urkesh يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 12:40 AM
بىر چاغدا غۇلجا تەرەپتە بۇ تەجىربىنى ئىشلەيدىغانلار ...
تەشەككۆر ئۆركەش ئەپەندىم!
يەر يۆزىدە ھاۋا بولمىغان ھەقىقى بوشلۇق(ۋاكىئوم) شارائىتى بولسا 29-تىئورما تەجىربىسىگە ئىشلىتىلىدىغان شارچە ئىچىگە ماتۇر ئېلىنماي بىۋاستە ئۆز ئوقىدا ئايلاندۆرۆلۇپ تاشلانسا(مۇئەييەن سىزىقلىق يۆنىلىشكە قارىتىپ ئىتىلسا) بولىۋىرەتتى.بۇ ھالدا ئىچىگە ماتۇر ئېلىنىپ ماتۇر ئايلاندۇرۇلغان ،شار سىرتى جىم تۆرىدىغان شارچىگە قارىغاندا ئىچىگە ماتۇر ئېلىنمىغان،شار ئۆزى پىقىرايدىغان بۇنداق شارچىنىڭ ئوز ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكى قانچە يۇقۇرى بولسا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىش تېخىمۇ گەۋدىلىك بولاتتى.
ئەپسۇس،بىز بۇنداق شارائىتنى تەييارلىيالمىدۇق.NASAدەك چوڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئېغىرلىق يوقالغان مۇھىتقا كۆندۆرۈش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغان يەر يۈزىدىكى بۇنداق تەجىربىخانىلىرى يوق ئەمەس دەپ قارايمەن.bilimxumarئەپەندىم مۇشۇ ئىشقا كۈڭۈل بۆلۆپ قويالامدىكىن؟.
دىمەكچىمەنكى،مۇبادا يەر يۈزىدە مۇشۇنداق تەجىربە ئىشلەش شارائىتى بولسا بۇ تەجىربىنى ئالەم بوشلۇغىدا ئېلىپ بىرىشنىڭ زۆرۆرىيىتىمۇ يوق.
بۇنداق شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەجىربىگە تۈلىنىدىغان بەدەل نىسبەتەن ئاز،
GP-Bتەجىربىسىدەك يۇقۇرى تىخنىكىلىق مەشغۇلاتلار تەلەپ قىلىنمايدۇ.بىر دانە گىروسكۇپ ۋە ئۇنى ئۆز ئوقىدا ئايلاندۆرۆپ مەلۆم سىزىقلىق يۆنىلىشكە قويۇپ بىرىدىغان(ئاتىدىغان)قۇرۇلما(ئەسۋاپ)لا كېتىدۇ.
ئۆركەش ئەپەندىم،مەن bilimxumar ئەپەندىمنىڭ بۇ تەجىربىنى خالىغان مۇناسىپ كەسىپداشلىرى بىلەن ئۆزى ئىشلەپ باقامدىكىن ياكى باشقىلارغا تونۇشتۆرۆپ بۇ تەجىربىنىڭ ئىشلىنىشى ئۈچۈن كۆڭۆل بۆلۆپ قويامدىكىن ،ھېچ بولمىغاندا مۇشۇنداق بىر ئۆچۆرنى كەسىپ ئېگىلىرىگە يەتكۆزۆپ قويامدىكىن دىگەن ئۈمىتلەردە بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتىمەن.سىزچە مەن بەكمۇ ئۆمىتۋار بولۇپ كەتكەندىمەنمۇ؟،سەھرايى خىياللارغا بەنىت بولغاندىمەنمۇ؟...مەسلىھەتىڭىزنى ئاڭلىغىم بار.
29 -تىئورما تەجىربىسى شەكىل نەزەريىسىنىڭ بۆسۆش ئېغىزلىرىنىڭ بىرى.مۇبادا بۇ ئىشقا bilimxumar ئەپەندىم قول تىقسا ئۇنىڭ نەتىجىسى جەزمەن خەيرىلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن،ئۆركەش ئەپەندىم،سىزچە قانداق؟.
_______________
قاسىم سىدىق
تۈز سىزىق ئىنسانلارغا. ئەگرى سىزىق تەڭرىگە تەئەللۇق
___ گاۋدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-7 06:10 AM