iPhoneدا نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكى

قارىسام تورداشلار SHSH دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتى. ئەمما ھەقىقى رولىنى كۆرمىگەچ نۇرغۇنلار قىممىتىگە يەتمەيدۇ.

ئاددىيلا مىسال كەلتۈرەي: ئامىركىدىن كىرگەن بىر iphone  بار دەيلى. بۇ ئالما نىڭ تور قۇلۇبى بولىدۇ ئەلۋەتتە. ھازىر 4.0.5 دىن يۇقىرى نەشىرلەرگە تېخى تور قۇلۇبى يېشىش ئۇسۇلى چىقمىدى. ئەگەر بىز ئېھتىياتسىزلىقتىن نەشىر كۆتۈرۈپ 4.2.1 غا چېقىپ قالساق بىزدە shsh دىگەن ھۆججەت ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا بولسا بىز ئوڭايلا 4.0.5 غا چۈشىۋالىمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا 5000 سوملۇق ئۈسكىنىدە تېلفونمۇ قىلغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئادەتتىكى ipod بولۇپ قالىدۇ. تۆۋەندىكى تېخنكا ئارقىلىق مۇشۇنداق نەشىر چۈشۈرۈش ئېھتىياجى بار دوستلار نەشىرنى بىمالال چۈشۈرۋالالايدۇ.

ئەسلى ئىش مۇنداق، apple دىكىلەر ھەر بىر قىتىم مەشغۇلات سىستىما نەشرىنى يىڭىلىسا (بۇ يەردە iphone,iPod Touch, iPad لەرنىڭ مەشغۇلات سىستىمىسى iOS كۆزدە تۇتۇلىدۇ.) ئىنتايىن مەخپىي ھالدا بۇرۇنقى نەشىرلەرنىڭ تۈرمىدىن قېچىش يوچۇقىنى ئېتىدۇ، ھەم يىڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدۇ. لىكىن بۇ نەشىر يىڭىلاش بىلەن بىر مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ. يەنى apple نىڭ دۇكىنى appstore دىن سېتىۋىلىغان يۇمشاق دېتاللار apple نىڭ بىر قىتىملىق نەشىر يىڭىلىشى بىلەن يىڭى مەشغۇلات سىستىمىسىغا سىغىشمالىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن. يەنى سىز بۈگۈن 1 دوللارغا بىر دېتال سېتىۋالسىڭىز، ئەتىلا مەشغۇلات سىستىما نەشىر يىڭىلاپ سالسىڭىز(ئەلۋەتتە، بۇ سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز. يىڭىلىسىڭىزمۇ ياكى مەڭگۈ يىڭىلىماي ئىشلەتسىڭىزمۇ Stave Jobs بوۋاي بىر نەرسە دىمەيدۇ) بۇ دېتالىڭىز يىڭى مەشغۇلات سىستىمىدا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.

قانداق قىلىش كىرەك؟ جاۋابنى نەزەرى بىرىدۇكى: SHSH  دىگەن بىر مۇلازىمتېر ئېچىپ ئىشلەتكۈچىلەر مەلۇم ۋاقىت ئۈسكىنىسىنىڭ نەشرىنى ھەم يۇقىرى نەشىرگە كۆتۈرەلەيدىغان بولسۇن، ھەم تۆۋەن نەشىرگە چۈشۈرەلەيدىغان بولسۇن. قانداق نەشىرگە چۈشۈرسە بولىدىغان،  قانداق نەشىرگە چۈشۈرسە بولمايدىغانلىقىنى ئاشۇ مۇلازىمتېردىكى yes-no دىگەن ئىككى بۇيرۇق بەلگىلىسۇن. لىكىن بۇنىڭغا بىر چەك قويىلى ، 4.3.2 چىققان ۋاقىتتا يەنە خالىغانچە 4.0.1 گە (تور قۇلۇبى يەشكىلى بولىدىغان نەشىر) چۈشۈرۋالمىسۇن(ئۇنداق بولمىغاندا ئامىركا نەشىردىكى iPhone4 بىۋاستىلا جوڭگودا ئىشلەۋىرىدۇ). appstore دىكى دېتاللار يىڭى مەشغۇلات سىستىما نەشرىگە كۆنۈپ بولغاندا كونا مەشغۇلات سىستىمىسىگە نەشىر چۈشۈرۈشنى توسايلى. بۇنداق بولغاندا appstore دىكى يىڭى دېتاللارغىمۇ يىڭى بازار ئېچىلىدۇ. كونا دېتاللارمۇ سەپتىن قالمايدۇ. مەسىلەن ھازىر 4.3.2 چىقتى، لىكىن ئىشلەتكۈچىلەر خالىغانچە 4.3.1 گە چۈشىۋالسا بولىدۇ.

ھەم بۇ مۇلازىمەتنى قاچان تاقاش پەقەت ئالمىغىلا مەلۇم بولغان ئىش. شۇڭا shsh  نى زاپاسلىغاندا بار بولسا زاپاسلىنىدۇ، مۇلازىمەت تاقالغان بولسا ھىچكىمنىڭ ئىلاجى يوق. StaveJobs نىڭ قۇلقىنى سوزىساقمۇ بىكار. شۇڭا خالاستان بىلوگى shsh نى زاپاسلانى تەۋسىيە قىلىدۇ. دەرسلىكىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ.

مەن ئۆزۈمنىڭ مەشغۇلات جەريانى ئارقىلىق يۇقارقى بايانلارنى چۈشەندۈرەي ھەم قۇلۇب چۈشۈپ قالغان ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشىر تۆۋەنلىتىش ئىھتىياجى تۇغۇلغان دوستلار ئەگىشىپ ئۈگەنگەي. بۇ جەرياندا مەن 4.3.2 دىكى iPod touch 3 نى 4.1 غا چۈشۈرىمەن.

2. مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى چۈشۈرىمىز.../down/ بۇ تېمىدا 4.1 نىڭ نەشىر بولىقىنى چۈشۈردۈم. itunesنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.

3.iTunesدا بىۋاستە 4.1 غا چۈشۈرۈپ سىنايلى.

بۇرۇنقى ھالەت:

 

نەشىر قايتۇرۇش (shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复 دىگەن بۇيرۇقنى تاللاپ، مۇناسىۋەتلىك نەشىر كۆتۈرۈش بولىقىنى(بۇ مىسالدا4.1)نى تاللاپ بەرگەن) مەشغۇلاتتىن كىيىن

بۇ ۋاقىتتا iTunes تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتەلمەيدۇ ياكى خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.

بىز بۇ ۋاقىتتا iTunes نى مەجبۇرى تاقاپ  shsh نىڭ ياخشى قورالى tinyumbrella نى قوزغىتىمىز. چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ئادىرسى ../852.html

ئاندىن بۇ دېتالدا tts server   بىسىپ shsh   نىڭ cydia مۇلازىمتېرىغا ئۇلايمىز.

 

ئاندىن iTunesدا shift نى بېسىپ تۇرۇپ 恢复  دىگەننى باسىمىز ۋە نۆۋەتتە كۆتۈرمەكچى ياكى چۈشۈرمەكچى بولغان ئورگان تەرەپ سىستىما بولىقىنى تاللاپ بېرىمىز. تەخمىنەن 10 مىنۇتلارچە كۈتكەندىن كىيىن ئالما تولۇق قايتىپ قايتا قوزغىلىدۇ. ئۇنىڭغىچە ئالما نى كومپيۇتېردىن ئاجىرتىشقا بولمايدۇ. قايتا قوزغالغاندىن كىيىن ئالما itunes ئارقىلىق تەكشۈرۈلۈپ قايتا تېزىملىنىدۇ دە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر تۆۋەندە تەرتىپ بويىچە بېرىلدى.

 

نەشىرقايتۇرۇش مۇۋاپپەقىيەتلىك بولۇپ ئۈسكىنا قايتا قوزغىلىش ئالدىدا.

كۆرۈلگەن نەشىرى :

ئاندىن كىيىن يەنە مۇۋاپىق تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇپ ئېشلىتىمىز. مۇناىسۋەتلىك تېخنىكىلىق مەسىلىنى خالاستان بىلوگىغا ئىنكاس قىلسىڭىز ئەڭ تېز سۈرەتتە omar14ۋە نەزەرى ئىككى تېخنىكنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىسىز.

«iPhoneدا نەشىر چۈشۈرۈش دەرسلىكى»نىڭ 14 ئويلىغانلىرى بار

  1. نەشر ياندۇرۇشنىڭ ئاساسى شاشنى زاپاسلاش. بىلمەكچى بولغىنىم بىز قايسى نەشرنى زاپاسلىساق شۇ نەشرگىلا ياندۇرالايمىزمۇ ياكى نۆۋەتتىكى نەشرنىڭ ئالدىدىكى نەشرگىمۇ ياندۇرغىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن: مەن نۆۋەتتىكى 4.3.2 نىڭ شاش ھۆججىتىنى زاپاسلىدىم، دېمەك مەن 4.2.1 گىمۇ نەشر چۈشۈرەلەيمەنمۇ؟

    1. ياق. بىز قايسى نەشىرنىڭ shshنى زاپاسلىساق دەل شۇ نەشىرگە قايتۇرالايمىز.
      ئەگەر 4.2.1 نىڭ shsh بولمىسا مەڭگۈ ئۇ نەشىرگە چۈشۈرەلمەيمىز.

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…
    مېنىڭ ئايتاچىمدا 800 مېگابايت ئەتراپىدا باشقا ماتىرىيال بار دەيدۇ. بۇلارنى يۇىۋەتكىلى بولمامدۇ؟ يەنە تېخى ئۆزەم قاچىلىغان سېستىما ،ئاۋاز ،سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇيىۋەتسەممۇ بىر بىر گىگابايت ئەتراپىدا بوشلۇق بىكارلانمايدىكەن. كومپيۇتېر دېسكىسىنى فورماتلىغاندەك فورماتلىغىلى بولامۇ؟؟؟

    1. بۇ باشقا ماتىريال دېيىلگىنى بەلكىم cydia دىن چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتاللار ۋە تۈرمىدىن قاچۇرۇش جەريانىدا يېزىلغان ھۆججەتلەر، شۇنداقلا بىر قىسىم يۇمشاق دېتاللارنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى بولىشى مۇمكىن.ۋە ياكى كىيىن قوشۇلغان ئىقتىدار سىستىمىلىرى ئىگەللىگەن بولىشى مۇمكىن. سىز بىلوگىمدىن ”91″ دەپ ئىزدەپ بىقىڭ، ئازراق سەۋەبلىرى يېزىلغان يازما بار. 91 مۇ قالدۇق ھۆججەت ھاسىل قىلىدۇ.
      تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئەھۋالدا 设置-还原-抹掉所有内容和设置 دىگەن تەرتىپتە ئىچىدىكى نەرسىنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ زاۋۇتتىن چىقما ھالەتكە ئەكەلگىلى بولىدۇ.
      تۈرمىدىن قاچقان ئەھۋالدا يۇقارقى مەشغۇلات ئۈسكىنىنى قوزغالماس قىلىپ قويىدۇ. لىكىن iTools دىگەندەك دېتاللاردا 用户程序 دىگەننىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق ئازراق بوشلۇققا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

    1. ئۆزىڭىز قاچىلىغان ئەمەس بەلكى ipa فورماتىدا قاچىلانغان دېتال. بۇ دېتال itunes ئارقىلىقمۇ،itools,ihelperدىگەندەك دېتاللار بىلەنمۇ ھەتتا 91 بىلەنمۇ قاچىلىنىدۇ. ھەر خىل دېتاللار پەيدا قىلىدىغان ئەخلەتلەر ئوخشىمايدۇ. 91 نىڭ ئەڭ كۆپ، itunesنىڭ ئەڭ ئاز بولىدۇ.

        1. شۇنداق. لىكىن مەنمۇ شۇ ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا كۆرۈپ باقتىم. يەنىلا ئازراق 其他 ھۆججەت باركەن. {文件系统} نىڭ ئىچىدىن باشقا ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىپ قوزغىتىپ قايتا كىرسەم يەنە ئەسلىگە كىلىپ قاپتۇ :mrgreen:

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن iTools دىن پايدىلىنىپ shsh نى زاپاسلىغان ، كىيىن ئۇقمىغانلىقتىن iTools ئارقىلىق بىر نەچچە سېستىما ھۆججىتىنى ئۈچۈرۋېتىپ تىمەن شۇنىڭ تىلفۇن كىلىدۇ لىكىن ئۇراي دىسىەم تىلفۇن ئۇردىغان سېتىمىسنى يۇيۋېتىپتىمەن يەنە 设置 سىنىمۇ تور كۆرگۈچنىمۇ يۇيۋېتىپتىمەن ، ئەسلىگە قايتۇراي دەپ 4.3.3 نى تاللاپ بەرسەم 兼容 دەپ خاتالىق چىقىۋالدى ، قانداقلا قىلسام بولمىدى ئالغىلى تېخى 3 كۈن بولغان ئەسلىدىكى نەشىرمۇ 4.3.3 ئىدى قانداق قىلسام بۇلا

  4. ياخشىمۇسىز مەن نەشىرنى چۈشۈرەي دىگەن لىكىن 1015خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ پەقەت چۈشۈرەلمىدىم،قانداق قىلسام بولار .ماڭا كۆرسەتمە بەرسىڭىز بوپتىكەن. :cry:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: