iPhoneنىڭ港行,美版,行货لىرىنىڭ پەرقى

گەرچە aplleمەھسۇلاتلىرى ھەممىسى دىگۈدەك جوڭگودا ئىشلەنسىمۇ، جوڭگودا سىتىلۋاتقان iPhone,ipoa,pad لەر ھەرخىل يوللاردىن بازارغا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بازارغا كىرىش يولى بويىچە يۇقارقىدەك 港行,美版,行货 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

行货دىگىنى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ۋە 苏宁电器 دە سىتىلىۋاتقىنى شۇ.  سىتىۋىلىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى دەپ قارىلىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار جوڭگودا ئىشلىنىپ يەنە جوڭگودا بازارغا كىرىدۇ. appleدىكىلەر سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتكە ئىگە بولىدۇ.
美版دىگىنى ئامىركىدىن ئوغۇرلاپ ئەكىرگەن مال بولۇپ قاتتىق دىتال سەپلىمىسى 行货 غائوخشاش ئەمما تور پەقەت AT&T(يەنى ئامىركىنىڭ بىرلەشمى خەۋەرلىشىشى دىگەن گەپ) نىڭ تورىغىلا ئىچىلغان بولۇپ، يۇمشاق دىتال ۋاستىسى ئارقىلىق يىشىشكە بولىدۇ. بىلمەيدىغانلارغا ئاۋارچىلىق، بىلىدىغانلارغا 10 مىنۇتلۇق ئىش. سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى يوق.
港行دىگىنى شىياڭگاڭدا قانۇنلۇق سىتىلغان، چىگىردىن ئوغۇرلۇقچە ئىچكىرى قۇرۇقلۇققا ئۆتكەن مەھسۇلات. چوڭراق تىجارەت دۇكانلىرى سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنى تەمىنلەيدۇ. كۆپىنچىلىرىدە يوق. قۇلۇبسىز بولۇپ ئەكىلىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
يۇقارقى ئۈچ خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان ئورنى ئاساسەن شىنجېن، مالايسىيا… قاتارلىق جايلار بولۇپ، ياسىلىش تەننەرخى ۋە مەھسۇلات سۈپتىىنى پۈتۈنلەي ئوخشاش دىيىشكە بولىدۇ. قاتتىق دىتال جەھەتتە ھىچقانداق پەرق يوق. پەقەت سىتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت ئوخشىمايدۇ.

ئامىركا نەشرىنىڭ ھازىر يىشىۋىتىلگەنلىرى چىقتى.شۇڭا 港行بىلەن 美版 نى ئارلاشتۇرۋەتمەسلىك كىرەك.

پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى: سىستىما تەڭشىكى ئىچىدىن ھەممىنى ئەسلىگە قايتۇرۇشنى باسسا نورمال قوزغىلالىغانلىرى شىياڭگاڭنىڭ ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بولىدۇ. نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كارتىنى سالسا نورمال ئىشلەۋەرگىنى شىياڭگاڭنىڭ ياكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بولىدۇ. مەيدىسىگە مۇشتلاپ جۇڭگونىڭ ھەممە يىرىدىن aplle مەخسۇس دۇكانلىرى ئوڭشاش، ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلىيەلەيدىغىنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ  بولىدۇ.

شۇڭا بۇلارنىڭ بازار باھاسى جەھەتتە 行货 نىڭ ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا 港行 نىڭ (چۈنكى بۇنىڭ تور قۇلۇبى يوق). ئەڭ ئەرزىنى يەنىلا 美版. لىكىن بۇنىڭ يىڭىغا ئالماشتۇرۇلغان كونىلىرى بەك كۆپ بولۇپ، سىتىۋالغاندىن كىيىنمۇ يەنە نۇرغۇن ئۇششاق مەشغۇلاتلار ئارقىلىق ئاندىن ئۈنۈملۈك ئىشلىتش مەقسىتىگە يىتىشكە بولىدۇ.

«iPhoneنىڭ港行,美版,行货لىرىنىڭ پەرقى»نىڭ 2 ئويلىغانلىرى بار

    1. بولىدۇ. لىكىن ھەر خىل تېلفوننىڭ كۆپ پەرقلىنىدۇ.
      ئومۇمى جەھەتتىن ئامىركا نەشىرنىڭ 序号 سى LL بىلەن، شىياڭگاڭ مىلىنىڭ ZP بىلەن ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ MC بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: