iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش

بۇ بىر windowsXP ئۇسلۇبى بولۇپ iPhone  دىكى ياخشى قورال winterboard نىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇ دەرسلىك iphone,ipod,ipad كە ماس كىلىدۇ.

1. cydiaغا winterboard دەپ كىرگۈزۈپ، تاللاپ قاچىلايمىز. ئىكرانغا winterboard ناملىق سىنبەلگە چېقىدۇ، iphone نىڭ 设置 تېزىملىكىگىمۇ winterboard دىگەن بەلگىلەش ئورنى پەيدا بولىدۇ.بۇ يەردىن بەزى بەلگىلەشلەرنى قىلىپ ئازراق ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ تېخى بىر سۇپا. باشقا ئىقتىدارلارنى بىز بىر-بىرلەپ قوشىمىز.

2.cydia غا ماۋۇ مەنبەنى قوشىمىز    http://apt.thebigboss.org/repofiles/cydia/ .  دەرسلىك: ../928.html

3. cydiaنىڭ ئىزدەش رامكىسىدىن windows دىگەننى ئىزدىسەكلا windows قا مۇناسىۋەتلىك بىر نەچچە تاللاش چېقىدۇ. windowsXPنى تاللاپ، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىنى بىسىپ قاچىلايمىز. قاچىلاش جەريانى ئاخىرلىشىپ ئۈسكىنە قايتا قوزغىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ يەرگە باشقا تۈرلەرنى تاللىساقمۇ بولىدۇ.

4.ئۈسكىنىنىڭ 设置 دىگەن بەلگىلەش بېتىدىن winterboard قا كىرىمىز. ئەڭ ئۈستىدىىكى تاللاش تۈرىدىن كىيىنكى مۇندەرىجىگە كىرىپ نۇرغۇنلىغان تاللاش تۈرىنى بايقايمىز. ھەم ئۇ يەردىن windowsXPدىگەننىلا تاللاپ سول تەرەپ يۇقىردىن  مۇقىملاشنى باسىمىز.

رەسىمدە كۆرسىتىلگەن باسقۇچتىن كىيىنكى تاللاش بېتىگە كىرىمىز.

5. ئۈسكىنە بېتى قايتا يىڭىلىنىدۇ، مۇبارەك بولسۇن! ھازىر سىزنىڭ بېتىڭىز چىرايلىق windowsXP گە ئۆزگەردى.

يۇقارقى windowsXP نى تاللىغان كۆزنەكتىن باشقا تەگلىكلەرنى چۈشۈرۈپ winterboard ئارقىلى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

«iPhoneغاwindowsXPنىڭ چىرايلىق ئۇسلۇبىنى قوشۇش»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

  1. قايسى كۈنى CnBeta تورىدىن Windows7گە قاچىلىنىدىغان Mac OS Xنىڭ تېرىسى تۇرۇپتىكەن، قاچىلىۋالغانىدىم.
    قىززىق ئىش دەيمەن. سۈكۈتتىكى تېرىسىنى ئىشلىتىۋەرمەي باشقا سېستىمىنىڭ تېرىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىدىكەنمىز. بۇنىڭ ھۇزۇرىمۇ ئۆزگىچە ئەلۋەتتە.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: