لوقمان ھەكىم مىكروبېتى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىش

مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ۋە ئۇنى تەھلىل قىلىش

ۋاقتى: 2016-08-15 ئاۋاتلىقى: 970 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

مەزى بېزى ئاجرالما ماددىلىرىنى تۈز ئۈچەيدىن قول بىلەن ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى بىلەن ئالغىلى بولىدۇ. نورمال مەزى بېزى سۇيۇقلۇقى سۈت رەڭلىك بولۇپ، ئاقسىلغا ئوخشاش پارقىراقلىققا ئىگە. كۈندىلىك ئاجرىلىش مىقدارى تەخمىنەن 0.5-2 مىللىلىتىر بولىدۇ. مەزى بېزى سۇيۇقلىقى بولسا مەنىينىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مەنىنىڭ تەخمىنەن % 15-%30 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ قىممىتى 6-7 ئارلىقىدا بولۇپ، ئازراق كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە PH ئىگە.


ئەگەر ياللۇغلىنىش ئېغىر بولغاندا ئاجرالما ماددىلار  قويۇقلىشىپ، رەڭگى سېرىق ياكى سۇس قىزىل دۇغ ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ ياكى تالالىق ماددىلار ھەمدە يېپىشقاق يېپىنچىلار بولىدۇ. مىكروسكوپ بىلەن تەكشۈرگەندە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل تەركىبنى كۆرگىلى بولىدۇ:
1. لىتسىتىن تەنچىسى: نورمال مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدا لىتسىتن تەنچىسى مىكروسكوبنىڭ پۈتۈن كۆرۈش دائىرىسىدە كەڭ كۆلەمدە تارقالغان بولۇپ، مەزى بېزىدا ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەندە، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەر كۆپ مىقداردا ياغ تۈرىدىكى ماددىلارنى يۇتقاچقا لىتسىتن تەنچىسى ئازىيىپ كېتىدۇ. شۇڭا لىتسىتىن تەنچىسىنىڭ ئاز كۆپ بولۇشى بەلگىلىك دەرىجىدە مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
2. قان ھۈجەيرىلىرى: نورمال مەزى بېزى سۇيۇقلىقىدا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، كۆپىنچە ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەندە ئاندىن كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇۋۇلاش بەك قاتتىق بولۇپ كەتسىمۇ مەزى بېزىنى زەخمىلەندۈرۈپ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سانىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىدا ئاز مىقداردا ئاق قان ھۈجەيرىلىرى بولۇپ، مىكروسكوپنىڭ ھەر بىر يۇقىرى كۆرۈش دائىرىسىدە 10 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مەزى بېزى ياللۇغلانغاندا نەيچىلىرى توسۇلۇپ قېلىپ، مەزى بېزى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى راۋان بولمىغاچقا، ئۇۋۇلىغاندا تۈركۈم-تۈركۈم يىرىڭ ھۈجەيرىلىرىنى ياكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر مىكروسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە ھەر بىر يۇقىرى كۆرۈش دائىرىسىدە 10-15 كىچە ئاق قان ھۈجەيرىسى بولسا مەزى بېزى ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ.
بايانات

لوقمان ھەكىم مەھسۇلاتلىرىغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز تاۋباۋ تورىغا lokmanhakim دەپ ئىزدەپ سېتىۋالسىڭىز ياكى شىركەت تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ قىزىق لېنىيە تېلېفونلىرىغا تېلېفون قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

قىزىق لېنىيە تېلېفون نومۇرلىرى: 6045310-0991، 6757855-0991 ياكى 6709060-0991 قاتارلىقلار!!!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى