bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-11 10:16 AM
توقماق ئەپەندى،
ئالدىنقى شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈ ...
رەھمەت bilimxumarئەپەندىم.
سىزنىڭ ۋاقىت ئاجرىتىپ شەكىل نەزەريىسى ئۈچۈن باشقىلار بىلەن ئالاقىلاشقانلىغىڭىز،پايدىلىق ئۆچۆرلار بىلەن تەمىنلىگەنلىگىڭىز ئۈچۈن ئالاھېدە تەشەككۈر ئىتىمەن.
مىنىڭ پەلسەپە-لوگىكىلىق قاراشلىرىمدا ئالى مەكتەپلەردە دەرىس قىلىپ ئۈتۈلىۋاتقان ئېينىشتىيىن زامان-ماكان ئەگرىلىگى،ھېزىنبىرىگ ئىنىقسىزلىق پىرىنسىپى ،يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى قاتارلىق بىر قىسىم مەزمۇنلار بىلەن سىغىشمايدىغان مەزمۇنلار بولغانلىغى ئۈچۈن ئۆرۆمچىدىكى بىرقىسىم كەسىپ ئىگىلىرى مىنىڭ نەزەريەمگە سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلدى.ھالبۇكى يۇقۇرقى نۇقتىلاردىكى مىنىڭ ئالدىن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەز-ھۈكۈملىرىمنى قوللايدىغان بەزى تەتقىقات ،كۈزىتىش ،تەجىربە نەتىجىلىرى خەلىقئارادا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى .مەن بۇلار ھەققىدە «
شەكىل نەزەريىسى بىزگە نىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ»دىگەن تېمىدا ئۇچۇر بەرگەن.
مەن ھازىرمۇ مىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىۋى سىستىمامنى بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدىغان ئادەملەر چىقىدۇ دەپ ئۈمىت قىلمايمەن.پەقەت 29-تىئورما تەجىربىسىدىن ئىبارەت بىر تەجىربىنى قايتا ياكى باشقا لايىھىلەردە ئىشلەپ بېقىشقا قىزىقىدىغانلارنى ئىزدەۋاتىمەن.قايتا ئىشلەنگۆسى بۇ تەجىربىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك چىقىش - چىقماسلىغى شەكىل نەزەريىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغان نەزەريە ئىكەنلىگىنى بەلگىلەيدۇ.مۇبادا قايتا ئىشلەنگۈسى بۇ تەجىربىدەمەن ھۆكۈم قىلغاندەك ئېغىش ھادىسىسى كۆرۆلسىلا ئاندىن شەكىل نەزەريىسىگە بولغان كۆز قاراشلاردا ئۆزگىرىش بولار ئىدى.ھازىر بەزى كەسىپ ئىگىلىرى 29-تىئورمىچە ئېغىش مۇمكىن ئەمەسمۇ دىيەلمەيۋاتىدۇ،مۇمكىنلىگىگە ئىشەنگىنىمۇ يۇق.پەقەت سۈكۈتتە.پەقەت «بۇنداق ئېغىش ھەقىقەتەن يۈز بەرسە فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتا چوڭ ئىش كېلىپ چىقىدۇ»دىگۈچىلەر بار.
دىمەكچىمەنكى،ھازىر مەن جىددى تەقەززا بولىۋاتقانلار 29-تىئورما تەجىربىسىنى ۋاكىئومدائىشلەش شارائىتى ۋە قىزغىنلىغى بار كىشىلەر.
مەن شارائىتى يار بەرگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن مىنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيە سىستىمامنى بىرلىكتە ئىشلەشنى ئەمەس،پەقەت بىر تەجىربىنى ئىشلەپ ،دەلىللەپ بېقىشىنى ئۈتۈنىۋاتىمەن.ھەممىمىزگە مەلۈم فىزىكا تەجىربىلىرىنى ئەسلى ئىشلىگەنلەردىن باشقىلار قايتا ئىشلەپ دەلىللىگەندىن كىيىنلا ئاندىن ئۇنىڭ كۈچىنى بېكىتىشكەبولىدۇ.كۈتكەن نەتىجە كېلىپ چىقمىغان ھالەتتىمۇ، كېلىپ چىققان ھەرقانداق نەتىجە قايتا ئىشلىگۈچىنىڭ تەجىربە نەتىجىسى بولۇپ قالىدۇ.
29-تىئورما تەجىربىسىنى دەسلەپ ئىشلىگەنلەرمۇ بۇ تىئورمىنىڭ خاتا بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىپ ئىشلىگەن،تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئالاقىدار ئۆچۆرنى يوللاپ قۇيدۇم مانا:
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم
ئۆتكەن يىلى يەنى2010-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ شەكىل نەزەرىيىسىدىكى 29-تېئۇرمىنىڭ توغرا-خاتالىغىنى ئىسپاتلاش مەقسىتىدە تەجىرىبە قۇرۇلمىسى لايېھىلەشكە كىرىشتۇق.دەسلەپتە تەجىرىبە قۇرۇلمىسىنى لايېھىلەشكە قاتناشقانلار پەقەت بىر نەچچە كىشى ئىدى. دەسلەپتە مېنىڭ بۇ تەجىرىبىنى ئىشلەشنى نىيەت قىلىشىم شەكىل نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغىنىمدىن ئەمەس ئىدى. مەن پەقەت قاسىم سىدىق ئەپەندى 30يىلدەك ئىزدەنگەن بۇ نەزەرىيىنى قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۆزى ئىتىراپ قىلغۇدەك بىر تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئىنكار قىلىپ، قاسىم سىدىقنى غۇلجىغا كەتكۈزىۋىتىش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىدىكى شەكىل نەزەرىيسنى تولۇق چۇشەنمەيدىغان ۋە مەن بىلەن ئوخشاش پىكىرلىك دوستلار بىلەن تەجىرىبىنى لايېھىلەشكە كىرىشتۇق.
دەسلەپتە،يالغۇز ئايلىنىۋاتقان شارچىنى ئەركىن تاشلاش قۇرۇلمىسى توغرىسىدا ئىزدەندۇق.بىراق، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر يەنىلا قاسىم سىدىقنى قايىل قىلالمايتى. چۈنكى ھاۋادا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ چۈشكەن شارچە ئىگىزلىكتىن چۈشۈش داۋامىدا بىرنوللى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. بىرنوللى تەسىرىدىنمۇ شارچە ئاغىدىغان بولۇپ، شارچىلار بىرنوللى تەسىرىدىكى ئېغىش يۆنىلىشى شەكىل نەزەرىيىسى پەرەز قىلغان يۆنىلىشى بىلەن بىردەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تەجىرىبە لايھەسىنى ئۆزگەرتىپ بىقىشنى ئويلاشتۇق. تۇرپان توقسۇنلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى
مەمەتجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن، يىزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان جۇرئەت ئەنىۋەر قاتارلىقلار بىرلىكتە ۋاكۇئوملاشقان تۇربا ئىچىدە سىمابنى چوغلاندۇرۇپ، چوغلاندۈرۈلغان سىماب ئاتوملىرىنى ماگىنىت مەيدانىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ماگىنىت مومىنتىنى بىر يۆنىلىشكە توغۇرلاپ، قارشى تەرىپىدىكى ئەينەككە ئىزىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق سىماب ئاتۈملىرىنىڭ سىزىقلىق ھەرىكەت داۋامىدا ئېغىشىنى كۈزەتمەكچى بولدۇق. بىراق، ئىقتىساد ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ تەجىرىبىنى ئىشلىيەلمىدۇق.بۇ يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇرئەت ماڭا تىلفۇن قىلىپ، ئايلىنىۋاتقان ماتۇرنى ئىچى كاۋاك شارىنىڭ ئىچىگە ئىلىپ ئەركىن تاشلاش تەكلىپىنى بەردى. شۇچاغدا، كۆڭلۈمدە ئۆزۈمدىن ئۈچ ياش كىچىك بۇ ياشقا قايىل بولۇپ قالدىم ۋە سۆيۈندۈم. شۇ كۈنى قاسىمكامغا تىلفۇن قىلىپ بۇ پىكىرنى دېدىم، قاسىمكام دەماللىققا گەپلىرىمنى چۈشىنەلمىدى بولغاي، بىرنوللى ئىففىكتى توغرىسىدا يەنە گۇمانغا چۈشۈپ قالدى، ئىككى كۈندىن كېيىن تەجىرىبىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتۇق. كۆڭلۈمدە قاسىمكامنىڭ فىزىكىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئۇسۇلى، شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ يادرۇلۇق ئۈقۈملىرىنىڭ مەن بۇرۇن ئويلىغاندەك ئەھمىيەتسىز نەرسىلەر ئەمەسلىگىنى تەدېرىجى بىلىپ يەتتىم. قاسىمكامنىڭ «باشقا نوقتىلارنى ئويلىشپ باقايلى»دېگەن سۆزلىرى مېنىڭ ھۆرمتىمنى ۋە قايىللىقىمنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، مەن يەنىلا29-تېئۇرمىنىڭ ئىسپاتلىنىپ چىقىشىغا زادىلا ئىشەنمەيتىم. ھەمدە ھازىرقى بار بولغان فىزىكىغا باشقا نوقتىلاردىن قاراش ئارقىلىقمۇ، دۇنيانى توغرا بىلىشكە ئىرىشكىلى بولىدۇ -دەپ قارايتىم. مۇشۇنداق ئوي-پىكىر ئىلكىدە 4-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈنجى تەجىرىبىنى ئىشلىدۇق. تۈنجى قېتىملىق تەجىرىبە ئۇلانباي تەرەپتىكى بىر قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەندى. تەجىرىبىنى ئىشلەش داۋامىدا بىز پەقەت شارچىلار تۆۋەندىكى ساندۇققا چۈشكەندىكى ئورنىنىڭ تارتىلغان رەسىمىگىلا ئىرىشتۇق. چۈنكى، ئېغىش بولغان تەقدىردىمۇ ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرەلمەيدىغانلىقىمىز ئىنىق بولغاچقا تەجىرىبە نەتېجىسىنى رەقەملىك فۇتۇ ئاپاراتىدا تارتىلغان رەسىملەرنى ئانالىز قىلش ئارقىلىق چىقاردۇق .بىرىنچى قېتىملىق تەجىرىبىدە بىز ماتۇرنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىنى قارمۇ-قارشى قىلىپ تۇرۇپ، ئىككى گۇرۇپپا تەجىرىبە ئىشلىگەن بولۇپ، ئانالىز نەتىجىسىدە شارچە ئورنىنىڭ يۆتكىلىشى ھەقىقەتەن شارچە ئىچىدىكى ماتورنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق. مەن تەجرىبىگە نەتېجىسىگە قارىتا خىلى ۋاقىتقىچە گۇمانىي پوزىتسىيدە تۇردۇم. بىراق، تەجرىبە نەتېجىسى بىر ھەقىقەت ئىدى.4-ئاينىڭ19-كۈنى تەجرىبىنى قايتا ئىشلىدۇق. بۇ قېتىم ماتۇرنىڭ ئايلىنىش ئوقىنى ئوخشىمىغان تۆت يۆنىلىشكە توغۇرلاپ ئىشلىدۇق. بىراق، نەتېجە يەنىلا ئوخشاش بولۇپ چىقتى. مەن ۋە 29-تېئورىمىنى ئىسپاتلاش تەجرىبىسىگە قاتناشقان بالىلار يەنىلا ئىھتىياتچان پوزىىتسىيىدە بولدۇق. ئارىلىقتا تەجرىبە نەتېجىسىگە قارىتا خىلى كۆپ گۇمانىي پىكىرلەر چىققان بولدى. بىراق،
ئۇ گۇمانلارنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى دەلىللىدۇق. مەن بۇ جەرياندا ئاقار جىسىم مىخاينىكىسى، ئايرودىنامىكا قانۇنلىرى، مىخاينىك تەۋرىنىشكە ئائىت بىرقىسىم بىلىملەرنى كۆرۈپ تەجرىبە نەتېجىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، يەنى تەجرىبە نەتېجىسىنىڭ شەكىل نەزەرىيسى 29-تېئورىمىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلدىم. شۇنداق، مەندىكى بۇ ئىتىراپ قىلىش مېنىڭ بىلىم دائىرەمدىن ھالقىپ كىتەلمەيدۇ. شۇ يۈزىسىدىن مەن يازلىق تەتىل مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى 2 ئايلىق كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى لىكسىيسىگە قاتنىشىپ، شەكىل نەزەرىيسى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيسىنى سىلىشتۇرۇپ ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن 29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلاش تەجرىبىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردۇم. ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكىرى: تەجرىبە نەتېجىسى خاتا، نىسپىيلىك نەزەرىيسى بويىچە ھەرگىز بۇنداق نەتېجەچىقمايدۇ.-دېگەنلەر بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەجرىبىنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت شەكىل نەزەرىيسى ئۆزىلا چىقالايدۇ.
شەكىل نەزەرىيسى خۇددى قاسىمكام دېگەندەك چوڭ بىر پارچە لوق گۆش. بۇ چوقۇم يېيىلىشى كېرەك. بىراق، بۇ گۆشنى قاسىم سىدىق دېگەندەك ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم ئۆزى سېڭدۈرەلەيدىغان مىقداردا يىيەلەيدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، قاسىم سىدىقنىڭ نۇرغۇن گەپلىرىدە شائىرانە ھىسيات، لوگىكىلىق تەپەككۇر ۋە ئىلىم-پەن قاتارلىقلار بىرپۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئاڭلىماققا قوبۇل قىلىش تەس. بىراق،شەكىل نەزەرىيسىدە بۇ ئۈچ ساھە ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىنى تېپىشى كېرەك.
مېنىڭچە، 29-تېئورىمىنىڭ ئىسپاتلىنىشى قاسىم سىدىق ئەپەندى تەپەككۇرىنىڭ ۋە شەكىل نەزەرىيسىچە بىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن شەكىل نەزەىرىيسىدىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن سەپەرگە تەۋەككۇل قىلدىم ھەم مۇشۇ يولدا توختىماستىن مىڭىشقا بەل باغلىدىم. مىنىڭ پىلانىم تىخىمۇكۆپ تەۋەككۇلچىلەر بىلەن بىرلىكتە شەكىل نەزەرىيسىنى دۇنيا ئىلىم-پەن سەھنىسىگە ئىلىپ چىقىش.
2011-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى
مۇناسىۋەتلىك ئۇلىنىشلار:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-11 02:32 PM