يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت

يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت _________ Gravatar

بىر تۇتاش باش سۈرەتنىڭ كېلىش مەنبەسى، بىر خىل Gravatar دەپ ئاتىلىدىغان مۇلازىمەتتىن كېلىدىغان بولۇپ، Globally Recognized Avatar نىڭ قىسقارتىلما ئاتىلىشى.ئەڭ بۇرۇن چەتئەلدىكى WordPress بلوگ سۇپىسىدا ئىشلىتىش ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بىر خىل مۇلازىمەت بولۇپ، ناۋادا سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق بىر تور بېكەتكە بارغان چېغىڭىزدا، بۇ تور بېكەت سىزنىڭ E-mail ئادرېسىڭىزغا ئاساسەن ماس كېلىدىغان باش سۈرەتنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەش ئۈچۈن سىز ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتىگە بېرىپ، ئۆزىڭىز ئىشلەتمەكچى بولغان باش سۈرەتنى تورغا يۈكلەشكە ئېھتىياجلىق بولىسىز، بولمىسا بۇ تور بېكەت كۆڭۈلدىكى باش سۈرەت ئارقىلىق سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

تۆۋەندىكى باسقۇچلار ئارقىلىق ئەزىز زىيارەتچى دۇنياۋى بىر تۇتاش باش سۈرەت چىقىرالايدۇ ۋە ئۆزگەرتەلەيدۇ. قىنى مەرھەمەت!

1. تىزىملىتىش: ئاۋال Gravatar نىڭ تور بېكىتى(http://gravatar.com/)گە بېرىپ، سول ئۈستى تەرەپتىكى تىزىملىكتىن Sign Up نى باسىمىز.
2. دەلىللەش: خەت ساندۇقىڭىزغا كىرىپ، بايا Gravatar ئەۋەتكەن يوللانمىدىكى ئادرېسنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، توركۆرگۈنىڭ ئادرېس ستونىغا چاپلاپ Enter نى باسىمىز.
3. ئىسىم، پارول قاتارلىقلارنى بەلگىلەيمىز.
4. رەسىم يۈكلەش: ئادەتتە كۆپىنچە كومپيۇتېردىكى رەسىمنى يۈكلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ(My compute

5.. رەسىمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى قىيىۋالىمىز.
6. باھا دەرىجىسى: سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىزگە دەرىجە بەلگىلىنىدۇ، چۈنكى ھەرخىل تورداشلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان باش سۈرىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بىر قىسىم چوڭلار ياقتۇرىدىغان باش سۈرەتنىڭ بەلكىم كىچىك دوستلارغا بولغان تەسىرى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. ناۋادا سىز چىقارماقچى بولغان باش سۈرەت ئۇنچە بەك ”ئالاھىدە“ بولمىسىلا، بىۋاستە G تىپنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاساسەن ھەر قانداق تور بېكەت بۇ باش سۈرەتنى نورمال كۆرسىتەلەيدۇ.

7. تەستىق كۈتۈش: باش سۈرەت چىقارغاندىن كېيىن قىسقا مۇددەتلىك تەستىقلاش ئۆتكىلىگە دۇچ كېلىمىز، ناۋادا سىزنىڭ ئىشلەتكىنىڭىز G تىپتىكى باش سۈرەت بولسا ھەمدە يوللىغان باش سۈرىتىڭىز بەك ”ئالاھىدە“ بولۇپ كەتمىسە، نەچچە مىنۇتقىچە تەستىقلىنىپ بولىدۇ.

قوشۇمچە:

بۇ باش سۈرەتنى بەلگىلەپ بولغاندىن كېيىن، سىز Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان ھەر قانداق تور بېكەتكە ئىنكاس يازغاندا، Gravatar ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى خەت ساندۇقىڭىزنى تولدۇرغان بولسىڭىزلا، تور بېكەتتە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان باش سۈرەتنى كۆرەلەيسىز. ھازىرچە كۆپ قىسىم Gravatar مۇلازىمىتى قوللايدىغان تور بېكەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى ئاساسەن WordPress ، بىراق ئەمىلىيەتتە ھەرقانداق تور بېكەت پروگراممىسىغا پەقەت Gravatar نىڭ كودى قوشۇلغان بولسىلا، يەنىلا Gravatar باش سۈرىتىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.Gravatar نىڭ ئىشلەتكىنى MD5 مەخپىيلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق مەخپىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىنكى E-mail بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئېلخەت ئادرېسىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىزنىڭ تامامەن ھاجىتى يوق.

تەدبىركار بىلوگىدىكى مۇناسىۋەتلىك بايانغا ئاساسەن ئۆرگەرتىلدى. تەدبىركارغا رەھمەت! خالاستان بىلوگى بارلىق بىلوگېر دوستلارنىڭ خەلقئارالىق ئورتاق باش سۈرەت ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

«يەرشارى بويىچە بىر تۇتاش باش سۈرەت»نىڭ 5 ئويلىغانلىرى بار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: