4.3.3غىچە بولغان نەشرىنى ئاددى تۈرمىدىن قاچۇرۇش

خالاستان بىلوگىدا تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەپ تولا سۆزلەپ كەتتۇق، ھەممەيلەننىڭ ئىڭىدىكى بىر مەسىلە شۇكى : تۈرمىدىن قاچۇرۇش تەس.شۇڭا بازاردا بەزىلەر 200 سومدىن ھەق ئېلىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. تۆۋەندە iOS نىڭ 4.3.3 غىچە بولغان بارلىق نەشىرلىرىنى ئەڭ ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇشنى سۆزلەي. بۇ ئۇسۇلنى كۆپچىلىك بىلىدۇ دەپ ئېلان قىلمىغان، لىكىن قارىسام بىلمەيدىغانلار كۆپكەن، ياردىمى تىگەر.

بۇ ئۇسۇلدا بۇرۇنقىدەك ئايرىم يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش، DFU غا كىرىش… دېگەندەك كەسپىي باسقۇچلار يوق.بىر تور بەتكە كىرىپلا ئاددى ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرغىلى بولىدۇ. بۇرۇنقى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇللىرىنى بۇ ئۇسۇل كارغا كەلمىگەندە ياكى تورغا چىقالمىغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا Apple Store دېكى  ئۈسكىنىلەرمۇ apple نىڭ يۈزىگە تۈكۈرگەنگە تەڭداش قىلىنىپ مۇشۇ ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ قويۇلغان.مۇناسىۋەتلىك خەۋەر(نەزەربايمۇ ئىككىنى تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئوينىغان شۇ يەردە خا خا ).

Close[SWF] - 北京三里屯apple

بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ يازمىنى بىلوگىمدىن كۆرۈڭ. ../category/apples/jb

تۈرمىدىن قاچۇرۇش

iPhone,iPodtouch,ipad نى تورغا ئۇلاپ safari دا بىراقلا  http://www.jailbreakme.com// غا كىرىپ ئۈستىدىكى install دېگەننى باسساقلا ئۈسكىنە cydia نى ئاپتوماتىك قاچىلاپ ، تۈرمىدىن قېچىش يامىقىنى ئۇرۇپ بېرىدۇ. ئىكرانغا cydia نىڭ بەلگىسى پەيدا بولغىنى تۈرمىدىن نورمال قېچىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

بۇنىڭدىن كىيىن بىز مۇناسىۋەتلىك ياماقلارنى ئۇرۇۋەتسەكلا ئىش تامام ۋەسسالام!

تۆۋەندىكسى تۈرمىدىن قاچۇرۇش مۇتەخەسىسىلىرىنىڭ jailbreakme بېتىگە قالدۇرغان تەشەببۇسى:

JailbreakMe is the easiest way to free your device. Experience iOS as it could be, fully customizable, themeable, and with every tweak you could possibly imagine.

Safe and completely reversible (just restore in iTunes), jailbreaking gives you control over the device you own. It only takes a minute or two, and as always, it’s completely free.

Please make an iTunes backup before jailbreaking.

خالاستان بىلوگىمۇ بارلىق ئالما ھەۋەسكارلىرىنى تېخنىكىلارنى ئۆگۈنۈپ قويۇش بىلەن بىرگە ئىقتىسادى كۈچى ياربەرسە چوقۇم يېشىۋىتىلگەن دېتاللاردىن ۋاز كېچىپ ھەقلىق دېتاللارنى appstore دىن سېتىۋىلىپ ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.تۈرمىدىن قاچۇرغاندىن كىيىن چوقۇم تۆۋەندىكى دېتاللارنى قاچىلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

«4.3.3غىچە بولغان نەشرىنى ئاددى تۈرمىدىن قاچۇرۇش»نىڭ 9 ئويلىغانلىرى بار

  1. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 4.3.3 كىچە بولغان نەشردىكى ئۈسكۈنىلەرنى قاچۇرغىلى بولاتتى (مەنمۇ سىناپ باققان) بىراق 4.3.5 نى قاچۇرغىلى بولمايتتى. 4.3.5 دە http://www.jailbreakme.com غا كىرسەك Cydia نىڭ install دېگەن بەلگىسى چىقمايتتى. نەزەرباي، سىز 4.3.5 نى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟

  2. مەن ھازىر قايتا سىستىما قاچىلىۋاتىمەن.
    جىددى تۇتۇش قىلىپ 4.3.4بىلەن 4.3.5 نى بىر سىناپ باقاي.
    يەنە بىر virtualpc نىڭ دەرسلىكى بارتى، بۇ ئىشلارغا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.

  3. ئىبراھىمغا:
    بۇ خىل تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى مۇكەممەل بولغان تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ بۇرۇنقى redsn0w دىن پايدىلىنىپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش بىلەن ئوپ-ئوخشاش، ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ خىل تۈرمىدىن قېچىشتا پەقەت شۇ سىزنىڭ تۈرمىدىن قاچۇرۇش مەشغۇلاتىڭىز ئاددىيلاشتۇرۇلغان.
    ئۇيغۇرچە فۇنت قاچىلاش، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇشتا ھېچقانداق مەسىلە يوق. مەنمۇ ئالدىنقى ھەپتە 4.3.5 نى 4.3.3 كە ياندۇرۇپ (بۇ خىل دەرسلىك خالاستاندا بار) مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى قاچىلاپ راۋۇرۇس ئىشلىتىۋاتىمەن.

  4. buhil usul 4.3.3 naxirigimu mas kilamdu .man birkuni [cydia] dim bir narsa quxurgan idim ,tur suriting asta boluxi sawabidinmu kaqilamnigan idi .kiyin tilifunum kayta kozgilip bolgangin kiyin karisam ikranda saat yokap kitiptu,saatnig ornida [it safe mode] digan hat payda bolup kaldi tasta tarjima kilip baksam bihatar halat[安全模式] digan hatkan ,kayta kozgatsam mormal halatka kilidu ,likin birar hojjat kiskuqni qaksam yana bihatar halatka kirip kalidu.

  5. ئككىىنجى ئەۈلاد ئايفون يىشىلمىدى(解锁(ياردەم سورايمەن

    ئككىىنجى ئەۈلاد) 16gb (iPhone 3G澳大利亚 有锁版نەشىرى:4.2.1
    基带版本 05.15.04-5.8-m3s2

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: