روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

ئالدى بىلەن خالاستان بىلوگىنىڭ بارلىق قوللىغۇچى، زىيارەتچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ بايرىمى__ روزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قىزغىن تەبرىك ھارپىسىدا، مەنمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە بارلىق قىرىنداشلارغا ھېيتلىق سالامىمنى يوللايمەن.

يول يىراقى بولسا بولسۇن كۆڭۈل يىراقى بولمىسۇن_________ خاتىرەمدىن.

نەزەرى ھازىر پايتەخىتتە، لىكىن كۆڭلى يەنە شۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا دىياردا___ يۇرتتا. بۇ مىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن 7- قىتىملىق روزا ھېيتىم. يەنىلا بۇرۇنقىدەك نامازدىن يىنىپلا بىرەر ۋاخ ئوبدان تاماق يەپ. چوڭلار، كۆڭۈل يىقىنلارغا سلام يوللاپلا ئاخىرلىشىدۇ. بەلكىم كۆنۈپ كەتكەندىمەن. خوش، قانداق بولىشىدىن قەتئينەزەر كۆڭۈللەر خاتىرجەم ئۆتسە بىزگە كۈندە بايرام كۈندە ھېيىت.

تۆۋەندە شىئىرىيىتىمىزدىكى يىڭى بىر ساھەنى ئاچقان، داڭلىق شائىرىمىز، يىتۈك شەخىس ئادىل  تۇنىياز نىڭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ ناملىق شىئىرىنى دىققەتكە سۇنىمەن.

ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ
ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﻱ،
ﮬﯩﻼﻝ ﺋﺎﻱ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.
ﺧﻮﺭﯨﻤﺎ ﺩﻩﺭﯨﺨﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺋﯘﭼﻤﺎﻱ،
ﻳﯩﺸﯩﻞ ﭘﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮﻻ ﭼﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.
ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ ﭼﺎﭘﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺰ
ﺯﻩﭘﻪﺭ ﻗﯘﭼﯘﭖ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ﺗﯧﺰ
ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺭﻭﮬﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ.

ﺳﻪﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻤﻪﺳﺘﻪ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ،
ﮔﯘﮔﯘﻡ ﮔﯜﻝ ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺋﯚﭘﻜﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻧﻰ،
ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﻧﯩﻤﻪ ؟ﺋﯘﺳﺴﯘﺯﻟﯘﻕ ﻧﯩﻤﻪ؟
ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻱ-ﭘﯧﻘﯩﺮ،ﻳﺎﺷﻘﯧﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ.

ﺩﺍﻏﻠﯩﺪﻯ ﺷﻪﻳﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ،
ﺑﺎﻏﻠﯩﺪﻯ ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﮔﻪ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﺭ.
ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ-ﻛﯚﻛﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﺎﭖ،
ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﯟﻯ.

ﮔﯜﻝ ﺷﯧﯩﯩﺪﺍﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﺯﻩﻝ،ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻨﮭﺎﻥ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ- ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺰ،
ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻳﯘﺭﯗﻕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ.

ﮬﻪﻱ ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ ﻛﻪﻟﺪﻯ،
ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ ﻳﻪﯕﻼﺭ، ﻳﻪﯕﻼﺭ ﺷﯩﺮﻣﺎﻥ ﻧﺎﻥ…..

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﻗﯘﺵ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﺪﺍ
ﺯﯗﻟﻤﻪﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﻳﯘﺭﯗﭖ.
ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﺋﯘﺳﺴﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﻧﯩﺪﺍ
ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ.

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺭوﺯﺍ ﮬﯧﻴﯩﺖ،
ﺩﻩﺭﻩﺥ ﻛﺎﯞﯨﻜﯩﺪﺍ
ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻚ.

ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ
ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻏﻪﻡ ﻳﻮﻕ ﻳﯩﺸﯩﻞ ﻳﻪﺭﮔﻪ.
ﯞﻩﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﮬﯧﻴﯩﺘﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ
ﻛﯩﭽﯩﻚ ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ، ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ
ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯩﻐﻼﺭ ﻛﻪﺑﯩﺪﻩ،
ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺭﺍﺭﻣﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ.

«روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!»نىڭ 18 ئويلىغانلىرى بار

  1. ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئېرلىرىنى بۇرۇن ئوقۇپ چۈشىنەلمەي قىيلىنىپ قالاتتىم. ئەمما بۇ شېئېرى سەل چۈشىنىشلىك ئىكەن.

  2. نەزەرى قىرىندىشىمىزنىڭ بۇ روزى ھىتلىق سوۋغىسىگە كۆپ رەخمەت.سىز گەرچە شۇنچە يىراقتا تۇرسىڭىز مۇ، ھىتنى ئۇرۇق -تۇغقانلىرىڭىز بىلەن ئۆتكۇزەلمىگەن بولسىڭىزمۇ لىكىن بىز سىز بىلەن بىللە. 

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.نەزەرى ئەپەندى.ھەركۈنى يوقلاۋاتىمەن ھېچبىر يېڭىلىق كۆرمەيمەنغۇ،بەك ئالدىراشمۇ نىمە

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: