«قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت»مۇ؟

بۇ ماقالە گۈلەن(ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئەپەندىنىڭ «ئامىركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» ناملىق يازمىسىغا داۋاملاشتۇرۇلغان. ئامېركىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يازغان ماقالىسى. ئوكيان قامۇسىدىن ئېملا تۈزۈىتىلىپ قايتا توپلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنى خالاستان بىلوگىنىڭ Gulan مەخسۇس سەھىپىسىدىن تاپالايسىز.ئادىرىس

-«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامى

ئۇيغۇرچىدا ”قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت“ دېگەن تەمسىل بار. بۇ تەمسىلگە ئۇلىنىپ كېلىدىغىنى ”دۇنيانىڭ نەرىگە بارساڭ ئوخشاش، ئۆز يۇرتقا يېتىدىغان ھىچ يەر يوق“ دېگەن خۇلاسە بولىدۇ.

باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىر تۇغقىنىمىز ئۈرۈمچى، غۇلجا، قارىماي قاتالىق شەھەرلەرنى چۆرگىلەپ كېلىپ ”قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرتكەن، دۇنيادا ھىچ بىر يۇرت بىزنىڭ ئوپالغا يەتمەيدىكەن“ دەپ قايتىپ كەپتىكەن. شۇندىن كېيىن سەبى قەلبىمدە دۇنيا تولىمۇ كۆرۈمسىز قاقاسلىقتەك، ئوپال شۇ قاقاسلىقتىكى بىردىن بىر يېشىللىق ئارىلىدەك بىلىنگەنىدى. شۇندىن كېيىن ئوپالنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېسىل يۇرت دېگەن چۈشەنچىدە چوڭ بولدۇم. ئوپالنى گۈزەللىككە تاشقى دۇنيانى بەتبەشىرەلىككە سىمىۋۇل قىلىپ چۈشىنىۋالغىنىم مېنىڭ ئەمەس مېنى چوڭ قىلغان موھىتنىڭ خاتالىقى ئەلۋەتتە.

بۇ قېتىم قەشقەردىكى كۈنلىرىمدە قەشقەردىكى چوڭ ئىكىرانلاردا ”بىزنىڭ شىجاڭ ياخشى جاي“، ”ئەڭ گۈزىلى يەنىلا بىزنىڭ شىىنجاڭ“ دېگەن خەنزۇچە ناخشىلارنىڭ ھەر كۈنى ياڭراۋاتقىنىغا دىققەت قىلدىم. باشقىلارنى ئىنكار قىلىشىنى ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغان جوڭگۇچە تەشۋىقات يەنە نۇرغۇن سەبىلەرنى تەربىيىلىمەكتە ئېدى. دېمەك، ”قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆرت“ دېگەن بۇ تەمسىل بىرى، ئېڭىمىزدىكى ”دۇنيادا ئەڭ ئېسىلى بىزنىڭ يۇرت، شۇڭا جاھان كېزىشنىڭ ھاجىتى يوق“ دېگەن بېكىنمە چۈشەنچىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. يەنە بىرى ”دۇنيادا ھەممە يەر ئوخشاش“ دېگەن بۇرمىلانغان قاراشنى يانسىتىدۇ. ئۈچىنجىسى رەڭلىك كۆزەينەك تاقىۋېلىپ دۇنيا رەڭلىك دەپ قارايدىغان ئىددىيىنى ئاشكارىلايدۇ.

ئانامنىڭ نەزىرىدىكى ساقچى

مېنى ساقچى ئىزلەپ كەلدى

بىر كۈنى ئۆيگە تېلىفون قىلىپ ئانامغا ”ئانا، مېنى بۈگۈن ساقچى ئىزدەپ كەپتۇ“ دېۋىدىم. ئانامنىڭ ئۈنى ئۆچۈپلا كەتتى. ئانامنىڭ يىغلامسىراۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ دەرھال گەپنى يۆتكىۋەتتىم. قەشقەردە ياشاۋاتقان ئانامنىڭ نەزىرىدە ساقچىنىڭ ئىزدەپ كېلىشى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ئىش بولۇپ ئاللىقانداقتۇر بىر پىشكەللىكتىن دالالەت بېرىدۇ. ئامېرىكىدا بىرسىنى ساقچىنىڭ ئىزدەپ كېلىشى تولىمۇ نورمال ئىش. تۇيۇقسىز ئەھۋالدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئۈسكۈنىسى شەھەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگىدەك ھەممە يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ كونۇپكىنى باسسىلا مىنۇت ئۆتمەي ساقچى ھازىر بولىدۇ. كىشىلەرمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا شۇ قەدەر خۇشتاركى ئاچقۇچىنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قالسا، يولدا مەست لەلەڭشىگەن بىرسىنى كۆرسە، قارىغۇچىسىز ئويناۋاتقان بىرەر كىچىك بالىنى بايقىسا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىدۇ. ساقچىلارمۇ ئاجايىپ دوستانە، پەقەت قورال دەڭلىمىسىڭىزلا قوپاللىق قىلمايدۇ. ئامېرىكىدا تۇرغان يىللاردا مېنى ئىككى قېتىم ساقچى ئىزدىدى. بىر قېتىم بۇرۇنقى قوشنامنىڭ نەگە كۆچكەنلىكىنى سوراشتۇرۇغىلى كېلىپتۇ. يەنە بىر قېتىم يەسلىدە قېلىپ قالغان قىزىمنى ئەكىلىپ قويغىلى كېلىپتۇ.2010- يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئۇقۇشماستىن قىزىم يەسلىدە بىر سائەت تۇرۇپ قاپتۇ. مەن ئايالىمنى ئالغىلى بارىدۇ، دەپ تېلىڧونۇمنى ئېتىپ لېكسىيە ئاڭلىغىلى كېتىپتىمەن. ئايالىم قىزىم ئىككەيلەننى يەسلىدىن كېيىن بىر يەرگە كەتكەن بولسا كېرەك، دەپ ئىشىغا مەشغۇل بولۇپتۇ. ئىككىلىمىزدىن خەۋەر بولمىغاچقا يەسلىدىكىلەر ساقچىغا خەۋەر قىلىشىپتۇ. مەن لېكسىيەدىن چىقىپ ئۆيگە بارغاندا ساقچى بالامنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. مېنىڭ ئاغزىمدىن بولغان ۋەقەنى تەپسىلى ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرغاندىن كېيىن رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى.

ئانامنىڭ ساقچىنىڭ ئىزدەپ كەلگىنىدىن قورقۇپ كېتىشى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ساقچىنى قەشقەرنىڭ ساقچىلىرىغا ئوخشىتىپ قالغانلىقىدىن، يەنى قازاننىڭ قۇلىقىنى ھەممە يەردە تۆرت دەپ قالغىنىدىن بولغان. جوڭگۇدا مەمۇرلار ئۆزىنى پۇقراغا مۇلازىمەت قىلغۇچى ئەمەس پۇقرانىڭ باشقۇرغۇچىسى، خوجايىنى دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكىدا مەمۇرلارنىڭ بىرى بولغان ساقچىلار پۇقرانىڭ مۇلازىمەتچىلىرى، خەلقنىڭ ھەقىقى ”چاكار“ لىرىدۇر. شۇڭا پۇقرا بىلەن ساقچى ئارىسىدا قورقۇش، قورقۇتۇش مۇناسىۋىتى مەۋجۇد ئەمەس.

قەشقەرچە ئامېرىكا

ئامېرىكا ئۆزىگە پايدىلىق تەشۋىقاتنى تارقىتامدۇ؟

ئامېرىكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئامېرىكا ھەققىدە مەن ئامېرىكىدا تۇرۇپ ئاڭلاپمۇ باقىمىغان تولىمۇ قىزىقارلىق، بىمەنە، ئەپسانىۋىي خەۋەرلەرگە دۇچ كەلدىم. بىر قىسىم ئاغىنىلەر يازغانلىرىمنى قەشقەردە ئۆگەنگەن ”پاكىتلار“ بىلەن ئىنكار قىلىشتى. مېنىڭ ئامېرىكا ھەققىدە يازغانلىرىم ئىككى خىل خىل ئاغىنىلەرگە ياقماپتۇ. بىرى پارتىكومغا ئىشلەيدىغان كادىر، كومۇنىست بۇرادەرلەرگە يەنە بىرى مەسجىدكە ئىشلەيدىغان دىندار، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا.

بىر ئاغىنىمىز بېيجىڭدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋېرىستىتقا تەربىيىلەنگىلى كەتكەنىدى. تەربىيىلىنىشتىن ”ئامېرىكا يەر شارىدىكى 80 پىرسەنت ئاھالىنى ئەخلەت ئاھالە ھىساپلايدىكەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرى ۋاكسىنا ئېكىسپورت قىلىش يولى بىلەن ئىنسانلارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنى يوقۇتىدىكەن، يەنە بىرى بىر قانچە قېتىم تېرىغاندىن كېيىن قايتا ھوسۇل بەمەيدىغان ئۇرۇق ئېكىسپورت قىلىش يولى بىلەن ئىنسانلارنى ئاچ قويۇپ يوقۇتىدىكەن، ئۈچۈنجى بىرى دۇنيادىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى قوللاپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنى يوقۇتىدىكەن“ دېگەندەك گەپلەرنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. مەن ئامېرىكىدا مۇنداق قىلىشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا دەرسخانىلىرىدا نورمال بىر ئىنساننىڭ بۇنداق دەرسنى سۆزلىمەيدىغان ۋە ئاڭلىمايدىغانلىقىنى دەپ قويدۇم. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى سورۇندا بىللە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكىنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

قانۇن دېگەن ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ. ئىنسانلارنى يوقۇتۇش ئامېرىكىنىڭ مەخپىي دۆلەت سىياسىتى. سىياسەت دېگەن ھامان قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىلىقلارمۇ ۋاقتى كەلسە قانۇننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇدۇ.- سېنىڭ ئامېرىكدا بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىمىغىنىڭ بۇ ئىشنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ئامېرىكىدىمۇ تەشۋىقات بۆلۈمىگە ئوخشايدىغان ئورگانلار بار. ئامېرىكىمۇ ئۆزىگە پايدىلىق تەشۋىقاتنى تارقىتىدۇ. ئۇلاردىمۇ چوقۇم پارتىيە مەكتەپلىرى بار. بۇنداق خەۋەرلەر پەقەت پارتىيە مەكتەپلىرىدە تەربىيەلەنگەن كادىرلارغىلا سۆزلىنىدۇ. شۇڭا سېنىڭ بىلمەسلىكىڭ ئېنىق.- ئامېرىكا ھازىر لېۋىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى توپۇلاڭچىلارنى يۆلەۋاتىدۇ. 41 يىلدىن بېرى كازاڧى رەھبەرلىكىدە بىر ئوبدان ياشاۋاتقان خەلقنى توپۇلاڭغا كۇشكۇرتۇپ لېۋىيەنىڭ مۇقۇملىقىغا تەھدىت سالدى. سەنچە بۇمۇ يالغانمۇ؟- دۆلىتىمىز ھازىر دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ باي دۆلەت. ئامېرىكىدا كومپارتىيەدەك بىر كۈچلۈك پارتىيە بولمىغاچقا، ھەممە ئادەم دېموكراتىيە بايرىقىنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۆز سەنىمىگە دەسسىگەچكە ئامېرىكا 2008 –يىلدىكى ئىقتىسادى كىرزىسقا بەرداشلىق بېرەلمىدى. ئامېرىكا ئەمدى تۈگەشتى. دۆلىتىمىز ئامېرىكىدىكى بۆلگۈچىلەرنى قوللايدىغان بولسا ئاللىقاچان پارچىلىنىپ كەتكەن بولاتتى…ئۇلارنىڭ ئاغزىغا تاقەت قىلىپ شۇنچە قاراپمۇ ”ئامېرىكا ئاللانىڭ دۈشمىنى، ئامېرىكا شەيتان.“ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىمىدىم. مەنچە شۇ گەپلەرمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن قەشقەردىكى بىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىغا قاچىلانغان ئىدىيىلەر تولۇق ئاشكارىلانغان بولاتتى. بەلكىم ئۇلار كادىر بولغاچقا دېگۈسى بولسىمۇ ئاخىرقى دىنغا ئالاقىدار جۈملىلەرنى دېيىشتىن ئېھتىيات قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

مەن ئۇلار بىلەن بۇ ھەقتە تالاشمىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىغا تەشۋىقات بۆلۈمى، پارتىيە مەكتىپى، كادىر، سىياسەت، ئىدىيىنى ئازاد قىلىش…دېگەن ئاتالغۇلار سىڭىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قازاننىڭ قولىقى ھەممە يەردە تۆرت بولۇپ، ئاخبارات دېگەن تەشۋىقات دېگەن سۆز. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئامېرىكا قەشقەردىن پەرقلەنمەيدىغان بىر يەر. ئۇلار دۇنيادىكى ھەممە يەرنى قەشقەرچە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئۇلارغا ئىنسان ئىدىيىسى سەۋەبلىك جازالانمايدىغان، ئىنساننىڭ ئېتىقاد، تەشكىللىنىش، نامايىش قىلىش، ئىدىيە تارقىتىش، …قاتارلىق ئاللا ئاتا قىلغان مۇقەددەس ھوقۇقلىرى مۇتلەق قوغدىلىدىغان، ئىنساننىڭ دۇنيانى ۋە دۆلەتنى تەرەپسىز ئاخبارات ئارقىلىق چۈشىنىش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاڭلىتىش بەسى مۈشكۈل. ئۇلارغا ئامېرىكىدا قورالسىز بۆلگۈنچىلىكنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن، بۆلگۈچىلىككە قارشى قوراللىق ھەرىكەتنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.

ئۇيغۇردىنمۇ ئامېرىكا پىرىزدېنتى چىقسۇن

بېيجىڭدىكى دوستلارنىڭ مېھىرلىك قۇچاقلىرىدىن ۋەتەننى ھىدلاپ ھىجرانلىق ھېسلارغا ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپتۇق. دوستلارنىڭ كۆپى كۆزلىرىگە، قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يازغانلىرىمغا قاراپ مېنى ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئويلاشقانىكەن. ئەسلىدە مەن دوستلارنىڭ يازغانلىرىمغا قاراپ مېنى قايتىپ كېلىدىكەن، دېگەن ئىشەنچتە بولسىكەن دەپ ئارمان قىلغانتىم. قايتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى مېنى تاڭ قالدۇرغىنى ئۇيغۇرلارغا خېلى مەشھۇربىر دوستۇمنىڭ “ قايتىپ كېلىپ نېمىمۇ قىلار بولغىيدىڭلار. بولسا ئىككى ئاي ئوبدان ئارام ئېلىپ قايتىپ كېتىڭلار. بىز بۇ يەردە مۇشۇ پېتى تۇردۇق. سىلە قايتىپ بېرىپ ئىنگلىزچە كىتاب يېزىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرساڭلا شۇ ئەۋزەل. قىزىڭلارنىڭ تىلىمۇ بىر چىرايلىق ئىنگلىزچە چىقىپتۇ. ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلمىگىنىدىن قاراپ تۇرسام ئۇۋىلىپ كەتتىڭلار. بۇنىڭغا ھەسرەتلەنگۈلۈك ئەمەس. بىز بالىلارنىڭ تىلىنى ئەمەس ئەقلىنى ئۇيغۇرچە قىلساق شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە. بالىلىرىمىزنىڭ تىلى نەگە كەتسە كەتسۇن ئەقلىنى قايتۇرۇپ كېلەلىسەك شۇنىڭ ئۆزى نەتىجە. مەن سىلىنىڭ ئورنۇڭلاردا بولسام ئامېرىكىغا قايتىپ كامىدا ئون بالىلىق بولاتتىم. بولسا قايتىپ قانچە بالىلىق بولغىڭلا كەلسە بولۇڭلار. شۇ بالىلىرىڭلارنى ئوبدان تەربىيىلىيەلىسەڭلا ئارىدىن بىرى ئوبامادەك پرېزىدېنت بولۇپ قالامدۇ تېخى. نېمىشقا بولمىغۇدەك، ئۇيغۇردىنمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى چىقسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئىشىمىز يۈرىشىدۇ…“ دېگىنى بولدى. ئويلىسام ئويلىسام بۇ گەپنىڭ ئاخىرى بەكمۇ غەلىتە. بىرى، بىر زىيالىينىڭ ئېغزىدىن چىقىۋاتقان ئون بالىلىق بولۇش مەسىلىسى، يەنە بىرى ئۇيغۇردىن ئامېرىكا پىرىزدېنتى چىقسا ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنىڭ يۈرۈشۈش مەسىلىسى. مەنچە ئون بالىلىق بولۇش مەسىلىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى ئۆز ھاياتىدىن ئۈمىدسىزلىنىشنى ئىپادىلىسە كېرەك.

مەن ئامېرىكىدا ياپياش ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ ”بىز تىرىشىپ بالىلىرىمىزنى ئامېرىكىلىق قىلىۋالدۇق، ئەمدى مىللەتنىڭ ئۈمىدى مۇشۇ بالىلاردا قالدى“ دېيىشكەنلىرىنى ئاڭلىساملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيتتى. ئۇيغۇرچىنى ئەپلەپ سۆزلىيەلمەيدىغان ئۇ بالىلاردا مىللەتنىڭ ئۈمىدى نېمە قىلسۇن؟ نېمە قىلىدىغاندۇ، بۇنداق ئۆزىنى ئالداپ! خۇددى ل. مۇتەللىپ ”ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قويارمەن ئوغلۇمنى“ دېگەندەكلا! ۋەتەندىكى دوستلاردىمۇ ”باشقا ئىش قىلالمىساق ئۇيغۇرنىڭ نوپۇسىنى بولسىمۇ كۆپەيتكەچ تۇرايلى“، “ بىز ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇق، ئەمدى بالىمىز ئۈچۈن ياشايلى“ دەيدىغان كەيپىياتنىڭ خېرىدارلىق ئىكەنلىكىدىن مەيۈسلىنەتتىم. مەنچە بىر قىسىم دوستلاردىكى كۆپ بالىلىق بولۇشقا تەشنالىق_ ئۈمىدسىزلىككە تەسەللى ئىزدەش، بۈگۈنكى مەسئۇلىيەتنى كەلگۈسىگە يۈكلەش ۋە خىيالپەرەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئۇيغۇردىن ئامېرىكا پىرىزدېنتى چىقسا ئۇيغۇرنىڭ ئىشى يۈرىشىدۇ. دېگەن قاراشتا بىرى قاراخانىيلار ئىمپېرىيىسى بەربات يىمىرىلگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن پىرنى سىرتتىن تاما قىلىپ، ئۇيغۇرنى مۇرت بولۇشقىلا يارايدۇ دەيدىغان مىللىي كەمسىنىش ئەكس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى ئەمەلدارلىق ھەممىنى ھەل قىلىدۇ، ھوقۇق ھەممىگە قادىر، ھوقۇقدارلىق ھەممىگە قابىللىقتۇر دېگەندەك مۇستەبىت جەمئىيەتكىلا ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇردىن بىر ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئەمەس، ياۋروپا دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ ھەممە پىرىزدېنتى ئۇيغۇردىن بولغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھېچ ئىشى يۈرۈشمەيدۇ. چۈنكى دېموكراتىك ئەللەردە ھاكىمىيەتنىڭ قانداق يۈرگۈزىلىشى ئاللىقاچان قېلىپقا چۈشۈپ بولغان، ھاكىمىيەت يەرگۈزگۈچىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى ئالمىشىپ كەتمەيدۇ . ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى بىرەر مىللەتكنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئەمەس، شۇ دۆلەتتىكى بارلىق پۇقرانىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھاكىمىيەت تۇتىدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى ئىككى خىل كەيپىياتتا ئىپادىلىنىدىغىنى ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنىدىغان، نوپۇس ئامىلى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان، ھوقۇقلا بولسا ھەممە ئىش يۈرىشىدىغان دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسى بولۇپ ئامېرىكىدىمۇ شۇنداق دەپ ئويلىغانلىق، يەنى رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ دۇنيانى رەڭگارەڭ كۆرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئامېرىكىدىكى قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئەمەس، بەلكى توققۇز ۋە ياكى قىرىق.

««قازاننىڭ قۇلىقى ھەممە يەردە تۆت»مۇ؟»نىڭ 7 ئويلىغانلىرى بار

  1. رەخمەت سىزگە:
    سىز نىڭ ماقالىڭىز يىڭى تىما ئىكەن.
    مەن مۇشۇنداق يىڭى، باشقىلار ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، سۇزلەر،ئىدىيلەر،پەرىقلەر ،ۋە زامان -ماكان پەرقى ئىپادىلەنگەن تىملارغا خىلى قىزقىپ قۇيمەن.
    ھارمىغايسىز؟.يول مۈشكۈل ۋاز كەچمىگەيسىز،بالىلار گەپ ئاڭلىمايدۇ،تۇغرا چۈشنەرسىز،

  2. مەن ئامېرىكا توغرىسىدا ئاساسەن ھېچ نەرسە بىلمەيمەن. ئەمما مەن ئامېرىكىلىق دەۋەتچىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن. ئۇنىڭدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ كۆزىنى بوياپ قىلغان بەزى جىنايەتلىرىنىڭ ھەقىقەت ئكەنلىكى پاكىتى بىلەن سۆزلىنىدۇ. مەنچە بۇ دەۋەتچىلەر ئامېرىكا ئەھۋالىنى ۋە ھۆكىمىتىنىڭ سىياسىي ئەھۋالىدىن خېلىلا خەۋەردار.
    ياكى مەن گۈلەن ئەپەندىمنىڭ مەقسىدىنى خاتا چۈشىنىۋالدىم …
     

  3. گۇلەن ئەپەندىمىنىڭ ما قاللىرىنى ناھايتى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ئۇنىڭ ئۆزگىچە كۆز قاراش ۋەتەپەككۇرلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ ۋە بىزلەرنى تەپەككۇر قىلشقا ئۇندەيدۇ.ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ ئادەمگە بولغان تەسرى ھەققەتەنمۇ زور بولدىكەن.ماڭا گەرچە چەتئەلگە چىقشتەك بۇنداق پۇرسەتلەر نىسىپ بولمىغان بولسىمۇ لىكىن گۇلەن ئەپەندىمنىڭ يازمىلىرىدىن خىلى كۆپ مەلۇماتلارغا ئگە بولدۇم. بىزلەر كاللىمىزنى سلكىۋىتىپ ئوبدانراق ئويلىنىپ باقساقلا بۇ يازمىدىكى ھەقىقەتنى بىلەلەيمىز. 

  4. ‏‏  ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ بەكمۇ سۆيۈندۈم، تېگىگە خېلى چۆكۈپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم. سىزگە كۆپ رەھمەت ……….

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: