-
ماتېماتىكا - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-12-13
ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﺎﻣﯩﯔ سېنىڭ «ھېساب-ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ»،
ﺟﺎﻥ ﺗﻮﻣۈﺭﯗﯓ ﺋﯩﺪﻯ ﺳﺎﻥ-ﺳﯩﻔﯩﺮ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻞ.
ﺋﺎﻟﮕﯩﺒﯩﺮﺍ ﮬﻪﻡ ﮔﯩﺌﻮمېتىر، ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻯ،
ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﮔﻮﻳﺎ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﺳﯩﭙﯩﻞ. -
سانلار تەھلىلى - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-10-23
-سانلار تەھلىلى
ھەمدۇللا ھۆردىللا سۇغۇز
نۆل
گۇمرانلىقنىڭ مەڭگۈلۈك قەسىدىسى
ئاي كۆزىدە قۇياش مەرسىيىسى
بىر
ئىنسان روھىنىڭ يۈكسەك مەنزىلى
ياراتمىشنىڭ چەكسىز بىر سىرى
ئىككى
يوقىلىشنىڭ روشەن رىسالىسى
شەيتان بىلەن ئادەمنىڭ يېڭى ئەپسانىسى
ئۈچ
مەن ، سەن ، ئۇ
قەدىم ، ھازىر ، كەلگۈسى
بابىل ، ئەرەب ، شەرق
مەڭگۈ ئۇچراشماس سىزىقلار ئارا
روھ تۇرۇشى بولماقتا ئاستا
دۇنيادىكى قاغىلار قارا -
ماتېماتىكا - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2010-08-06
نېمە ئۇ دېگىنە ماتېماتىكا ؟
بالىلىق يىللارنىڭ شىرىن خىيالى؟
" ؟ " نى مۇئەللىم ئالدىمغا قويۇپ،
قىنى تاپ -دەپ تۇرغان قىيىن سۇئالى؟بىشىدا تونۇشماق قىيىنتى،ئەمما،
سەن بىلەن دوسلاشتۇق ئۇزاق زامانلار.
مەن ئۈچۈن سەنسىزلىك ئەمدى مۇئەممە،
قىينالسام سۇئالدا باردۇر ئاماللار.بەزىدە مەن شۇنى ئويلاپ قالىمەن،
مەن ساڭا نە سەۋەپ ئامراقمەن شۇنچە.
گاھى سەن ئالدىمغا قويساڭ مەسىلە،
ئۇنىڭغا جاۋاب-دەپ تىزىمەن ئۈنچە. -
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-30
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ
يۇرۇكۇمنىڭ ئوڭ تەرپىدە كۇن بار ،
يۇرۇكۇمنىڭ سول تەرپىدە ئاي بار ،
شۇڭا دەيمەن،
ئۇچ يۇرۇكۇم بار مىنىڭ !ئۇچ يۇرەك...
-
ئەزگۈ خىياللار - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-30
ئەزگۈ خىياللار
كونا يىلغۇ كەتتىغۇ ئۇزاپ،
كۆڭلۇم لىكىن غەشلىكتە كېزەر.
بىلمىدىمغۇ روھىمنى نېچۈن،
بىر كۆلەڭگە رەھىمسىز ئىزەر ؟!
پەريات....
ئۇيغۇرۇم دەپ رىيازەت چەكتىم،
ئىزدىدىم مەن كىم ئىدىم ... -
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
2009-01-14
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ئاتالمايدۇ پەشۋانىمۇ ھەم.
تۇزى يوقكەن تاماقنىڭ دىمەس،
تىلىمۇ يوق تىتالمايدۇ تەم.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
تىللالمايدۇ ، تىللىغاننىمۇ.
ئادەم ئەمەس، ئىشەك يا كالا،
مۇشۇنداق دەپ ئىلغىغاننىمۇ !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەكتەپلەر كۆپ ، مەرىپەت تولا؟!
لۇكچەك ئەمەس كۆزى ئالغاينى،
دەيدۇ ھاكىم ھازىرلا سولا !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
مەچچىدلەر كۆپ رايىشتۇر ھەممە.
قالايمىقان قىلمىشلار ئۇچۇن،
ئاخۇنۇم دەر- سەن يىقىن كەلمە !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
يول يۇرۇشتە باردۇر بىر نىزام .
يولدا ماڭساڭ ئارقىچىلاپ ماڭ ،
كۆرىۋالاي دىسەڭ سەن يېزام.
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەرگىز دىمە چىققانتى بۇرۇن.
نەفىسە ھەم سەئىدىخانلار ،
قايتا يەنە ماڭا سەن كۆرۇن !
لۇكچەك چىقماس يەكەن شەھرىدىن،
ھەممە قىلۇر چىلتەنگە تاۋاب.
يەكەن خەلقى لۇكچەك بولمايدۇ،
ئىلىپ كەلدى «قۇللۇق»تىن ساۋاب.
2009-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۇنى، ئۇرۇمچى.