناشقا ئۈلگۈرمىگەنلكىم ئۈچۈن تەپسىلىي تارقىتىپ بېرىشكە ئامالسىز قالغان.ئاخشام قايتىپ كېلىپ، ئەتىگەندە مۇناسىۋەتلىك ئېلان ھىساب نومۇرلىرىنى تەپسىلىي رەتلەپ، سىناپ ، تارقىتىپ بولدۇم.

مەن (نەزەرى) ئارقىلىق ئېلان ئېلىشقا پۇل تاپشۇرغان بىكەت باشلىقلىرىنىڭ admin@../ نامىدىكى ئېلخەتتىن بارغان مەزمۇنغا دىققەت قىلىپ ئېلانلارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، پارولىنى (ئەڭ ياخشىسى ئېلخەتنىمۇ) ئۆزگەرتۋىلىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىدۇ.

بەزى قىرىنداشلارنىڭ ئېلانلىرى ئېسىم ئۇزۇن بولۇپ قىلىش سەۋەبلىك 2 ھەپتىدىن ئارتۇق سوزىۋەتتىم. مۇناسىۋەتلىك ئېلان ئىگىلىرى ئەپۇ قىلغاي.

خالاستان بىلوگى بۇرۇنقىدەكلا كەڭ ئۇيغۇر بىكەت باشلىقلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ۋە تۆۋەندىكى تېمىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.../2464.html

نەزەرى  ../