bilimxumar يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 01:53 AM
ئەگەر ئىنگلىزچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ باقمىغان ...
مەن مۇناسىۋەتلىك تېما يېزىۋاتقان،بارىنى چاپلاپ قويۇپ تۇراي،تەھرىرلەپ ،تولۇقلايمەن،مانا:
ئالاقىدار كىلاسسىك كۈچ ۋە ئىففىكىتلارۋە 29-تىئورما
قاسىم سىدىق
شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنى تۇلا ھاللاردا
بېرنوللى قانۇنى،ماگنوس ئىففىكىتى،كورىللىئوس كۈچى ۋە ئېنىشتېيىن قاينام ئىففىكىتى(زامان-ماكان ئەگرىلىگى) قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تىئورما دەپ قارايدىغان سەھۋەنلىكلەريۇز بېرىدۇ.بۇ تېمىدا ئۇلارنىڭ ئۇز ئارا مۇناسىۋەتلىرى ۋە خاسلىقلىرى ئۇستىدە مۇ ھاكىمە يۇرگۆزىلىپ،29-تىئورمىنىڭ مۇستەقىل ئىدىيە ئىكەنلىگى چۈشەندۈرىلىدۇ.
[
بېرنوللى قانۇنى بۇيىچە بولغاندائۇز ئوقىدا ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان شار ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلىشىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئېغىشى كېرەك ئىدى.ھالبۇكى تەجىربە خۇددى 29-تىئورمىدا ئالدىن ھۇكۆم قىلىنغىنىدەك ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۇنۇلىشى تەرەپكە قاراپ ئېغىشنى ئىسپاتلىدى.مىنىڭچە، بۇ بېرنوللى قانۇنىنىڭ چەكلىمىلىكلىگىنى چۈشەندۆرىدۇ.يەنى، بېرنۇللى قانۇنى پەقەت ھاۋا بولغان مۇھىتتىكى ئۇز ئوقىدا ئايلانمايدىغان جىسىملارغىلا ئورۇنلۇق.
گىرمانيە فىزىكى
ھېنرىخ. ماگنوس 1852-يىلى،يەنى مەن تۇغۇلۇشتىن نەق 100يىل ئىلگىرى ماگنوس ئىففىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.
演示马格纳斯效应在一个球上。 “V”代表风速,方向“F”对造成压力较低一边的力量
تۇۋەندىكى سۆرەت ھەم ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش ھەم سىزىقلىق ھەركەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۆزبىرىدىغانلىغىنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۆرىدۇ.
图三 足球水平和旋转运动同时存在的情形
پىقىرىمىغان توپنىڭ ھاۋا بولغان موھىتتىن ئۇتكەندىكى ئىلگىرلىمەھەركەت ھالىتىنىڭ سۆرەتلىك كۈرۆنىشى.
图一 足球在没有旋转下水平运动的情形
ئايلىنىۋاتقان بىر جىسىمنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى ،بۇ جىسىمنىڭ ئۆچۆش(سىزىقلىق)تىزلىكىنىڭ ۋىكتۇرى بىلەن قوشۇلمىغاندا(不重合时)،ئايلىنىۋاتقان بۇلۇڭلۇق تىزلىك ۋىكتۇرى ۋە سىزىقلىق تىزلىك ۋىكتۇرىدىن شەكىللەنگەن تەكشىلىكتە بىر
ۋىرتىكال كۈچ پەيدا بولىدۇ.بۇ ۋىرتىكال كۈچنىڭ تەسىرىدىن جىسىملارنىڭ سىزىقلىق تىرايىكتورىيىسىدە ئېغىش يۇز بېرىدىغان ھادىسە
ماگنوس ئىففىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
بىرنوللى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ئاقارجىسىملارنىڭ تىزلىكى يۇقۇرلىسا بىسىمى كىچىكلەيدۇ.،ئاقار جىسىملارنىڭ تىزلىكى كىمەيسە بىسىمى يۇقۇرلايدۇ،شۇ تەرىقىدە ئايلىنىۋاتقان جىسىملاردا ۋىرتىكال بىسىم پەرقىنى كەلتۆرۇپ چىقىرىدۇ ھەمدە ۋىرتىكال كۈچ شەكىللەندۆرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ۋىرتىكال كۈچ جىسىمنىڭ ھەركەت يۆنۆلىشىگە تىك بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن بۇ كۈچ جىسىمنىڭ سىزىقلىق تىزلىك يۇنۇلىشىنى ئۇزگەرتىۋىتىدۇ،يەنى،جىسىم ھەركىتى جەريانىدا
مەركەزگە ئىنتىلگۆچى كۈچنى شەكىللەندۆرۆدۇ،شۇ سەۋەپتىن جىسىمنىڭ ئۇچۇش(سىزىقلىق ھەركەت)يۆنىلىشىدە ئۇزگىرىش يۇز بېرىدۇ.
ئەمدى 29-تىئورما بىلەن بىرنوللى قانۇنى ۋەماگنوس ئىففىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
پىقرىتىپ(ئايلاندۇرۇلۇپ)تېپىلگەن ياكى ئۇرۇلغان توپنىڭ ئىلگىرلىمە ھەركەت جەريانىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىشىنى بېرنۇللى قانۇنىنى خاتا تەدبىقلاپ يۇقۇرقىچەچۈشەندۆرۆش پۆتۆنلەي ئەقىلغە ئۇيغۇن ئەمەس.چۈنكى ،تۇپنىڭ بۇ خىل ھەركەت جەريانىدا يۇقۇرى بىسىم ئېغىش يۆنىلىشى تەرەپتە بولىشى كېرەك.يەنى ئېغىش يۆنىلىشى تەرەپتىكى ھاۋانىڭ تىزلىكى قارشى تەرەپتىكىدىن تۇۋەن بولىدۇ.
مەملىكەت ئىچى -
سىرتىدا ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ئەكسىچە چۈشەندۆرۆلۆپ كېلىنىۋاتىدۇ.مۇبادا بىرنوللى قانۇنى بۇنداق توپلارغىمۇ ئورۇنلۇق بولسا توپ ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئەمەس.قارشى تەرەپكە ئېغىشى كېرەك ئىدى.
«
ماگنوس ئىففىكىتى »دە پەقەت،بىر خىل ۋىرتىكال كۈچنىڭ مەۋجۆتلىگى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۇ خىل ھادىسە بايان قىلىنغان ،بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى قانائەتلىنەرلىك چۈشەندۆرۆلمىگەن.نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر،بۇ خىل ھادىسىنىڭ بىر ئىففىكىت سۈپىتىدە مەۋجۇتلىگى شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ بەكمۇ ئەخمىقانە پەرەز ئەمەسلىگىنى دەلىللەيدۇ.بۇ خىل ئىففىكىتنى يەنىلا بىرنۇللى قانۇنى بۇيىچە چۈشەندۆرۆش بو لسا شەكىل نەزەريىسىنى ئوخشىمىغان چۈشەندۆرۆش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شەكىل نەزەريىسى بۇيىچە بولغاندا بۇنداق ئېغىشنىڭ سەۋەپچىسى پەقەت ئىنىرىتسىيىلىك كۈچ،يەنە ئاللىقانداقتۇر باشقا«كۈچ»لەرنى ئىزدەپ يۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
«
ماگنوس ئىففىكىتى»گە ئالاقىدار تەڭلىمىدە بىر Sئەزا بولۇپ،ئۇ،جىسىم يۆزىدىكى ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچ كويفىنىستىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.بۇ تەڭلىمىنى ئەينى دەۋىردە ماگنۇس ئەپەندى ئۆزى يازغان بولسا بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش«ۋېرتىكال كۈچ»نى ماھىيەتتە ھاۋانىڭ بىسىم پەرقى كەلتۆرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان بولىدۇ.ئەگەر بۇ تەڭلىمە كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغان بولسا ماگنوس ئەپەندى پەقەت بىر ھادىسىنى بايان قىلىپ بەرگەنلا كىشى ھېساپلىنىدۇ.نىمە بولىشىدىن قەتئى نەزەر زامانىمىزدا ماگنوس ئىففىكتى بىلەن بىرنوللى قانۇنى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئۇقۇم سۆپىتىدە چۈشىنىلىۋاتىدۇ.ئەيىتماقچىمەنكى،29-تىئورما خىلى خاسلىققا ۋە ئىجادىلىققا ئىگە ئىدىيە بولسا كېرەك.
ئەمدى ئېينىشتېيىن زامان-ماكان ئەگرىلىگى ،قاينام ئىففىكتى،كورىللىئوس كۈچى قاتارلىقلار بىلەن 29-تىئورمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نەزەريىسىدە ماكان ئەگرىلىگى قارىشى نىيوتۇن تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن.ئېينىشتېيىننىڭ قارىشىچە چوڭ ماسسىلىق جىسىملار(مەسىلەن قوياش)ئۆز ئەتراپىدىكى ماكاننى(بوشلۇقنى)ئېگىدۇ،بۇ بوشلۇقتىكى سەييارە(پىلانىت) ۋە جىسىملار شۇ ئەگرى بوشلۇقتا ئوربىتىلىق ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ.
كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە مەن ھازىرچە «
قاينام ئىففىكىتى»دەپ مەنەن تەرجىمە قىلغان بىر ئىففىكىت بولۇپ(خەنزۇچىدىن سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلساق«
ئىنىرىتسىيىلىك سۆرەش ئىففىكتى»)،بۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى قوياشتەك چوڭ ماسسىلىق جىسىملار ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش جەريانىدا ئەتراپىدىكى بوشلۇقتا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن ماس قەدەملىك ئەگرىلىك - گۇيا بىر قاينام پەيدا قىلىدۇ.مانا مۇشۇ «قاينام»غا چۈشكەن جىسىملار بۇ «قاينام»تەرىپىدىن يىتەكلىنىپ قوياشنىڭ(ياكى يەر شارىنىڭ) ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغىدۇ.
ھالبۇكى،29-تىئورمىچە ئېغىش نىسبىلىك نەزەريىسىدە مۇھاكىمە قىلىنمىغان ھادىسىدىن ئىبارەت.يەنى ،تەجىربە قىلىنغۇچى جىسىم(شارچە) «
ئىنىرىتسىيىلىك سۆرەش ئىففىكتى»گە بۇي سۇنمايدۇ.يەنى ئۇ،ئۇز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكىلا ئاغىدۇ.
(داۋامى بار)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-8 03:27 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-10 12:41 PM):
بۇ يازما قاتتىق تەھرىرلەنمىسە بەزى پىرىنسىپال نۇقسانلار باردەك قىلىدۇ.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-10 12:43 PM):
قىزىققۇچىلارنىڭ«كائىنات»تىكى نۇسخىسىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-10 12:44 PM):
تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن،تەھرىرلىگىلى بولىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-10 12:46 PM):
تەھرىرلەشكە يول قويۇلمىسا باشقۇرغۇچىلار بۇ ئىنكاسنى ئۆچىرىۋىتىپ تۇرسا.
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-6-10 12:46 PM):
تېما تولۇق پۈتكەندە ئايرىم تېما قىلىپ يوللىسام.