iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى

apple شىركىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە iOSنىڭ 4.3.2 نەشرىنى ئىلان قىلدى. بۇ نەشىردە ئاساسلىقى ئۈسكىنىنىڭ توك ئىسراپ قىلىشى ۋە  iPad نىڭ 3G تورىغا ئۇلىنىش خاتالىقى ھەل قىلىنغان. شۇڭلاشقا نەشىر كۆتۈرشنىڭ بەك زۆرۈرىيىتى يوق.

لىكىن نەشىرنى ئۇقۇشماسلىقتىن كۆتۈرۈپ سالغان ياكى يىڭى نەشىرنى ئىشلىتىش ئھتىياجىي تۇغۇلغان بولسا دەرھاللا نەشىر كۆتۈرۈپ ئاندىن تۈرمىدىن «چاپچىرايلىق» قاچۇرۇپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

تەپسىلىي باسقۇچ تۆۋەندىكىدەك:

1. ئالدى بىلەن مۇناىسۋەتلىك ئەڭ يىڭى بولاقنى چۈشۈرىسىز http://www.app111.com/iOS.html#touch4

2. تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى چۈشۈرىسىز http://dl.dbank.com/c09n5jx5bc

3. خالاستان بىلوگىغا بۇرۇن يوللانغان دەرسلىك بويىچە مەشغۇلات قىلىسىز. پۈتكۈل جەريانى ئوپمۇ-ئوخشاش. پەقەت ئۈستىدىكى بولاق بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىنى يۇقارقى ئادىرىسىتىن چۈشۈرسىڭىزلا بولىدۇ.  خالاستان بىلوگى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى : ../897.html

بۇ دەرسلىك ھەققىدە ياكى مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئېنىقسىز نوقتىغا خالاستان بىلوگى تېخنىكىلىق مەسلىھەت بىرىدۇ.

نەزەرى

«iOS4.3.2نى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دەرسلىكى»نىڭ 11 ئويلىغانلىرى بار

  1. مەن ئىلگىرى ئىزچىل ھالدا ئەڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنغان ھامان نەشر كۆتۈرۈپ كەلگەنىدىم… بۇ قېتىم 4.3.2 گە كۆتۈرگۈم كەلمىدى. سەۋەبى: 4.3.2 دە كۆرۈنەرلىك يېڭىلىقلار يوقكەن. بۇندىن كېيىن نەشر كۆتۈرگەندە يېڭى نەشرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى چىقىش قىلىپ كۆتۈرىمەن. قارىغۇلارچە كۆتۈرىۋەرسەك بىز مەزگىل كېرەكلىك دېتاللارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى بۈگۈن 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلىنىڭ 4.3.1 دە ئىشلەيدىغان نەشر چىقىپتىكەن، ئۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم.

  2. مۇشۇ باتارىيە مەسلىسى ھەل بولغان بولسا مەنمۇ مۇشۇنىي ئىشلىتەيمىكىن…..تىلفۇنۇم يا تولۇق زەرەتلەنمەيدۇ. تولۇق زەرەتلەنسىمۇ بىكا تۇرۇپمۇ نەچچە سائەتكە قالماي تۈگەيدۇ…

  3. مىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئامېرىكا نۇسقىسى،يۇقارقى ئۇسۇلنى قوللانسام بۇلامدۇ؟ فوننى قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن باشقا چاتاق چىقماس؟ :roll:

    1. ئامېرىكا نۇسخىسى قۇلۇپلۇق بولىدۇ. نەشر كۆتۈرسىڭىز قۇلۇپلىنىدۇ. بۇنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن يەشكىلى بولسىمۇ لېكىن سىگنال يوق بوپ قالىدۇ. مېنىڭ بىر ئاغىينەمدە 4-ئەۋلادتىن بىرسى بار ئىدى. ئۇمۇ نەشر كۆتۈرۈپ قۇلۇپلاپ قويدى، تۈرمىدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قۇلۇبنى يەشكەن بولساقمۇ لېكىن سىگنال يوق. ھازىر تېلېفون ئۇرالمايدۇ. توردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا 4-ئەۋلادنىڭ مۇقىم يۇمشاق دېتال قۇيما نەشرى 04.10.01 بولۇپ قالغان ئايفونلارنىڭ سىگنال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى مەڭگۈ چىقماسلىقىمۇ مۇمكىنكەن. شۇڭا سىيدىيادا ۋە تور مەنبەلىرىدە ئامېرىكا نۇسخىدىكى قۇلۇپلۇق ئايفوننىڭ نەشرىنى كۆتۈرمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىۋاتىدۇ. ئولتۇراسىنۇ دەيدىغان قورالنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئارقىلىق سىگنال يوق ئايفونلارنىڭ سىگنالىنى پەيدا قىلغىلى بولسىمۇ لېكىن بۇ قورال 04.10.01 غا كارغا كەلمەيدىكەن.
      بۇنىڭ بىردىن – بىر ئامالى سىم كاغا سىگنال مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان سىم كا ياردەمچىسى (بۇ نەرسىنى توردا 80 سومدىن 400 سومغىچە ئالغىلى بولىدىكەن) ئارقىلىق ئىشلىتىش ئىكەن.
      شۇڭا ئامېرىكا نۇسخىدىكى ئايفون ئىشلىتىۋاتقانلار بۇنى ئالدىن ئويلىشىشى زۆرۈر.

  4. salam nazari man telpunimning naxirini koturgandim asli 4.3.1edi tunugun kaqta siz torbitingiz da 4.3.2ning turmidin kaqkanlikini dap tikansiz naxirni koturup turmidin kaqurux maxghulatini kilsa hammisi nurmal bulup bolghanda angahirki heliki bolo qikipdegan yiridin oqkanqa telpunim kozghalmay xu adatta telpunni aqkan wakitta qikip korinidighan almining easimi qikip kitip kaldi naqqa ketim itip baktim xu yanila xundak turwaldi amdi kandak kiliman ?

    1. سىزنىڭ تىلفونىڭىز قايسى نەشىردىكى مال؟ ئەگەر 4.3.2 غا كۆتۈرگەندىن كىيىن نورمال سېستىمىغا كىرگەن بولسا قۇلۇبسىزكەن. ئۇنداقتا سىز بۇ تېمىدا كۆرسىتىلگەن تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالىدا قايتا سىناپ بىقىڭ. مەن بۇ دېتالنىڭ ئەڭ يىڭى نەشرىنى ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا يىڭىلاپ چىقاردىم.
      مەشغۇلاتنى قايتا قىلىپ يەنە بولمىسا 21071736 نومۇرلۇق QQدىن بىۋاستە مەسلىھەت سوراڭ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: