-
كومپېلىكىس سان ۋە ئۇنىڭ مەنىسى - [ماتېماتىكىلىق فىلىملەر]
2010-09-09
-
تۈز سىزغۇچ، تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ ۋە سىركۇل - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-09-06
سىركۇل بىلەن تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ جۇڭگودا كەشىپ بولغان. قەدىمكى كىشىلەر ئۇلاردىن ئۆلچەش، چەمبەر ۋە تىك بۇلۇڭلۇق شەكىللەرنى سىزىشتا پايدىلانغان. «سىركۇل» چەمبەر سىزىشتا ئىشلىتىلگەن، «تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ» پۈكلەپ تىك بۇلۇڭ شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەگرى سىزغۇچ بولۇپ، ئۈستىگە شكالىلار ئويۇلغان. سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلار كەشىپ بولغان يىلنى ئېنىقلىماق تەس، لېكىن مىلادىيىدىن15 ئەسىر بۇرۇنقى چىغىناق - تاغاق يېزىقىدا 规 (گۇي - سىركۇل) ۋە 矩 (جۈي - تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچ) دېگەن ئىككى خەت خاتىرىلەنگەن. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر تارىخشۇناس سىماچيەن «تارىخنامە» دە مۇنداق يازغان: شيا يۈي قىياننى تىزگىنلىگەندە «سول قولىدا ئۆلچەش تانىسى، ئوڭ قولىدا سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنى ئېلىپ يۈرگەن»، بۇنىڭ مەنىسى شيا يۈي سول قولىدا ئۆلچەش تانىسى، ئوڭ قولىدا سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، قىيان تىزگىنلەش لايىھىسىنى تۈزگەن دېگەنلىك. بۇ شيايۈي قىيان تىزگىنلىگەن دەۋرلەردىلا (مىلادىيىدىن2000 يىل بۇرۇن) سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچتىن ئىبارەت ئىككى خىل گېئومېتىرىيىلىك قورال بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىركۇل ۋە تىك بۇلۇڭلۇق سىزغۇچلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى گېئومېتىرىيىسىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. -
مەنپىي ساننىڭ كىرگۈزۈلۈشى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-08-26
ھازىر كىشىلەر مۇسبەت - مەنپىي سانلار ئارقىلىق قارىمۇقارشى يۆنىلىشتىكى ئىككى خىل مىقدارنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، دېڭىز يۈزىنى0 نۇقتا دېسەك، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا چومولاڭما چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى8848 + مېتىر، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر بولغان مارىئانا دېڭىز جىلغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى11034 - مېتىر كېلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا «+» ئارقىلىق كىرىم، «-» ئارقىلىق چىقىم ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تارىختا مەنپىي سانلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئۇزاق ۋە ئەگرى - توقاي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن. قەدىمكىلەر ئەمەلىي پائالىيەت جەريانىدا بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن: بىر - بىرىدىن نەرسە ئارىيەت ئېلىشنى مىسالغا ئالساق، ئارىيەت بەرگۈچى بىلەن ئارىيەت ئالغۇچىغا نىسبەتەن ئوخشاش بىر نەرسە ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە بولىدۇ. نەرسىلەرنى تەقسىملىگەندە، بەزىدە نەرسىلەر يېتىشمەي قالسا، مەلۇم بىر ئەزاغا بەلگىلىك مىقداردا قەرز بولۇشقا توغرا كېلەتتى. يەنە ئالايلى، ئىككى چەۋەنداز ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بىر جايدىن قارىمۇقارشى يۆنىلىشكە قاراپ ئاتلانسا، ئۇلارنىڭ يولغا چىققان جايىغىچە بولغان مۇساپىسى ئوخشاش بولسىمۇ، بۇ ئىككى مۇساپە ئوخشاش بولمىغان مەنىگە ئىگە. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قەدىمكىلەر شەيئىلەرنى سانلىق مىقدارلار ئارقىلىقلا ئىپادىلىگەندە تولۇق بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا يەنە يۆنىلىشنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرنى قوشۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن. قارىمۇقارشى يۆنىلىشكە ئىگە مىقدارلارنى ئىپادىلەش ۋە كېمەيگۈچىنىڭ كېمەيتكۈچىدىن كىچىك بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، تەدرىجىي ھالدا مەنپىي سان كېلىپ چىققان. جۇڭگو دۇنيا بويىچە مەنپىي ساننى ئەڭ بۇرۇن بىلگەن ۋە ئىشلەتكەن دۆلەت. بۇنىڭدىن2000 يىللار ئىلگىرى يېزىلغان «توققۇز بابلىق ھېساب» تا، سېتىلغان ئاشلىقنىڭ سانىنى مۇسبەت (پۇل ئېلىنىدۇ)، سېتىۋېلىنغان ئاشلىقنىڭ سانىنى مەنپىي (پۇل تۆلىنىدۇ)؛ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەن ئاشلىقنى مۇسبەت، ئىسكىلاتتىن چىقىرىلغان ئاشلىقنى مەنپىي ئارقىلىق خاتىرىلەش ئىدىيىسى بار. بۇ ئىدىيىلەر غەرب ئەللىرىدە جۇڭگودىن800 −900 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن. -
دوست سانلار - [قىزىقارلىق ماتېماتىكا]
2010-08-25
دوست سانلار يېقىن سانلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ شۇنداق ئىككى تەبىئىي ساننى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى يەنە بىر سانغا تەڭ بولىدۇ. پىفاگور مىلادىيىدىن بۇرۇنقى6 - ئەسىردە ئۆتكەن يۇنان ماتېماتىكى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: «دوست دېگەن نېمە؟» دەپ سورىغىنىدا، ئۇ «بۇ ئىككىنچى مەن دېمەكتۇر، خۇددى220 بىلەن284 كە ئوخشاش» دەپ جاۋاب بەرگەنىكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈن دوستنى بۇ ئىككى سانغا ئوخشىتىدۇ؟ ئەسلىدە220 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى1 ،2 ،4 ،5،10 ،11 ،20 ،22 ،44 ،55 ،110 ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى284 بولىدۇ؛284 نىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرى بولسا1 ،2 ،4 ،71 ،142 بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىندىسى220 بولىدۇ.284 بىلەن220 دوست سانلاردۇر. ئۇلار ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن بايقىغان ۋە بارلىق دوست سانلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بىر جۈپ دوست سان ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى جۈپ دوست سان (18416 ,17296)2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ،1636 - يىلى بايقالدى، ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلار يېڭى دوست سانلارنى ئۈزلۈكسىز بايقىدى،1747 - يىلى ئەيلېر30 جۈپ دوست ساننى بىلگەن،1750 - يىلى يەنە60 جۈپكە يەتكۈزگەن. ھازىرغىچە ماتېماتىكلار900 جۈپتىن كۆپرەك مۇشۇنداق دوست سانلارنى بايقىدى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىنچى جۈپ ئەڭ كىچىك دوست سان (1210 ,1184) نى19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيىلىك16 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بايقىغان. كىشىلەر يەنە دوست سانلار زەنجىرىنىمۇ تەتقىق قىلدى: بۇ بىر قاتار تەبىئىي سان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى كېيىنكى سانغا تەڭ بولىدۇ، ئاخىرقى ساننىڭ ھەقىقىي كۆپەيتكۈچىلىرىنىڭ يىغىندىسى بىرىنچى سانغا تەڭ بولىدۇ. مەسىلەن،12496،14288 ،15472 ،14536 ،14264 .28 دانە ساننى ئىچىگە ئالغان مۇشۇنداق بىر زەنجىر بار. -
قەدىمكى گرېتسىيە - ماتېماتىكىنىڭ بۆشۈكى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2010-08-23
بابىلۇنلۇقلار بىلەن قەدىمكى مىسىرلىقلار نۇرغۇن ماتېماتىكا بىلىملىرىنى توپلىغان بولسىمۇ، ئۇلار «قانداق قىلىش كېرەك؟» لىكىنىلا بىلىپ، «نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىش كېرەك» لىكىنى بىلمەيتتى. قەدىمكى گرېكلەر ئەرەبلەردىن بۇ تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىپ، ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە پۇختا ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ماتېماتىكا پېنىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.
ماتېماتىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۇنجى بولۇپ زور تۆھپە قوشقان كىشى تىرۇستۇر.ئۇ قۇياشنىڭ شولىسىدىن پايدىلىنىپ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكىنى ھېسابلاپ چىققان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلانغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇلۇڭلارنىڭ ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىنى؛ تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئاساس بۇلۇڭلىرىنىڭ ئۆزئارا تەڭ بولىدىغانلىقىنى؛ چەمبەرنىڭ خالىغان بىر دىئامېتىرى ئۇنى تەڭ ئىككىگە بۆلىدىغانلىقىنى؛ ئەگەر ئىككى ئۈچبۇلۇڭنىڭ بىر تەرىپى ۋە بۇ تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭى ماس ھالدا ئۆزئارا تەڭ بولسا، ئۇ ھالدا بۇ ئىككى ئۈچبۇلۇڭ تەڭ بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغان ھەم بۇ بىلىملەرنى ئىسپاتلىغان. بۇ بىلىملەر ھازىر قارىماققا ئاددىي بىلىنگىنى بىلەن، ئەينى ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالتىس نەتىجە ھېسابلىنىدۇ. تىرۇستىن كېيىن، پىفاگور يادرولۇقىدىكى بىر تۈركۈم ئالىملار ماتېماتىكىغا تۆھپە قوشتى.
共1页 1