Halastan بىلوگ قۇرغۇچىسى نەزەرى بىلەن ئالاقە قىلدىغانلار سەمىگە

سالام كۆپچىلىك!

مەن مۇشۇ مېنۇتتا جىددى كاماندورۇپكا ۋە ساياھەت ئىھتىياجى بىلەن ماشىنا ھەيدەپ ساياھەتنى باشلاش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن (ھازىر ماشىنىغا ماي قاچىلاپلا ماڭىمەن). پۇرسەت بولسا سەپەر خاتىرسى تەييارلىنىپ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان سەپەر ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مۇشۇ كۈندىن ئىتىبارەن توردا داۋاملىق مۇلازىمەت تەمىنلىيەلمەيمەن. يەنى QQ,MSN قاتارلىقلارنى ئېچىشقا ئىمكان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېنىمدا MacBookPro,iPad, iPhone لار ئالمىشىپ تۇرغاچقا پاراڭنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالمىغۇدەكمەن.

شۇ سەۋەبتىن دوستلارنىڭ ماڭا ئې.خەت يېزىشىنى سەمىمى ئۈمۈد قىلىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا سېتىلغان مەھسۇلاتلارغا مۇلازىمەت، ۋە ھازىر ئېلتىماس قىلىنىۋاتقان GoogleAdsense ئېلانىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار داۋاملىشىدۇ. شۇنداقلا لايىقىدا مۇلازىمەت ئۇچۇرى تەمىنلىنىدۇ. ئې.خەتكە ئەڭ كىچىككەندىمۇ 24 سائەت ئىچىدە جاۋاب قايتىدۇ.

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 50 كۈنى بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ يەنىلا EMail دە ئالاقە ساقلايمەن. خىزمەت، تۇرمۇش ئىشلىرى سەۋەبلىك QQ ئېچىشقا پۇرسەت بولمايدۇ. ئەپۇ قىلغايسىزلەر.

قوشۇمچە: GoogleAdsense  ئېلانى داۋاملىق تەمىنلىنىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلەش نوقتىئنەزىرى بويىچە باھا تالاشتۇرۇلمايدۇ، ۋە بىلوگدا ئېلان قىلىنمىغان ئىشلار ھەققىدە بىۋاستە پىكىرلەشمەيدۇ.

«Halastan بىلوگ قۇرغۇچىسى نەزەرى بىلەن ئالاقە قىلدىغانلار سەمىگە»نىڭ 9 ئويلىغانلىرى بار

  1. سىزنىڭ بەزى بىر نەرسىلەرنى بىلىدىغىنىڭىزگە ئىشىنىمەن. لېكىن سىزگە ئاتىڭىز كەمتەرلىكنى ئۆگەتمىگەن ئىكەن. بىر نېمىلەرنى پەش قىلىپ دەپ كېتىدىغان گەپلىرىڭىزدىن باشقىلارنىڭ سەسكىنىدىغانلىقىنى ئەجەبا بىلمەمسىز؟ باشقىلارغا ئۆزىڭىزنىڭ بىر نېمىلىرىڭىزنى بەك بىلدۈرگىڭىز كەپ كېتىدىكەن. سىزگە نەسىھەتىم، بۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمەق ئادەم قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. ھە دەپ قويسا مەنچە ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپ قالىدىغان ئوخشايسىز. دېگەنلىرىمنىڭ سىزنىڭ كىيىنكى ئادىمىيلىقىڭىزغا پايدىسى تېگىدۇ. پەمىمچە بۇنى تەستىقلىمايسىزغۇ دەيمەن؟

  2. ئايرىم دېۋالسىمۇ بولىدىغان گەپلەرنى بۇنداق ھەممە ئادەم كۆرىدىغان يەردە دەپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچىدۇ؟
    «نەسىھەت» دە سەمىمىيلىك كاممۇ قانداق؟

  3. نامسىزنىڭ ئىنكاسىغا :
    ئايرىم دېۋالسىمۇ بولىدىغان گەپلەرنى بۇنداق ھەممە ئادەم كۆرىدىغان يەردە دەپ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچىدۇ؟
    «نەسىھەت» دە سەمىمىيلىك كاممۇ قانداق؟

  4. ماڭا دىققەت قىپسىز ەمما مىنى چۈشەنمەپسىز. كەمتەرلىك ۋە مەغرۇرلۇقنىڭ نامۇكەممەل بىرىكمىسى دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ مىنى. ھەر ىككىلىسىنىڭ پايدىلىق تەرىپى زىيىنى بار.
    مىنىڭ بىلوگىمدا ەزەلدىن باشقىلارنىڭ ېنكاسى ۆچۈرۈلمەيدۇ. ھەم ۆچۈرۈلمىدى.
    ھەممە ادەمنىڭ توغرا دېگىنى بەلكىم توغرىدۇ، لىكىن بىر ادەم خاتا دېسەم چوقۇم مەسىلە بار.
    مەن تېخى ۆگەنگۈگۈچى، خاتالىقمنى ۈستۈمگە الالمىغۇدەك يۈك تېخى مەندە يوق. خاتالىقىمنى كۆرسەتسە رەنجىمەي خوش بولىشىم كىرەك. رەھمەت

  5. ماۋۇ نامسىز دىگەن تورداش كىمگە دەۋاىتىدۇ ماگەپلەرنى بىلىپ قويۇڭ نەزەرى ياخشى ئادەم تەنقىدلەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ :evil:

  6. ئىنكاسلارنى بەك كۆڭلىڭىزگە ئىلىپ كەتمەڭ،،،ئەلۋەتتە بىز خەقنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى تەكشىسىز بولغاچ،يوقىرقى بەزى گەپلەر كىشىلەرنىڭ باشقىچە ئىنكاسىنى قوزغايدۇ….تامامەن نورمال ئەھۋال.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: