سەھىپە ئارخىپى: ئالما ساۋادى

appleمەھسۇلاتلىرىدىن دەسلەپكى ساۋات

iOS5نىڭ توك ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى تۈزىلىدۇ

5.0 غا كۆتۈرگەنلەرگە مەلۇملۇقكى، بۇ يىڭى نەشىردە ئەڭ كۆزگە چىلىقىدىغان مەسىلە باتارىيەنىڭ توشىماسلىقى. بۇرۇن ئادەتتە 3كۈن يېتىدىغان بەزى باتارىيەلەرنىڭ ئۆمرى بىراقلا 1 كۈنگە چۈشۈپ قالغان.

مەنمۇ شۇنى ھىس قىلدىمكى، iCloud،Notifecation قاتارلىق يىڭى ئىقتتىدارلارنى ئاچقاندىن كىيىن iPhone4 تە توك توشىماس بولۇپ قالدى. ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىنى تاقىغاندىن كىيىن ئازراق ياخشىلانغان بولسىمۇ يەنىلا مەسىلە بار نەرسىگە بىر خىل قارشىلىق شەكىللىنىپ قالىدىكەن.

تەكرار تۈرمىدىن قاچۇرۇپ، يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ يۈرۈپمۇ بۇ مەسىلىنى نېگىزىدىن ئوڭشىيالمىدىم. چۈنكى تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنەنىڭ توك سەرپىياتى قاچمىغىنىدىن يۇقىرى بولىدۇ. appstore قوزغىتىغلىق ھالەتتىمۇ ئۈسكىنە كۆپ توك خورىتىدۇ.

بۈگۈن APPLE تەرەپنىڭ ئاچقۇچىلار ئۈچۈن تارقاتقان iOS 5.0.1 Beta نەشرىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ قىتىملىق نەشىر يىڭىلاشتا ھەل قىلىندىىغان ئاساسلىق مەسىلە ئۈسكىنىنىڭ بىھۇدە توك ئىسراپ قىلىشى.

بۇنىڭدىن سىرىت يەنە apple دىكىلەر Jailbreakتىكىلەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ ھازىر بايقالغان  يوچۇقنى ئېتىشى مۇمكىن.  بۇنىڭلىق بىلەن ھازىر نامۇكەممەل تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنلەر ios 5.0.1 غا چىققاندا تۈرمىدىن قاچالماسلىقى مۇمكىن. بۇلارنىڭ «مۈشۈم چاشقان ئويۇنى» داۋاملىشىۋەرسۇن. بىزمۇ ئۆزىمىگە پايدىلىق بولسا مۇۋاپىق پايدىلىنايلى.

دىققەت! ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ios5 تە نورمالسىز

دوستلارنىڭ سۇئالى بىلەن مەن ھىلىلا تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان iPhone4قايتا قايتا سىناق قىلىپمۇ بىلوگدا تونۇشتۇرۇلغان iPhone ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى نورمال ئىشلىتەلمىدىم.

ھازىرقى كۆرۈنمە يۈز ئېنگىلىزچىگە ئالمىشىپ كەتكەن بولۇپ بەلكىم keyboardfixer.debدېگەن ھۆججەتنىڭ مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن. بۇ ھۆججەتنىڭ 5.0 نەشرى چىقسا خالاستان بىلوگى يەنە دوستلارغا يەتكۈزىدۇ.

ios5 تە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش ئىھتىياجى بارلارنىڭ بىر ئاز تەخىر قىلىشىنى سەمىگە سالىمەن.

باشقا نەشىردىكىلەر ../keyboard دىكى تەرتىپ بويىچە نورمال ئىشلەتسە بولىدۇ.

iCloudۋەiOS5 مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلىدۇ

خالاستان بىلوگى بۇرۇنلاWWDC 2011 يىغىنىدىن كىيىن iCloudۋەiOS5 ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

بۈگۈنكى كۈندە مانا بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ قاچان رەسمىي تارقىتىلدىغانلىقى ئاشكارە بولدى.

iCloud نىڭ بىزگە قانداق قولايلىق ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بۇ تېمىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. ../2056.html قىسقىلا ئىيتقاندا، بۇ بىر تورغا يۈكلەنگەن بۇلۇتقا ئوخشاش ئۆزى ئىنىقسىز ئەمما، ئىقتىدارى ناھايتى يۇقىرى ھىسابلاش، ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىشنى بىر گەۋدە قىلغان سۇپا. ئابونتنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇلازىمتېرلار يۈكلەپ تۇرىدۇ. ئابونت خالىغان ئۈسكىنە ئارقىلىق ئۆزىگە خاس بولغان مەشغۇلات سۇپىسى، ئىقتىدار تىزىملىكى ۋە ساقلاش بوشلۇقىغا ئىگە بولىدۇ. iCloud قا يىڭىدىن Find My Friends ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى 90% دېتال ئاچقۇچى قىززىقىدىغان ھەم دۆلىتىمىزدە ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئورۇنغا ئاساسەن دوستلىشىش، پاراڭلشىش ئىقتىدارى قوشۇلغان.

 iCloud ئادەتتىكى ئەزالار ئۈچۈن 5GB لىق ھەقسىز بوشلۇق ئېچىپ بەرگەن بولۇپ بارلىق ئۇچۇلارنى توردا ماسقەدەملەپ ئۆزىنىڭ i فامىلىلك ئۈسكىنلىرى ئارسىدا توساقسىز بىرلشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

iOS5نىڭ يەنە قانداق ئىلغار تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى مۇنۇ تېمىدىن كۆرۈش مۇمكىن. ../2058.html بۇ ھازىرقى ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل ئەقلىفون مەشغۇلات سىستىمىسى بولۇپ apple نىڭ پېلانى بويىچە كەلگۈسى ئككى يىل ئىچىدە بارلىق ئۈسكىنە (MAC OS Xئىشلىتىلگەن ئۈسكىنىلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) تەدرىجىي ھالدا iOS سۇپىسىغا كۆچىدۈ.يەنى ھەممە نەرسە ھەركەتچان ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئۇنداق ئىغىر ئۈستەل كومپيۇتېرى، كىلەڭسىز خاتىرە كومپيۇتېرلارنى ھىچكىم خالىمايدۇ، apple مۇ ئشىلەپ چىقارمايدۇ.

iCloudۋەiOS5 نى قوللايدىغان ئۈسكىنىلەر : 3- ئەۋلادتىن يۇقىرى iPodTouch ۋە 3-ئەۋلادتىن يۇقىرى iPhone  شۇنداقلا iPad. تەپسىلىي: iPodTouch3,iPodTouch4,iPhone3Gs,iPhone4,iPhone4S,iPad1,iPad2 قاتارلىقلار.

iPhone4S كوناiPhoneلارنىڭ باھاسىنى چۈشۈردى

ئالمانىڭ يىڭى مەھسۇلاتى iPhone4Sنىڭ چىققىنىدىن ھەممىمىز خەۋەر تاپتۇق. بۇ مەھسۇلات ناھايتى ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككى ئانتىنا ئارقىلىق GSM/CDMA تورلىرىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ نۇرغۇن ئىستىمالچىلارنىڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ قالدى. iPhone4S ئاق -قارا ئىككى خىل رەڭدە چىقىدۇ. باھاىسى ۋە ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئوخشاش.

شۇڭلاشقا كونا ئەۋلاد مەھسۇلاتلارنىڭ باھاىسى چۈشۈشىمۇ مۇقەررەر.iPhone4S مۇشۇ يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ زاكاس قوبۇل قىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئامېركا، كانادا، ئاۋېسترالىيە، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، گىرمانىيە ۋە ياپونىيە (ئەپسۇس، مەنمۇ كۆپ ئىزدىدىم. ب د ت نىڭ باشقا قۇرغۇچىلىرى توپلاشقان قاتاردا 中国 دېگەن خەت كۆرۈنمىدى.) قاتارلىق دۆلەتلەردە سېتىلىشقا باشلايدۇ.10-ئاينىڭ 28-كۈنى يەنە باشقا 22 دۆلەت -رايۇندا سېتىلىشقا باشلايدۇ. كىيىنكى 70 دۆلەت يىل ئاخىردا. دۆلىتىمىز، شىياڭگاڭ ۋە تەيۋەنلەر ھازىر قاتاردا يوق. بەلكىم يىڭى يىلغا ئۈلگۈرۈپ كىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىققانلىرىنى ئەكىرىپ كارتا قىستۇرۇپ ئىشلىتىشكە ئىلاج بار. لىكىن بەك زۆرۈرىيەت بولمىسا قىممەت iPhone4S تىن iPhone4 ياخشىراق، ئىقتىدار باھا نىسبىتىمۇ يۇقىرى.

iPhone4S  نىڭ ئامېركا ئىككى يىللىق توردا تۇرۇش مۇلازىمەت باھاسى: 16GB لىقى 199 دوللار . 32GBلىقى 299 دوللار. 64GB لىقى399 دوللار. يىڭىدىن كىچىك سىغىملىق iPhone4 قوشۇلغان بولۇپ باھاسى 99 دوللار!

appleنىڭ ئورگان بېتى يەنە كونا iPhone4 نى يىغىۋىلىش باھاسىنى ئېلان قىلدى. ئىقتىدارى نورمال ئاق رەڭلىك iPhone4 نى 200 دوللارغا يىغىدىكەن، قارا رەڭلىكىنى 180 دوللارغا يىغىدىكەن.

ئاۋېستىرالىيەدە  iPhone 4Sنىڭ باھاسى 799 يەرلىك پۇلى. كانادادا 649 يەرلىك پۇلى. ئەنگىلىيەدە 499 يەرلىك پۇلى. فىرانسىيە، گىرمانىيەلەردە 629 يەرلىك پۇلى.

بۇنىڭغا ئەگىشىپ دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن رايۇنلاردا iPhone4 نىڭ باھاسى چۈشتى. 32G لىق iPhone4 نىڭ باھاسى ھەتتا 1000 سومغا يىقىن تۆۋەنلىدى.

ئىلىمىزدىكى 8Gلىق iPhone3Gs نىڭ باھاسى 2888يۈەن، iPhone4نىڭ 16Gلىقنىڭ باھاسى 4548 يۈەن، 32G لىقنىڭ باھاسى 4988 يۈەن. ھەقسىز مال يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شىياڭگاڭ نەشىردىكى iPhone4 مۇ ماس نەشىردىكى قۇرۇقلۇق مىلىدىن 600 يۈەن ئەتراپتا ئەرزان. iPhone4 سېتىۋىلىش ئويى بار قىرىنداشلار ھازىرلا ھەركەتلەنسە مۇۋاپىق. ۋاقىت بەك سوزۇلۇپ كەتسە يىڭىغا ئالماشتۇرۇلغان iPhone ئېلىپ قىلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

iPhone4S تە تارتىلغان سۈرەتلەر

ئورگان تەرەپنىڭ باياناتىغا قارىغاندا بۇ قىتىم apple ئىشلەتكەن كامېرا تارىختىن بۇيان ئەقلىفونغا ئىشلىتىلگەن كامېرا تېخنىكىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ تارتىلغان سۈرەتلەرنىڭ ئۈنۈمىگە ھەقىقەتەن كىشىنىڭ زوقى كىلىدىكەن.

قىنى تۆۋەندە ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن رەسىملەردىن ھوزۇرلانساق. مەنبەسى: http://www.apple.com/iphone/built-in-apps/camera.html

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

iPhone 4S Photo Gallery

بۇ ئۈسكىنىنىڭ قىلىنىلىقى ئاران 9.3mm ، لىكىن f/2.4 نۇر چەمبىرەكلىك، 8مىليۇن پېكسوللىق كامېرا ئورنىتىلغان بولۇپ سۈرەت ئىقتىدارى 60% ياخشىلانغان.  شۇنداقلا 1080P ئىنىلىقتىكى فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. بۇ ھەقتىى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇلارنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق ئورگان بېتىدىن كۆرۈڭ.

iPhone4s ئېلان قىلىندى

ھەممەيلەن كۆز تىككەن مىنۇتلار— بۈگۈن سەھەر ئامىركىدا appleنىڭ “Let’s talk iPhone” تېمىسىدىكى  كۈزلۈك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشتى.

خۇددى پەرىزىمىزدەك appleنىڭ 5-ئەۋلاد ئەقلىفونى —- iPhone4s ئېلان قىلىندى.رىۋايەتلەردىكى ئەگمىسىمان iPhone5 بۇ يىلچە ئېلان قىلىنماسلىقى مۇمكىن.

سىرىتقى شەكىل ئۆزگىرىشى چوڭ ئەمەس. ئىقتىدارى خىلىلا ياخشىلىنىپتۇ. ئىسمى جىسمىغا لايىق iPhone4 نىڭ نەشىر كۆتۈرۈلگەن نۇسخىسى ئىكەن. 

800W پېكسوللىق ئېنىقلىقتىكى سىنكۆز، A5 قوش نىگىزلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىنىپتۇ. نۇر سەزگۈر ئۆزىكى يىڭىلىنىپتۇ. تېخىمۇ ئىنىق GPS ئۆزىكى ئىشلىتىلىپتۇ. مەشغۇلات سىستىمىسىغا ئەلۋەتتە بىلوگىمىزدا تونۇشتۇرۇلغان iOS5 ئىشلىتىپتۇ.

بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئومومى ئىقتىدارى بازارلاردىكى بەزى تورپىيۇتېر (上网本) دىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ نۆۋەتتكى ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل ئەقلىفون ھىسابلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن سىرىت iOS 5 يەنە 200 دىن ئارتۇق يىڭى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ئۇقتۇرۇش مەركىزى، iMessage، يىڭى ibook، يىڭى Safari، FC Freeقاتارلىقلار بولۇپ بىز ئويلاپ يىتەلەيدىغانكى ئىقتىدارلار ئاساسەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندەك.

خۇددى قىرىنداشلىرىمىز خىيىال قىلغاندەك GSM/CDMA2000 نى تەڭلا قوللايدىغان بولۇپ بىرلەشمە، كۆچمە تىلگىراف خەۋەرلىشىشلەرنىڭ كارتىسىنى تولۇق قوللايدۇ. ئابونتلار بىۋاستىلا كارتا ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

[تەۋسىيە]iPhoneنى تەھرىرلەش،بارماق دېسكا قىلىش

ئالدىنقى تېمىمىزدا iPhone ھۆججەتلىرىنى باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن بىر نەچچىنى تونۇشتۇرغان. بۇ تېمادىن كۆرۈڭ. يۇقارقى ۋە تۆۋەندىكى دېتال بارلىق نەشىردىكى iPhone,iPodTouch,iPad كە ماس كىلىدۇ.

مەن بۈگۈن ئالما ھەۋەسكارلىرىغا ئىشلىتىش ناھايتى قولاي، قوزغۇتۇش پىروگراممىسى ۋە باشقا دېتال قاچىلاش كەتمەيدىغان ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى تەۋسىيە قىلىمەن. دېتال قاچىلانغاندىن كىيىن پەقەت كومپيۇتېر بىلەن iPhone پەقەت بىر قىسمىي توردا بولسا(ياكى ھەر ئىككلىسى Internetقا ئۇلانغان بولسا)  iPhone نىڭ خالىغان ھۆججەتلىرىنى خۇددى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكاسىنى زىيارەت قىلغاندەك زىيارەت قىلىپ، ھۆججەت ئۆچۈرۈش، كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ.iPhone ھەقىقىي مەنىدىكى «بارماق» دېسكاغا ئايلىنىدۇ.

بۇ دېتالنىڭ نامى Samba ، تېخى يىقىندا Cydiaدا ئاشكارا تارقىتىلغان ھەقسىز دېتال. بۇرۇن Linux,Mac OSۋە Windows قاتارلىق مۇھىتلاردا SMB كېلىشىمى ئارقىلىق «سۇپا ئاتلىغان» مەشغۇلاتلارنى قىلىشقا ئىشلىتىلگەن. تۆۋەندە iOS تە قانداق ئىشلىتىش توغۇرلۇق ئازراق سۆزلەي.

1. تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنىگە ئاۋال ئالدىنقى تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان SBSettings نى قاچىلاڭ.

2. Cydia غا apt.weiphone.com نى قوشۇڭ. Sambaنى قاچىلاڭ. ھەم رەسىمدىكىدەك Samba نىڭ ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ۋە ئۈسكىنە IP سىنى خاتىرلەڭ. 

2. ئۈسكىنىدە 设置-Samba دېگەن تەرتىپتىن كىرىپ Samba نى ئېچىڭ، Enabledنى ئوڭغا سۈرۈڭ.ئاستىدىكى ئورۇنغا پارول كىرگۈزۈڭ(خالىغانچە)، ئاندىن  Change Passwordدېگەننى بېسىڭ(پارول كۆرۈنمەيدۇ. نورمال). رەسىمدىكىدەك.

 

3.كومپيۇتېرغا يۇقاردا ساقلىۋالغان IP نى كىرگۈزىمىز. شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

4. چىققان كۆزنەكنى تولدۇرىمىز. ئابونت نامى root ، پارولى 2-باسقۇچتا كىرگۈزگەن بىلەن ئوخشاش.

5.ئېچىلغان بەت دەل iPhone نىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزنەك.

 بۇ يەردە كۆك رەڭدە بويالغانلىرى 2- دەرىجىلىك مۇھىم قىسقۇچ (ئابونت قاچىلىغان قوللىنىلىشچان پىروگراممىلار بار).

ئۇنىڭ ئىچىدىكى Share قىسقۇچى بولسا 3-دەرىجىلىك مۇھىم بولۇپ ئابونت iPhone نى «بارماق دېسكا» قىلىپ ئىشلەتكەندە مۇشۇ يەرگە ھۆججەت ساقلايدۇ. ئۆچۈرۈشكە، يىزىشقا بولىدۇ.

قىزىل رەڭدە بويالغىنى 1-دەرىجىلىك مۇھىم ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ ھۆججەتلەرنى پەقەت كۆرۈشكە بولىدۇ، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ(باشقىچە تەھرىرلەپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. بىراق خالاستان بىلوگى ئىشلەتكۈچى ئۈسكىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى سەۋەبلىك تەھرىرلەشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. ھەر قانداق ۋىرۇس مۇشۇ ھۆججەتنى ئۆزگەرتىپلا قويسا ئالما سىستىمىسى بۇزۇلۇشى مۇمكىن).

تۆۋەندىكى تەھرىرلەش ئېلىپ بىرىلمىغاندا سىستىما ھۆججەتلىرى (main readonly) ، ئابونت قاچىلىغان پىروگراممىلار (mobile readonly)، رەسىم ساقلاش مۇندەرىجىسى (camera readonly)لار پەقەت ئوقۇغىلى بولىدىغان، «بارماق دېسكا»  (share readonly) مۇندەرىجىسى ئوقۇغىلى يازغىلى بولدىغان ھالەتتە. ئىھتىياجغا ئاساسەن تەڭشەشكە بولىدۇ.

قوشۇمچە: ھۆججەت قىسقۇچلارنىڭ ھوقۇقىنى تەڭشەش جەريانى تۆۋەندە.

1. ../2321.html دىكى ھۆججەت باشقۇرۇش دېتالى تۈرىدىن بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ. i-Funbox تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

2. iPhone نىڭ /etc/samba/smb.conf مۇندەرىجىسىدىن smbدېگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ كومپيۇتېرغا ساقلاڭ، ۋە خالىغان قۇرال (ياخشىسى خاتىرە دەپتەر) ئارقىلىق ئېچىڭ.

ئاندىن ماس ئورۇندىكى Read Only (ئوقۇشقىلا روخسەت) دېگەن تۈرلەرنىڭ ئۇدۇلىدىكى  Yes,No لارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقارقى 5-باسقۇچتا كۆرسىتىلگەن ماس مۇندەرىجىلەرنىڭ ئوقۇشيېزىش ھوقۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. رەسىمدىكىدەك.

يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، نەزەرىنىڭ ئۈسكىنىسىدە سىستىما ھۆججەتلىرى (main readonly) پەقەت كۆرگىلى بولىدىغان. ئابونت قاچىلىغان پىروگراممىلار (mobile readonly)، رەسىم ساقلاش مۇندەرىجىسى (camera readonly)، «بارماق دېسكا»  (share readonly)مۇندەرىجىسى ئوقۇپ يازغىلى بولىدىغان  قىلىپ تەڭشەلگەن.

كومپيۇتېرغا كۆچۈرگەن ھۆججەتكە تەھرىرلەش ئىلىپ بىرىپ بولغاندىن كىيىن ساقلاڭ ۋە ئەسلى مۇندەرىجىگە چىقىرىپ ئەسلىدىكى ھۆججەتنى قاپلىۋىتىڭ.

iPhone ھۆججەت باشقۇرۇش دېتاللىرىدىن ساۋات

iPhone ئىشلىتىپ باققانلارغامەلۇملۇقكى، iPhone نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشتىن بۇرۇن سىستىما ھۆججىتى تۈگۈل ئابونتلار قاچىلىغان قولىنىلىشچان دېتاللارنىڭ بىرەر ھۆججەتلىرىگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. Android قاتارلىق سىستىمىلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ھىچقانداق ئادەم apple نىڭ روخسىتىسىز يۇمشاق دېتال ئىجرا قىلالمايدۇ، يەنى apple ئۈسكىنىلىردە ئىجرا بولغان ھەر بىر قۇر كود apple نىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن بولىدۇ، ھىچقانداق تەرەپنىڭ (ھەتتا يۇمشاق دېتالنى ئاچقۇچىنىڭ) تارقىتىلغان يۇمشاق دېتالنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشگە روخسەت قىلىنمايدۇ.

 شۇڭا apple ئۈسكىنلىرى ئۈچۈن ئېچىلىپ appstore غا قويۇلغان 600مىڭغا يىقىن يۇمشاق دېتالدا قېتىپ قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇش نىسبىتى 1% گە يەتمەيدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى appleنى apple قىلغان، ئىستىمالچىلارنى مەھسۇلاتقا شۇنچىۋالا تەشنا قىلغان سىر! ئىنىقكى، apple مەھسۇلاتلىرىغا ئىشلىتىلگەن قاتتىق دېتالنى نۇرغۇن شىركەتلەر ئىشلىتەلەيدۇ، ئەمما غايەت كۆپ يۇمشاق دېتالنى ھازىرچە پەقەت apple لا شۇنداق سۈپەتلىك باشقۇرالايدۇ.

خوش، ئەمسە بىز تۈرمىدىن قاچقان ئۈسكىنە ئۈچۈن ھۆججەت باشقۇرۇش (يېزىش، ئوقۇش، ئۆچۈرۈش) مەشغۇلاتى قىلىدىغان بىر نەچچە دېتالنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەيلى. ئىھتياجغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلەتسەك كۇپايە.

1. i-funbox. بۇ يۇمشاق دېتالنى مەن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىمەن. دۇنيادا مۇشۇ تۈردىكى دېتاللار ئېچىدە ئىشلىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، باھامۇ ئەڭ ياخشى.ھۆججەت باشقۇرۇشرىن سېرىت يەنە ئۈسكىنىنى بارماق دېسكا قىلىپ ئىشلىتىش،IPA فورماتىدىكى دېتاللارنى قاچىلاشئۆچۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان. چۈشۈرۈش ئادىرسى http://i-funbox.com/

2. iTools . جوڭگولۇقلار ياسىغان يۇمشاق دېتال. ئىشلىتىش يۈزى ئاددى، ئىقتىدارى كۆپ، ئەمما تولا نەشىر يىڭىلاپ باش ئاغرىتىدىغان دېتال. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە چۈشۈرۈش ئادىرسى

3. «91 چوماقچىسى» 91手机助手نى كۆپىنچى يىڭىلار ئىشلىتپ باققان.بۇ دېتالنىڭ «لۈكچەك» خاراكتىرى بولغاچ ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. لىكىن يىڭى ئۇچراشقانلار ئۈچۈن يەنىلا يامان ئەمەس تاللاش.

4.MobileFinder. يۇقاردا تونۇشتۇرۇلغان دېتاللارغا يانداش بولۇپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما ئاددى. http://www.onegreen.org/iPhone/HTML/5114.html

5. Mobile Squid بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ھۆججەتلەرنىڭ خاراكتىرىھوقۇقىنى تەڭشەش.

6. iFile . بۇ دېتال iPhone غا قاچىلىنىدىغان بولۇپ تۆۋەندىكى تېمىدا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بار. ../2150.html

7. iDos بولسا iPhone غا قاچىلىنىدىغان Disk Operating System بولۇپ خۇددى كومپيۇتېردا ئىشلەتكەندەك، ئۈسكىنىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرىنى زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ماس كەلمەيدۇ.2000-يىللاردىن بۇرۇن كومپيۇتېر ئۆگەنگەنلەرگە بۇ خىل قارا ئىكرانلىق دىسكا مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ بۇيرۇقلىرى يادا. بۇ دېتالنى Cydia دىن قاچىلاشقا بولىدۇ.

iPhone نىڭ كۆكچىش(BlueTooth)نى يېشىش ئۇسۇلى

كۆكچىش(BlueTooth)نى(خەنچە 蓝牙) نۇرغۇنلىرىمىز ئاڭلاپ باققان. شۇنداقلا بازاردىكى 20 سوملۇقتىن 20000 سوملۇققىچە بولغان تېلفونلاردا ئاساسەن ئوموملاشتى، باشقا ھەركەتچان ياكى بىقىندى ئۈسكىنىلەرمۇ بۇ خىل مۇھىت
نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. لىكىن ئالما مەھسۇلاتلىرىدىكى كۆكچىش(BlueTooth) بىر قەدەر ئالاھىدە بولغانلىقتىن يىڭى ئۆگەنگۈچىلەر تۈگۈل پىشقان ئالمىچىلارمۇ تولۇق پايدىلىنىپ بولالمىدى.

Appleنىڭ قايسى خىل مەھسۇلاتى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاساسەن دېگۈدەك كۆكچىش(BlueTooth)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىرىنجى سەۋەبى، دەل كۆكچىش تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى بىر قەدەر پىشقان يىقىن ئارىلىق ئۇچۇر يەتكۈزۈش كىلىىشمى بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئۈسكىنىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن. ئۈچىنچىدىن، بۇنداق ئۈسكىنىلەرنىڭ ئۆزئارا قوللاشچانلىقى ياخشى، قوللىنىلىش دائىرسى كەڭ.تۆتىنچدىن، كۆكچىش(BlueTooth) ئىشلىتىدىغان سىگىنالنىڭ قاپلاش دائىرسى يىتەرلىك، شۇنداقلا بۇ سىگىنالنىڭ چاستوتىسى ھەقسىز، ھىچقانداق ئورۇنغا ھەق تۆلىمەيلا بۇ چاستوتىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.

appleمەھسۇلاتلىرى ئامىركانىڭ «ئۈن-سىن بۇيۇملىرى نەشىر ھوقۇقىنى قوغداش نىزامى» دىكى بەلگىلىمە ۋە شىركەت ئۆزىنىڭ نەشىر ھوقۇقى تۈزۈمى بويىچە ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى چەكلەنگەن. لىكىن تىڭشىغۇچقا ئۇلاپ ئاۋاز ئۇزۇتۇشقا ياكى تور سېگىنالىنى ئورتاق تارقىتىشقا بولىدۇ.

تۈرمىدىن قاچۇرۇش قانۇنلۇق دەپ ئېلان قىلىغاندىن كىيىن نۇرغۇن 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرى بارلىققا كەلدى. ئاساسلىقى BlueTooth IM ,BlueTooth Image ,BlueTooth logo theme,  BlueTooth Mode, BlueToothToy…. دېگەندەك. ئىقتىدارلىرى ھەرخىل، بۇ يەردە ھەممىنى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرمايمىز، زۆرۈر بولغاندا ئۇدۇللۇق تەھلىل قىلساق كۇپايە . ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى يۇقىرى، شۇڭا ئۈسكىنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئېچىۋىتىلگەن يۇمشاق دېتاللاردىن كۆپرەك پايدىلىنىپ ھاجىتىمىزدىن چىقىشقا تىرىشىمىز.

مەن تۆۋەندە كۆكچىش(BlueTooth) دىن پايدىلىنىپ iPhone, iPodTouch, iPad دا ئادەتتىكى تېلفونلارغا ئوخشاش ھۆججەت كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشنى تونۇشتۇرىمەن. تەپسىلىي بولسۇن ئۈچۈن باسقۇچقا كۆپ بۆلىۋەتتىم، ئەمما ئوڭاي.

1. ئۈسكىنە چوقۇم تۈرمىدىن قاچۇرۇلغان بولسۇن. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

2. Cydia غا apt.178.com ئادىرىسلىق مەنبەنى قوشۇڭ. دەرسلىكنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ، شۇنداقلا تۆۋەندىكى دېتاللارنى ئىمكان بار مۇشۇ مەنبەدىن قاچىلاڭ.

3. Cydia دىن نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى مەشغۇلات باشقۇرۇش دېتالى sbsettings نى قاچىلاڭ. دەرسلىك . بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارى ناھايتى كۆپ، خالاستان بىلوگىمىز بۇرۇنمۇ تەشەببۇس قىلغان يەنە ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ. تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad نىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى بىۋاستىلا كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ.

4. Cydia دىن ھۆججەت مەشغۇلاتى دېتالى iFileنى قاچىلاڭ. بۇ دېتالمۇ ھۆججەت مەشغۇلاتى ساھەسىدە ئەڭ ياخشى ھىسابلىنىدۇ. iPhone ئىچىدىكى ھەرقانداق ھۆججەتنى خالىغانچە تەھرىرلىگىلى، ئۆچۈرۈش-كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ھۆججەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى 2.9MB

ئەگەر تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى تاماملىمىغاندا بۇ دېتال ئارقىلىق iPhone, iPodTouch, iPad قاتارلىقلارغىلا ھۆججەت يوللاشقا بولىدۇ.

5. Cydia دىن يۇقارقى دېتاللارنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىشلەيدىغان ، كۆكچىش(BlueTooth) باشقۇرۇش جەھەتتە ئەڭ قولاي دېتال Celeste نى قاچىلاڭ.

6. ئۈسكىنىنى قايتا قوزغىتىڭ.

7. iPhone نىڭ 设置-通用-蓝牙 دېگەن بەلگىلەش تاللانمىسىدىن كۆكچىش نى تاقىۋىتىڭ. ئىكراندىكى باتارىيەنىڭ يىنىغا كۆكچىش بەلگىسى چىقىۋالمىسىلا بولىدۇ.

8. ئىكراندا سائەتنىڭ بەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز رەسىمدىكىدەك ئىقتىدار تاللانما كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن Celeste نى ئاچىسىز(يىشىل رەڭ ئوچۇق). ئەسكەرتىش: ئالدى بىلەن Cydia نىڭ ئىچىدىن Sbsettings نىڭ قاچىلانغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. ئاندىن ئىكرانىدىكى سائەت تەگلىكى رايونىدا قوش چېكىڭ، ئوڭ-سولغا سۈرۈڭ،ياكى بېسىپ تۇرۇپ… چوقۇم بىر خىل ھالەتتە قوزغىلىدۇ.

9. iFileنى ئېچىپ يوللىماقچى بولغان ھۆججەت (ھۆججەت قىسقۇچ بولسا پىرىسلاڭ!) نى تاللاپ ئۈستىدە بارماقنى توختاتسىڭىز بىر ئىقتىدار تېزىملىكى چىقىدۇ.

بۇ تاللاشتىن 选择 نى تاللاپ چىققان بەتنىڭ ئاستىدىن رەسىمدىكىنى تاللايسىز.

كىيىنكى قەدەم

ئەمدى ئۈسكىنە ئەتراپىدىكى 蓝牙 ئېچىلغان ئۈسكىنىلەرنى ئىزدەيدۇ. ۋە سىز بىرنى تاللىغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك

جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يۇقاردا كۆرۈنگەن نومۇرنى ھۆججەت يۆتكىمەكچى بولغان ئۈسكىنىگە تولدۇرسىڭىزلا ئىش تامام.

قوشۇمچە:

بۇ دېتالدا تۇرۇپ يەنە باشقا ئۈسكىنىلەردىن ھۆججەت قوبۇللاشقىمۇ بولىدۇ. تەرتىپى يۇقارقى تەرتىپتىكى 9- قەدەمگىچە(iFileنى ئاچقان ھالەت) بولىدۇ.باشقا ئۈسكىنىدىن يوللايمىز. قوبۇل قىلغان ھۆججەتلەر /var/mobile/received دە بولۇپ، ئىھتىياجىمىزغا ئاساسەن يۆتكەپ ئىشلىتىمىز.

قوشۇمچە2:

8-باسقۇچتا تاللاش ئىناۋەتسىز بولىۋالغانلار

http://dl.dbank.com/c0xe0n1mi1

ئۇلىنىشتىن

mobilesubstrate_0.9.3367-1_iphoneos-arm.deb دېتالنى چۈشۈرۈپ


دە كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا قويۇپ ئۈسكىنىنى قايتا قوزغاتقاي.

iPad تەگلىك رەسىملىرى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك كومپيۇتېر ئۈچۈن تەگلىك رەسىمنىڭ ئادەم كەيپىياتىغا بولغان تەسىرىنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ.

پاكىز ۋە رەتلىك بولغان گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىلىرىنىڭ ۋە سۈزەك،سىپتا ئىشلەنگەن ئابىستراكىت شەكىللەر ئۆز ئىچىگە

ئېلىنغان تەگلىكلەر بىر  قارىغان ئادەمگە ئازادە تۇيغۇ بېرەلەيدۇ.ئادەمنىڭ كەيپىياتغا مەلۇم دەرىجىدە ئارام بېرەلەيدۇ.

شۇنىڭدەك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغان تېلفۇن ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردىكى تەگلىك

رەسىملەرمۇ گۈزەل بولسا نىمىدىگەن ياخشى-ھە!

بۈگۈن ئايپەد ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن بىر قانچە تەگلىك رەسىم  يوللاندى. بۇ تەگلىك رەسىملەرنىڭ ھەممىسىگە

خالاستان بلوگىنىڭ ئسمى قوشۇپ قويۇلدى.  راس گەپ نى قىلسام ئۆزەممۇ توربەت تامغىسى ئۇرۇلغان تەگلىك

رەسىملەرنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. شۇڭا! بۇ  تەگلىك رەسىملەر دىكىخالاستان نامى ئاساسەن سۈرەت بەدىيلىكىگە

بولغان تەسىرىنى ئامال بار ئەڭ كىچىك چەككە چۈشۈرۈلدى. بەزى تەگلىكلەردىكى خالاستان نامى بەلكىم خېلى

ئىنچىكە قارىماي  تاپقىلى بولماسلىقى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.(بۇلار ھەممىسى ئەسلى بار تەگلىكلەر.

كېيىچە ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغان تەگلىكلەر ئىشلىنىپ تارقىتىلىدۇ. ئاللاھ خالىسا …..)

ئايفون ئۈچۈن تەگلىك رەسىملەر ئەتە ياكى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يوللىنىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كېيىن تەگلىك تارقىتىش

قەرەلىك ۋە قەرەلسىز ھالدا يوللىنىپ تۇرىلىدۇ،ئاللاھ خالىسا…

چۈشۈرۈش ئادرېسى:

http://dl.dbank.com/c0on0vc4fe

(ئەسكەرتىش: مەندە ئايپەد بومىغانلىقتىن ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ئامال بولمىدى. شۇڭا تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىگە مۇھتاج.

كېيىچە ئۆز مىللىي ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن ئىجادىي تەگلىكلەرنىڭ ياخشى پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر.)