bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 12:40 AM
تەپسەلىي چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت. بۇ تىئورما ...
bilimxumar ئەپەندىم،ھازىر بايقىسام «
ماگنوس ئىففىكىتى» بىلەن 29-تىئورمىنىڭ ئالاقىسى باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن.مەلۈم مەنىدە 29-تىئورمىنى ماگنۇس ئىففىكىتىنىڭ ھەقىقى بوشلۇققا كېڭەيتىلگەن شەكلى دىيىشكە بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.ۋاقتىڭىز يار بەرسە «
ماگنوس ئىففىكىتى»نى تەكشۆرۆپ كۆرۆپ ئۇنىڭ 29-تىئورما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپەككۆر يۆرگىزىپ باقسىڭىز.29-تىئورمىغا يېقىن كىلىدىغان ئىدىيە بارمۇ دىيىلسە مۇشۇ ئىففىكىتنى يېقىن كىلىدۇ دىسەك بولىدىغاندەك قىلىدۇ.بۇ پەقەت مېنىڭ ھازىرچە قىلغان پەرىزىم.
بۇنداق خىيالغا كېلىپ قېلىشىمغا بۇ ئىففىكىت ھەققىدە بايان قىلنغان ماۋۇ ئابزاس سەۋەپ بولدى:
当一个旋转物体的旋转
角速度矢量与物体飞行速度矢量不重合时,在与旋转角速度矢量和移动速度矢量组成的平面相垂直的方向上将产生一个横向力。在这个横向力的作用下物体飞行轨迹发生偏转的现象称作马格努斯效应
لىكىن بۇ ئففىكىتنىڭ كۆرسەتمىلىك سۆرىتىدە ۋە تەڭلىمىدە ھاۋا ئېقىمى ۋە بۇ ئېقمغا(ھاۋا بىسىمىغا) ۋەكىللىك قىلىدىغانS دىن ئىبارەت بىر ئەزا بار ئىكەن شۇ:
29-تىئورمىداS ئويلۆشۆلمايدۇ،بۇلۇڭلۇق ۋە سىزىقلىق تىزلىك ئەڭ مۇھىم شەرىت دەپ قارىلىپ ھەقىقى بوشلۇقتىمۇ ئوخشاشلا ئېغىش يۆز بىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.دىمەكچىمەنكى ،بۇ خىل ئېغىش نوقۇل
بېرنوللى قانۇنى،ماگنوس ئىففىكىتىدا بايان قىلىنغان ھاۋا بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئېغىش ئەمەس.ھېچبولمىغاندا يۇقۇرقى قانۇن ۋە ئىففىكىتلاربويىچە كەلتۆرۆلۆپ چىققان قىممەتلەردە 29-تىئورمىنىڭمۇ «نەسىۋىسى»بار.يەنى بو خىل ئېغىش يالغۇز ئاقار جىسىملار ۋەجىدىنلا يۇز بېرىدۇ دەپ قاراش بىر تەرەپلىمە ھەتتا خاتا قاراش.بۇ تەشەببۇسنىڭ توغرا-خاتالىغى 29-تىئورما تەجىربىسىنى ھەقىقى بوشلۇقتا ئىشلەپ كۆرۆش ئارقىلىقلا ئايدىڭ بولىدۇ.
سىلىشتۇروپ كۆرۆڭلار
ماگنوس كۈچىنىڭ ئىشارەتلىك خەرىتىسى:
29-تىئورمىنىڭ چۈشەندۆرۆلىشى:
1. ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى رەسىمدىكىدەك سائەت ئىستىرېلكىسىغا قارىشى يۆنىلىشتە بولسا، ھەم سىزىقلىق(ئىلگىرىلىمە) ھەرىكەت يۆنىلىشى AB ۋېكتور يۆنىلىشىدەك بولسا، ئۇ ھالدا ئېغىش يۆنىلىشى AC دەك بولىدۇ، يەنى YOZ تەكشىلىكىگە قاراپ ئاغىدۇ .
2. سىزىقلىق(ئىلگىرىلىمە) ھەرىكەت يۆنىلىشى رەسىمدىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى رەسىمدىكى بىلەن قارىمۇ قارىشى (يەنى سائەت ئىستېرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن بىردەك) بولسا، ئۇ ھالدا جىسىم (ياكى زەررىچە) XDE تەكشىلىكىگە قاراپ ئاغىدۇ.
3.ئەگىرلىكنىڭ قىممىتى ئۆز ئوقىدا ئاينىلىش تېزلېكىنىڭ قىممىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
4.ساقلىنىش قانۇنلىرى ئالەمنىڭ ھەر قانداق پەيتلىرىگە ئورۇنلۇق ۋە ھەرىكەت مۇتلەق دېگەن تۈپ ئىدىيەنى چىقىش قىلغاندا، نىيۇتوننىڭ بىرىنچى ھەرىكەت قانۇنى (ئېنرېتسىيە قانۇنى) :«ھەرقانداق جىسىم (زەررىچىلەرمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئۆزىنىڭ تىنچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.» غا تۆۋەندىكىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش مۇمكىن:
ھەرقانداق جىسىم (زەررىچىلەرمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) كۈچ تەسىرىگە ئۇچرىمىسا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلاپ قالىدۇ .
(بۇ ئىنكاسنىڭ مەزمۇنىنى ئوتتۇرغا قويغۇچى: قاسىم مۇئەللىم ، رەسىمىنى سىزغۇچى: غەيرەت قادىر ئىزدەن)
2010-يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-10 01:51 PM