لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئەرلىرىمىزگە مايدەك تەكلىپلەر

ئەرلىرىمىزگە مايدەك تەكلىپلەر

ۋاقتى: 2016-08-07 ئاۋاتلىقى: 2237 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەرلىرىمىزگە مايدەك تەكلىپلەر

1 . بىر ئەردە چوقۇم ئەر كىشىگە مۇناسىپ قىياپەت بولۇشى يەنى تەرتىپلىك ، رەتلىك ، ئوچۇق يورۇقلۇق بولۇشى كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئەزمە ، مىس – مىس بولماسلىقى كېرەك .
2 . بىر ئەر ئاياللارنى قانداق قوغداشنى ۋە ھۆرمەتلەشنى بىلىشى كېرەك ، بولۇپمۇ ھۆرمەت بولىشى كېرەك . ھەرگىزمۇ ئاياللار خالىمايىدىغان ئىشىنى مەجبۇرىي قىلدۇرماسلىق كېرەك ، ئاياللار مەيلى سىزنى ئازاپلىغان ياكى ئالدىغان بولسۇن قول كۆتۈرمەسلىكىڭىز كېرەك ، بۇ ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس .
3 . بىر ئەر كىشى دېگەن سۆزىدە تۇرىشى كېرەك ، يەنى تۈكۈرگەن نەرسىنى قايتا ئېغىزىغا ئېلىش كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۈرىدۇ .

4 . بىر ئەر كېلىشكەن بولمىسا مەيلى ، بىراق چوقۇم سالاپىتى بولۇشى ،تەربىيە كۆرگەن بولۇشى ، خاسلىقى بولۇشى كېرەك . ئەرلەر كۆرۈمسىز بولسا مەيلى ، بىراق بەتبەشرە بولماسلىقى كېرەك .
5 . بىر ئەر قابىلىيەتلىك بولمىسىمۇ مەيلى ، بىراق ئائىلىسىنى قامدىيالىغۇدەك ئىقتىدار بولۇشى كېرەك .
6 . بىر ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ نىشانى ۋە ئىنتىلىشى بولىشى كېرەك ، مەغلۇپ بولسا ھېچقىسى يوق ، بىراق ئىززىتىنى ساقلىماي يۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك .
7 . بىر ئەردە مەسئۇلىيەت ئېڭى بولۇشى كېرەك ، مەيلى كەسىپ مەيلى ئائىلە ، مەيلى ئاتا- ئانا ، خوتۇن – بالا ، ياكى قېرىنداش بولسۇن ، ھەممىسىگە قارىتا ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك . شەخسىيەتچى ، مەنپەئەتپەرەس ئەر ياخشى ئەر ئەمەس ، ھەمىشە ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ يۈرىيدىغانلار ئەر كىشى ھېسابلانمايدۇ .

8 . بىر ئەر يەنە قەيسەر بولىشى كېرەك ، جەمئىيەتتە ياخشى بىلەن يامان ئارلىشىپ كەتكەن ، كىرزىسقا ھەم ھەر خىل ئېزىقتۇرۇشلاغا تولغان ، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغانلار ئاسانلا مەغلۇپ بولىدۇ ، ئاسانلا مەغلۇپ بولىدىغانلار ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ ، ئىشنى نەدىن باشلاشنىمۇ بىلمەيدۇ .
9 . بىر ئەر پۇل تېپىشنى بىلىشى ، ۋە قانداق ئىشلىتىشنىمۇ بىلىشى كېرەك .
10 . بىر ئەر تىرىشچان ، جەسۇر ۋە كەسكىن بولۇشى كېرەك ، ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىشى كېرەك .
11 . بىر ئەر سالماق ۋە ئېغىر - بېسىق بولۇشى كېرەك ، سالماقلىق - ئەرلەرنىڭ ئوغۇل بالىلار بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئېغىر – بېسىقلىق بولسا سىزنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەۋزەللىكىڭىزنى جارى قىلدۇرىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ ،خەۋىپنى تۆۋەنلىتىپ ، سىزنى تېخىمۇ پىشقان ئەردەك كۆرسىتىدۇ .
12 . بىر ئەر بولسىڭىز ، ھەقىقىي ئەركەكتەك ، جاسارەتلىك ، مەردۇ – مەردانە ، غەيرەتلىك بولۇڭ .

13 . ئەرلەردە بىر نىشان بولۇشى يەنى ئۆزىدىن ھالقىش نىشانى بولۇشى كېرەك .
14 . ئەرلەردە ئىككى خىل تەسەۋۋۇر بولىشى كېرەك ، ئۇ بولسىمۇ : ئارزۇ بىلەن غايە .
15 . ئەرلەردە ئۈچ خىل روھ بولۇشى كېرەك يەنى : ئىرادە ، ۋىجدان ، جاسارەت بولۇشى كېرەك .
16 . ئەرلەردە تۆت تۈرلۈك سەمىمىي يۈرەك بولۇشى كېرەك يەنى : ئۆزىگە ئىشىنىش ، سۆيۈش ، مەسئۇليەتچانلىق ، كەسىچپانلىق.
17 . ئەرلەردە بەش خىل كۈچ بولۇشى كېرەك يەنى : ئەقلىي كۈچ ، كۈچلۈك ئىرادە ، تىرىشچانلىق ، ئەمەلىي كۈچ ، ھاياتى كۈچ .
18 . ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ، شۇڭا ئەرلەردە مەسئۇليەتچانلىق ئېڭى بولۇشى كېرەك .
19 . ئەرلەر ئائىلىدىكىلەرنىڭ يۆلەنچۈكى ، شۇڭا ئەرلەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئائىلىسىدىكلەرگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك .
20 . ئەلەر ئۆمرىدە ئىككى ئىشنى تاماملىشى كېرەك يەنى : ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ، غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك .

21 . ئەرلەر ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى دەپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك .
22 . ئەرلەر كۆكسى قارنى كەڭ بولۇشى ، قانچىلىك ئىشنى سىغدۇرالىسا شۇنچىلىك بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ، پەقەت سەبرى قالمىغاندا ئادەم يوق تىنىچ جايغا بېرىپ قانغۇچە يىغلاپ ئىچىنى بوشىتىۋالسا بولىدۇ.
23. ئەرلەر تاغدەك مەزمۇت بولۇشى ، ئازاپ – ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشى ، زەربىلەرگە چىدىشى كېرەك، پەقەت ھاياتلا بولسا ، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلىغىلى بولىدۇ .
24 . ئەرلەردە كۈچلۈك روھ بولۇشى ، قانچىلىك قىلالىسا شۇنچىلىكنى قىلىشى ، ئەر كىشى بولغىنىدىن زارلانماسلىقى كېرەك ، تۇرمۇشقا ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ، دوستىلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك .

مەنبە: خانىم-قىزلار گۈزەللىك سالونى
Tags:
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى