[خوش خەۋەر] پەچەت ياردەمچى iTools يىڭىلاندى

ئالدىنقى قېتىم خالاستان بىلوگى iPhoneباشقۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى دېتالiTools نى تونۇشتۇرغان

ئۇزۇندىن بىرى بۇ دېتالدا كۆپ يىڭىلىنىش بولمىغان. مانا بۈگۈن بۇ دېتال ئۆزىنىڭ يىڭى ئىقتىدارىنى بىزگە نامايەن قىلدى.

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى نەشرىگە iOS5 نىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولغان wifi ئارقىلىق ماسقەدەملەشنى قوللىدى. شۇنداقلا نۆۋەتتكى «دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ iOS5نى مۇكەممەل قوللىغان» 3-تەرەپ ياردەمچى دېتال بولۇپ قالدى.

يەنە بىر خۇشاللىنارلىق يىرى شۇكى، قاتتىق ئالقىشقا ئىرىشكەن بۇ كاساپەتنىڭ Mac Os نەشرى ئاخىر چىقتى(نەزەربايمۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى… ھاھا).

بۈگۈن قوشۇلغان بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەپسىلاتى:

iOS 5 كە نىسبەتەن سىمسىز ماسقەدەملەش قوشۇلدى.

iOS 5 كە رەسىم كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى(بۇرۇنقى نەشىرلىرىدە رەسىمنى چىقرىشىقا بولاتتى، رەسىم كىرگۈزۈشكە بولمايتتى).

iOS 4 كە قىسقا ئۇچۇر قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ئادەتتە CSV فورماتىدىكى ئۇچۇر ئامبرىنى قوللايدۇ.

ئابونت ئۈسكىنىلىرىنىڭ سىىمىنى خاتا ھىسابلاش مەسىلىسى ھەل بولدى.

ئۈسكىنە ئۇچۇرلىرىنى خاتا كۆرسىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدى.

ناخشا تېزىملىكىدىى خەنچە خەتلەرنىڭ خاتا كۆرۈنىۋىلىشى ئوڭشالدى(ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلاردا خاتالىق چىقمايدۇ).

itools نىڭ Windows نەشىرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. itools نىڭ Mac OS نەشىرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. يۇقارقى دېتال ئىشلىشى ئۈچۈن iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى قاچىلانغان بولىشى كىرەك. چۈشۈرۈڭ.

«[خوش خەۋەر] پەچەت ياردەمچى iTools يىڭىلاندى»نىڭ 5 ئويلىغانلىرى بار

  1. رەخمەت سىزگە، چۇشۇرۇپ سىناپ باقاي.يىقىندىن بىرى مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا iTunesئىچىلماس بولۇپ قالدى يۇيۇۋىتىپ قايتا قاچىلىساممۇ، ئوڭشاش ھالىتىدا قاچىلىساممۇ يەنىلا ئوخشاش،بۇ زادى نىمىشتۇ.لىكىن itools نورمال ئىچىلىدۇ ھەم نورمال ئشلەيدۇ.
     

  2. itools نىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرغان يەنە بىر يىرى ipa فورماتىدىكى دىتىاللارنى ئايرىم -ئايرىم زاپاسلىغىلى بولىدىغان ئىقتىدارى ئىدى .لىكىن زاپاسلىغان بەزى دىتاللارنى كىيىن قاچىلىغاندا ئىچىلماي چىكىنىپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدىكەن ،بۇ خىل كەمچىللىك بۇ يىڭى نوسىخىسىدا تۇزۇتۇلگەنمىدۇ. 

  3. زاپاسلىغان دېتاللارنىڭ كېيىن قاچىلىغاندا نورمال ئىجرا بولماسلىقى ماس قەدەملىمىگەنلىكىڭىزنىڭ نەتىجىسى. قاچىلاپ بولۇپ ئايتۇنېستا بىر قېتىم ماسقەدەملىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ماس قەدەملەشتە قىينالسىڭىز، ئايغوندىكى App Store دىن بىرەر دېتال چۈشۈرسىڭىزمۇ ئوڭشىلىدۇ.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: